كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
1 -قىسىم
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
1- قىسىم
ئەگەر مۇنىرەگە قايتىدىن باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى كەلسە، ئۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇشنى تاللىغان بولاتتى!
- سىز ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىش، ئۆگىنىش پۇرسىتىڭىز بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھەقىقەتەن كۈچىڭىز ، زېھنىڭىزنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
مۇنىرەنىڭ ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن قىلغان بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ پىراكتىكانت قىلغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچى ئوڭايسىزلانغان ھالدا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
بۇ چاغدا قارشى تەرەپتىكى خىزمەت ئۈستىلىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، 30 ياشتىن ئاشقاندا ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىگەن مۇنىرەنىڭ خىزمەتدىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئوقۇغۇچى قىزنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۋالدى.
ئايال خىزمەتدىشى مۇنىرەگە كۆزلىرىنى ئالايتىپ:
- مۇنىرە، سىز بىرەر ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ قالسىڭىزلا ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلسىڭىز بولامدۇ؟ سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىز ئادەمنى بەك بىزار قىلىدۇ، بىلەمسىز؟
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭ، ئالىي مەكتەپتە ئويناشقا تېگىشلىك ئويۇنلارنى ئوينىۋېلىش كېرەك، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بۇنداق خۇشال ئوينايدىغان پۇرسەت، ۋاقىت بولمايدۇ. - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن قاتتىق ئېچىنىپ:
- بۇنداق دەپ خەقنىڭ بالىسىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسىز. - دېدى.
خىزمەتدىشى مەنسىتمەسلىك بىلەن:
- سىز ھەممە ئىشتىن غەم قىلىپلا يۈرىدىكەنسىز، مۇشۇ ۋاقىتتىكى پۇرسەت ئۆتۈپ كەتسە قايتا كەلمەيدۇ.
25 ياش دېگەن ئوغۇل دوست تۇتۇپ مۇھەببەتلىشىدىغان مەزگىل، ئىككى يىل مۇھەببەتلىشىپ بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، - دېدى.
بۇمۇ ئەمەلىيەت، خىزمەتدىشىنىڭ دېگىنىمۇ ئورۇنلۇق، ئۇمۇ ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىق قارىشىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن باش تارتالمايدۇ.
ئۇ 20 ياشلىق قىزچاقنىڭ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سومكىسىنى يۈدۈپ كېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ، قولىدىكى ئالقات چېيىنى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئوتلىدى.
ئۇ ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
قانداقسىگە مۇشۇنداقلا تۆۋەن نىشانغا قاراپ مېڭىپ قالسۇن؟
مۇنىرە بىرىنچى تۈركۈمدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، نادانلىق ئىچىدىلا، ھېچنېمىنى بىلىپ تۇرۇپلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ھاماقەتلەرچە ئۈچىنچى قېتىملىق خىزمىتىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ بولدى. 19 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ھازىرغىچە بولغان بۇ ئالتە يىلدا ئۇ ئۆزىنى غەلىتە نەرسە تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلگەندەك ھېس قىلاتتى، بىرەر قىممەتلىك نەرسىنى ئەسلەشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كاللىسى دائىم قۇپقۇرۇق، ھېچنېمە يوقتەك بىلىنەتتى.
ئىلگىرى ھېچنېمە يوق ئىدى، ھازىرمۇ ھېچ نەرسە يوق.
ئۇنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئۈچىنچى قېتىملىق خىزمىتى خوجايىنغا كاتىپ بولۇش، قارىماققا ناھايىتى ئابرۇيلۇق خىزمەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلىدىغىنى ھۆججەت يېزىپ، ماتېرىيال ئىزدەپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئىشخانا تازىلىق ئىشلىرى ۋە ئاندا-ساندا مېھمانخانا ، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش دېگەندەك ئىشلار، ھەقىقىي قول تۇتىدىغان ئىشلارنى باشقا ئالاھىدە ياردەمچىلەر تاماملايدۇ، ئۇنىڭ ھەتتا قول تىقىش پۇرسىتىمۇ يوق.
ئۇ بەزىدە ئۆزىدىن زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىگە ئېرىشكۈسى بارلىقىنى سورايدۇ، لېكىن سەۋەبىنى ئويلاپ تاپالمايدۇ.
مۇشۇنداق ئاندا-ساندا ئويلىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ، قاراڭ، يەنە ھازىرقىدەك ئويلانغۇدەك ھالىتى بولغاندىكىن، يەنىلا پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قالمىدى دېيىشكە بولىدۇ.
يەنە پۇرسەت بار.
ئۆلگۈر پۇرسەت زادى نەدىدۇر؟!
مۇنىرە ئىستاكاننى قويۇپ، كۆزىنى نېپىز ئالىقىنى بىلەن يېپىپ، ئاندىن پېشانىسىگە چۈشۈپ قالغان بىر نەچچە چېچىنى قايرىپ، ئاپئاق پېشانىسىنى ئاچتى.
ئەمما نېمىنى ئويلىدى، چېچىنى قويۇۋىتىپ، ماڭلاي چېچىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، سەل-پەل ئايدىڭ ئېچىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، يۇقىرىغا سۈرۈلگەن چاچ سىزىقىنى توسۇۋالدى.
خىزمەتدىشى بوينىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يوشۇرۇنچە ئۇھ تارتتى.
بۇ قىز ئىشلارنى كۆپ ئويلايدۇ، ئەمما قىلغان ئەمەلىي ھەرىكىتى بەك ئاز.
بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان مۇنىرەنىڭ روھىي-كەيپىياتى بىراقلا يوققا چىقتى، ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا قىمىرلاشنى خالىماي، پادىچىنىڭ سېرىق ئىتىغا ئوخشاش ساپادا دۈم ياتتى.
ئاشخانىدا مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئۇستىلىق بىلەن بۈگۈنكى ئاساسلىق قۇرۇما بولغان بېلىقنىڭ ئۈستىگە پىياز مېيى قۇيدى، خۇش پۇراق قىزىق ماينىڭ پىژىلدىغان ئاۋازغا ئەگىشىپ قويۇقلاشتى.
مۇنىرە يەنىلا ئاپىسىغا قايىل ئىدى، ئەينى چاغدا ئاپىسى پۈتۈن كۈنلۈك ئائىلە ئايالى ئەمەس بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن بالا بېقىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، كۆڭلىدە ئاپىسىنى ھەقىقەتەن ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، كۆپ خىل ماھارەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋاندەك ھېس قىلاتتى.
سائەت ئالتە يېرىمدا تاماق دەل ۋاقتىدا ئۈستەلگە چىقتى، مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقنىدى، قولىدىكى چوكا چاقماق تېزلىكىدە مۇنىرەنىڭ ئاچچىق قورۇلغان توخۇ قۇرۇمىسىغا سۇنۇلغان چوكىسىغا ئۇرۇلۇپ:
- يېيىشنىلا بىلىسىز، يۈز تېرىڭىز بۇزۇلۇپ، مۇشۇ ھالەتكە يەتسىمۇ يەنە ئاچچىق يەمسىز! يېسىڭىز بولمايدۇ! - دېدى.
مۇنىرەنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- كىچىك ئىككى تال دانىخورەك چىقىپ قالدىغۇ شۇ! - دېدى.
- ئاران ئىككى تالمۇ تېخى، باشقا قىزلارغا قاراپ بېقىڭ، كىم ئۆزىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن؟ - دېدى ئاپىسى.
- ئازراق ئاچچىق نەرسە يەپ قويسام نېمە بوپتۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
ئەزەلدىن بىتەرەپ تۇرىدىغان دادىسى مۇنىرەگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:
- بۇ مەزگىلدە يېمەي تۇرۇڭ، بىر ئاغىنەمنىڭ ئوغلى يېقىندا يىراق يۇرىتتىن قايتىپ كەلدى، شەنبە كۈنى كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ بېقىڭلار. - دېدى.
ئۈستەلنىڭ ھەممە يېرى ئوخشىغان قورۇمىلار بىلەن تولغان بولسىمۇ، لايىق تونۇشتۇرۇش پاراڭ تېمىسى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى مەززىلىك پۇراقنى يوقاتتى.
مۇنىرە قولىدىكى چوكىنى توختىتىپ:
- كۆرۈشكۈم يوق. - دېدى.
ئاپىسى ئۇنىڭغا قاراپ:
- ئەمىسە ئۆزىڭىز بىرنى تېپىڭ، - دېدى.
- ئۆزۈم يالغۇز بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەنغۇ، - دېدى مۇنىرە.
- ئۆيدە ياخشى تۇرۇۋاتقانسىز؟ - دېدى ئاپىسى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇنىرەنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، قولىدىكى تاماق قاچىسىنى ئۈستەلگە ئىتتىكلا قويۇپ:
- مەن بۇرۇنلا كۆچۈپ چىقىپ كېتىمەن دېسەم، ئۆزىڭىز يول قويمىدىڭىز. - دېدى.
يەنە مۇشۇ گەپنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاپىسىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن دادىسى دەرھال ئوتتۇىغا چىقىپ، ئىشنىڭ يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
- قارا بۇ بالىنى، بىر ئايدا ئالىدىغان مائاشىڭىز شۇنچىلىكلا تۇرسا، سىرتتا تۇرسىڭىز قانداق يېتىدۇ؟ ئۆيدە تۇرسىڭىز ئازراق بولسىمۇ پۇلىڭىز تېجىلىپ قالىدۇ. - دېدى.
ئانا-بالا ئىككىسى ۋاقتىنچە پەسكويغا چۈشتى.
دادىسى يەنە:
- بىراق شەنبە كۈنى چوقۇم كۆرۈشكىلى بارىسىز، ھەممىنى دېيىشىپ قويدۇم، خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، - دېدى.
مۇنىرە ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- بىلدىم، - دېدى.
ئۈستەلدىكى بىر قاچا تاماقنىڭ يېرىمىلا قالغان بولۇپ، كىچىك سېرىق بېلىقنىڭ بىر پارچىسىنى يەپ بولالمىغانىدى.
ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دادىسى ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئاپىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ سەل ئەيىبلەش تەلەپپۇزىدا:
- ھەمىشە ئۇنىڭغا بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ، ئۇ ھازىر ئۆزىدىنمۇ بىزار، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس. - دېدى.
ئاپىسى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ئاغرىنىپ تۇرۇپ:
- مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەيمەن، مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ پەقەت ئىش ئۇقمايدۇ. ئۇنىڭ نېمە غېمى بارلىقىنى راستتىنلا بىلمىدىم. ئۆيدە يالغۇز قىز، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا مائاشىمۇ يامان ئەمەس، ئائىلە شارائىتىمىزمۇ ناچارمۇ ئەمەس، ئۇنى تولۇقلىما پۇل بېرىڭمۇ دېمىدۇق، سىزنىڭچە ئۇنىڭ يەنە غەم قىلغۇدەك نېمىسى بار؟ - دېدى.
- بالىنىڭ ئويلىغىنى بار، سىز مېنى كونا ساۋاقدىشىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ دېدىڭىز، مەنمۇ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئالاقىلەشتىم، ئەگەر بالا توغرا كۆرمىسە، سىزمۇ ئۇنى مەجبۇر لىسىڭىز بولمايدۇ. - دېدى.
ئاپىسى چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويۇپ:
- ھەيي... مەن قانداقمۇ ئۇنى مەجبورلىيالايمەن، قانداقلا بولمىسىمۇ كۆرۈشۈپ باقسۇن، بىرەر نەتىجىسى بولار، - دېدى.
ئەمما كۆڭلىدە يەنىلا بىر - بىرىگە قىزىقىپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلدى.
ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كىرگەن مۇنىرە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا سېتىۋالغان «پولات قانداق تاۋلاندى» دېگەن كىتابنى ۋاراقلاپ، يەنە بىر قېتىم تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەرقانداق قىلسىمۇ قۇرۇپ قالمايدىغان بۇلۇتقا ئايلىنىشنى قارار قىلدى.
تۇرمۇش يەنىلا كۆپ خىل مۇغەمبەرلىككە تولغان.
ئۇ ھەر بىر جۈملە سۆزنى ئويلاپ، ھۆججەت-ئالاقىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارماقچى بولغاندا، خوجايىن بىر تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ ئۇلغىيىشىنى توسۇپ قويدى.
ـ مۇنىرە، نەۋرە ئىنىم چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كېلىدۇ، مەن شىركەتتىن ئايرىلالمايمەن، سىز ئالدىغا چىقىپ، قالغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، - دېدى خوجايىن.
مۇنىرە مىكروفوننى تۇتۇپ تۇرۇپ:
- نەۋرە ئىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar