كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
87 | 86 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
89 -قىسىم
89- قىسىم
سىزنى سۆيىمەن
زىلالە ھەيرانلىق بىلەن بېشىنى بۇراپ:
- سىز... بۇ ئۆينى سېتىۋالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
- بۇنداق بولغاندا، كېيىن دادىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. - دېدى جەسۇر يېنىدىن بىر باغلام ئاچقۇچنى ئېلىپ، قولىغا تۇتقۇزۇپ، ـ ئىشىكنى ئېچىڭ، - دېدى.
ئىلگىرى زىلالە ئىزچىل بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغان.
دادىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى تاپسىمۇ، يەنىلا ئۆزى كۆز - قۇلاق بولمىسا بولمايتتى.
ئەگەر ئۇ جەسۇرنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەتسە، ئارىلىق بەك يىراق، ھەر كۈنى ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرسە، ۋاقىتى يېتىشمەيدۇ.
ئويلىمىغان يەردىن، جەسۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ.
ئىككى يۈرۈش داچا بىر مەھەللىگە جايلاشقان بولۇپ، پىيادە ماڭسا بىر نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە تۇرۇش قولايسىزلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر ۋاقىت دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ.
- بەك ئەتراپلىق ئويلاپسىز. - دېدى زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ جەسۇرنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، مەڭزىگە يېنىك بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
قۇياش نۇرى دېرىزىدىن چۈشۈپ، ھەممە يەرنى تولۇق يورۇتۇپ تۇراتتى.
پۈتۈن داچا يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇسلۇبى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىللىق سەھرا ئۇسلۇبىدا ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆيى بىلەن ئازراق ئوخشىشىپ كېتەتتى.
بىراق، بەزى ئىنچىكە نۇقتىلاردىن يەنىلا لايىھەلىگۈچىنىڭ ئۆزگىچە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
ئىككىنچى قەۋىتى ياتاق ئۆي، ئۈچىنچى قەۋىتى بولسا كىتابخانا ۋە مۇزىكا ئۆيى ئىدى.
مۇزىكا ئۆيىنىڭ سىرتىدا گۈللۈك بار بولۇپ، ھازىر قىش پەسلى بولغاچقا، قىشتىمۇ كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرەخلا بار ئىدى.
بىراق تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ياز كەلگەندە، گۈل-گىياھلار چوقۇم بۈك-باراقسان ئۆسىدۇ.
ئۇ ھەر كۈنى مۇزىكا ئۆيىدە تۇرۇپمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدۇ.
ئىككىيلەن يەنە پەسكە چۈشتى، جەسۇر ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ بېرىپ:
- قانداق، ياقتۇردىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى .
- ھەئە. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ، - ئاددىي ھەم يېقىشلىق، ماڭا بۇنى ئۆزۈم لاھىيەلىدىم دېمەڭ ھە؟ - دېدى.
- مېنىڭ بۇنداق قابىلىيىتىم يوق. - دېدى جەسۇر كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، - بۇنى ئاكىڭىز ئۆزى لايىھەلىگەن، - دېدى.
- ياخشىغۇ! - دېدى زىلالە ئىستاكاننى پەشتاققا قويۇپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ: - ئىككىڭلار بىرلىشىپ مېنى ئالداپسىلەر، - دېدى.
- ئالدامچىلىق ئەمەس، بۇنى تۇيۇقسىز خۇشاللىق بېرىش دەيمىز. - دېدى جەسۇر پەشتاقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئالدىغا كېلىپ، - زىلالە ئىلگىرى مەن سىزگە ھەقىقەتەن نۇرغۇن يالغان گەپ قىلغان، بۇ يالغان گەپلەر سەۋەبىدىن، نەچچە قېتىم خاتا چۈشىنىشىپ ئايرىلىپ كەتتۇق، شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ، ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ... بارلىق راست گەپنىڭ ھەممىنى دەپ بېرىمەن، - دېدى.
- نېمە؟ - دېدى زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، - مەندىن يوشۇرۇنچە يەنە نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر گەپ قىلماي، بۇرۇلۇپلا ئۆزىنىڭ ئەركىن ئائىلىسىدىن ئېلىپ كەلگەن سومكىسىنى ئالدى.
سىيرىتمىنى ئېچىپ، بىر پارچە سىدام سىزما دەپتىرىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى.
- بۇ نېمە؟ - زىلالە گۇمان بىلەن قولىغا ئالدى.
- بۇ مېنىڭ سىدام سىزما دەپتىرىم، ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغان تۇنجى كۈنۈم، ئاپام سوۋغا قىلغان. - دېدى جەسۇر سەل جىددىيلەشكەن ھالدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ، - ئەمدى ئۇنى ئاچسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.
زىلالە ئۇنىڭ سەل جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، گۇمان بىلەن قولىدىكى دەپتەرنى ئاچتى.
بىرىنچى بەتتە بىر قىز بالىنىڭ پورتىرىتى بار ئىدى.
ئۇ ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇزۇن چاچلىرى يەلپۈنۈپ، ئىسكىرۇپكا چېلىپ دۈمبىسىنى قىلىپ تۇراتتى.
رەسىمنىڭ ئاستىغا سەككىز يىل بۇرۇنقى چېسلا يېزىلغانىدى.
كېيىنكى بەتنى ئۆرۈلگەندە، ھەممىسى دېگۈدەك ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان كۆرۈنۈش بولۇپ، بىرسىدىمۇ ئۇدۇل يۈزى سىزىلمىغان، ئوخشاشلا سەككىز يىل بۇرۇنقى چىسىلا يېزىلغان.
زىلالە جەسۇرغا قاراپ قويۇپ، چۈشەنمىگەن ھالدا داۋاملىق كېيىنكى بەتنى ئاچتى.
ئاخىرى، بىر پارچە ئۇدۇل سىدام سىزما پەيدا بولدى.
بۇ... ئۇنىڭ چىرايى ئەمەسمۇ؟
ئۇ سەھنىسىدە تۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئىسكىرۇپكا چېلىۋاتقانىدى.
ئاستىغا 20- XX يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى دەپ يېزىلغان.
- بۇ؟ - دېدى زىلالە.
- مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم دەل مېنىڭ مەكتەپ ئالماشقان تۇنجى كۈنۈم ئىدى، سىز مەكتەپنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىدىڭىز. - دېدى جەسۇر.
0912؟
ئەسلىدە بۇ سان مۇشۇ مەنىدە ئىكەندە.
زىلالە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ:
- سىزغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى مەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- توغرا. - دېدى جەسۇر بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - ئەمەلىيەتتە، بىز تونۇشقىلى سەككىز-توققۇز يىل بولدى. - دېدى.
- بۇ... مۇمكىن ئەمەس، مەن ئىلگىرى سىزنى كۆرۈپ باقمىغان. - دېدى زىلالە.
ئۇنىڭدەك كۆزگە كۆرۈنگەن ئوغۇل بالىنى تونۇغان بولسا، ئېسىدە قالماسلىقى مۇمكىن ئەمەسقۇ؟
- سىز توردا ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن L نى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى جەسۇر.
زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ، ئاخىرى پىخىلداپ كۈلۈپ:
- سىز L بولامسىز؟ - دېدى.
ئۇ چاغدا، زىلالە يىراق ئەلگە چىقىپ مۇزىكا ئۆگەنمەكچى بولغاچقا، ئىنگلىز تىلى ساۋاتىنى چىقارماقچى بولغانىدى.
ئېغىز تىلىنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق توردىن بىر نەچچە تورداش بىلەن ئالاقە قىلغان.
ئۇ توردا L ئىسىملىك بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تونۇشۇپ قالدى، قارشى تەرەپ يىراق ئەلدە چوڭ بولغانلىقىنى، ئەدەبىيات ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقتى، زىلالە ئۇنىڭغا ئەدەبىيات ئۆگەتتى، قارشى تەرەپ ئىنگلىز تىلىدا ئېغىز تىلىنى مەشىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.
- نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز؟ - دېدى زىلالە.
- دېيىشنى ئويلىغان، لېكىن... - دېدى جەسۇر كىرپىكلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، - مەندىن بىزار بولۇشىڭىزدىن قورقتۇم، - دېدى.
ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بۇ تورداش جەسۇرغا ئەڭ چوڭ تەسەللى بولدى.
ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ ئەركىن بىلەن ئۆيگە قايتىشقا ماقۇل بولۇشىدا زىلالەمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنى بىرى ئىدى.
ئۇنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ ئەڭ زۇلمەتلىك مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەن بۇ قىزنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.
مەكتەپ يۆتكىلىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى، بىرىنچى قېتىم زىلالەنى كۆردى.
شۇ چاغدا ئۇ قىزىل كۆينەك كىيىپ سەھنىدە مۇزىكا ئورۇنلىغان بولۇپ،بەكلا گۈزەل كۆرۈندى.
مەكتەپتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.
ئوغۇللارلا ئەمەس، قىزلارمۇ ھەۋەس قىلىشاتتى.
ئۇ چاغدا جەسۇر ئاپىسىدىن ئايرىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنىڭ سىرىنى يەنى ئۈچىنچى شەخستىن بولغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلدى.
زىلالە ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- مەن ئەزەلدىن سىزگە ئۆچ بولۇپ باقمىغان، شۇ چاغدا يوقاپ كەتكەنتىڭىز، خېلى ئۇزۇنغىچە ئازابلاندىم. - دېدى.
جەسۇر ئالىقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ:
- ئەمەلىيەتتە.... سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ، سىزنىڭ ئارزۇيۇم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنتىم، - دېدى.
زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ:
- مەن نەدىمۇ ئۇنداق ياخشى بولاي؟ - دېدى.
- ماڭا نىسبەتەن شۇنداق ياخشى. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، - مەن سىزگە راست گەپنى قىلىشىم كېرەك، ئەمەلىيەتتە شۇنچە يىللاردىن بۇيان مەن ئىزچىل سىزگە دىققەت قىلىپ كەلدىم، ھېلىقى كۈنى سىزنى كۇلۇبقا بېرىپ مېنى ئىزدەشكە تەۋسىيە قىلغان ئادەممۇ مەن. - دېدى.
گەرچە ئۆزى يىراق ئەلدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن.
ھەتتا بىر نەچچە قېتىم ئوغرىلىقچە قايتىپ كېلىپ، ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىپ قايتىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بار.
نۇرغۇن قېتىم، ئۇنىڭ ئالدىدا قايتا پەيدا بولۇشنى ئويلىغان، لېكىن قورقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، يىراقتا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغان.
زىلالەنىڭ ئائىلىسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاخىر قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالىدى.
زىلالە قاتتىق ھەيران قالدى.
ئويلىمىغان يەردىن زۆھرەنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان چاقچىقى راست چىقىپ قالدى دېسە.
جەسۇر راستتىنلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەھەرگە قايتىپ كەپتۇ؟
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar