ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى

文摘   2024-11-05 18:56   新疆  
ما شۆلياڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ گۈزەل مۇھىتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پېڭ دەننى) 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ گۈزەل مۇھىتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: قىزىليۇلتۇز تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جاي كەنتىدىكى چىڭچۇ يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتىدا، ما شۆلياڭ شاخ - شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جۇ فۇپىڭ فوتوسى


ما شۆلياڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قىزىليۇلتۇز تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جاي كەنتىدىكى چىڭچۇ يەم ـ خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى، يار بازىرىنىڭ لۈزۈن كەنتى، تۇرپان جياڭمېي كان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش چەكلىك شىركىتى، تۇرپان شەھەرلىك تيەندى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز قويۇپ بېرىشىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ قارا ئىس چىقارغان ئاپتوموبىللارنى سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسى، مۇنار(سۇگۇڭتا) مەھەللىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، تۇرپان تيەنخۇڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شاخ ـ شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، پارچە كۆمۈر كۆيدۈرۈشنى تۈزەش، ئاپتوموبىلدىن چىققان گازنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتى دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۇرپاننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىققەتنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «كۆمۈرنى تىزگىنلەش»، «كۆيدۈرۈشنى تىزگىنلەش»، «چاڭ - توزاننى تىزگىنلەش»، «ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش»، «قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش»، «ماينى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت ئالتە ئاچقۇچلۇق نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى توغرا ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر كىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىگىلەپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن يەنلىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章