زاكىر ياقۇپ: پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، داكار راللى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىمەن
تۇرپان شەھىرى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ليۇ زىئاڭ، ليۇ يۈجيې
2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى» دېيىلىدۇ)نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، داڭلىق موتوسىكلىت ماھىرى زاكىر ياقۇپ ئۆز قەرەلىدە تۇرپانغا كەلدى، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى» مېنىڭ داكار راللى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشىمدىكى مۇھىم بېكىتىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىم.
زاكىر قۇملۇقتا موتوسىكلىت چاپتۇرماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى زاكىر «داخەيداۋ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش پېرسوناژ خالىقنىڭ ئەسلى تىپى، ئۇ 2005 - يىلىدىن باشلاپ مۇسابىقە موتوسىكلىتى ساھەسىدە جانلىنىپ، كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى موتوسىكلىت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىنى 2007 - يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىرغىچە، ئۇ بۇ مۇسابىقىگە 10 نەچچە نۆۋەت قاتناشتى.زاكىرنىڭ قارىشىچە، ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى ئۇنىڭ مۇسابىقە موتوسىكلىتى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئېسىل تائاملىرىنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ يەنە كەچلىك بازار، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئايلىنىشنى پىلانلىدى. داكار راللى مۇسابىقىسىگە تۆت قېتىم قاتناشقان ھەمدە ئاسىيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ساقلاپ كەلگەن جۇڭگو موتوسىكلىت ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىگە قارىتا ئۆزگىچە قارىشى بار، ئۇ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى مۇسابىقىنى تەشكىللەش، ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە خەلقئارا مۇسابىقە ئۆلچىمىگە تەدرىجىي يېقىنلىشىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.«بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم <ئېلېكتىرونلۇق لىنىيە كۆرسەتمىسى> ئىشلىتىلىپ ھەم تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قۇتقۇزۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپچانلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.» زاكىر مۇنداق دېدى: ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ داكار راللى مۇسابىقىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنياۋى مۇسابىقىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.زاكىر ئۆزىنىڭ مۇسابىقە موتوسىكلىتى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زاكىرنىڭ موتوسىكلىت ماھارىتى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۇ يەنە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەدرىجىي ئوقۇتۇشقا يۆتكەپ، شاگىرت تەربىيەلەشنى باشلىدى. ئۇ ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنى شاگىرتلىرىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق لىنىيە كۆرسەتمىسى»نى ئۆگىنىپ، خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىدىكى ياخشى پۇرسەت دەپ قاراپ، بۇ قېتىم يەتتە شاگىرتىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.زاكىر شاگىرتلىرىنىڭ «ئېلېكترونلۇق لىنىيە كۆرسەتمىسى»نى ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى
ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنى ئۆزىنىڭ داكار راللى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇسابىقە لىنىيەسىدىكى شېغىل يول، قۇملۇق ۋە چۆل ـ جەزىرىلەر داكار راللى مۇسابىقىسىنىڭ لىنىيە ئەھۋالى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، موتوسىكلىت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە لىنىيە ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش بولالايدۇ. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، داكار راللى مۇسابىقىسى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىمەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提