سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، ئامېرىكا «مۆكۈشمەك» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتىللىق دېلوسىنى قاراپ چىقتى. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئاشىق-مەشۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە مۆكۈشمەك ئوينىغان.
ئوغۇل دوستى ئۆزى يۈك-تاق ساندۇقىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن قاپسىلىپ قالغان، لېكىن قىز دوستى قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزماي، قارشى تەرەپنىڭ ھايات-ماماتلىق تىركىشىشىگە قاراپ تۇرغان.
لېكىن، قارىماققا ئاددىي بولغان دېلو ئەھۋالى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى بىلەن، دېلونى ئاستا-ئاستا يەنە بىر قورقۇنچلۇق يۆنىلىشكە باشلىغان...
2020-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ساقچىلار بىر ئايالنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان. قارشى تەرەپ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ چاماداندا ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى، قارىماققا ئەھۋالى ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەرنىڭ نەپىسى قالمىغان ئىدى.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن بوئىننىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇ ئوغۇل دوستى توررېس بىلەن ھاراق ئىچىپ، ئۆيدە ئازراق ئويۇن ئوينىماقچى بولغان.
توررېس ئۆيدىكى نەرسە-كېرەكلەرنى جابدۇق قىلىپ، مۆكۈشمەك ئويناش تەكلىپىنى بەرگەن، ئۇ يوشۇرۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، بوئېننىڭ تېپىشىنى ئېيتقان.
بوئىننىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە: ئوغۇل دوستى توررېس يۈك-تاق ساندۇقىغا مۆكۈۋېلىشنى ناھايىتى قىزىقارلىق ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بوئېن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۈك-تاق ساندۇقىغا مۆكۈۋالغان توررېسنىڭ ساندۇقىنىڭ سىيىرتمىسىنى ئېتىپ قويغان، ئۇ ئۆزى بولسا ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ كەتكەن.
بىناغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي بوئېن ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن يېتىپلا ئۇخلاپ قالغان. ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ سىماسىنى كۆرمەي، توررېسنىڭ تېخىچە يۈك-تاق ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
ئۇ پەسكە چۈشۈپ ساندۇقنى ئاچقاندىن كېيىن، ئوغۇل دوستىنىڭ نەپىسى ئاجىزلاپ، خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى بايقىغان. بوئېن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، لېكىن ئېنىقلا كېچىككەن.
ساقچىلار بوئىننىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە نەق مەيداندىكى چامادان قاتارلىق مۇھىم ماددىي ئىسپاتلارنى ئاختۇرغاندىن كېيىن، بۇ دېلو ھەرگىزمۇ تاساددىپىي ۋەقە ئەمەس، دەپ قارىغان.
بوئىننىڭ يان تېلېفونىدا قېپقالغان مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارمۇ بۇ دېلونى غەلىتە قەستەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى دەپ بېكىتكەن. ساقچىلار بوئىننىڭ يان تېلېفونىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە سىنغا ئېلىنغان ئىككى كۆرۈنۈشنى بايقىغان.
بىرىنچى سىن كۆرۈنۈشىدە توررېس قاچىلانغان چامادان پولغا تەتۈر قويۇلغان. ساندۇقتىكى توررېس جان-جەھلى بىلەن تىركىشىپ، بوئىندىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
كۆرۈنۈشنىڭ سىرتىدىكى بوئىننىڭ تەلەپپۇزى ئېغىر-بېسىق ھەم سەگەك بولۇپ، ئازراقمۇ مەستلىكى ئېنىق ئەمەس، ئۇ توررېسقا سوغۇق تەلەپپۇزدا: «سىز ئىزچىل ماڭا مۇشۇنداق قىلىۋاتمامتىڭىز، ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ئەخمەق ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟» دېگەن.
ئىككىنچى سىن كۆرۈنۈشىدە، چامادانىغا قاپسىلىپ قالغان توررېس يۇقىرى ئاۋازدا بوئىننى قۇتقۇزۇۇۋال دەپ چاقىرغان، يەنە ئۆزىنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشقانلىقىنى، داۋالاش ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بوئېن يەنىلا مىدىرلىماي، چامادانغا قاراپ مۇنداق دېگەن: «سىز ئىلگىرى مېنىڭ بوينۇمنى مۇشۇنداق سىققان، شۇ چاغدا مەنمۇ نەپەس ئالالماي قالغان. بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ خاتالىقىڭىز. سىز مەڭگۈ ئاغزىڭىزنى يۇمۇشىڭىز كېرەك.»
ئىككى ۋېدىئودا بوئىننىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ توررېسنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئەتەي كۆرمەسكە سېلىۋالغان.
توررېسنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ مەست بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشىدىن باشقا، ئۇنىڭ دۈمبىسى، بوينىدا روشەن تاتۇق ئىزى بار ئىكەن، پېشانىسى ۋە باش سۆڭىكىدە تىغسىز ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇلغان يارا ئىزى بار ئىكەن، يۈز قىسمىدا يەنە كېسىلگەن يارا بار ئىكەن.
بۇ يارىلارنىڭ ھەممىسى توررېسنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى تاياق يېگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، ئۇ يەنە چامادانغا سولانغان.
كېيىن ساقچىلار داۋاملىق تەكشۈرۈپ، بوئېن بىلەن توررېسنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئىككىسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
مەسىلەن، 2018-يىلى بوئېن بىلەن توررېس بىر-بىرىگە ئائىلە زوراۋانلىقى قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، لېكىن ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمىگەن ھەمدە كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تۈرمىدىن چىققان.
2019-يىلى، بوئېن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، توررېسنىڭ پۇتىنى ئالدىغان دەپ گۇمان قىلىنغانلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ باش، يۈز ۋە پۇت-قوللىرىنى ئۇرۇپ، بەدىنىنىڭ كۆپ يېرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ قېتىم ئىككىيلەن سوتقا چىقىپ بىر-بىرى بىلەن قارشىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنە يارىشىپ قالغان.
شۇ يىلى، بوئېن يەنە بىر قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ توررېسنىڭ بېشىغا ئۇرۇلغانلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭمۇ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئېيتقان.
تاكى 2020-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پاجىئە يۈز بەرگەنگە قەدەر، بوئېن بىلەن توررېسنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ساقچى ئىدارىسىگە بارغان خاتىرىسى بار. لېكىن ھەر قېتىم ئەر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىككىسى يەنىلا ھاماقەتلەرچە يارىشىپ، بىللە تۇرغان.
2023-يىلى، بوئېن 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئۇ ھەتتا سوتتا توختىماي توررېسنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ دېلو يۈز بەرگەندە مەست بولۇپ ھوشىغا كەلمىگەن، ئوغۇل دوستىنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئۇرغان قورقۇنۇچلۇق ئەپتى-بەشىرىسىنى ئويلاپ، ۋاقتىنچە ياردەم قىلماسلىق ئويى پەيدا بولغان.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھاراقنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن توررېسنىڭ كالتەك توپ كالتىكى بىلەن تىركىشىۋاتقان قولىنى ئۇرۇپ، ئاخىرىدا ئوغۇل دوستىنى يۈك-تاق ساندۇقىغا سولاپ قويغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
بوئىننىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز-ئارا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلغان ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تۈرمىگە كىرىش خاتىرىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇنىڭغا جازا ئۆلچەش كېسىمىنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
بوئىننىڭ سەۋەنلىكى توررېسنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ ياكى قەستەن نەق مەيداننى ياخشى قىلىپ قارشى تەرەپنى چامادانغا كىرىشكە قىزىقتۇرغانمۇ؟
تورداشلار بۇ بىمەنە «مۆكۈشمەك ئويناپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى»نى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت-قىرغىنچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«ئۇلار نېمىشقا بۇنداق زەھەرلىك ئاشىق-مەشۇقلار مۇناسىۋىتىدىن يىراق تۇرمايدۇ، بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ تۈرمىدە يېتىشتىن كۆپ ئاددىي ئەمەسمۇ؟»
«مەن نەق مەيداندا بولمىساممۇ ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايمەن، لېكىن بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك قالايمىقان. ئەگەر ئۇ راستتىنلا قورقۇپ كەتسە، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى، پۈتۈن ئىش بەك غەلىتە. بۇ بۇرادەر بەك بىچارە ئىكەن، بۇ خىل ئۆلۈش ئۇسۇلى بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن.»
«فىلورىدا شىتاتىدا بىر مىليون خىل ئېچىنىشلىق ئۆلۈم ئۇسۇلى بار، بۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى.»
«ئۇ ئوغۇل دوستىنى ھېلىقى يۈك-تاق ساندۇقىغا كىرىشكە قانداق قىزىقتۇردى ياكى مەجبۇرلىدى؟ بۇ بەك غەلىتە ئىكەن، مەن مۆكۈشمەك دېگەنلەرگە ئىشەنمەيمەن، بۇنىڭ ئىچىدە قانداق غەلىتە سىر بارلىقىنى كىم بىلىدۇ؟»
دېلو يۈز بەرگىنىگە ھازىرغىچە تۆت يىلدىن ئاشتى. بوئېن توختىماي ئادۋۇكات ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە يېڭى ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، دېلونى سوت قىلىش قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى فىلورىدا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بوئېننى 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم قىلغان، سوت نەتىجىسى 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.
بوئىننىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىنى قانداق سوتلاشنى تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىشى كېرەك، ئەمما بۇ خىل پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىدىن قانداق ساقلىنىش ئۈچۈن، ھېسسىيات جەھەتتە تۇراقسىز قالغاندا زىياننى ۋاقتىدا توختىتىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش تېخىمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ.