ئەرنىڭ قورسىقى يوغىناپ كەتتى، دوختۇرلار چاتاق تېرىدى

文摘   2024-11-08 21:45   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئەرنىڭ قورسىقى 12 يىل يوغىناپ كەتتى، دوختۇرلار دىياگنوز قويالماي چاتاق تېرىدى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

سۈرەتتىكى بۇ ئەرنىڭ ئىسمى توماس كىرائۇت (Thomas Kraut) بولۇپ، 59 ياش، گېرمانىيەدە تۇغۇلغان، كۆزنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنى تەكشۈرگۈچى.

2008-يىلى ئۇ ئايالى بىلەن بىللە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئۇ ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكەن، لېكىن 2011-يىلى ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە تۇيۇقسىز مەسىلە كۆرۈلۈپ، قورسىقى بارغانسېرى يوغىناپ كەتكەن.

كېيىنكى يىلى ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، ئەينى چاغدا دوختۇر ئۇنىڭغا 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغان.

شۇنىڭدىن كېيىن توماس دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇقلاشقا باشلىغان، ئۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئوزۇقلۇق ۋە يېمەك-ئىچمەك دەرسىنى قوبۇل قىلغان، يەنە سېماگلۇتىد ئىستېمال قىلغان.

نەتىجىدە، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەقىقەتەن كۆپ يېنىكلىگەن، ئۇنىڭ يۈزى ۋە پۇت-قوللىرى ناھايىتى ئورۇقلاپ كەتكەن، ھەتتا دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن، دېيىشكەن، لېكىن ئۇنىڭ قورسىقى يەنىلا توختىماي يوغىناپ، ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالغان.

توماس تىت-تىت بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ نۇرغۇن دوختۇرلارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېرىشكەن جاۋابى يەنىلا سېمىزلىك، دىيابېت دېگەن دىياگنوز بولغان.

كېيىن 2019-يىلى ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشى تەستىقلانغان. قائىدە بويىچە، ئوپراتسىيەدىن بۇرۇن ئۇنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك ئىدى، بىراق بۇ قېتىم دوختۇر ئاخىرى غەلىتە بىر يەرنى بايقىغان، يەنى توماسنىڭ قورسىقى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، مايدەك يۇمشاق ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن دوختۇردا «ئۇنىڭ قورسىقىدا ئۆسمە يوقتۇ؟» دېگەن ئوي پەيدا بولغان.

دوختۇر دەرھال توماسنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەن، دەرۋەقە، ئۇنىڭ قورسىقىدا ھەقىقەتەن بىر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ بۆرىكىدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىۋاتقانىكەن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، بۆرەكنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنىكەن.

يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇر بۇنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ياغ ئۆسمىسى (脂肪性肿瘤) ئىكەنلىكىگە رەسمىي دىياگنوز قويغان، ئۇ بىر نەچچە كىچىكرەك راك ئۆزگىرىش رايونىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماي بىلەن ئورالغانىدى.

كېسەللىك سەۋەبى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، توماس ئاخىرى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شۇ جايدا ئوپېراتسىيە قىلىنغان. 10 سائەت جاپالىق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، دوختۇر ئۇنىڭ قورسىقىدىن ئېغىرلىقى 27 كىلوگىرام، دىيامېتىرى 52.3 سانتىمېتىر كېلىدىغان غايەت زور ئۆسمىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىۋەتكەن.

توماس نورمال بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، لېكىن راك كېسىلىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلالمىغان.

كېسەللىك ئەھۋالى توپتوغرا 12 يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ، خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ بەدىنىگە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان يەتكۈزگەن، ئۆسمە بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئوڭ بۆرىكى ۋە بىر قىسىم ئىنچىكە ئۈچىيىمۇ ئېلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئېشىپ قالغان راكقا ئۆزگەرگەن توقۇلمىلار نۇرغۇن ئەزالار بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، كېسىپ ئېلىۋەتكىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تېنىدە داۋاملىق تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

كېيىنكى كۈنلەردە توماس يىلدا ئىككى قېتىم ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

ئەگەر 12 يىل ئىلگىرى دوختۇر توغرا كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقالىغان بولسا، ئىش بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمەس ئىدى.

توماس بىلەن ئايالى شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. دەسلەپتە بۇ دېلو رەت قىلىنغان، چۈنكى بۇ خىل ئۆسمە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن توماس بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمەي، ئادۋوكات بىلەن ھەمكارلىشىپ ھوقۇقىنى داۋاملىق قوغدىغان.

تورداشلارمۇ ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىغان:

-ئەگەر مەن بولسام، سېمىزلىك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويغان ئالدامچى دوختۇرلارنى چوقۇم ئەرز قىلاتتىم. ئۇنىڭ سۈرىتىگە قارىسىلا ئۆسمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. سېمىز كىشىلەرنىڭ قورسىقى ماي بىلەن تولۇپلا قالماي، پۇت-قولى ۋە يۈزىمۇ سەمرىپ كېتىدۇ.

-ئۇ قارىماققا بىر نەچچە بوۋاققا ھامىلىدار بولغاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۇلار بۇنى نورمال ئەمەستەك ھېس قىلمىغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دوختۇرلار باھانە ئىزدىمەڭلار!

-مەن دوختۇر ئەمەس، لېكىن مەن ئۇنىڭ قورسىقىدا ماي ئەمەس، بىنورماللىق بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمەن.

-ھەر قانداق بىر لاياقەتلىك دوختۇر بۇ بىمارنىڭ قورسىقىنى تۇتقاندا مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

-بۇ ئادەم بەك بىچارە ئىكەن، شۇنچە چوڭ ئۆسمىنى ئېلىپ يۈرسە بەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدىكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشالمەن، لېكىن راك كېسىلىنىڭ 10 يىل كونترول قىلىنماي تەرەققىي قىلىشىغا يول قويغىنى ھەقىقەتەن ئېشىپ كېتىپتۇ.

كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章