سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
مايكول جېكسوننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىراس ماجراسى سەۋەبلىك سوتقا ئەرىز سۇنۇشتى
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاراتقۇلارنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى مودا شاھى مايكول جېكسون (Michael Jackson) يەنە «2024-يىللىق فوربېس ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق شەخىسلەر كىرىم تىزىملىكى»دە بىرىنچى بولۇپ، 600 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمى بىلەن فرېيدى مېركرۇي (Freddie Mercury)نى بېسىپ چۈشكەن. فرېيدى مېركرۇي 250 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمى بىلەن بۇ تىزىملىكتە ئىككىنچى بولغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاتكىسىغا ئاساسلانغاندا، مايكول جېكسون ۋاپات بولغان 15 يىلدىن بېرى، مۇزىكا نەشىر ھوقۇقىدىن ئۈچ مىلىيارت 300 مىلىيون دوللار پۇل تاپقان. بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 23 مىلىيارت 500 مىلىيون يۈەن بولىدىكەن. تېخىمۇ تەپسىلىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مايكول جېكسون نەشىر بېجىدىن ھەر ھەپتىدە ئالتە مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى تاپىدىكەن. ھەرخىل ئېھتىماللىقنى چىقىرىۋېتىپ، ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىر مىلىيارت 560 مىلىيون بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، مايكول جېكسون قالدۇرغان مىراسنىڭ كۈندىلىك كىرىمىمۇ تۆت مىلىيون 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان-سىفىر داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. چۈنكى مايكول جېكسوننىڭ ئىش-ئىزلىرى سۆزلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «Michael» كېلەر يىكى 4-ئايدا قويۇلىدۇ، فىلىمدە مايكول جېكسوننىڭ جيەنى باش رول ئالىدۇ، مۇناسىۋەتلىك نەشىر ھوقۇقى شىركەتلىرى بۇنىڭدىن باج ئالىدۇ.
مايكول جېكسون ئىنسانىيەت مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۈچ ئوغلىنىڭ 40 پىرسەنت مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىنى، ئانىسىنىڭ 40 پىرسەنت مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىنى، قالغان 20 پىرسەنت مىراسنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشىلتىشنى ۋەسىيەت قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ئوغلىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن.
قارىماققا نۇقسانسىز كۆرۈنىدىغان بۇ ۋەسىيەتنامە يەنىلا مۈلۈك تالىشىش جېڭىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالغان. چۈنكى ئۈچ بالا ئەينى ۋاقىتتا تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن، ئانىسى مىراسنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئانىسى كاسېرىن (Catherine) بولسا يەتتە بالا تۇغقان، كاسېرىننىڭ مايكولنىڭ ئۈچ بالىسىغىلا كۆيۈنىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن كاسېرىن بىلەن مايكولنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى تېزلا مال-مۈلۈك تەقسىماتى سەۋەبلىك نارازىلىق پەيدا بولغان.
بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، مايكولنىڭ 22 ياشلىق كىچىك ئوغلى مومىسىنى سوتقا ئەرىز قىلىپ، سوتتا مومىسىنى مىراسنى قالايمىقان ئىشلەتتى دەپ ئەيىپلىگەن.
مايكول جېكسوننىڭ نەشىر بېجىدىن گەرچە 15 يىلدا 23 مىلىيارد 500 مىلىيون يۈەن پايدا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پۇللار ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولمىغان. چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر قانچە يىلدا كاسىرېن نەشىر بېجىنى سېتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارمۇ بەتخەجلىك قىلىپ توختىمىغاچقا مىراستىن كىرگەن كىرىم چىقىمنى قاپلىيالماي قالغان.
بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، مىراستا 400 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق قىزىل رەقەم كۆرۈلگەچكە، مىراس باشقۇرغۇچى 600 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا بىر قىسىم نەشىر ھوقۇقىنى سېتىشنى قارار قىلغان. ئەمما بۇ ئىش ئائىلىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، مايكول جېكسوننىڭ ئانىسى باش بولۇپ مىراس باشقۇرغۇچىنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنغان، لېكىن دەۋادا ئۇلار يېڭىلگەچكە تېخىمۇ يۇقىرى دەۋا ھەققى تۆلەشكە توغرا كەلگەن. مايكول جېكسوننىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن مومىسى ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىش سەۋەبىدىن ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، دەۋا ھەققى ئەڭ ئاخىرىدا مىراستىن تۇتۇپ قېلىنىپ، ئۈچ پەرزەنتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. باشقا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، كاسېرىن 2009-يىلىدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 55 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۇرمۇش پۇلى ئالغان، بۇ ھەر ئايدا 160 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. گەرچە مىراستا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن موماينىڭ تۇرمۇش پۇلى ئەزەلدىن ئازايمىغان.
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار