تۇرپان شەھىرى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئادىلە خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت بازىسى− كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش بويىچە ئاساسىي قاتلام سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ ئالتۇن يوپۇرماق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى.بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، تۇرپان شەھەرلىك ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلاشقان.پائالىيەت مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈزۈمچىلىك كەسپى ھەم پەن تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى شىنجاڭ تۇرپان مېۋىچىلىكى پىچان گوشۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئالتۇن يوپۇرماق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، تۇرپان لوۋلەن ئۈزۈم قورۇقى پاي چەكلىك شىركىتى، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. مۇتەخەسسىسلەر تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئەندىزىنى كىرگۈزۈپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرپان لوۋلەن ئۈزۈم قورۇقى پاي چەكلىك شىركىتىدە ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى.نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى تاۋ جيەنمىن مۇنداق دېدى: تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، مەيلى ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈم ھارىقى تۈرى بولسۇن ياكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا بولسۇن ھەممىسىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يۈكسىلىۋېتىپتۇ. شەھەرلىك ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر يۈەن چۇنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ھەم كەسىپ زەنجىرى، ئىگىلىك تىكلەش زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، تۇرپان ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提