توي ۋە سۇيقەست 🧡 53-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم تولۇق)

文摘   2024-07-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
53-قىسىم

- ياق. ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم ئەمەس، ئۇنىڭ بالىسىمۇ ماڭا ۋارىس بولالمايدۇ، پەقەت سىزنىڭ بالىڭىزلا ماڭا ھەقىقىي ۋارىس بولالايدۇ، چۈنكى سىز مېنىڭ ئۆز قىزىم.

جايىمدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

- تاغا. بۇ، بۇ قانداق گەپ، مەن بىلەلمەيلا قالدىمغۇ.

- مېنى كەچۈرۈڭ. ئاپىڭىز ئىككىڭلارنى بۇرۇن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھېلىغىچە ئەيىپلەپ كەلدىم.

تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ ئېيتقانلىرى ئېسىمگە كەلدى.

-داداڭ بىزنىڭ شۇ يەردىكى چوڭ باينىڭ ئوغلى ئىدى. چوڭ شەھەر بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە سودا قىلاتتى. ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەيتتى. نۇرغۇن قىزلار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئوبرازىغا دېقەت قىلىدىغان، كېلىشكەن كىشى ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن يىگىتىمنى ئويلاپ ئازابلىنىۋاتقان ۋاقىتلار بولغاچقا ئۇنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ۋە تاتلىق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىز تويلاشتۇق.

_ ئۇلار مېنىڭ ئوغۇل تۇغۇشۇم ئۈچۈن نۇرغۇن ئامال چارىلەرنى ئىشلەتتى. مەنمۇ خىيالىمدا شۇنچە سەۋەب قىلغاندىن كېيىن ئوغۇل تۇغىمەنغۇ دەپ ئۆزۈمگە ئىشەندىم، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن سەن تۇغۇلدۇڭ.

ئۇلارنى مېنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردى، مەن مەھەللىدە يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن يۇرتتىن چىقىپ بۇ يەردە ياشىدىم.

- ياق. ياق ياق، مەن پەقەت قۇبۇل قىلالمىدىم، سىز مېنىڭ داداممۇ؟ قىز بالا بولغىنىم ئۈچۈن مېنى قولغا ئالمىغان.قىز تۇغدۇڭ دەپ ئاپامنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان دادام؟

- شۇنداق. مەن شۇ، مېنى كەچۈرۈڭ.

- ياق!_ كۈچەپ ۋارقىرىدىم.

 -بۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، دېمەك مەن ئۆزۈمنىڭ ئىنىم بىلەن توي قىلدىمما؟! ياق، ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس.

- ئۇ مېنىڭ ئۆز بالام ئەمەس، ئىككىڭلارنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن يەنە بىر ئايال ئالغان. لېكىن ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا مېنىڭ بولماي چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىمۇ ھەيدەپ چىقاردىم. لېكىن ئۇ نۇرغۇن بايلىقىمغا زىيان ئۇردى. سودام ۋەيران بولۇپ نۇرغۇن پۇلغا قەرز بولدۇم، كېيىن يەنە بىر ئايال ئالدىم. ئۇ قۇرۇلۇش ئىلمى بىلەتتى. ئوقۇغان ياخشى ئايال ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ بىلەنمۇ بالىلىق بولالمىدىم. ئامالسىز ھازىرقى ئوغلۇمنى بېقىۋالدىم. ئۇ بىزنىڭكىگە كەلگەندە ئاران 2 ياش ئىدى. ئۇ شۇ ئايالىمنى ئاپام دەپ چوڭ بولغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىشلىرىم ياخشىلىنىپ قايتىدىن پۇل تاپتىم. پۇل تاپقانسىرى ئۇ ئايالىمدىنمۇ يۈز ئۆرۈدۈم. پۇل تاپقانسىرى ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالام بولسىكەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئايالىم بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ياش ئىدى. خىيالىمدا ماڭا چوقۇم بالا تۇغۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئايالىمنىمۇ قويىۋەتتىم.

- ئاھ، بىر ئايالغا ئازار بەرگىنىڭىز يەتمىگەندەك باشقا ئايالغىمۇ ئازار بەردىڭىزما؟! سىلەر بايلاردا راستىنلا ئازىراقمۇ ئادىمىيلىك يوقكەن.

- مېنى قانچىلىك تىللىسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدۇ، مېنى تىللاڭ.

- ياق. مەن ھېلىمۇ سىزنى دادام دەپ ئېتىراپ قىلمايمەن، شۇڭا سىزنى تىللاشقا تىلىم بارمايدۇ.

-بۇ ئايالىم مەندىن كۆپ كىچىك بولغاچقا بۇرۇنقى ئاياللىرىمدەك گېپىمنى ئاڭلىمايتتى. لېكىن مەن ئۇنى چىرايلىق ياش دەپ يول قوياتتىم.

- ھاھا، قىزىق ئىش، ئەسلى ئەرلەر ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئايالنى خارلاپ گېپىنى ئاڭلىمىغان ئاياللارنى ئەزىزلەيدىكەن.

- شۇنداق. شۇڭا ئۆزۈمنى تۇزكور دەپ تىللىغۇم كېلىدۇ.

- كېيىنچۇ؟!

- ھازىرقى ئايالىمنىڭ بويىدا قالمىدى. لېكىن ئۇنى قويىۋېتەلمىدىم، بەلكىم ئاپىڭىزنىڭ دىلى بەك رەنجىگەن چېغى، شۇنىڭدىن بېرى ماڭا بالا ئېلىش نېسىپ بولمىدى.

- شۇڭا، ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىسىز شۇنداقمۇ؟!

قېيىن ئاتام يەرگە قاراپ باش لىڭشىتتى.

-ھاھا، ئەسلى سىزگە خېلى ھۆرمىتىم بار ئىدى، بارلىق ھۆرمىتىم يوقلا بولدى.

- مېنى نېمىلا دېسىڭىز مەن توغرا چۈشىنىمەن.

-ئەمىسە بۇ ئوغلىڭىزنى ئەكېلىپ نېمىش قىلىسىز؟! ئاندىن. ئاپام نېمىشقا بۇ ئىشنى ماڭا دېمەيدۇ.

- ئاخىرىنى ئاڭلاڭ. بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى بار.

- قېنى دەڭ. ھەرقانچە چوڭ سەۋەبمۇ مېنى قايىل قىلالمايدۇ.

- ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوغلۇمنى ئايالىمنىڭ ئاپىسى باققان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي مومىسى ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلدىم.

- نېمىشقا؟! چۈنكى بالىڭىز يوق، مېنى قايتۇرۇپ ئەكەلسىڭىز مەن قىزبالا شۇنداقمۇ؟! ھاھا.

- مەن ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بالام بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن بۇ ماڭا نېسىپ بولمىدى.

- نېسىپ بولمىدى ئەمەس. نېسىپ بولغاننى سىز قەدىرلىمىدىڭىز.

- مەن سىلەرنى ئىزدىگەن لېكىن تاپالمىدىم.

- ھاھا، بۇ گەپكە ئۆزىڭىز ئىشىنەمسىز، بىر شەھەردە تۇرۇپ مەلۇم ئادەمنى تاپقىلى بولماسمۇ، سىزنىڭ تونۇش دائىرىڭىز شۇنچە كەڭ تۇرۇپ بىر ئادەمنى تاپالماي قالارسىزما؟!

-ئەينى يىلى ئاپىڭىز سىزنى ئېلىپ يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. مەن قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيتتىم. بۇ شەھەردە دەپ ئويلىماپتىمەن، كېيىن ئوغلۇم نىيىتى دۇرۇس بولمىغان بىر قىزنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەن قوشۇلمىسام نوپۇسنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنى شۇ قىز بىلەن توي قىلىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئەنسىرەپ تۇرسام سىز بىلەن توي قىپتۇ. سىلەر توي قىلغاندىن كېيىن مەن تونۇشلار ئارقىلىق ئىزدەپ سىلەرنىڭ ئۆيگە باردىم. ئاندىن ئاپىڭىزنى كۆردۈم.

- ئاپام، ئاپام ھەيران قالمىدىمۇ، لېكىن ئاپام ماڭا بۇ ئىشنى دېمىدىغۇ.

- مېنى كەچۈرۈڭ. ئاپىڭىزنى مەن مەجبۇر قىلغان، ئۇنىڭغا دېمەسلىكنى مەن ئېيتقان.

- شۇڭا، شۇڭا ھەممىڭلار بىرلىشىپ مېنى ئالدىدىڭلارما؟!

- مېنى كەچۈرۈڭ. شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرۈڭ. مېنىڭ ئۆز ۋارىسىم پەقەت سىزدىن تۇغۇلىدۇ. بۇ ئوغلۇمنى بېقىۋالغان، ئۇنىڭ ماڭا مېھرى يوق. ئۇنىڭ كاللىسىدىمۇ مېنىڭ بايلىقىمغا ئېرىشىش بار. ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ، لېكىن يۈرىكىمدە يەنىلا ئۆز پۇچتۇمدىن ۋارىسىم بولسىكەن دەيمەن. پەقەت سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا ئاندىن ھەقىقىي ۋارىس تۇغۇلىدۇ،  

- ھا، ھاھا،  مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باقمىغان، بۇ نېمىش، تۇيۇقسىز باي يولدىشىم بولۇپ قالدى. تۇيۇقسىز يەنە باي دادام بولۇپ قالدى، لېكىن مەن ئازىراقمۇ خوشال بولالمىدىم، بۇ نېمىش.

- مېنى كەچۈرۈڭ. شەخسىيەتچىلىك بىلەن سىزنى چىداپ ئۆي تۇتۇشقا زورلىدىم.

-ئوغلىڭىز ئۆز ئەمەس تۇرۇپ نېمىشقا مېنى بۇنچە قىينايدۇ.

- چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا بىلدۈرمىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بەرمىدىم.

- ئەمىسە ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى بالا قانداق قىلىدۇ.

-مەندە ئىسپات تولۇق، لېكىن ئۇنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاپ قالدى. ئۇنى بۇنداق ھالەتتە كەتكۈزىۋەتسەم بولمايدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ھەممە ئىشنى ئاشكارلايمەن.

- ئۇنىڭ ھېلىقى نەۋرە ئىنىسى.

- بۇنىمۇ بىلدىم. ئۇ ئايالىمنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئەمەس.

- شۇڭا. سىز زادى نېمىش قىلماقچى؟! يېنىڭىزدا شۇنچە كۆپ قارانىيەت ئادەملەرنى ساقلاپ قېلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى؟

- مېنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئىناۋىتىم بار. ئايالىمنى بويىدا بار ھالەتتە ھەيدەپ چىقارسام، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىدا ئىناۋىتىم يوق بولىدۇ.

- ھا، ھا، بەك قىزىق، باشقا ئاياللارنى قويىۋەتكەندە ئىناۋىتىڭىزنى ئويلاشماي. ئەمدى ئويلىشىۋاتامسىز، ئاپام، يەنە ئۈچىنچى ئايالىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىچۇ.

- بۇرۇن ياش ئىدىم. ھازىر قېرىدىم بۇ يېشىمدا باشقىلار ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى ئۆزىنىڭ ئەمەسكەن دېسە، بۇ ھاقارەتكە چىدىيالمايمەن، شۇڭا ئۇ بالىنى تۇغقاندا پۇل بېرىپ يىراق يەرگە كەتكۈزىۋەتمىسەم بولمايدۇ، ئاۋۇ ناكەسمۇ مېنىڭ شىركىتىمدە، ئىناۋىتىم تۆكۈلىدۇ.

- ئاپامنىڭ باي ئائىلىگە كىرىش ئاسان ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادەمنىڭ قەدرى يوق دېگىنى بىكار ئەمەسكەن، سىلەرنىڭ توي قىلىشىڭلار، ئۆي تۇتۇشۇڭلارنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن ئىناۋەت ئۈچۈنكەن، سىز ئەسلى نەزىرىمدە شۇنداق سالاپەتلىك، ئەقىللىق ئادەم ئىدىڭىز، بۇ دەقىقىدە سىزگە بولغان بارلىق ھۆرمىتىم يوق بولدى.

- مېنى كەچۈرۈڭ قىزىم، شۇنچە يىلدىن بېرى ئاپىڭىز ئىككىڭلارنى جاپادا قويدۇم.

- ياق. مەن سىزنىڭ قىزىڭىز ئەمەس، ئوغلىڭىزنىڭ ئايالىمۇ ئەمەس، مەن ئاجرىشىمەن، چوقۇم ئاجرىشىمەن، سىلەرنىڭ بۇ ئۆيگە ئەمدى دەسسىمەيمەن.

ئىشىك تەرەپكە ئۆرۈلدۈم. قېيىن ئاتام بىلىكىمگە ئېسىلدى.

- قىزىم. مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئۆتۈنەي، بۇ دۇنيادا مېنىڭ قېنىمدىن بولغان بالا پەقەت سىزلا، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ، ئۇ ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئەمەس، مەن بۇنچە چوڭ مۈلۈكنى يالغۇز ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالدۇرالمايمەن.

ئۇنىڭ بىلىكىنى سىلكىۋېتىپ يەر ئاستى ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم.

ھۇجرىغا چىقماي ئۇدۇل دەرۋازىدىن چىقىپ تاكسى توسۇپ ئاپامنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتىم.

ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ سافادا غەمكىن ئولتۇرغان ئاپامنى كۆردۈم.

- نېمىش بولدى؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ.

- نېمىشقا؟! نېمىشقا ماڭا دېمەيسەن، نېمىشقا ھەممىڭلار بىرلىشىپ مېنى ئالدايسىلەر.

- نېمىنى؟ نېمىش بولدى؟

-ئۇ كىشىنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ماڭا دېمەيسەن.

ئاپام يەرگە قارىدى. ئىككى تامچە ياش كۆزىدىن سىرغىپ چۈشتى.

- مېنى كەچۈر. مەن شۇنىڭغا مەجبۇر بولدۇم.

-ئۆزۈڭ خورلانغان جەمەتكە مېنىڭ كىرىشىمغا قاراپ تۇردۇڭما؟

- مېنى كەچۈر، مەن توسۇشنى ئويلىغان، لېكىن داداڭ ساڭا دېمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ساڭا مۇھەببەت بەرگۈسى بارلىقىنى دېدى.

-لېكىن مېنىڭ ھېچقانداق مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگىنىمنى سەن بىلىسەن.

- شۇڭا ساڭا باشقىچە يولدا دەپ توسۇپ قالماقچى بولدۇم. لېكىن ئۆزۈڭ ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭنى دېدىڭ، مەن ئامال قىلالمىدىم.

-ئۇ مېنىڭ دادامما؟ ئۇ شۇنداق داڭلىق تۇرسا، سەن ئۇنى تونىمىدىڭما؟

- مەن تونىغان. خەۋەرلەردە كۆرۈپ ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لېكىن مەندەك ھەيدەلگىنىگە نەچچە يىل بولغان ئايالنىڭ ئۇنى ئىزدەشكە نەدىمۇ جۈرئىتىم بولسۇن، ئۇنىڭ يولدىشىڭنىڭ ئۆگەي دادىسى ئىكەنلىكىنى سەن توي قىلغاندىن كېيىن بىلدىم.

- بىلگەندە دېيىشىڭ كېرەكتى ئاپا، ئۇ ئائىلىدە سېنىڭ دەرت تارتقىنىڭ يېتەر نېمىشقا مېنىمۇ دەرت تارتقۇزىسەن.

- مېنى كەچۈر، مەن ساڭا ھېچنېمە بېرەلمىدىم. داداڭنىڭ نۇرغۇن بايلىقى بار، ئۇ ئۆيدە ياشىساڭ مەن بىلەن ياشىغاندىن ياخشى ياشايسەن.

ئاپامنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.

- ئاپا، ئۆزۈڭ كۆردۈڭ. مەن ئۇ ئۆيدە ھۆرمەتكە ئېرىشىپ باقمىدىم.

- لېكىن داداڭ ئىزچىل سەن تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى.

- ئۇ ھېچكىمگە مېنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىدى.

- ئېيتسا بولمايدۇ. ئېيتسا سېنىڭ دۈشمىنىڭ كۆپىيىپ كېتىدۇ.

- ھاھا، ئېيتمىسا مېنىڭ دۈشمىنىم ئوخشاشلا كۆپەيدى. قېيىن ئاپام، دوستۇم. ھازىر يولدىشىممۇ ماڭا دۈشمەن.

- مەنمۇ سېنىڭ يامان كۈن كۆرۈشۈڭنى خالىمايمەن. راستىنى دېسەم ئاجرىشىپ كەت دېيىشىمدىكى سەۋەبمۇ سېنى قوغداش ئۈچۈن.

- مېنى قوغدىغۇڭ بولسا. بۇ ئىشنى ماڭا باشتا دېيىشىڭ كېرەك ئىدى.

- راستىمنى دېسەم يولدىشىڭ دەسلەپتە ماڭا بەك ياخشى تەسىر بەرگەن، ئۇ داداڭنىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەس. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن ئېتىراپ قىلغان ئادىمى، سېنى چوقۇم ئاسرايدۇ دەپ ئويلىدىم.

-ئىشلارنىڭ بۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن.

- مەنمۇ ئويلىمىغان. ھەممىنى قىلغان مەن. مېنى كەچۈر.

- مەن راستىنلا چوڭ بىر پالاكەتكە ئۇچرىغىلى تاس قاپتىمەن. ئەگەر ئۇ دادامنىڭ ئۆز ئوغلى بولغان بولسا قانداق قىلار بولغۇيتتۇم.

-داداڭ مېنى ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ھەيدەپ چىقارغاندىن بېرى بالىلىق بولۇپ باقماپتۇ.

-بۇ باشقىلارغا دىل ئازار قىلغاننىڭ جازاسى.

- شۇنداق. لېكىن ئۇ پۇشايمان قىپتۇ.

- ئۇنى كەچۈرۈشنى ئويلىشىۋاتامسەن ئاپا.

- كەچۈرسەممۇ نېمە پايدىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئايالى تۇرسا.

- ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى بالىمۇ ئۇنىڭ ئەمەسكەن.

- شۇنداق.

 ئاپام يەرگە قارىدى. ئاپامنى قۇچاغلىدىم.

- كۆپ دەرت تارتىپسەن ئاپا، ئۆزۈڭنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆيىدە، ئۆزۈڭنىڭ قىزىنىڭ تويىدا تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقالمىدىڭ. يەنە ھېلىقى پەسكەش خوتۇننىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىڭ، شۇنداق تۇرۇپ ھېچنېمە دېمىدىڭ، مەن قىزىڭ تۇرۇپ سېنى قوغدىيالمىدىم.

- سەن مېنى قوغدايمەن دەپ بالىدىن ئايرىلىپ قالدىڭ. بۇمۇ مەن ئۈچۈنغۇ.

- ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش چوقۇم بەك ئازابلىق ئىش، ئاپا قانداقمۇ چىدىغانسەن.

- ھېچقىسى يوق. ئۇ چاغدا پەقەت سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىشنى ئويلىدىم، سەنلا ياخشى تۇرىدىغان ئىش بولسا، مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن.

ئاپام مېنى قۇچاغلاپ يىغلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章