شەھىرىمىزنىڭ «119» ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى

文摘   2024-11-11 18:37   新疆  
تۇرپان شەھىرىنىڭ «119» ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى



تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ زىئاڭ، مۇتەللىپ غوپۇر) 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى، شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شەھەرلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرغان «ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرى ئامانلىقنى قوغدايدۇ  ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىرىنى چىرايلىق ئېچىلدۇرۇش» تېمىسىدىكى 2024 - يىللىق «119» ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.


پائالىيەتتە ئورۇنلانغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى


پائالىيەت شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇل «ئۈزۈمزاردا ياڭرىغان كۈيلەر» بىلەن باشلاندى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «جەڭچى ۋەتەننىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ»، ئۇسسۇل «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ئۈزۈلمەيدۇ» قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نەق مەيداندا يەنە خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش قاتارلىق ھالقىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئوت مۇداپىئەسى بىلىملىرى سىڭدۈرۈلگەن ھەربىر پارچە ئەسەر تاماشىبىنلارغا بەدىئىي زوق بېغىشلاش بىلەن بىرگە، ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى يەتكۈزدى. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش ھالقىسى تاماشىبىنلارنى ھەمتۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك جەلپ قىلدى.


تاماشىبىنلار ھەمتۈرتكىلىك سوئال - جاۋاب پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى


ئىدىقۇت رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتى ئىدىقۇت يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ باشلىقى قەيسەر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئوت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى ئېڭىنى بىۋاسىتە ئۆستۈردى. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئوت مۇداپىئەسىنى چۈشىنىشىنى، ئوت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئوت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


رەسىم سىزىش ھەۋەسكارى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ رەسىمىنى سىزماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى


ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت 33 - قېتىملىق ئوت مۇداپىئەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا «ئوت يۇرتىدا قىش  مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش» ئەدەبىيات -  سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇن ئىكەن. شەھەرلىك ئەدەبىيات -  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس يۈ جىلېي مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، كەلگۈسىدە بىز ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات -  سەنئەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلام 1 - سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئىناق، بىخەتەر جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章