كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
87 | 86 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
88 -قىسىم
88 - قىسىم
خاتىمە (14)
- ياخشى بولدى، سىز... ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىڭىز، مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن... - ئەركىننىڭ ئاۋازى بارا-بارا پەسلەپ، زىلالەنىڭ قولىنى تۇتقان قولى بوشىشىپ ماغدۇرسىزلاندى.
ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېگىز بىر كۆلەڭگىنىڭ تۇرغانلىقىنى غۇۋا كۆردى.
ئەركىن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆزىنى يوغان ئاچتى.
بۇ كۆلەڭگە، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بالىسى جەسۇرغا ئوخشايتى.
چوقۇم خاتا كۆرۈپ قالدى.
جەسۇر ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچ تۇرسا، قانداقسىگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسۇن؟
كۆز ئالدىدىن ھاياتلىقىدىكى ئۆتمۈشلەر خۇددى پانۇستەك چاقناپ ئۆتتى.
ئەركىن كۆڭلىدىكى قىزنى يەنە بىر قېتىم كۆردى، ئۇ قىزنىڭ كۈلكىسى ئادەتتىن تاشقىرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ سەھنىدە تۇرۇپ پىيانىنو چالغاندا، گۈزەللىكى ئادەمنى لال قىلدى.
كۆرۈنۈش ئالمىشىپ، ھېلىقى ھاۋا تۇتۇق يامغۇرلۇق كۈنگە كەلدى.
ئۇ تۇنجى بولۇپ جەسۇرنى كۆردى، ئون نەچچە ياشلىق بالىنىڭ كۆزى ئاپىسىنىڭكىگە ئوخشايتتى.
كۆزى ئاپىسىغا ئوخشاپلا قالماي، مىجەزىمۇ ئاپىسىغا ئوخشاش جاھىل ئىدى.
- مېنىڭ دادام يوق، دادىمۇ كېرەك ئەمەس. -
بۇ جەسۇرنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن بىرىنچى ئېغىز گېپى.
- جەسۇر، كە...چۈر...گىن! -
ئەركىننىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئېغىز گەپنى قىلىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ ياستۇققا ئۆزىنى تاشلىدى.
- دادا، دادا
مۇيەسسەر دادىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
زىلالە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلماي، كەينىگە بۇرۇلۇپ، كېسەلخانىدىن چىقتى.
كارىدورغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى جەسۇر چىرايى تاتارغان ھالدا دېرىزە ئالدىدا تۇراتتى.
زىلالە ئىتتىك كېلىپ ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە بىر قاراپ قويدى.
جەسۇرنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ياكى قايغۇ كۆرۈنمەيتتى، روشەن قىزىرىپ كەتكەن بىر جۈپ كۆز يەنىلا ئۇنىڭ كەيپىياتىغا ساتقىنلىق قىلىۋاتاتتى.
قولىنى سوزۇپ زىلالەنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىدى، زىلالەمۇ ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ بېشىنى مەيدىسىگە قويۇپ، ھېچنېمە دېمىدى، پەقەت قولىنى كۆتۈرۈپ، دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تەسەللىي بەردى.
ئەركىننىڭ دەپنە ئىشلىرى بەش كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈنى، زىلالە بىلەن جەسۇرلا ئەمەس، ئەكبەر ئاكا-سىڭىل ۋە ئۆمەر قاتارلىقلارمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى.
بارلىق تەرتىپ - باسقۇچلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىلالە بىلەن جەسۇر مۇيەسسەرگە ھەمراھ بولۇپ داچىغا قايتىپ كەلدى.
ئۈچەيلەن بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەنلەردىن يەنە ئەركىننىڭ شىركىتىدىكى پايچىكلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى.
شۇنچە چوڭ قورۇ ھازىر جىمجىت بولۇپ، قۇپقۇرۇق كۆرۈندى.
ئادۋوكات نەق مەيداندا ئەركىن قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى، بارلىق مال-مۈلۈك تەقسىماتى ئۇنىڭ ئىشخانىدا ئېلان قىلغىنىغا ئوخشايتتى.
ئوغلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن دادا يەنىلا شىركەتنىڭ %40 پېيىنى جەسۇرغا قالدۇرۇپ كەتتى.
ھېلىقى ئەزەلدىن كۈچلۈك ئەر، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدا چىڭ تۇرۇپتۇ.
ئادۋوكاتنىڭ ئەركىننىڭ ۋەسىيىتىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان جەسۇر تەمكىنلىك بىلەن ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ:
- مەن بۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئەمەس، ئەركىندىن قېپقالغان ھەرقانداق مال-مۈلۈكنىمۇ قوبۇل قىلمايمەن. ماڭا تەۋە بولغان بۇ %40 پاينىڭ ھەممىسىنى مۇيەسسەر خانقىزغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، - دېدى.
مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن نەق مەيداندىكى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.
شۇنچە كۆپ پۇلنى نەق مەيداندىكى پايچىكلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ تاپالمايدىغان پۇل ئىدى.
بىر تىيىنمۇ ئالمامدىكەن؟ !
- جەسۇر! - مۇيەسسەر بېشىنى بۇراپ، ئاتا بىر، ئانا باشقا ئۇكىسىغا قاراپ: - كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، لېكىن بۇ پۈتكۈل شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، دادامنىڭ شىركەتنى سىزگە قالدۇرۇپ كېتىشى، سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن، مەن سىزنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى بۇ ئائىلىدە ئەر كىشىدىن پەقەت سىزلا قالدىڭىز. - دېدى.
- مەن بۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر يەنە سىز بار. - دېدى جەسۇر. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى كۆزلىرىگە ئوخشاش چوڭقۇر بولۇپ، ـ بىلىمەن، سىزدە بۇنچىلىك ئىقتىدار بار. - دېدى.
مۇيەسسەر تېڭىرقاپ قېلىپ:
- مەندە؟ ! - دېدى.
- ئۆزىڭىزنى سەل چاغلىماڭ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، مەن سىزنىڭ ئابلىكىمدىنمۇ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن. - دېدى جەسۇر مۇيەسسەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ، - ئاچا، مەنمۇ سىزگە ياردەم قىلىمەن! - دېدى.
بۇ ئۆيدە تۇرغان ئۈچ يىلدا، مۇيەسسەر ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز ئاچىسىدەك كۆيۈنگەن.
ئۇ چاغدىكى جەسۇر تېخى كىچىك ئىش ئۇقمايتتى.
مۇيەسسەرگە ئەزەلدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان، لېكىن مۇيەسسەر ئەزەلدىن ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايتتى.
ئۇ تاماق يېمىسە، تاماقنى ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ، ئاستا قويۇپ قوياتتى.
سانىيە ھەر قېتىم جەسۇرنى مەسخىرە قىلغاندا، مۇيەسسەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇ تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلاتتى.
شۇنچە چوڭ ئۆيدە جەسۇرغا ئەڭ يېقىن ئادەم مۇيەسسەر دېسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى.
گەرچە ئۇ ئاغزىدا دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە مۇيەسسەرنى راستتىنلا ئاچىسى ئورنىدا كۆرەتتى.
مۇيەسسەر چىداپ تۇرالماي يىغلاپ تاشلىدى.
ئاپىسىدىن تارتىپ ئاكىسىغىچە، ئىزچىل تۈردە ئۇنى يۇقىرىغا يامىشىشتىكى بىر ۋاسىتە دەپ قاراپ كەلگەن.
ئۇنىڭغا ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەم، ئەكسىچە ئۇنىڭ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئەڭ يىراق بولغان جەسۇر بولدى.
- رەھمەت! - دېدى مۇيەسسەر ئاۋازى بوغۇلۇپ، ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، يېنىك قۇچاقلاپ، - رەھمەت سىزگە، جەسۇر! - دېدى.
زىلالە ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەنگە بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى يېنىك سۈرتۈپ، كۆپچىلىككە قاراپ :
- بۈگۈن جاپا چەكتىڭلار، قايتىپ كېتىڭلار! - دېدى.
مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن خوشلاشتى، ئادۋوكات جەسۇرغا ياردەملىشىپ پاي ھوقۇقى كېلىشىمىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، ياردەمچىسىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
ئەمدىلىكتە مېھمانخانىدا پەقەت جەسۇر، مۇيەسسەر ۋە زىلالە ئۈچىسىلا قالدى.
- ئىككىڭلار قېلىپ تاماق يەپ ماڭامسىلەر؟ - مۇيەسسەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى.
- ھاجىتى يوق. - دېدى جەسۇر بېشىنى يېنىك چايقاپ، ـ سىزمۇ بىلىسىز، مەن بۇ يەرنى ياقتۇرمايمەن. - دېدى.
مۇيەسسەر ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئارتۇقچە زورلىماي:
- ئۇنداقتا بوپتۇ، باشقا كۈنى... سىرتقا چىقىپ بىللە تاماق يەيلى. - دېدى.
- چاتاق يوق. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.
جەسۇر پەلەمپەينىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ:
- ئۈستىگە چىقىپ ئۆزۈمنىڭ نەرسىسىدىن ئازراق ئېلىۋالسام بولامدۇ؟ - دېدى.
- ئەلۋەتتە. - دېدى مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ، - بېرىپ ئۆزىڭىز ئېلىۋېلىڭ، - دېدى.
جەسۇر پەلەمپەيگە چىقتى، مۇيەسسەر زىلالەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، كىرىسلۇدا ئولتۇرغۇزۇپ:
- ئەنۋەردىن ئاڭلىسام، دادىڭىز پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن، ئاكىڭىز بىلەن بىللە تۇرامسىز؟ - - دەپ سورىدى.
- شۇنداق، ھازىر يەنىلا بىللە تۇرۇۋاتىمىز. - دېدى زىلالە.
- ئاكىڭىز ئۇ... ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ - دەپ سورىدى مۇيەسسەر.
- يېقىندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تيەننىڭ ئولتۇراق ئۆي تۈرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىراق... روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى. - دېدى زىلالە.
- ئۇنچىلىك بولسا ياخشى. - دېدى مۇيەسسەر بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - ھە راست، جەسۇر ئىككىڭلار توي مۇراسىمىنى قاچان ئۆتكۈزمەكچى؟ - دەپ سورىدى.
زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- بىلمەيمەن. - دېدى.
- مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، چوقۇم ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، ئاچاڭلارغا دېمىسەڭلار بولمايدۇ! - دېدى مۇيەسسەر.
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئەگەر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قالساق، چوقۇم سىزگە باغاق ئەۋەتىمەن، - دېدى زىلالە.
پەلەمپەيدىن جەسۇرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.
بىر قولىدا ئاددىي قوش مۈرىلىك سومكا، يەنە بىر قولىدا كونىراپ كەتكەن ۋاسكېتبول بار ئىدى.
مۇيەسسەر ئورنىدىن تۇرۇپ، پەلەمپەيدىكى جەسۇرغا تىكىلىپ قارىدى، نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ ئۆيگە تۇنجى قېتىم كەلگەن ھېلىقى بالا كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى.
ئۇ چاغدىكى جەسۇر ھازىرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مۇشۇ سومكىسىنى يۈدۈۋالغان، قولتۇقلىۋالغان توپمۇ مۇشۇ توپ ئىدى.
جاھىل بالا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئىزچىل چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ كەلدى.
- ئۇنداقتا بىز ماڭغاچ تۇرايلى. - دېدى زىلالە مۇيەسسەر بىلەن خوشلىشىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ جەسۇرنىڭ قولىدىكى توپنى ئېلىپ، - يۈرۈڭ! - دېدى.
ئىككىيلەن بىللە مۇيەسسەرنىڭ يېنىدىن چىقىپ، داچا رايونىغا قايتىپ كەلدى.
زىلالەنىڭ كونا تۇرالغۇسىدىن ئۆتكەندە، جەسۇر ماشىنىنى توختاتمىدى.
ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- نېمە، كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش بولسا، ئۆيىڭىزنىمۇ تونۇيالماي قالامسىز؟ - دېدى.
جەسۇر گەپ قىلمىدى، پەقەت كۈلۈپ قويۇپ، ماشىنىنى ئوڭغا بۇرىدى، ئاندىن كونا داچىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر داچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى.
ماشىنىدىن چۈشۈپ، زىلالەنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، بىلىكىدىن تۇتۇپ ئاۋايلاپ چۈشۈرۈپ:
- كېلىڭ، يېڭى ئۆيىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar