13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى باشلاندى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى يەنچياڭ) ئايدىڭكۆلدە ئۇچقاندەك چېپىپ، قايناق ھېسسىياتنى يىپەك يولىدا يالقۇنجىتىش. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 10لاردا، 2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى دېيىلدى) ئىدىقۇت رايونىنىڭ ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانىدا باشلاندى.تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس شياۋ جيەنۋۇ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئۆمەرجان مەمەت، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ گودۇڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جوۋ لياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.بۇ نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە ۋاقتى تۆت كۈن، مۇسابىقە بۆلىكى تۇرپان شەھىرىدىكى بىر رايون، ئىككى ناھىيەنى قاپلىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 1000 كىلومېتىر، مۇسابىقىدە دەرىجىدىن تاشقىرى مەيدان توسالغۇسى مۇسابىقىسى، بىر كىلومېتىرلىق تۈز سىزىقلىق سۈرئەت بەسلىشىش، قۇملۇقتا ئېگىزگە يامىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق يەتتە تۈر تەسىس قىلىندى. ھەرقايسى جايلاردىكى موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيەتلىرى، كۇلۇبلار، ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى ۋە موتوسىكلىت ھەۋەسكارى تۇرپانغا يىغىلىپ، بىرلىكتە بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە ھېسسىيات» تەنتەنىسىگە قاتناشتى.قەيسەر قېيۇم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ۋە موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى ئۇدا 12 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خاسلىققا ئىگە بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى تۇرپان ئۈچۈن مول مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسى توپلاپ بېرىپ، ساياھەت - مەدەنىيەت كەسپى بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ يىلقى مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى، ئۆلچىمى ھەم ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسى قاتارلىقلار ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان تەڭداشسىز ماھارەت كۆرسىتىش زىياپىتى ئېلىپ كېلىدۇ.باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، موتوسىكلىت ماھىرلىرى ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانىدىن مۇسابىقە رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرلىرى ئاپتوموبىل ئەترىتى سەييارە ساياھەت قىلىش شەكلىدە ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىغا بارغاندىن كېيىن مۇسابىقىلەشتى.«ئاتام كەسپىي مۇسابىقە موتوسىكلىت ماھىرى، ئۇنىڭ موتوسىكلىت مىنىپ <ئۇچقاندەك چېپىپ شامال بىلەن بەسلىشىش>تىكى قىياپىتى كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن». ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مۇسابىقە موتوسىكلىت ماھىرى ۋاڭ زىيۆ بۇ يىل ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى خىرىس ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان تەنھەرىكەت تۈرى، مەن ئۆز ئارزۇيۇم ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم «ئېلېكتىرونلۇق يول قوللانمىسى» كىرگۈزۈلۈپ، مۇسابىقىنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. تۆت كۈن ئىچىدە، 100دىن ئارتۇق مۇسابىقە ماھىرى كارامىتىنى كۆرسىتىپ، يەتتە تۈردە چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىكەن.تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔