مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 86-قىسىم_ يوقالسۇن

文摘   小说   2024-11-08 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈ  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

86 -قىسىم

   

 

2-بۆلۈم 86-قىسىم


كۆپچىلىك ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇردى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا مەسئۇل رىياسەتچى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا  سەھنىدىكى مىكروفوننىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - بۈگۈن كەچتىكى تيەننىڭ تۇرالغۇ تۈرىنى قايتا باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ھازىر، تۈر باش مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.  - دېدى.

سەھنە ئاستىدا ئالقىش سادالىرى  ياڭراق بولمىدى.

ئالقىش سادالىرىغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى گۇمان بولدى.

 - نېمە ئۈچۈن ئۇنى باش مەسئۇل قىلىدۇ؟ 

 -  ئالدىنقى قېتىم بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى،  بۇ قېتىم نېمىشقا يەنە ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ.

 - يوقالسۇن! 

ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ، ئاخىرىدا ھەممىسى دېگۈدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا باشلىدى.

جەسۇر بىلەن زىلالە ئەنسىرىگەن ھالدا بۇرۇلۇپ بىر چەتتە تۇرغان ئۆمەرگە قارىدى،  ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى يەنىلا تەمكىن ئىدى.

ئۆمەر ئىككىيلەنگە بېشىنى لىڭشىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە چىقىپ:

 - كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن ئۆمەر، توغرا، ئىلگىرى تيەننىڭ ياتاق بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش دېلوسى بىلەن يېرىم يىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتقان ئۆمەر.   - دېدى ۋە  ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ تىللاۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ:

 - سىلەر مېنىڭ نېمىشقا بۇ تۈرگە مەسئۇل بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىڭلار، مېنىڭ بۇ تۈرگە مەسئۇل بولىدىغان قانداق سالاھىيىتىم بارلىقىنى بىلمەكچى  شۇنداقمۇ؟  - دېدى.

 - شۇنداق، نېمىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىقىسىز؟ 

 -  سىزنىڭ قانداق سالاھىيىتىڭىز بار؟ 

- ئەگەر ياتاق بىناسىدا يەنە چاتاق چىقسا،  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالالامسىز؟ 

كۆپچىلىك بىرى بىر ئېغىزدىن سوئال - سوراقنى ياغدۇرۇۋەتتى.

زىلالە ئەنسىرىگەن ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى.

جەسۇر ئوڭ قولىنى سوزۇپ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

- ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ.  - دېدى.

زىلالە ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

 - ھازىردىن باشلاپ، ئۆينى قايتۇرماقچى بولساڭلار بىر تىيىنمۇ زىيان تارتمايسىلەر! - دېدى ئۆمەر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ،  - ئەگەر ھەرقانداق ئادەم ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا، بىزمۇ دەرھال بېجىرىپ بېرىمىز، -  دېدى. 

بۇ گەپنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى كىشىلەر ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى، بىر قانچىسى يۇقىرى ئاۋازدا:

  

 - گېپىڭىزدە تۇرامسىز؟ 

 - ھازىر ئۆينى قايتۇرساقلا پۇلنى ئالالامدۇق؟  - دەپ سوراشتى.

 - توغرا! - دېدى ئۆمەر تەنتەنىلىك ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ:  - ئەگەر ئۆينى قايتۇرماقچى بولساڭلار، شىركىتىمىز ھېچقانداق شەرت قويماي تولۇق قايتۇرىدۇ.  - دېدى.

-  ئەگەر ... ئۆي ئالماقچى بولساقچۇ؟  - دېدى بىر ئايال ئۆي سېتىۋالغۇچى.

تيەننىڭ ياتاق بىناسى تۈرى، ئىككى يىل بۇرۇن باشلانغان پىلان سىرتىدىكى ئۆي تۈرى.

ھازىرقى ئۆي باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاز دېگەندە يىگىرمە پىرسەنت ئەرزان.

ئۆينىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئاندىن يېڭى ئۆي ئالغان تەقدىردىمۇ، كۆلىمى ئوخشاش يېڭى ئۆي سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس.

كۆپچىلىك ئەلۋەتتە ئۆي ئېلىشقا بەكرەك مايىل.

 - ئەگەر  ماڭا  ۋە تيەننىڭ شىركىتىگە ئىشىنىشنى تاللىساڭلار، ئۇنداقتا... - دېدى  ئۆمەر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چوڭ ئېكراننى كۆرسىتىپ، -  شىركىتىمىز كۆپچىلىككە ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇقلىما بېرىدۇ!  - دېدى.

چوڭ ئېكراندا، دەرھال ئۇ تەييارلاپ قويغان تۆلەم لايىھەسى كۆرۈندى.

- ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئەسلىدىكى كۆلىمى ئاساسىدا 10 كىۋادرات مېتىر چوڭ چىقىدۇ، باھاسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. 

 - يەنى ئەسلىدىكى 70 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بېرىلەمدۇ؟ 

 - ئادەم ئالدىمايدىغاندۇ؟ 

ئوخشاش پۇل بىلەن 10 كىۋادرات مېتىر چوڭ ئۆينى ئالسا، كىممۇ خۇش بولمايدۇ؟

بىراق، ئاسماندىن تۇيۇقسىز قاتلىما چۈشۈشىگە ئىشەنمىگەن كۆپچىلىك بۇنىڭ قىلتاق بولۇپ قېلىشىدىن سەل ئەنسىرەپ قالدى.

- پەقەت سىلەرلا خالىساڭلار،  خىزمەتچىلىرىمىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۆي سېتىۋېلىش توختامىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، مۇناسىپ ماددىلارمۇ توختامغا يېزىلىدۇ. بۇ توختام ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۈجمەل بولۇپ قالغان يېرى بولسا ئەكبەر ئادۋوكات كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. -   دېدى ئۆمەر.

ئەكبەر ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆپچىلىككە قاراپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ:

 - كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن  ئادۋوكات  ئەكبەر.   تۈرلۈك ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، تيەننىڭ ياتاق بىناسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش دېلوسىدا، ئۆمەر ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، شۇڭا نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلدى. ئەگەر يەنە ئۇنىڭغا جىنايەتچى دېگەن  نام يۈكلىنىپ قالسا ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.  - دېدى ۋە  بىر پارچە توختامنى ئېلىپ:

 - بۇ توختامنى مەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،  پۈتۈنلەي قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ھېچقانداق قوشۇمچە شەرت يوق. تيەننىڭ شىركىتىنىڭ  ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل بولىمەن. ئەگەر ھەرقايسىڭلار بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك، قانۇن جەھەتتىكى ئىشلارنى مەندىن ياكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىمىزدىن مەسلىھەت سورىساڭلار بولىدۇ، بىز بارلىق   مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ھەقسىز، ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.  - دېدى.

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، سەھنە ئاستىدىكى نۇرغۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار خۇش بولۇشتى.

ئەكبەر قايتىدىن ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۆمەر داۋاملىق چۈشەندۈرۈپ:

- تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە يېڭى لايىھەنى تونۇشتۇرىمەن، يېڭى تۇرالغۇمىزنىڭ بۇرۇنقىدىن قانداق پەرقى بارلىقىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.  - دېدى.

چوڭ ئېكراندا ئۇنىڭ يېڭى لايىھە ئارگىنالى ۋە ئۈلگە ئۆيى نامايەن قىلىندى.

ئۆمەر چوڭ ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، كۆپچىلىككە ئەستايىدىل چۈشەندۈردى.

كۆكەرتىش نىسبىتىدىن، ئولتۇراق رايوننىڭ تۈرلۈك لايىھەلىرىگىچە

بارلىق مەزمۇنلار ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنىدى.

بۇ ئۆمەر نەچچە كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي لايىھەلىگەن نۇسخا ئىدى.

ئىلگىرىكى ئۆي ۋە مەھەللىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى لايىھە تېخىمۇ ئىلغارلاشقان بولۇپ، بىخەتەرلىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەنىدى.

- پۈتكۈل قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، بىز ھەر كۈنى بارلىق ماتېرىيال، سۈرئەتنى توردا كۆپچىلىككە ئېلان قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا مەسئۇل بولىدۇ.  - دېدى  ئۆمەر 

ئۆمەر سۆز قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى   ئورنىدىن تۇرۇپ:

 - تيەننىڭ ياتاق بىناسى تۈرى خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە تەۋە، بۇ تۈردە مەسىلە كۆرۈلگەندىن بىزمۇ ئامال قىلىپ كۆپچىلىككە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئويلىدۇق. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بىز ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بۇ لايىھەسىنى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئەڭ پايدىلىق لايىھە دەپ قارىدۇق. كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالاقىدار نازارەت قىلىش تارماقلىرىنى ئەۋەتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.  - دېدى.

 - يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بۇ مېنىڭ كۆپچىلىككە بەرگەن ۋەدەم! - دېدى ئۆمەر ئەتراپقا قاراپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، - مەنمۇ كۆپچىلىكنى چۈشىنىمەن، نەچچە يىل، نەچچە ئون يىل يىغقان پۇلىنى چىقىرىشتىكى مەقسىتىڭلارمۇ، ئۆينىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ راھەت بولۇشىنى ئىزدەش. گەرچە سوت مېنى نەق مەيداندا جىنايىتى يوق دەپ ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل. ئىلگىرىكى تۈر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  باشقۇرۇشۇم جايىدا بولمىدى. كەچۈرۈڭلار. - دېدى  ۋە  كەينىگە بىر قەدەم داجىپ كۆپچىلىككە ئېگىلىپ سالام قىلدى.

بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:

 - ئەگەر ماڭا ئىشىنىشنى خالىساڭلار، مەن سىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى، بىخەتەر، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ راھەت ئۆي سېلىپ بېرىمەن!  - دېدى.

جەسۇر بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چالدى.

زىلالە، ئەكبەر،  ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى  ھەممە ئادەم قەددىنى رۇسلاپ، ئۆمەر ئۈچۈن چاۋاك چالدى.

سەھنە ئاستىدىكى ئالقىش سادالىرىمۇ ئاستا-ئاستا ياڭرىدى، دەسلەپتە  تۆت بەش ئادەم بولسا، كېيىن ئاستا-ئاستا كۆپەيدى.

 ئەڭ ئاخىرىدا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ياڭراق سادا پەيدا بولدى.

ئۆمەرنىڭ كۆز چانىقى قىزىرىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆز يېشى قىلىپ:

 - رەھمەت، كۆپچىلىككە رەھمەت!  - دېدى.

ئالقىش سادالىرى بېسىققاندا، جەسۇر مىكروفوننى ئېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا :

 - ھازىردىن باشلاپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە، توختامنى ئۆزگەرتىش رەسمىي باشلىنىدۇ.  تيەننىڭ  شىركىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، بارلىق ئۆي سېتىۋالغۇچىلار پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى توختامنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ، بىز ھېچكىمنى  تەڭلىكتە قويمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا …  - دېدى جەسۇر ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:

 - مەن بۇ يەردە شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمەنكى، بۇ قېتىم تيەننىڭ شىركىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئېھتىياجلىق بولغان   مەبلىغى تولۇق يېتىپ كەلدى، يېرىم ئايدىن كېيىن،   قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلايمىز، بىر يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆينى تاپشۇرىمىز. ئەگەر  قۇرۇلۇش سۈپىتىدە مەسىلە بولسا، تولۇق سومما بويىچە قايتۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئۆينى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىساق، تولۇق پۇلنى قايتۇرىمىز. تيەننىڭ دېگىنىڭنى قىلىدۇ!- دېدى. 

بۇ قېتىم نەق مەيداندىكى بارلىق ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ھاياجانلىنىپ تەنتەنە قىلىشتى.

- مەن توختامنى ئۆزگەرتىمەن. 

 - مەنمۇ ئۆي ئالىمەن! 

 -  يەنە مەنمۇ بار. 

……

زىلالە ئاكىسىغا، ئاندىن يېنىدىكى جەسۇرغا قاراپ، توختىماي ئەنسىز سالغان يۈرىكى ئاخىرى جايىغا چۈشتى.

بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياتاق بىناسىنى قايتا سېلىش مەسىلىسى تولۇق ھەل بولدى.

ئۆمەر بىلەن جەسۇرنىڭ پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

ئۇ ئاكىسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تاپقانلىقىنى شۇنداقلا جەسۇرنىڭ قانداق قىلىپ قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

ھېلىمۇ ياخشى، ئەينى ۋاقىتتا ۋاز كەچمەپتۇ...  

زىلالەمۇ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى!







 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章