پېنسىيەگە چىققان كادىرلارخىزمىتى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

文摘   2024-11-05 12:36   新疆  

شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى 2 - قارارلىق پۈتۈن شەھەر بويىچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى راھىلە مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى 2 - قارارلىق پۈتۈن شەھەر بويىچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

پائالىيەت مەيدانى.

تەربىيەلەشتە مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، پېشقەدەم كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق مەزمۇنلار چۆرىدىلىپ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىندى، تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار زېھنىنى يىغىپ، كۆڭلىنى توختىتىپ، پۈتۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلاپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە خاتىرە قالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە نىشان - تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

كۇرسانتلار «فۇرۇڭ - تىيانشان. 8000 خۇنەن قىزىنىڭ تىيانشانغا كېلىشى» تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاپ كۈچ قوشۇش ئارقىلىق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك روھىي قىياپەت بىلەن پۈتۈن شەھەرنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىمىز.
كۇرس مەزگىلىدە، تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار ئىدىقۇت رايونىدىكى دۇڭفاڭخۇڭ جولەن مەدەنىيەت مۇزېيى، «فۇرۇڭ - تىيانشان. 8000 خۇنەن قىزىنىڭ تىيانشانغا كېلىشى» تارىخى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانت زۇلپىيە ئىمىن مۇنداق دېدى: پېشقەدەم كادىرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تەمىناتى ۋە تۇرمۇش تەمىناتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ رولى ۋە تەسىر كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章