سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتى راۋان بولماسلىق، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ باققان، ئەمما 21 ياشلىق ئەنگلىيەلىك كورتنى ئىنھامغا نىسبەتەن، ئۆتكەن سەككىز ئايدا بۇ ھەقىقەتەن بىر مەيدان قورقۇنچلۇق چۈش.ئۇنىڭ قەۋزىيەت ئەھۋالى دەسلەپتىلا سەل قىيىن ئىدى، بۇ يىل 6-ئايدا ئېغىرلىشىپ كەتكەن، بىر قېتىم ھاجەتخانىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا بەك كۈچەپ كېتىپ، «ئۈچىيى چۈشۈپ كېتىدىغان»دەك بولۇپ كەتكەن.كورتنى ئەنگلىيەنىڭ دۇرھام ۋىلايىتىدىكى نيۇتون-ئەيكىلىفتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ بىر سېسترا. ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ ئادەتتە دەم ئېلىشى، يېمەك-ئىچمىكى نورمال بولۇپ، ئەزەلدىن قەۋزىيەت بولۇپ باقمىغان ئىكەن، بەزىدە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم چوڭ تەرەت قىلالايدىكەن.لېكىن سەككىز ئاي ئىلگىرى، كورتنىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، بەزىدە بىر نەچچە كۈن بىر قېتىممۇ ھاجەتخانىغا كىرمىگەن. ئۇ دەسلەپتە بۇ ئەھۋالنى مۇھىم كۆرمەي، تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندەك ھېس قىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سېستىا بولغاچقا، چوڭ مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلمىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە يېمەك-ئىچمەكنى مەخسۇس تەڭشەپ، يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، قارا قەھۋە ۋە لىمون شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچكەن.لېكىن بىر نەچچە كۈن ھاجەتكە چىقمىغانلىقى ئۈچ ھەپتىگە سوزۇلغان. ئۇ ئىلاجىسىز ئىچ سۈرۈش دورىسى ئىچىپ ئۆزىنىڭ تەرەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە باشلىغان. كورتنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن بىمارنىڭ ئۈچىيىنى تازىلايدىغان ئىچ سۈرۈش دورىسىنى ئىشلەتتىم، مېنىڭچە چوقۇم يېنىكلەيتتى» دېگەن.ئەمما ئىچى سۈرۈش دورىسى ئۇنى ناھايىتى ئاز مىقداردا چوڭ تەرەت قىلدۇرغان، لېكىن يىلتىزىدىن ساقايتالمىغان. ئىزچىل داۋاملاشقان قەۋزىيەت ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشىنى ۋە ئېغىر دەرىجىدە كۆڭلى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك مىقدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ، خۇددى بويىدا قالغاندەك بولۇپ قالغان.خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇشمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان، ئەھۋال مۇشۇنداق بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان.كورتنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دەسلەپتە دوختۇرغا كۆرۈنمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلغان، تاكى ئەھۋال ئەڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىگە يېتىپ، «ئۈچىيى چۈشۈپ قالغان»غا قەدەر.بۇ يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كورتنى ھاجەتخانىدا قاتتىق ئازابلىنىپ ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز «پوپ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانغان. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «قورساق قىسمىم قاتتىق ئاغرىدى، مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى بالا تۇغۇش بىلەن ئوخشاش، ئاستىمدا بىر نەرسە تارتىشتى. بىر سۈرتسەم، قەغەزگە چوڭ تەرەت ئەمەس، بەلكى قان چىقتى.»كورتنى ئەينى چاغدا ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، قاندىن باشقا يەنە ئۈچەي يولى توقۇلمىلىرىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى بايقىغان: «مېنىڭ ئۈچىيىم چىقىپ كەتتى، قورققىنىمدىن يېرىم جان بولۇپ، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە باردىم.»ئاخىرى كېسەل كۆرسەتكەندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز قىلىپ دىياگنوز قويۇپ، ئۇنىڭ «تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان.تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش دېگىنىمىز، مەقئەت نەيچىسى، تۈز ئۈچەي ۋە ب شەكىللىك بوغماق ئۈچەينىڭ ئورنى تۆۋەنگە يۆتكىلىپ، مەقئەت سىرتىغا چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. كورتنى ئۆزى ئېيتقاندەك، «ئۈچەي راستتىنلا چۈشۈپ كەتكەن».تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئاز، ئەنگلىيەدە ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 2.5 ئادەم بار بولۇپ، كۆپىنچىسى ياشانغان ئاياللار.جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە، دوختۇر كورتنىنىڭ كۆپىيىش ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچەي يولىغا يىغىلىپ قالغان چوڭ تەرىتىنى بوشىتىپ بەرگەن. بىراق، قەۋزىيەت ئەھۋالى بەك ئۇزۇن داۋاملاشقاچقا، دوختۇر يەنە يېڭى مەسىلىنى بايقىغان.كورتنىغا «مەقئەت يېرىلىش» دەپ دىياگنوز قويۇلغان. مەقئەت يېرىلىش مەقئەت ئەتراپىدىكى تېرە ۋە مەقئەت يولى شىللىق پەردىسىدە يېرىق پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تەرەت قىلغاندا ئاغرىش، تەرەتتىن قان كېلىش، قىچىشىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەقئەت يېرىلىشتىن باشقا، كورتنىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىمۇ زەخىملىنىپ، «نورمال قىسقىرىشقا» ئامالسىز قالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇر ئۇنىڭغا بىۋاسىتە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئوكۇل قىلىپ مۇسكۇللىرىنى بوشاتقان.ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، كورتنى پەقەت كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئالغان. لېكىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككى ھەپتە بولمايلا، ئۇ يەنە جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارغان: «مەن يەنىلا ئېغىر قەۋزىيەت بولۇپ قالدىم، ئاغرىدىم، تاماق يېيەلمىدىم، بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستىدىكى يارا ئېغىزىدىن توختىماي قان ئاقتى.»8-ئايدا كورتنى ئىككىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلالمىغان: «مەن يەنىلا ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم تەرەت قىلدىم، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.»ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا ناچار بولغاندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا «مەقئەت خالتىسى» ئىشلىتىشنى ئويلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن. مەقئەت خالتىسى تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياكى يانپاش-مەقئەت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىمارلار ئىشلىتىدىغان ئاجرالمىلارنى يىغىدىغان داۋالاش ئەسۋابىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كورتنى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن: «مەن ئەمدىلا 21 ياشقا كىردىم، باشقىلار قانداق ئويلايدۇ دەپ يىغلاپ كەتتىم... بۇلار بەك ئېچىنىشلىق، مەن كىيمەكچى بولغان كىيىمنى كىيەلمەيمەن، قاراڭ ھامىلدار بولغىلى ئالتە ئاي بولغاندەك بولۇپ قالغانىدىم.»ئۆزىنىڭ زادى قانداق قىلىپ ساقايغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، كورتنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى تاللىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ 12-ئايدا داۋاملىق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈشنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە تورداشلارغا قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا سەل قارىماسلىقنى، ئۆزىگە ئوخشاش داۋالاشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.دەرۋەقە، تەرەت قىلىش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كورتنى دۇچ كەلگەن «تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش» بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۈچەي يولى مەسىلىسىگە چېتىلغان. شۇڭا بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىزمۇ بىئارام بولغان ۋاقتىڭىزدا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقاڭ، ھەرگىز كەينىگە سۆرىمەڭ.
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340