كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
91 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
92 -قىسىم
92-قىسىم
كەچكى شەپەق كۆرۈنۈپ، دېڭىز ساھىلىدىكى چىراغلارمۇ ياندۇرۇلۇپ، باشقىچە رومانتىك كەيپىيات پەيدا بولدى.
كۆپچىلىك خۇشال - خۇرام ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشتى.
ھەممە يەرنى خۇشال كەيپىيات قاپلىدى.
ئۆمەر مېھمانلارنى كۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇياق-بۇياققا قاراپ مۇيەسسەرنى تاپالمىدى.
- جەسۇر!- دەپ چاقىرىدى ئۆمەر يېقىن ئەتراپتىكى جەسۇرنى كۆرۈپ، تېز قەدەملەر بىلەن كېلىپ، - مۇيەسسەرنى كۆرمىدىڭىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇ كېتىپ قالدى. - دېدى جەسۇر يانچۇقىدىن كونۋېرتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ، - بۇنى ئاچام سىزگە بېرىپ قويۇڭ دېگەن، زىلالە كىيىم ئالماشتۇرماقچى بولغان،مەن ياردەملىشەي، ئالدىرىماي كۆرۈڭ. - دېدى.
ئۆمەر بېشىنى لىڭشىتىپ، قولىدىكى رومكىنى قويدى.
بىر تەرەپتىكى رەڭلىك چىراغنىڭ ئاستىغا بېرىپ، كونۋېرتنى ئاچتى.
پىششىق بىلىدىغان پۇچۇركا بىلەن ئاددىي قىلىپ:
- شۇ يىللاردا سىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە ئىللىقلىقىڭىزنى ئېسىمدە ساقلايمەن، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئادەمنى تېپىپ، بىر ئۆمۈر بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتۈشىڭىزنى تىلەيمەن.
مۇيەسسەر. - دەپ يېزىلغانىدى.
ئۆمەر قولىدىكى خەتكە تىكىلىپ ، خېلى ئۇزاقتىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىكى دېڭىزغا قاراپ ئۇھ تارتتى.
بەزى كىشىلەر مۇۋاپىق بولمىغان ۋاقىتتا ئۇچراشقان بولسا، ئاخىرىغىچە بىللە ماڭالمايدۇ.
گەرچە كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىمنى زورلىيالمايدۇ.
زىلالە مېھمانخانىدا ئەمدىلا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇشىغا، تېلېفونى سايراپ كەتتى.
ئۇ ئېكراندىكى جەسۇرنىڭ تېلېفونىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ تېلېفوننى ئېلىپ:
- ھازىرلا چۈشىمەن. - دېدى.
- بولىدۇ، لىفىت ئېغىزىدا سىزنى ساقلايمەن. - دېدى جەسۇر.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، زىلالە كىچىك سومكىسىنى ئېلىپ، ياتاقتىن چىقىپ لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ياتاقتىن نۇرزات چىقىپ، تېز قەدەم بىلەن لىفىت ئالدىغا كىرىپ، زىلالەنى كۆرۈپ:
- مۇراسىم كىيىمىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن. - دېدى.
زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ ئوڭ قولىنى ئۇزارتىپ:
- رەھمەت سىزگە نۇرزات دوختۇر! - دېدى.
نۇرزات ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
- مەن پەقەت سىزنى ماختاپ قويدۇم، بۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى.
- ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتمىدىم، بەلكى ماڭا بەرگەن سەمىمىي مەسلىھەتىڭىزگە رەھمەت ئېيتماقچى، - دېدى زىلالە ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويۇپ، - ئەگەر سىز ماڭا نەسىھەت قىلمىغان بولسىڭىز، بەلكىم دەماللىققا بېشىم قىزىپ، ئىككى بالىنى ئالدۇرۋەتكەن بولاتتىم. - دېدى.
- ئۇنداق قىلمايتتىڭىز، - دېدى نۇرزات بېشىنى يېنىك چايقاپ، - سىزنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى مېنىڭ نەسىھەتىمدىن ئەمەس، بەلكى كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن خالىمىغانلىقىڭىزدىن . شۇڭا، رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمەلىيەتتە ... مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ياخشى ئەمەس. - دېدى.
- كىم شۇنداق دەيدۇ، سىز ئەسلىدىلا ناھايىتى ياخشى ئادەم، - دېدى زىلالە.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە لىفىت بىرىنچى قەۋەتكە كېلىپ بولدى.
سىرتتا ساقلاپ تۇرغان جەسۇر زىلالەنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلىكىدىن قولتۇقلاپ:
- ماڭايلى، بىللە بارايلى. - دېدى.
ئۈچەيلەن بىرلىكتە زىياپەت نەق مەيدانىغا كەلگەندە، نۇرزات قەستەن بىر نەچچە قەدەم كەينىدە قېلىپ، ئىككىسىنىڭ مېھمان كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىنى يېنىك چايقىدى.
يېنىدىن بىر نەچچە قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ:
- ھەممىسى جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ، بىز بويتاقلارنى تازىمۇ قىينىدى!
- شۇنداق، مەنمۇ قاچان كېلىشكەن يىگىت تاپارمەن.
ـ سىزنىڭچە ئۇلار ئوغۇل دوستىنى قەيەردىن تاپقاندۇ؟ - دېيىشتى.
نۇرزات بېشىنى بۇراپ، ئانچە يىراق بولمىغان دېڭىز ساھىلىدا بىر قىزنىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قۇم ئۈستىگە بىر نەرسە سىزىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى نۇرزات قىزىقىپ.
ئايگۈل ئامالسىزلىق ئىچىدە:
- مەن... ئاپام مېنى ئۇچرىشىشقا ئالدىرىتىپ بەك بىزار قىلدى، - دېدى.
نۇرزات ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ:
- ئېسىمدە قېلىشىچە، سىز زىلالەنىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكى خىزمەتدىشىغۇ دەيمەن، - دېدى.
- ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سورىدى ئايگۈل.
- مەن زىلالەنىڭ دادىسىنىڭ دوختۇرى، ئىسىم نۇرزات. - دېدى نۇرزات ئايگۈلنىڭ يېنىدا يانچە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق بىلەن قاراپ قويۇپ: - كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، مەنمۇ ھەر كۈنى ئاپام تەرىپىدىن قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا مەجبۇرلىنىمەن، ئاپام تېخى بايا ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئەتە قايتىپ كېتىشىمنى ئېيتتى، ماڭا بىر ئىسكىرىپكىچى قىزنى تونۇشتۇرۇپ قويىدىغان بولدى، - دېدى.
- ئاپاممۇ مېنى ئەتىلا قايتىپ كېلىڭ دەيدۇ، ئۇ يەنە كونا ساۋاقدىشىنىڭ دوختۇر ئوغلىنى تونۇشتۇرۇپ قويىدىكەن. شۇڭا ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇردۇم. - دېدى ئايگۈل.
ئۇ سۆزلەۋاتقاندا، تېلېفونى يەنە سايرىدى.
- قاراڭ، - دېدى ئايگۈل تېلېفوننى پۇلاڭلىتىپ، - يەنە قىلدى، رەسىم ئەۋەتىپ بەردىم دەيدۇ، - دېدى.
نۇرزات بېشىنى يانغا بۇراپ، ئايگۈلنىڭ ئېكرانىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ سەل گاڭگىراپ قېلىپ، كۈلۈپ سېلىپ:
- سىز... ئايگۈل بولامسىز؟ - دېدى.
ئايگۈل ئۇنىڭغا تازا بىر سەپسېلىپ قارىۋېتىپ، ئاپىسى ئەۋەتكەن سۈرەتنى ئېچىپ، قاتتىق ئوڭايسىزلىنىپ:
- سىز ... ئاپام گېپىنى قىلغان دوختۇر بولامسىز؟ - دېدى.
ئىككىيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى.
- قارىغاندا ئىككىمىز تەقدىرداش ئىكەنمىز، - دېدى نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ، - قاراڭ، ئاپىڭىز ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغانلىقىمىزنى بىلسا قانداق ئويلار، - دېدى.
- بىلمەيمەن، سىزنىڭ ئاپىڭىزچۇ؟ - دېدى ئايگۈل.
- ئاپام... مېنىڭچە، تەقدىرىڭلار قوشۇلۇپتۇ دېيىشى مۇمكىن، - دېدى نۇرزات كۈلۈپ تۇرۇپ.
- مېنىڭ ئاپاممۇ شۇنداق دېيىشى مۇمكىن، راست گەپنى قىلغاندا، خىزمىتىم بەك ئالدىراش، نەدىمۇ ئۇچرىشىشقا چىققۇدەك ۋاقتىم بولسۇن، - دېدى ئايگۈل.
- سىلەرنىڭ ئۆمەكنىڭ ئىشلىرى بەك ئالدىراشمۇ؟ - دەپ سورىدى نۇرزات.
- ئەلۋەتتە، يېقىندىلا قويىدىغان ئويۇنىمىز بار، توي مۇراسىمىغا كېلىدىغان ئىش بولمىسا، مەشىق قىلىۋاتقان بولاتتۇق، - دېدى ئايگۈل.
- سىز باش ئىسكىرۇپچىمۇ؟ - دەپ سورىدى نۇرزات.
- ياق، يانداش ئىسكىرۇپچى، - دېدى ئايگۈل.
- قالتىس ئىكەنسىز، مەنمۇ كىچىكىمدە ئىسكىرۇپكا ئۆگەنگەن، - دېدى نۇرزات.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى ئايگۈل.
....
ئەسىلىدىنلا قايتىپ بېرىپ ئۇچرىشىشقا چىقىدىغان ئىككى قىز - يىگىت بىلىپ - بىلىنمەي پاراڭلىشىپ قېلىپ، تەبىئىي ئۇچرىشىشقا چىققاندەك بولدى.
- ئايگۈل، كېلىپ تاماق يەۋېلىڭ، - ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى ئۆمەكتە بىللە ئىشلەيدىغان قىز ئۇنى چاقىردى.
- مانا كەلدىم، - دېدى ئايگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ، ئازراق خۇدۈكسىرەش ئىچىدە، - ئۇنداقتا... مەن... قايتىپ كەتتىم، - دېدى.
نۇرزات ئورنىدىن تۇرۇپ:
- بولمىسا... ئۈندىدارنى قوشۇۋالامدۇق؟ - دېدى.
- بولىدۇ، - دېدى ئايگۈل تېلېفونىنى ئېچىپ.
ئايگۈل قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرزات ئايگۈلنىڭ ئۈندىدارىغا قاراپ بېشىنى چايقىدى.
دىر - دىر
تېلېفونى سايرىدى، ئاپىسى يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلغانىدى.
نۇرزات ئايگۈلنىڭ قارىسىدىن قاراپ قويۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باھانە ئىزدەيدىغان ئادەم تۇنجى قېتىم رەت قىلماي:
- بولىدۇ، مەن ئەتە قايتىپ بېرىپ قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە چىقاي، بولامدۇ؟ - دېدى.
بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئەتىدىكى قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە تەقەززا بولۇشى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايگۈلنىڭ ئاپىسىمۇ تېلېفون قىلىپ:
- ئايگۈل، ماڭا قاراڭ، بۇ قېتىمقىسى كونا ساۋاقدىشىمنىڭ ئوغلى، ئۇ بەك كېلىشكەن، بارمىساڭ بولمايدۇ جۇمۇ ! - دېدى.
ئايگۈل يانفونىنى تۇتۇپ، يىراقتىكى دېڭىز ساھىلىنىڭ يۆنىلىشىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدا نۇرزاتنىڭ چىرايى پەيدا بولۇپ:
- ماقۇل، ئۇقتۇم، ئەتىلا قايتىپ بارىمەن، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar