سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئەرەنچە ياسىنىپ ئەينى يىلى ئاياللارنى رەت قىلىدىغان سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىنى ئالدىۋەتكەن ئايالئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:ئەگەر سىزدىن بۇ جەمئىيەت قايسى يىلىدىن باشلاپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلىپ قالغان دەپ سورالسا، سىز قايسى يىلى دەپ جاۋاب بېرىسىز؟ بەزىلەر 1946-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرون كومپيۇتېر دۇنياغا كەلگەن كۈن دېيىشى مۇمكىن.بەزىلەر 2007-يىلى ئالما شىركىتى تۇنجى ئەۋلاد ئالما (iPhone) تېلىفوننى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئالاقە ئىشلىرى، مۇناسىۋەت ھەتتا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى، دەپ قارىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر 1991-يىلى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەن. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتكەن، ئىنتېرنېت تورى دۇنياغا كېلىپ، ئالاقە تورىنىڭ كەلگۈسىگە ئېنىقلىما بېرىلگەن. «Linux» سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى كېيىنكى ئاندىرويىدقا مەۋجۇتلۇق ئاساسى ئاتا قىلغان دېگەندەك.بۇ يىل ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان مەلۇم بىر بۇلۇڭدا، ئۈن-تىنسىز ھالدا بىر چوڭ ئىش يۈز بەرگەن. بۇ ئىشنىڭ سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، لېكىن بۇ چەمبىرەكتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن. يەنى بۇ يىل، ئەنگىلىيە سېھىرگەرلىك چەمبىرىكى ئايال سېھىرگەرلەرنى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئاتالمىش «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» پۈتكۈل سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىنى كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيەدىكى بىر قەدىمىي سېھرىگەرلەر جەمئىيىتى بولغان «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نى كۆرسىتىدىكەن.«سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» 1905-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سىناقلىرى ئىنتايىن تەس ئىكەن، ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار يا سېھىرگەرلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتىشى، يا مەلۇم سېھىرگەرلىك تۈرىگە ئائىت ئىلمىي ماقالە يېزىشى كېرەك ئىكەن.يۇقىرىقى باھالاشتىن ئۆتكەن ھالەتتىمۇ، پەقەت تۇنجى قەدەمنى باسقان ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ سىزنىڭ «چەمبىرەككە كىرىش» سالاھىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلسىمۇ، ئەمما سىز يەنىلا «تاشقى ئەزا» ھېسابلىنىدىكەنسىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، سىز تېخىمۇ كۆپ سىناقلاردىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشسىڭىز، ئاندىن «سېھىرگەرلىك چەمبىرىكىنىڭ كاندىدات ئىچكى ئەزاسى»غا ئايلىنالايدىكەنسىز، مۇشۇ ئۆلچەمدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەندە، ئاندىن ھەقىقىي «ئىچكى ئەزا» بولغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى ئەزا 300 نەپەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئادەم تولۇق بولسا، سىز يېتەرلىك سالاھىيەتكە ئېرىشكەن بولسىڭىزمۇ، يەنە داۋاملىق ئۆچرەتتە تۇرۇشىڭىز كېرەك ئىكەن.ھازىرقى سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىنىڭ ئورگان تورى.بۇنداق قاتتىق تەلەپ بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كەسىپ قائىدىسىنىڭ بولغانلىقىدا بولۇپ، سېھرىگەرلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ قائىدىسى بولسا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىكەن.قاتمۇقات سىناقلاردىن ئۆتمىگەندە، سىز مەلۇم بىر سېھرىگەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، شۇ ئارقىلىق خەقنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويامسىز كىم بىلىدۇ.شۇڭا «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن بىرى «indocilis privata loqui» بولۇپ، ئاساسەن «ھەرگىز ئاسانلىقچە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەزالار ھەقىقىي سېھىرگەرلىك شاگىرتى بولمىسىلا، مەخپىيەتلىكنى قەستەن ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىدىكەن، بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىدىن چىقىرۋىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.گېپىمىزگە كەلسەك، بەزىلەر JK روۋلىڭ «خاررىي پوتتېر»نىڭ سېھرىي كۈچىنى تەسۋىرلىگەندە، مەلۇم دەرىجىدە «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نىڭ قائىدىسىدىن پايدىلانغان، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممىسى ئەنگىلىيىنىڭ، سېھرىي كۈچىمۇ ئالاھىدە، دەپ قارايدىكەن.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش سەۋەبى ۋە ئەينى چاغدىكى ئېقىم سەۋەبىدىن، «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» ئايال ئەزالارنى قوبۇل قىلمىغان، سەۋەبى بولسا ئۇلار ئاياللارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ ئېنىقلا ئايال سېھرىگەرلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان.1972-يىلى ئايال سېھرىگەر دېيانى ماتتتۋس «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» باش ئىشتابىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۈستى كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ لىپتىكىنى كۆيدۈرۈپ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەينى يىللاردىكى سېھىرگەرلىك كەسپى بىلەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان تىياتىر، شياڭشېڭ، ئەلنەغمە كەسپى ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «كەسىپ توسۇقى ناھايىتى يۇقىرى» ئىكەن، ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ ئۇستازىڭىز بولمىسا، سىز ھېچقانداق نەرسىنى بىر باشقا ئىچىقالمايسىز، بەنزىدىكى «رول» بولمىسا، سىزنىڭ بېلەت ساتمىقىڭىزمۇ تەسكە توختايدۇ. ئەينى يىلى دىئانې 23 ياشتا بولۇپ، كۇلۇب ۋە تانسىخانىدا ئويۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن، ئۇ ساپ سېھرىگەرلىكنى ئورۇندىيالمايدىغان بولۇپ، پەقەت سېھىرگەرلىك بىلەن ئۇسسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن نومۇرلارنىلا ئورۇندىيالايدىكەن.ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسا «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە كىرىش، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان سېھرىگەرلىكنى ئۆگىنەلەيدىكەن، ئەزا بولغاندىن كېيىن بېلەت ساتسىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدىكەن. قىسقىسى، ئۇنىڭ لىپتىكىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغان، لېكىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانمۇ بولغان.ئەينى يىلى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دە بۇ ئىش ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تېمىسى «دېئانىنىڭ بىر قېتىملىق سېھىرگەرلىك ئويۇنى» ئىكەن. «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «بىز دېئانىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، بەلكىم ئۇنىڭ چەمبىرىكىمىزگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن بىز ئاياللارنىڭ چەمبەرنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىشىگە يول قويمايمىز. بۇ نۇقتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس».«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تېخىمۇ كۆپ سېھرىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى داۋىد نىكسون ئىسىملىك بىر سېھرىگەرنىڭ ئۇنىڭ چەمبىرەككە كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنە بىر غەلىتە چاقچاق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان: «ئۇ كېيىن لىپتىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرەلىدىمۇ؟ ئۇ ئالدى بىلەن بىرەيلەننى تېپىپ لىپتىككە ئىمزا قويدۇرۇشى، كۆيدۈرگەندىن كېيىن سومكىسىدىن بۇزۇلمىغان ئىمزالىق لىپتىكنى چىقىرالىشى كېرەك».بۇ ھېكايە ناھايىتى تېزلا پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ھەتتا ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى «ئىندىياناپولىس يۇلتۇز گېزىتى»گىمۇ تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە دېيانىنىڭ يەنە بىر قېتىم «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ بار ئىكەن، ئەمما بۇ قېتىم «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نىڭ جاۋابى تېخىمۇ كەسكىن بولغان: «كەچۈرۈڭ، لېكىن بىز ئاياللار مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالمايدۇ، دەپ قارايمىز».شۇ چاغدىكى «شەنبىلىك قىزىقارلىق خەۋەرلەر».كېيىنكى ئايغا كەلگەندە، بۇ ھېكايىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، «شەنبىلىك قىزىقارلىق خەۋەرلەر» ژۇرنىلى بۇ ھېكايىنى مۇقاۋا قىلىپ، توپتوغرا ئىككى بەتنى ئىگىلىگەن. لېكىن يەنىلا ئوخشاش، دېيانى «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە كىرەلمىگەن. شۇڭا ئۇنى مەغلۇپ بولدى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دېيىشكە بولىدىكەن.مەغلۇبىيەت روشەن ھالدا ئۇنىڭ سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىگە كىرەلمىگەنلىكى بولغان. مۇۋەپپەقىيەت بولسا ئۇنىڭ كېيىمىنى سىلىش ئارقىلىق نامىنى تاراتقانلىقى بولغان، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ ئىشنىڭ قانداقتۇر شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېمەك تەس.بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى مۇنداق بولغان:ئىككى يىلدىن كېيىن، دېئانى بىر پۇلدار، 41 ياشلىق سۇغۇرتا ۋاستىچىسى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇ تەخمىنەن 25 ياشتا ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سېھىرگەرلەر بىلەن بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان، ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» ئاخىرى 1991-يىلى دېيانى ۋەقەسىدىن كېيىنكى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئايال ئەزالارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىلى 10-ئايدا سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، نەتىجىدە %75 ئەزا ئايال سېھرىگەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى قوللىغان. ئەنگىلىيە سېھرىگەرلىكى ئاخىرى ئۆزگەرگەن، بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان بىر ھەپتىدە، ئۇلار ئاخىرى بىر ئايال سېھرىگەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغانلىقىنى بايقىغان.تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى، سېھىرگەرلىك چەمبىرىكىدە ئۆزىنى رايموند لويد (Raymond Lloyd) دەپ ئاتىۋالغان بىر يېڭى يۇلتۇز پەيدا بولغان. ئۇنىڭ سېھىرگەرلىك ماھارىتى بەش فوندستېرلىڭ پۇلنى لاۋۇلداپ كۆيدۈرۈپ، ئاندىن ئۇ قەيەردىندۇر بۇ پۇلنى ئۆزگەرتىپ چىقىرالايدىكەن. ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېھىرگەرلىك بولسا بىر «گەپ قىلالايدىغان غەلىتە مەخلۇق»نى قول سومكىسىدىن چىقىرىپ، تاماشىبىنلارغا قاراپ ھۆركىرىتىش ئىكەن. رايموند لويد سىپايە، ئورۇق، يۇمىلاق كۆزلۈك بولۇپ، ناھايىتى كېلىشكەن، بىر قاراشقىلا «سېھرىگەر پۇرىقى» چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، لېكىن بويى ئېگىز ئەمەس ئىكەن. 20 مىنۇتلۇق «چەمبىرەككە كىرىش» سىنىقىدىن كېيىن، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە قوبۇل قىلىنغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە باھالىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى رايموندنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يالغان ئىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ئىسمىنىڭ سوفىي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇ «رايموند» ئەمەس، بەلكى «سوفىي» ئىكەن.بۇ ساھەگە كىرىشتىن بۇرۇن، سوفىي سېھىرگەرلىكنى ئانچە بىلمەيدىغان بولۇپ، كېيىن ئۇ يەنە بىر ئايال سېھىرگەردىن سېھىرگەرلىكنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ مۇئەللىمى ئەسلىدە ئۆزى «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان، لېكىن كېيىن سوفىينىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سوفىينى قوشۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا سېھىرگەرلىك ئۆگەتكەن. ئىككىيلەن مەخپىي ھەمكارلىشىپ، رايموندنىڭ رولىنى ياراتقان. بۇ بوي ئېگىزلىكى 157 بولغان 18 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ساقىلى تەكشى ئۆسمىگەن، ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ ئۈستىدە پەقەت سۇس تىۋىت بار ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن رايموند بىلەن خاررىي پوتتېرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوخشاشلىقى بار دەپ قارالغان، خاررىي 1997-يىلى روۋلىڭنىڭ كىتابىدا پەيدا بولغان.قىسقىسى، سوفىينىڭ ئەرەنچە ياسىنىشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەتتا ئىمتىھان ئالغۇچى بىلەن بىر يېرىم سائەت ھاراق ئىچكەن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن قىلچە گۇمانلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر يېرىم يىل ئۇلارغا ئارىلىشىپ يۈرگەن. تاكى 1991-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» ئاخىرى ئايال سېھرىگەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندا، سوفىي ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يالغان چاچ ۋە كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ كىشىلەرگە مۇنداق دېگەن: «ئايال سېھرىگەر بۇرۇنلا سىلەرگە كىرىشىپ كەتكەن، مانا بۇ مېنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەرلىكىم».سوفىينىڭ ھەقىقىي قىياپىتى.«سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ناھايىتى تېزلا «قەستەن ئالدامچىلىق قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ سوفىينى چەمبىرەكتىن قوغلاپ چىقارغان، يەنە تېخى سوفىينى سوتقا ئەرز قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالغان، لېكىن سېھىرگەرلىك «قەستەن ئالدامچىلىق قىلىش» ئەمەسمۇ؟ چەمبىرەكنىڭ پەخرىي كاتىپى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى قارا يۇمۇر ۋە مەسخىرىلەرنى ھېس قىلمىغاندەك قىلغان، ھەمدە «مۇھاپىزەت گېزىتى»دە ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق باھا بەرمەيمەن، ئەگەر سىز بۇنى بەك مەنىلىك دەپ قارىسىڭىز، ناھايىتى ياخشى، ئۇ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز».سوفىي كانادا رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىك دۇنياسىدىن زېرىككەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ كەچۈرمىش مېنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈردى». سوفىيمۇ دېئانىغا ئوخشاش كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىنى قايتا تاپقىلى بولمىغان. ھازىر يەنە 30 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، دەۋر ئاللىقاچان باشقىچە بولۇپ كەتكەن.ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە بىرەر جەمئىيەت «ئاياللارنىڭ كىرىشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دەپ ئوچۇقتىن-ئوچۇق جار سالسا، ئۇ ناھايىتى تېزلا تىل-ھاقارەتكە قالىدىكەن.«سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سوفىينى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان. «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»نىڭ رەئىسى مارۋىن بېرگلاس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىزنىڭ ئىمتىھان تەرتىپىمىز بارلىق سېھىرگەرلىك جەمئىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ قاتتىق، ئۈچ باھالاش كومىتېتى سېھىرگەرنىڭ ئۇسۇلى، ئورۇنداش ماھارىتى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئاساسەن نومۇر قويىدۇ. شۇڭا، سوفىي سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئىنتايىن ياخشى سېھىرگەر بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە، ئۇمۇ ئەڭ ياخشى ئارتىس ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ قايتىدىن قاتناشماقچى بولسا، ھەر قانداق سىناقتىن ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق».سوفىينىڭ ئەرەنچە ياسانغاندىكى سېلىشتۇرمىسى.ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «30 نەچچە يىل ئىلگىرى، سابىق رەئىسنىڭ ئۇنى قوغلاپ چىقىرىشى بىر ئەدەپسىزلىك، مەن خاتالىقنى تۈزىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز راستتىنلا سوفىينى تاپماقچى، ئۇنىڭ بىزنىڭ چەمبىرىكىمىزگە قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز».لېكىن ناھايىتى ئەپسۇس، سوفىينىڭ ئىز-دېرىكىنى ئاللىقاچان ھېچكىم بىلەلمىگەن. سوفىينىڭ ئەينى يىلىدىكى مۇئەللىمى 2004-يىلى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان، ئۇ ئەزەلدىن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭ زادى نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى ئىزچىل تۈردە ئاياللارغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، ھەمدە 2021~2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى ئايال رەئىسنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، لېكىن 1700 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە، يەنىلا پەقەت 90 نەپەرلا ئايال بار ئىكەن.سېھرىگەرلەر چەمبىرىكىنىڭ تۇنجى ئايال رەئىسى لاۋرا لوندون.يەنە بىر تەرەپتىن، سېھىرگەرلىك بىر كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، كوچىلاردا ئويۇن قويۇش، تىياتىرخانىلاردا ئويۇن قويۇش دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن. ھازىر توردا سېھرىگەرلىكنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ۋىدېيولار ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى» ئوتتۇرىغا قويغان «ھەرگىز ئاسانلىقچە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماسلىق» بەلكىم ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بەزى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويسىلا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىكەن. سوفىي راستىنلا «سېھرىگەرلەر چەمبىرىكى»گە قايتىپ كەلگەن ھالەتتىمۇ، سېھرىگەرلىكنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەنگە ئوخشاپ قالغان.ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552