توي ۋە سۇيقەست 🧡 58-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-20 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
58-قىسىم

تۇيۇقسىز تېلىفونۇم سايرىدى دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى.

-ئاداش. ھازىر كۆرىشەيلى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە.

- بولىدۇ. ماڭا ئادرىسنى يوللا. ھازىر باراي.

تېلىفوننى قويۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- نەگە بارىسەن؟ كىم تېلىفون ئۇرۇپتۇ؟ داداڭما؟

- ياق. دوستۇم، كۆرۈشەيلى دەيدۇ، ئاۋازى بەكلا جىددىي.

-ئۆزۈڭگە ھېزىي بول. ھازىر ساڭا ھەرقانداق ئادەم ئۆچمەنلىك قىلىشى مۇمكىن.

- شۇنداق ئاپا، مەن چوقۇم دېققەت قىلىمەن. سەنمۇ دېققەت قىل.

ئاپام بىلەن خوشلىشىپ دوستۇم يوللىغان ئادرىسقا يۈرۈپ كەتتىم.

قەھۋەخانا ئىچىگە كىرىپ بۇلۇڭدىكى ئورۇندا يۈزى كۆكۈرۈپ كەتكەن دوستۇمنى كۆردۈم.

- بۇ نېمىش؟ يۈزۈڭگە نېمىش بولدى؟

- ئاۋال ئولتۇر، ساڭا دەپ بېرەي.

ئىككى ئىستاكان قەھۋە بۇيرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىدىم.

- زادى نېمىش بولدى؟ بىرەرسى ئۇردىما؟

- ھەئە، ئوغۇل دوستۇم.

- مېنىڭ ھېچنېمە دېگۈم يوق، سەۋەبىنى دە.

- يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى. ھەركۈنى ئىشىم بار دەپ مېنى يالغۇز قويىدۇ. بىر كۈنى ئىشتىن چۈشىشىنى ساقلاپ شىركەت ئالدىدىن ماشىنا توسۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.

- قىزىق. مەن ساڭا ئىسپاتنى كۆرسەتسەم ئىشەنمەي ئۆزۈڭ باردىڭما؟ ئۇ نېمىش قىلسا كارىم يوق. ۋاقىتلىق ئوغۇل دوستۇم بولسىلا مەيلى دەۋاتمامتىڭ.

-باشتا شۇنداق ئويلىغان. لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ مەندىن باشقا بىرسىنىڭ يېنىغا كېتىشىگە چىداپ تۇرالمىدىم.

- كېيىنچۇ؟

- كېيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دوختۇرخانىغا باردىم. تۇغۇت دوختۇرخانىسىكەن، ئۇ بىر بالىنى قولىغا ئېلىپ بىر ئايال بىلەن تەڭ ئەركىلىتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈستىگىلا كىردىم.

- شۇنىڭ بىلەنچۇ؟ ئۇنىڭغا ئاچچىقلىدىڭما؟

- شۇنداق. ئۇنىڭ بالىسى بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

- قىزىق ئىش، ساڭا چوقۇم بالىسى بولسا ئاندىن ۋاز كېچىسەن شۇنداقمۇ؟! مەن ساڭا ئۇنىڭ سۈرىتى ھەتتا فىلىمىنى كۆرسەتسەممۇ ئىشەنمەي مەن بىلەن ئۇرۇشقانتىڭ.

- ئاندىن ھېلىقى ئايال ئۇنىڭغا قاخشىدى. ئۇ مېنىڭ بىلىكىمدىن سۆرەپ زالغا ئېلىپ چىقتى، مەن ئۇنىڭغا نالە قىلسام يۈزۈمگە ئۇردى، ئۆرۈلۈپ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ يۈزۈم ياندىكى تۇتقۇچغا تېگىپ كەتتى.

- ساڭا ئىچىم ئاغرىسا بولاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلغۇم يوق، چۈنكى بۇنى ئۆزۈڭ تاپتىڭ. مەن چىدايمەن دەۋاتقانتىڭغۇ، ئەمدى ئامال يوق. تاللىغىنىڭ شۇ بولغاندىن كېيىن چىدىشىڭ كېرەك.

-پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتسەممۇ مېنى يۆلەپ قويمىدى.

- شۇنداق بولىدۇ دە، سەنچە سېنى يۆلەپ ئاۋۇ ئايالنىڭ يېنىدا ياتقۇزۇپ قويسا بولامتى؟!

- بۇنداق تەنە گەپ قىلما.

-ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ يەنە ساڭا چۈشەندۈرۈپ كۆڭلۈڭنى ئالغاندۇ بەلكىم.

_-ياق. مېنى ئەمدى ئىزدىگۈچى بولما دەپ ئۇچۇر يېزىپ قويۇپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋېتىپتۇ. ھېچقانداق قىلىپ ئالاقىلىشالمىدىم، مەن شىركەتتىن ھەيدەلگەچكە، ئۇلار مېنى كىرگۈزمىدى.

- مۇشۇنداق نەتىجە چىقىدىغىنىنى سەن بىلەتتىڭغۇ، مەنمۇ بىلەتتىم.

- ئاداش. سەن توسقاندا ئاڭلىماپتىمەن، ئۇنى تاللىغانغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.

- سېنىڭ پۇشايمىنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئەتە ئۆگۈن ئۇ يەنە بىر ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلسا يەنە ئېرىپ كېتىسەن.

- ئۇنداق بولمايدۇ، مەن بۇ قېتىم بەك ئۈمىدسىزلەندىم. مەن ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنى بالىسى بار دەپ ئويلىمىغان، ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا مېنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى، ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا شۇنداق تىللاپ سىلكىدى. مېنى ئۆزىگە چاپلىشىۋالغان دېدى.

- شۇنداق بولاتتى، ئەرلەر ئۆزى بىلەن تەڭ خاتالاشقان ئاياللارنى ئەزەلدىن ئۆزىنى خاتالاشتۇرغان دەپ قارايدۇ، ھەرگىز ئۆزىنى قارا قىلمايدۇ.

- شۇڭا. مېنى كەچۈرگىن بولامدۇ؟! مەن نادانلىق قىپتىمەن، ئەمدى ساڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايمەن.

- لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېنى ياخشى كۈن كۆرىشىمگە رازى ئەمەسلىكىڭنى ئېيتتىڭ، مەن سەن بىلەن قانداق دوست بولىمەن.

-ئاداش، ھەممىمىز ئايالكىشى. بىلىسەن مۇھەببەت ئادەمنى شۇنداق ساراڭ قىلىپ قويىدۇ، ساڭا ھەۋەس قىلاتتىم، كېيىن ئۇ مۇئاۋىن دېرىكتورغا ئۇچراپ خۇدۇمنى يوقىتىپتىمەن.

- ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. مەن ئالدىراش.

دوستۇم قولۇمغا ئېسىلدى.

- ئاداش. ئۆتۈنەي، ماڭا ياردەم قىلغىن، ھازىر خىزمىتىممۇ يوق بولدى. يېنىمدا پۇلۇممۇ يوق، مائاشىمنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرۈنىمەن دەپ ياسىنىپ خەجلەپ تۈگەتتىم.

ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

- بۇ قانداق گەپ؟! يېنىڭدا پۇل قالمىغاندا مېنى ئىزدەمسەن؟

- ئۇ، ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ راستىنلا سەندىن باشقا يېقىنىم يوق، مېنى ئەڭ چۈشىنىدىغىنى سەن، پۇلۇم يوقلۇقتىن بالامنى كۆرگىلىمۇ بارالمايۋاتىمەن، ئىشىنىمەن سەن چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىسەن.

ئۇنىڭ قولىنى سىلكىمەكچى بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.

- بولىدۇ. ساڭا ياردەم قىلاي، لېكىن، ماڭىمۇ ياردەم قىل.

- قانداق؟ قانداق ياردەم، مەن چوقۇم قىلىمەن ئاداش.

- ھېلىقى دوستۇڭنىڭ يولدىشىمنى قانداق كەلتۈرگىنىنى ماڭا دەپ بەر.

-مەن بىلمەيمەن ئاداش. قايسى كۈنى كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋاتىمەن دەپ يولدىشىنىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى. شۇ چاغدىلا بۇ دوستۇمنىڭ يولدىشى دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇم، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يىرىك.

- راستما؟ سەن راست شۇنداق قىلدىڭما؟

- ماڭا ئىشەنمىسەڭ ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باق، مەن قايسى كۈنى كاللام قېيىپ ساڭا شۇنداق گەپلەرنى قىپتىمەن. گەپنى دەپ بولۇپ ئۆزۈممۇ پۇشايمان قىلدىم.

- ئەمىسە نېمىشقا يولدىشىمغا ئۇ قىزنى تونۇشتۇرىسەن.

- مەن نۇرغۇن يىللىق دوستلىقىمىزنى دەپ قەسەم قىلاي، مەن راستىنلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىنى كېيىن بىلدىم. ئۇ كۈنى شىركەت ئولتۇرۇشى بولدى، يىگىتىم دوستىڭىز بولسا ئالغاچ كېلىڭ دېدى، شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنى ئەكەلدىم، ماڭا ئىشەن، مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ تونۇشۇپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان.

- دوستۇڭنى يىگىتىڭ تونامتى؟

- ياق. تونىمايدۇ.

- دوستۇڭنىڭ بويىدا باركەن، ئۇ ھازىر ئۆيىمىزگە كىرىپ يولدىشىم ئىككىمىزنى ئاجراشتۇرىمەن دەۋاتىدۇ.

- ئاداش، بۇنى مەندىن كۆرمىگىن، مەن راستىنلا بىلمەيمەن، مەن ئۇنىڭ بۇنداق نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

- دوستۇڭنىڭ ئۆيى نەدە ماڭا دەپ بەر.

- بۇ، بۇ.

- قانداق؟! دەپ بەرگۈڭ يوقمۇ؟ بولىدۇ ئەمىسە شۇ دوستۇڭ ساڭا ياردەم قىلسۇن.

- مەن دەپ بېرەي، لېكىن مېنىڭ دېگىنىمنى دېمە.

ئۇ تېلىفونۇمغا دوستىنىڭ ئادرىسىنى يوللىدى.

- خاتىرجەم بول. دېمەيمەن.

دوستۇمنىڭ تېلىفونىغا نەچچە يۈز يۈەن يوللاپ قويۇپ ئۇدۇلغا ماڭدىم.

- ئاداش، بۇ سەل ئازلىق قىلاتتى، ئۆيۈڭدىكىلەردىن سوراپ باقساڭ.

- مەن ئۇلارنىڭ مالىيە باشقۇرغۇچىسى ئەمەس. ئۇلارنىڭ پۇلى مېنىڭ ئەمەس، يېنىمدىكىسىنى بەردىم.

- رەھمەت ئاداش، ئاندىن خىزمەت ئىشىنى.

- بولىدۇ. خىزمەتنىڭ ئىشىنى مەن چوقۇم قېيىن ئاتامغا دەيمەن، خىزمىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ مەن سوراي.

- ماقۇل ئاداش. ساڭا كۆپ رەھمەت، دوستۇمنىڭ يېنىغا قاچان باراي دەيسەن.

- مەن بارمايمەن، پەقەت ئۇنىڭ ئورنىنى بىلسەملا بولدى.

ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماشىنىغا چىقتىم. دوستۇمغا تولۇق ئىشەنمەيتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا قەست قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئۇنىڭغا بۇرۇن ھەقىقىي دوست نەزىرىدە قاراپ ئۆزۈمنىڭ بارلىق سىرىنى تاپشۇرغان بولسام، ھازىر ئۇنىڭدىن سىر ئېلىپ پايدىلىنىشقا ئاتلانغانىدىم. يۈرىكىمدىكى دوستلۇق نەپرەتكە ئايلىنىپ كېتىپ باراتتى.

ئەمدىكى پىلانىم يولدىشىمنىڭ قىز دوستىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدى.

پىلاننى باشلاپ بولۇپ جايىمدا توختاپ قالدىم. مەن ئۆزگىرىۋاتاتتىم. بۇرۇن كىمنىلا كۆرسەم ئىچىمنى ئاغرىتىدىغان توختىماي يىغلاپ ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدىغان ئادەم ھازىر باشقىلارنى باپلاشنى پىلانلايدىغان يامان ئادەمگە ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتىم.

پىلاننى يېزىپ بولۇپ دادامنىڭ يېنىغا چىقتىم.

-دادا.

- ۋوي، قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ كەيپىياتىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟~

- شۇنداق. سىزگە بىر ئىشنى دەي دېگەن.

- نېمە ئىش؟

- قايسى كۈنى مېنى شىركەتكە بېرىڭ دېگەنىدىڭىز.

- شۇنداق. بۇ باش قېتىقچىلىقىدا شۇ گەپنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن.

-مەن ئەتىدىن باشلاپ شىركەتتە ئىشقا چۈشەي بولامدۇ؟

- بولىدۇ. چاتاق يوق، شۇنداق بولسا مەنمۇ خۇش بولىمەن.

- شۇنى سوراپ باقسام، مۇئاۋىن دېرىكتوردىن ئىككىسى بولسا بولامدۇ؟

- بۇ، بولىشىغۇ بولىدۇ.

- ئىككىلىنىۋاتىسىزغۇ دادا.

- لېكىن سىزنىڭ تەجرىبىڭىز يوق، ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

- سىزگە بۇرۇن تولۇقلىمىغاننى تولۇقلاپ بېرىمەن دېگەنىدىڭىز، بۇنىڭغىمۇ قوشۇلمامسىز، مەن سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئاشكارلىمىدىم. ئوغلىڭىزنى ئاشكارلىمىدىم.

- ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن، پەقەت قاملاشماي قالارمۇ دەۋاتىمەن.

- قاملىشىدۇ. مەندە سىزنىڭ قېنىڭىز بار، بىلمىسەم قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىمەن، مەنمۇ بۇرۇن شىركەتتە ئىشلەپ باشقىلارنى باشقۇرۇپ باققان. تەجرىبەم بار.

- ئەمىسە ياخشى. ئۇنداق بولسا مەنمۇ خۇش بولىمەن.

- ئەتە سىز بىرگە بېرىپ مېنىڭمۇ مۇئاۋىن دېرىكتور بولغىنىمنى جاكارلاپ بېرىڭ.

- بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى.

دادامنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىدارىمدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن يولدىشىمنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلماي بولمايتتى.

 يولدىشىم قايتىپ كېلىپ، ماڭىمۇ گەپ قىلماي چوڭ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇنىڭ تېلىفونىنى كۆرمەكچى بولۇپ مەخپىي شىفىر ئەسكەرتمىسىنى كۆرۈپ جايىدا قويدۇم-دە، ياندىكى يالغۇز كىشىلىك كارىۋاتقا تاشلاندىم.

ئەتىسى سەھەردە چىرايلىق ياسىنىپ يولدىشىمغا ئەگەشتىم.

- توختاپ تۇرۇڭ، مەنمۇ چىقىمەن.

- نېمىگە؟ ماشىنىغىما؟

- ھەئە، سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا ئولتۇرىمەن. دادام ئارقىمىزدا ئولتۇرىدۇ.

- سىز نەگە بارىسىز؟ نېمىشقا ماشىنامغا چىقارغۇدەكمەن.

- شىركەتكە بارىمەن، دادام شىركەتكە بېرىپ قارىشىپ بېرىڭ دېدىغۇ.

- تازىمۇ بىر، قۇتۇلالمىغانسىرى نېمىشقا ئادەمگە چاپلىشىۋالىسىز.

ئارقىدىنلا دادام ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا چىقتى.

- دادا، سېنىڭ ماشىناڭ بارغۇ.

-بۈگۈن سېنىڭكىدە ئولتۇراي، شىركەتكە ھەيدە.

يولدىشىم ماشىنىنى ھەيدىدى. ئۈچىمىز قانداقتۇر ئوڭايسىز ھالەتتە ئولتۇراتتۇق.

ماشىنا يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توختىدى. يولدىشىم بىزگىمۇ قارىماستىن ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى. دادام ئىككىمىز ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق.

دادام شىركەتكە كىرىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ باشلىرى ئىگىلدى.

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- لىدىر ياخشىمۇسىز؟

- باش لىدىر كەلدىڭىزمۇ؟

دادام بىلەن شىركەتنىڭ ئوتتۇرىدا تۇردۇق. قېيىن ئاپامنىڭ ئاتالمىش نەۋرە ئىنىسى، مۇئاۋىن دېرىكتور دادامنىڭ ئالدىغا كەلدى.

- لىدىر كەلدىڭىزمۇ؟

- خادىملارنى يىغ، بۈگۈن يىغىن بار.

ھەممەيلەن شىركەت زالىغا يىغىلدى.

- بۈگۈن سىلەرگە مۇھىم بىر ئىشنى جاكارلىماقچى، بۇ ياق بۇنىڭدىن كېيىن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورلۇقىغا تەيىنلەندى.

يولدىشىم بىلەن مۇئاۋىن دېرىكتورنىڭ چىرايى تەڭ ئۆزگەردى.

- بۇ؟! ئۇنداقتا مەنچۇ؟!

 سەن ئەر خېرىدارلارغا مەسئۇل. بۇ ياق ئايال خېرىدارلارغا مەسئۇل.

- بۇ؟!

- بولدى. بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى جاكارلىماقچى. ئەمدى خىزمىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار.

- مېنىڭ ئىشخانامچۇ لىدىر؟

- ھە، مەن بىلەن يۈرۈڭ.

دادام ئىشخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ماڭا ئوتتۇرىدىكى بىر ئىشخانىنى كۆرسەتتى.

- مۇشۇ ئىشخانا بولسۇن.

ئىشىكنى تاقاپ دادامغا قارىدىم.

- رەھمەت دادا.

- ئۆزىڭىزگە ھېزىي بولۇڭ!

دادام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشخانامنىڭ ئۈستەل ئورۇندۇقلىرىنى سۈرتتۈم. يولدىشىم ئىشخانىغا ئۈسسۈپ كىرىپ ئالدىمغا كەلدى.

- نېمە قىلىق بۇ، زادى جاننى ئالىسىز شۇنداقمۇ؟!

-بۇ دادىڭىزنىڭ قارارى، مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.

- ھېچنېمە بىلمەيدىغان ئادەم شىركەتكە مۇئاۋىن دېرىكتور بولغىنى قىزىق، ھاھا، ئىشقىلىپ نىيىتىڭىزنى ئاجايىپ ئاشكارلاۋاتىسىز.

- مەنمۇ شىركەتتە ئىشلەپ باققان. تەجرىبەم بار، بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايمەن.

- بۇ سىزنىڭ شىركەتتە ئادەم باشقۇرغىنىڭىزدەك ئاسان ئىش ئەمەس.

-ھېچقىسى يوق. ئۆگەنسەم بولىدىغۇ، يەنە بىر ياردەمچىڭىزمۇ بارغۇ، مەن قىلالمىسام ئۇ قىلىدۇ.

ئۇ يېقىن كېلىپ كۆزۈمنى ئىچىگە قارىدى.

- سەن بەك قورقۇنۇچلۇقكەنسەن، نىيتىڭ ئاجايىپ قارىكەن.

ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ يۈرىكىمنىڭ ئېرىپ كېتىشىدىن قورقاتتىم.

- شۇنداق. مەن سىز ئويلىغاندىنمۇ قورقۇنۇچلۇق.

- مەن بىلەن رىقابەتلەشمەكچىمۇ؟ چوقۇم ھەممە نەرسىگە قول تىقىسەن شۇنداقمۇ؟!

- شۇنداق. سىزنىڭ مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭىزغا، شۇنداق قىينىغىنىڭىزغا مەن چوقۇم تويغۇزمىسام بولمايدۇ.

-ئۆزۈڭ زورلاپ مەن بىلەن توي قىلىپ، ئەمدى مېنىڭ ئورنۇمنى تالاشماقچى بولىۋاتىسەن، سەن ئەسلى مەن بىلەن غەرەزلىك توي قىپتىكەنسەن.

- نېمە دېسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ ھازىر سىز مېنى ھېچنېمە قىلالمايسىز.

ئۇ ماڭا سەت قارىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

ئىشخانامنى رەتلەپ تاقىغۇچە مەن تەرەپكە كېلىۋاتقان ئايال دېرىكتور ۋە بۇرۇنقى يىگىتىمنى كۆردۈم.

- ۋوي. سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟- دېدى ئايال دېرىكتور ماڭا قاراپ.

- بۇ يولدىشىمنىڭ شىركىتى، كەلسەم بولمامدىكەن؟!

ئايال دېرىكتور ماڭا بىر سەت قاراپ قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى يىگىتىم بىلەن ياندىكى ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شىركىتىگە ۋاقىتلىق ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئىشخانا بولۇپ، دەل مېنىڭ ئىشخانامنىڭ يېنىدا ئىدى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章