ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى

文摘   2024-11-12 18:51   新疆  
ما شۆلياڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ «ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2024 - يىللىق كۈز، قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى تۇرپان يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك
 
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى يەنچياڭ) 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ «ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2024 - يىللىق كۈز، قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ئەستايىدىل تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ما شۆلياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە -  مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، نىشان - ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى - يولى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى يۆنىلىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۈزەل تۇرپان قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ نامايەندە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى تۇرپان يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك.
 ما شۆلياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، سۇ تىزگىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر - يېزىلار ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بولدى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، «ئىناق - گۈزەل، بەختلىك تۇرپان» قۇرۇش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كان گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەش، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئېكولوگىيە – مۇھىت تۈزەشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل توك قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۇرپانچە ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. «ئېكولوگىيە +» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كان گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەش، چۆللىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېكولوگىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «يېشىل قالقان» تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل تۇرپان قۇرۇلۇشىنىڭ ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
قەيسەر قېيۇم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى رايون - ناھىيەلەر، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش» بويىچە تەكشۈرۈش ـ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق ئايرىلغان، ھالقىمۇھالقا باغلانغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش تەشۋىقاتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەم قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئېكولوگىيە - مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىشكە تولۇق سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن شەھەرنىڭ 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، 2024 - يىللىق كۈز، قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شى شياۋخۇا، ۋاڭ فۇجى، ۋېي چېڭ، چېن جاڭجيې، ئۆمەرجان مەمەت، تاڭ خۇڭجيې، شۈ گودۇڭ، ۋاڭ چېڭ، ما جېڭبىن قاتارلىق شەھەر رەھبەرلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)، يېزا (بازار، كوچا باشقارمىسى، مەيدان ) لاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章