توي ۋە سۇيقەست 🧡 54-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم تولۇق)

文摘   2024-07-16 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
54-قىسىم

ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. ئاپام قولۇمغا ئېسىلدى.

- توختا. مەن قاراپ باقاي.

ئاپام ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ مېنى مۆكىۋېلىشكە بۇيرىدى. مەن ياندىكى ئاپامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىدىم. سىرتتىكى ئاۋاز تولۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

- ئاپا. ئۇ كەلدىمۇ؟

- ياق. كەلمىدى. نېمە ئىشىڭىز بار؟، ئۇ يوق ئىچىگە كىرىپ نېمە قىلىسىز؟

-ئاپا. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي. قىزىڭىزنى مەن بىلەن ئاجراشتۇرۇشقا ئۇنىغۇزۇڭ.

- ئالدىنقى قېتىممۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدىڭىز، نېمىشقا بۇ قېتىممۇ بۇنداق دەيسىز، بىر ئانىغا بۇنداق گەپ قىلسىڭىز ئېغىر كېلىدىغىنىنى بىلمەمسىز.

- بىلىمەن. لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوق، ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت يوق.

- بۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ ئىشنى ئىككىڭلار باشلىغان، ماڭا دېسىڭىزمۇ بىكار.

- ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي. سىزمۇ ئۇنىڭ ئازاب تارتىشىنى خالىمايسىز.

- قىزىق گەپ. بۇ چوقۇم قىزىڭىزنى ئازابلايمەن دېگەنلا گەپقۇ.

- مۇھەببەت يوق ئۆيدە ئازابتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ، ئىككىمىز بۇرۇن بالا ئۈچۈن بىرگە تۇرغان ھازىر بالا يوق بولدى. ئارىمىزدىكى بىردىنبىر زەنجىرمۇ ئۈزۈلدى.

- شۇڭا قىزىمنى پەقەت تۇغۇش ئۈچۈنلا ئالغانمۇ؟!

-شۇنداق. ئارىمىزدىكى توختامنى سىزمۇ بىلىسىز، توختامنى ئۇزارتىشىمىز پەقەت بالا ئۈچۈنلا ئىدى. بالا يوق بولدى، ھازىر ئاجراشساق تامامەن بولدى.

- سىز زادى قىزىمنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز، خالىغاندا ئۆيگە ئەكېلىپ باشقىلارغا كۆرسىتىپ خالىغاندا ھەيدىۋېتىدىغان.

- بۇنى قىزىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلغان، مەندىن كۆرسىڭىز بولمايدۇ.

- شۇڭا مەقسىدىڭىز نېمە؟!

- باشقا مەقسىدىم يوق. ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشساملا بولدى.

-بالا چۈشۈپ بولغۇچە ئاجىز ئايالنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋالدىڭىز، چىقىرىۋېلىپ سالامەتلىكىڭ قانداق دېمەي يەنە ئاجرىشىشقا زورلاۋاتىسىز، سىزدە ئادىمىيلىك بارمۇ يوق؟

- بالا كىچىك چۈشۈپ كەتتى، تەسىرى ئۇنچە چوڭ ئەمەس.

- شۇڭا. بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن بىر پارچە گۆش ئاجراپ كەتسە سىز ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس شۇنداقمۇ؟!

- مەن تارتقان زىيانغا پۇل بېرەي دېدىم.

- پۇل بىلەن ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ، ئايال كىشىنىڭ بويىدىن ئاجرىسا تېنى يېرىملىشىدۇ. بۇنى بىلەمسىز؟

- ئۇ نەچچە كۈن ئارام ئالدى. مېنىڭچە خېلى ئەسلىگە كېلىپ قالدى.

- سىز راستىنلا دەسلەپتە تونىغان ھېلى ياخشى كۈيئوغۇلغا ئوخشىماي قالدىڭىز.

-مەن ئۆزگىرىپ كەتكىنىم يوق. ھېسسىيات بىلەن ھەمكارلىق ئايرىم نەرسە، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم راست، لېكىن قىزىڭىز بىلەن ئارىمىزدىكى پەقەت ھەمكارلىق .

-دادىڭىزغا، نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز دېمەي. كەچكىچە قىزىمنى مەجبۇرلايسىز.

- دادامغا دېدىم. ئۇ ئاجرىشىپ كەتسەڭ مىراس ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىسەن دەپ تۇرىۋالدى.

-بۇ سىز بىلەن دادىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىشكەن. قىزىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

- پەقەت قىزىڭىزلا دادامنى گەپكە كىرگۈزەلەيدۇ. دادام ھازىر مەندىن بەكرەك قىزىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.

 - بولىدۇ. قىزىم سىزدىن ئاجراشسۇن. ئەمىسە مىراس ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىڭ.

- مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن. ئۇ مېنىڭ دادامنىڭ بايلىقى.

- نەپسىڭىز نېمانچە يوغان. قىزىمدىنمۇ ئاجرىشىپ بايلىققىمۇ ئېرىشمەكچىمۇ؟

- ئۇ ئەسلىمۇ ماڭا تەئەللۇق نەرسە، قىزىڭىزغا كەلسەك، ئۇ توختامغا خىلاپلىق قىلدى، بالىنى چۈشۈرىۋەتتى.

- قىزىم ئۆزى بېرىپ چۈشۈرىۋەتتىمۇ ياكى سىزنىڭ ئاۋۇ ئاپىڭىز قەستەن ئادەم قىيناپ چۈشۈرىۋەتتىمۇ؟

- قىزىڭىز ئۆزى بۇ ئىشنى تېرىدى. مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماسلىقنى ئېيتقان.

- ھاھا، خاتالىق بولسا ھەممىسى مېنىڭ قىزىمدىن ئۆتىدۇ شۇنداقمۇ؟!

- ئاپا، سىز بىلەن تالاشقۇم يوق، قىزىڭىزغا سىز نەسىھەت قىلالايسىز، سىزمۇ ئۇنىڭ ئازابلىنىشىنى خالىمايسىز، ئۇنىڭغا دەڭ ئاجرىشىشقا قوشۇلسۇن. دادامغا ھوقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلىماسلىقنى ئېيتسۇن.

- مېنى ئاپا دېمەڭ، مەن سىزدەك ئادەمنىڭ ئاپا دەپ چاقىرىشىنى خالىمايمەن.

- بولىدۇ. مېنى كەچۈرۈڭ، قىزىڭىزنىڭ ئازابتا ياشىشىنى خالىمىسىڭىز، ئۇنى بىزنىڭ ئۆيدىن ئېلىپ كېتىڭ.

ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىدىن يولدىشىمنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ مېھمانخانا ئۆيدىكى يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئاپامنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- مېنى كەچۈر ئاپا، مېنىڭ دەستىمدىن ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدىڭ.

- ئۇنى بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمىغانتىم.

- مەنمۇ شۇنداق. ئۇ دوستۇمنىڭ دوستى بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، قىزنىڭ بويىدا باركەن.

- ئۇنىڭ شۇنچە ئالدىرىشى بىكار ئەمەسكەندە.

_-شۇنداق. بەلكىم ئۇ قىز بۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە ئالدىراۋاتقاندۇ، خىيالىدا باي ھەم كېلىشكەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ، باي ئائىلىگە كېلىن بولىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدى بولغاي.

- داداڭغا دېدىڭمۇ؟

- دېگەن. ئۇ پەقەت مېنىڭ بالامنىلا ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى دېدى.

- بۇ بالا دادىسىغا ئۆز بولمىغان بىلەن، ئۇنى كىيىپلا چوڭ بوپتۇ.

- بەلكىم ئادەمنىڭ پۇلى كۆپ بولغاندا باشقىلارنىڭ ئىززىتى بىلەن كارى بولمايدىغاندۇ.

ئاپام بېشىمنى سىيلىدى.

- بىچارە قىزىم. مېنىڭ دەستىمدىن ئاجايىپ كۈنلەرنى كۆرىۋاتىسەن.

- سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئاپا، بۇ ئۆزۈم تاللىغان يول.

- مەن ساڭا يېتەرلىك مۇھەببەت ياكى شارائىت بېرەلىگەن بولسام. يۈرىكىڭ توق چوڭ بولغان بولاتتىڭ، مۇھەببەتنى باشقىلاردىن ئىزدىمىگەن بولاتتىڭ.

- ئاپا، سەن ھېلىمۇ ماڭا يېتەرلىك مۇھەببەت بەردىڭ. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا سەن مېنى يېنىڭدا ئېلىپ يۈرمىگەن بولساڭ، ئۇ ئائىلىدە خورلۇق تارتىشىم ياكى باشقىلارنىڭ قولىدا بېقىلىشىم مۇمكىن ئىدى.

ئاپام مېنى قۇچاغلىدى.

- مەندەك بەختسىز بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.

- مەنمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم ئاپا، بەك كۆپ ئىشلار بولۇپ كەتتى. تېگى يوق بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن، قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم، ئاجرىشىپ كەتسەم ئۇ ھېلىقى قىزنى ئالىدۇ. دادامنىڭ بايلىقى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ئىككى ئادەمنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاجراشمىسام يولدىشىم ھەركۈنى مېنى ئازابلايدۇ.

- راستىمنى دېسەم داداڭ مۇشۇ گەپنى قىلغاندا مەن شەخسىيەتچىلىك بىلەن سېنى كىچىكىدە ئېرىشەلمىگەن مېھىر ۋە شارائىتقا ئېرىشسۇن دەپ ئويلىغان. شۇڭا بۇ گەپنى ساڭا دېمىگەنتىم.

- بىلىمەن ئاپا، ھەرقانداق تاللاشنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ.

- لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ قارارىڭغا ھۆرمەت قىلىمەن، ئەگەر ئاجرىشىش سېنى تېخىمۇ ئازادە قىلسا، ئاجرىشىپ كەتكىن، بۇ بايلىق ئەسلىمۇ بىزنىڭ ئەمەس، سورۇلۇپ تۈگىسىمۇ ئۇ داداڭنىڭ جازاسى.

- بىلەمسەن ئاپا، تۇنجى قېتىم شۇ ئۆيگە بارغاندا، ئۇ مېنى تاغا دېمەي دادا دەپ چاقىرىڭ دېگەندە يۈرىكىم ئېرىپ كەتكەنىدى.دادا دەپ چاقىرغاندا ھاياجانلىنىپ كەتتىم. بۇ باشقىچىلا تۇيغۇكەن، گەرچە ئۇ چاغدا ئۇنى قېيىن ئاتام دەپ ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، مېنى قىزىدەك كۆرىدىغان بىر كىشىنىڭ بولغىنىدىن بەك خوشال بولغانىدىم، كېيىن يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ ئۇنى يەنە تاغا دەپ چاقىردىم، لېكىن شۇنداق دادا دەپ چاقىرغۇم بار ئىدى، يولدىشىمنى خاپا بولارمۇ دەپ قورقتۇم.

ئاپام ياشلىرىمنى سۈرتتى.

- بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆز دادام ئىكەنلىكىنى بىلىپ ساڭا قىلغانلىرىغا نەپرەتلەنگەن بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭمۇ دادىسى بولغانلىقىدىن ھاياجانلاندىم، مېنىڭ ئۆز دادام باركەن، ئەسلى مېنىڭمۇ دادام باركەن.

- يۈرىكىمنىڭ ئەزدىڭغۇ.

- شۇڭا، مەن شەخسىيەتچىلىك قىلسام بولارمۇ؟! مۇشۇ بىر قېتىم، ئۇنىڭ يېنىدا ياشىسام ئۇنىڭغا ئەركىلەپ يۈرىكىمدىكى گەپلىرىمنى دېسەم، ئۇنى دادا دەپ قولتۇقلاپ بازار ئايلانسام، بولامدۇ ئاپا.

- ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بولىدۇ.

- كىچىكىمدە دادىسى بار ساۋاقداشلىرىمغا قاراپ قالاتتىم. دادام زادى كىمدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئۇنىڭ چىرايىنى قىياس قىلاتتىم، لېكىن سەن دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتتى دېگەچكە، ھەرقانچە تىرىشساممۇ ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى.

- مېنى كەچۈر، شۇنداق دېمەي ئامال بولمىدى، داداڭنىڭ كىملىكىنى دېسەم سەن ھازىرقىدىنمۇ بەك ئازابلانغان بولاتتىڭ.

- ئاپا، دادام قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىپتۇ، ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى ماڭا دېدى.

- شۇنداق. ئۇ بۇ ئۆيگە كەلگەندىمۇ شۇنداق دېگەن.

-ئۇنى سەن كەچۈرمىسەڭ مەن توغرا چۈشىنىمەن ئاپا، لېكىن. لېكىن مەن كەچۈرىۋەتسەم بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئۇ مېنىڭ دىلىمغا ئازار بەرگەن ئەر. لېكىن ئۇ يەنىلا سېنىڭ داداڭ.

- ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى دېدى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇم كېلىۋاتىدۇ ئاپا.

- مەيلى. سەن شۇنداق ئويلىغان بولساڭ. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىن.

- مەن ئاجراشمايمەن. دادام بىلەن شۇ ئۆيدە بىرگە ياشايمەن.

- ئۇمۇ ئىختىيارىڭ. لېكىن يولدىشىڭنى قانداق قىلىسەن.

- بۇنى دادام بىلەن مەسلىھەتلىشەي، راستىمنى دېسەم يولدىشىمغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قېلىۋاتىدۇ.

- ئۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. نېمىشقا ئىچىڭ ئاغرىيدۇ.

- ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق. چۈنكى دۈشمىنى بەك كۆپ. شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلىدىكى ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىدۇ.

- بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى. بۇنى دەستەك قىلىپ سېنىڭ دىلىڭغا ئازار بەرسە بولمايدۇ-دە.

- ئىككىمىزنىڭ تويى ئەسلىمۇ ھەمكارلىق ھەم ئويۇن، ئۇ باشتىن تارتىپ ماڭا كۆڭۈل بەرمىگەن، بۇ ئويۇنغا كىرىشىپ كېتىپ ئىشىنىپ قالغىنى ئۆزۈم.

- شۇڭا قانداق قىلاي دەيسەن، ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دەمسەن؟

- ياق. بۇ گەپنى دېسەم ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئاپام دەپ ئويلىغان ئادىمىنىڭ ئۆز ئاپىسى ئەمەسلىكىنى، ھەتتا دادىسىنىڭ ئۆز ئەمەسلىكىنى بىلسە تۈگىشىپ كېتىدۇ.

- ئۇغۇ شۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان بىلەن، ئۇنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىمىسا.

-مەن ھەل قىلاي ئاپا، ئەمدى كاللام سەل ئېچىلىپ قالدى، بۇ ئىشنى مەن ھەل قىلاي.

- قانداق ھەل قىلىسەن، ئاۋۇ قىزنىڭ بالىسىنى چۈشۈرىۋېتەمسەن؟

- ياق. مېنىڭ بالام چۈشۈپ كەتتى. باشقىلارنىڭ بالىسىغا قەست قىلمايمەن.

- ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پىلانلا قىلىۋاتىسەن، بىرەر پىلانىڭ ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.

-ئۇ چاغدا دادام يوق ئىدى. يۈرىكىمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ئىدى، ھازىر دادام بار بولدى، مېنىڭچە ئەمدى پىلانلىرىم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

- بولىدۇ. ئەمىسە ساڭا ئۇتۇق يار بولسۇن.

- ئاپا. دوراڭنى ۋاقتىدا يە. مەندىن ئەنسىرىمە، ئىشىنىمەن. بۇ قېتىم كەلسەم، چوقۇم ساڭا خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن.

- بولىدۇ. مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن. ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ساڭا ئوچۇق.

ئاپام پىشانەمگە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن مېنى يولغا سالدى.

يولدا ماڭغاچ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاۋاتاتتىم.

ئۆزۈمنىڭ يىگىتىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا چىدىماي ئالدىراش توردا بىر ئادەم تاپقىنىمنى، تاپقان ئادىمىمنىڭ توي تەكلىپىمگە قوشۇلغىنىنى، ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىدىن دوستقا، دوستىن يەنە ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلانغىنىمىزنى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بالىلىق بولغاندىكى خوش بولغان ھالىتى يەنە بالا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزگەرگەن ھالىتىنى ئويلاۋاتاتتىم. ئەڭ مۇھىمى ئىزچىل ئۆزۈمنىڭ قېيىن ئاتىسى دەپ قاراپ كەلگەن كىشىنىڭ يولدىشىمنىڭ ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىگە ھەيران قېلىۋاتاتتىم. يۈزۈمنى بوشقىچە چىمداپ قويدۇم. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست ئىدى.

«بوپتۇ، بۇمۇ بىر قىسمەتتۇ. بەلكى بۇ بۇرۇن ئېرىشەلمىگەن دادا مېھرىنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر، بەلكى دادامنىڭ ياشلىقىدا قىلغانلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىدۇر»

ئاستا مېڭىپ داچا ئالدىغا كەلدىم. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن سېلىنىپ يېرىمىغا كېلىپ قالغان كىتاب ئۆيىگە قارىدىم.

_-خېلى تېز پۈتتۈرۈپسىلەر.

- خوجايىن پۇل قوشۇپ بەردى. تېز پۈتتۈرۈپ بېرىڭلار دەيدۇ.

- جاپا چەكتىڭلار.

ئۇلارغا كۈلۈپ قاراپ قويغاندىن كېيىن دادام تۈنۈگۈن ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. توساتتىن مۆرەمگە بىرىنىڭ چېكىشى بىلەن تۇرۇپ كەتتىم. يولدىشىم ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ تۇراتتى.

- نېمىش بولدى؟ ئىشقا بارمىدىڭىزما؟

- نەگە باردىڭىز؟ ئاپىڭىزنىڭكىگە بارسام يوقكەنسىز.

- قانداق؟! قەيەرگە بېرىشىمنى سىز باشقۇرامسىز؟

- دادام بىلەن زادى نېمە دېيىشتىڭىز؟

- مېنى ھەركۈنى بۇنداق قىستىماڭ. سىزگە گەپ قىلغۇم يوق.

ئاستا ئىككىنچى قەۋەتكە قاراپ ماڭدىم.

يولدىشىم مېنى ئىتتىرىپ ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى تاقىدى.

- دادام زادى نېمە دەيدۇ؟! نېمىشقا ئۇنىڭغا گەپنى ئېنىق دېمەيسىز.

- مەن ئېنىق دېدىم. ئۇ قوشۇلمىدى. ئەمدى بۇ گەپنى قايتىدىن تەكرارلىماڭ.

- سىز زادى نېمىش قىلماقچى؟!

ئۇ ياقامدىن بىلىكىمدىن تارتتى. توساتتىن سىرتتىن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

- ۋايجان،..


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章