كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
1 | ||||
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
2-قىسىم
2-قىسىم
ئايرىلىپ كېتىپ يەنە دوست بولالامدۇ
ئامانگۈلنىڭ چىرايى قىزىرىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ ئىنكار قىلماقچى بولغاندا، خاسىيەتنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئۇنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالدى.
بۇنداق ئۇۋالچىلىققا چىدىماي، كۆزلىرى ئىختىيارسىز قىزىرىپ:
- ئەجەبا بىز بۇرۇن ئارىلىشىپ باققانلىقىمىز ئۈچۈن، ساۋاقداشلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنىمۇ بىراقلا ئىنكار قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ - دېدى.
ئەزەلدىن مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل خاسىيەت ئۇنىڭ ئۇۋالچىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ھېس قىلدى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى، قارىماققا سوغۇق ھەم رەھىمسىز كۆرۈنۈپ كەتتى.
- شۇنداق، ئارىلاشقاندىن كېيىن، ساۋاقداش بولالمايدۇ، دوست بولالمايدۇ. سىزنىڭچە، رېئاللىقتا كىم ئايرىلىپ كېتىپ، يەنە دوست بولالايدۇ؟ - دېدى.
ئامانگۈل مەۋلانغا بىر قارىۋىدى، خاسىيەت يەنە :
- بەلكىم سىز ماڭا مۇشۇنداق ئېھتىماللىق بارلىقىنى ئېيتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، مەن سىزگە يۈزدە يۈز شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە دوست بولالايدىغانلار يا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يۈزىنى تۆكۈپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن قورقىدىغانلار، ياكى قارشى تەرەپكە باشقىچە نىيىتى بارلار، يا بولمىسا ... ئارىلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھەقىقىي ھېسسىيات ئاتا قىلمىغانلار! چۈنكى ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بەرمىگەچكە، دوستلۇق مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دوست بولۇشنى مۇتلەق تاللىغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ تاللاش سوئالى ئەمەس - دېدى.
خاسىيەت گېپىنى تۈگىتىپ، ئامانگۈلغا قاراپ قويدى، ئاندىن ئاستا - ئاستا:
- ئامانگۈل خانقىز، دەڭە، سىلەر زادى قايسى تۈرگە تەۋە؟ - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
مەۋلاننىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى قايسى ئورۇندا؟
جەمەتنىڭ يالغۇز ئوغلى، يالغۇز نەۋرىسى، گۇرۇھنىڭ باش رولچىسى.
قانچىلىك ئايال ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدۇ؟
ئەگەر ئۇنىڭ مەۋلانغا ھېچقانداق غەرىزى يوق دېيىلسە، ئۇ تېخىمۇ ساختىپەز بولۇپ قالىدۇ.
چۈنكى ئۇ زۇبەيدە ئەمەس، باي ئائىلىنىڭ چوڭ خانقىز ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ مەۋلانغا ئۇرۇنۇشىدا ئۇنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى، كەينىدىكى چوڭ ئائىلىسىنى كۆزلىگەن، ئۇنىڭ مەۋلانغا چاپلىۋېلىشىدا ھېسسىيات توغرىسىدا سۆزلىشىش سالاھىيىتى يوق.
ئارىلاشقان چاغدىمۇ مۇھەببىتىنى بەرمىگەنلىكىنى ئۇ ئۆزىمۇ جەزملەشتۈرەلەيدۇ، لېكىن ... خاسىيەتنىڭ بايا دېگىنى ئېنىقلا ئۇنى ئەسكەرتكەنلىك ياكى مەسخىرە قىلغانلىق.
مەۋلان دەسلەپتە ئامانگۈلگە يان باسقان، نېمىگە ئاساسەن... مەۋلاننى ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇھەببىتىنى بېرىپ باقمىغان دەيدۇ؟
ئۇ مەۋلانغا قارىدى، ئەمما مەۋلاننىڭ چىرايىنىڭ مېھمانخانىدىكى يوغان دېرىزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن سۈرلۈك ئىدى.
خىيالى پۈتۈنلەي ئۇنىڭدا ئەمەس، ھەتتا بۇ ئۆيدىمۇ ئەمەس.
ئامانگۈل يۈرىكى بىردىنلا جىغغىدە قىلىپ ئەندىكىپ كەتتى، ئۇ قولىدىكى سومكىسىنى مۈرىسىگە ئېلىپ، بارماقلىرى ئىختىيارسىز كۈچىيىپ چىڭىپ كەتتى.
- ھامما، مەن سىز بەرگەن تاللاش ئىچىدىن سىزگە جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئەگەر سىز مېنى غەرىزى بار، ياكى نېمىشقا يۈز ئۆرۈشمىگەن دېسىڭىز، بۇ مېنىڭ ئىلگىرى مەۋلان بىلەن ساۋاقداش، ھەتتا دوست بولغانلىقىم ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ... - دېدى.
خاسىيەت ئۇنىڭغا بىر نەچچە سېكۇنت تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋېتىپ:
- شۇڭا مەن سىزگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن، ئادەم بولۇشتا لايىقىدا ئۆزىنى بىلىش كېرەك، بىر ئەرگە چاپلىشىۋېلىش، ئۆيگە كىرىپ ئايالىنىڭ ئالدىدا مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئوينىتىش، ئۆزىنى بىلمەسلىك.... ھازىرقى ئاتالمىش ئايال داشقاللار بىلەن ئوخشاش بىر ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى. - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ چىرايى ھەش-پەش دېگۈچە تامدەك تاتىرىپ كەتتى.
مەۋلان بۇ چاغدا كەينىگە بۇرۇلۇپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئامانگۈلغا قاراپ:
- ماڭا ھازىر ھېچ ئىش بولمىدى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭ ھازىر بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشىم بار، سىز ئاۋۋال قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.
مەۋلان خاسىيەتنىڭ ئامانگۈلگە زادى نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئانچە سەزمىگەندەك قىلاتتى، گېپىنى تۈگىتىپلا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ يەلكىسىگە چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى.
ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، كۆزلىرى مەۋلانغا ئەگىشەتتى، ئۇنىڭ ئايىغىنىمۇ ئالماشتۇرماي، ھەتتا چاپانمۇ كىيمەي ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
- مەن مەۋلاننىڭ سەل ئەقىللىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن ھېسسىيات بۆلۈنمىسى ئېغىر دەرىجىدە ماسلاشمايدۇ. - دېدى ئۇزاق ئۆتمەي، خاسىيەت يەنە بىر قېتىم يېنىكلىك بىلەن ئېغىز ئېچىپ، - مەن ئەزەلدىن مەۋلاننى ئەركىلىتىپ كەلدىم، مەن ئۇنىڭ خاپا بولغانلىقىنى، ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن، ھەتتا بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلىۋېلىشىنىمۇ خالىمايمەن، ئۇ قارار قىلغان ھەرقانداق ئىشنى مەن شەرتسىز ھالدا قوللايمەن، نېمە ئۈچۈن يالغۇز ئىككىڭلارنىڭ ئىشىدىلا، ئۇنىڭ بىز بىلەن قانداق جېدەل قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىشقا قوشۇلمىدىم، نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
ئامانگۈل بىر ئاز ھەسرەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولسا كېرەك، سىلەر مېنى ياراتمىدىڭلار خالاس ، - دېدى.
خاسىيەت بېشىنى چايقاپ:
- خاتالاشتىڭىز، سىزنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىڭىز، سالاھىيىتىڭىزنىڭ قانچىلىك يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، - دېدى.
ئامانگۈل خاسىيەتكە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
خاسىيەت يېنىك كۈلۈپ قويۇپ:
- مەۋلان سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ. - دېدى.
ئامانگۈل بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى.
- سىلەرنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلار، ئەينى يىلى مەۋلان ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن ئويناشقانمۇ؟ ھىسىسىيات ئالدامچىسى، بۇ سىزدەك ئاپا بولغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسىمۇ؟ - دېدى.
خاسىيەت سۆزىنى تەمكىنلىك داۋاملاشتۇرۇپ:
- ھېسسىيات ئالدامچىسى ئەمەس، مەۋلان سېپى ئۆزىدىن ھېسسىياتلىق ئەخمەق. - دېدى.
ئامانگۈل بۇ قېتىم تۇرۇپلا قالدى.
- ئۇ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنى ئەخمەق دېمەي كىمنى دەيمىز؟ ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. - دېدى خاسىيەت.
ئامانگۈل لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- ئۇ كىمنى ياخشى كۆرىدۇ، كىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، پەقەت ئۆزى بىلىدۇ، مەن بولمىغان تەقدىردىمۇ، زۇبەيدە بولۇشى ناتايىن... ئەگەر سىلەرنىڭ ئائىلە ئوقۇرۇڭلار ئېگىز بولمىغان بولسا، نېمىشقا مېنى توسۇپ زۇبەيدەگە ماقۇل بولىسىلەر؟ ! - دېدى.
- مەۋلان بىلەن ساۋاقداش بولۇپ تونۇشقىلى شۇنچە يىل بولدى، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ-يوق، كۆڭلىدە زادى كىم بار ... سىز راستتىنلا بىلمەمسىز؟ - دېدى خاسىيەت.
ئامانگۈلنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل شۇملۇق چىقىپ تۇراتتى.
- مەۋلان ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ مەندىن باشقا قايسى ئايالغا ئوخشىمايدىغان مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم! - دېدى.
خاسىيەت ئۇھسىنىپ قويۇپ:
- ئامانگۈل خانقىز، بۈگۈن ئۆزىڭىز چاقىرىلماي كەلگەنىكەنسىز، سىز بىلەن بۇنداق ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن پاراڭلىشىشىم ئاسان ئەمەس، بولمىسا مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپرەك گەپ قىلىۋالاي ...
راستىنى ئېيتسام، ئامانگۈل خانقىز، مېنىڭ تەسىراتىمدا، سىز تاشقى قىياپىتىڭىز ساپ، ئاق كۆڭۈل، يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن، بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۇ چاغدا مەۋلاننىڭ قوغلىشىشىنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدا شۇنچە يىل ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ سىز ئۈچۈن ئۆيىدىكىلەر بىلەن جېدەل قىلغانلىقىغا قارىتا، مۇشۇنداق قىلچىمۇ چاندۇرماي ئۆتۈشىڭىز، سىزنىڭ ساددا ئادەم ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
بۇ مېنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىم ئەمەس، بىزمۇ مەۋلاننى مەجبۇرلاپ چوقۇم ئائىلە شارائىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان قىز بىلەن توي قىلىسەن دېيەلمەيمىز. ئەينى چاغدا مەۋلان بىلەن مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىڭلاردا، مېنى ھېچنېمىنى بىلمەي، پۈتۈنلەي كارە بولمىدى دەپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، مەن سىلەرگە بەك ئۇزۇن دىققەت قىلىپ كەلدىم... بولۇپمۇ سىزگە ...
سىز ئەمەلىيەتتە تاشقى قىياپىتىڭىزدىكىدەك ئاقكۆڭۈل، ياۋاش ئادەم ئەمەس، ئامانگۈل خانقىز ... - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، چىرايىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى.
- مەۋلان باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇ نېمىگە ئېرىشمەكچى، نېمىسى كەم بولۇپ باققان؟ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، مەكتىپىڭلاردىكى بىر نەچچە پۇلدار خانقىزنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەرسە يۈتتۈرۈپ قويغان ئىشىنى سىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ - دېدى خاسىيەت.
ئامانگۈلنىڭ چىرايى بىردىنلا قىزىرىپ، بوينىنى قىسىپ، كۆزلىرى بىردىنلا ئالاقزەدە بولۇپ كەتتى.
- شۇ قېتىملىق تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا سىز يىغىلىش مەيدانىنى ئۆزگەرتىشنى ۋاقىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ،زۇبەيدەنى ئەسلىدىكى ئورنىغا باشلاپ قويۇپ، مەۋلاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغان ئىشنى قولدىن بەرگۈزدىڭىز، سىز ھازىر ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟
يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلار بار، بۈگۈن سىزگە بىر-بىرلەپ ئېنىق دەپ بەرمىسەممۇ، سىزنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە ئايان. مەۋلان سىز بىلەن ئارىلاشسا ھېچقىسى يوق ئىدى، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى ئائىلىمىزگە ئېلىپ كىرسىمۇ ھېچقىسى يوق ئىدى، لېكىن سىزنىڭ نىيىتىڭىز توغرا بولمىسا، بۇنىڭغا چوقۇم قاراپ تۇرالمايمىز.
بىراق مەنمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەينى چاغدا زۇبەيدەگە مۇشۇنداق قاراتمىلىق زىيانكەشلىك قىلمىغان بولسىڭىز، مەنمۇ مەۋلاننىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادىمىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولاتتىم. - دېدى خاسىيەت.
ئامانگۈل نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، يۈزى ھەم قىزىرىپ ھەم قىزىپ كەتتى.
- شۇنچە يىللاردىن بېرى سىزنى ئاشكارىلىمىدىم، ئاساسلىقى سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىشقا چىدىمىدىم، مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ مەۋلاننىڭ كۆزىنىڭ قانچىلىك مال تونۇمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىنى خالىمايمەن، ئۇ سىزگە ئوخشاش ئادەملەر بىلەن شۇنچە يىل بىللە يۈردى... ئەينى يىلى مەۋلان بىز بىلەن قانچىلىك قاتتىق سوقۇشقان بولسىمۇ، مەن سىزگە يۈز خاتىرە قىلىشنى تاللىدىم، ئەمدى بىزنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىمىزدىن ئاغرىنامسىز؟
ئۆزىڭىز ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەۋلاننىڭ كۆڭلىدە زۇبەيدە بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا سىزنىڭ قانداق يۈزىڭىز بار؟ كېيىنكى كۈنلەردە، سىز مەۋلانغا قانداق يۈزلىنىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، يەنە بىزمۇ بار ؟ - دېدى خاسىيەت.
ئامانگۈل ئىلگىرىكى ئاشۇ قاراڭغۇ ئىشلارنى شۇنچە ئوچۇق-ئاشكارا ئايدىڭلاشتۇرۇشقا قىلچە تەييارلىق قىلمىغاچقا، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ:
- بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ مەۋلاننى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بولدى! مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىم ئادەتتىكىچە، لېكىن بۇ مەن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالسا بولمايدۇ! زۇبەيدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزسە تېخىمۇ بولمايدۇ! سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر، مەن ئىزچىل ئامال قىلىپ ئارىمىزدىكى پەرقنى تىرىشىپ تولۇقلاۋاتىمەن... - دېدى.
- شۇڭا مەن سىزنىڭ مەۋلان بىلەن بىللە بولۇشىڭىزغا قوشۇلمايمەن. سىزنىڭچە، مەۋلان نېمىشقا سىزنى ئۆزىنىڭ لايىقى قىلىپ تاللايدۇ؟ پەقەت سىز ئاشۇ ئەتىۋارلىق خانقىزلاردىن ئەمەس بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن خالاس. سىلەرنىڭ پەرقىڭلار، سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىڭىز. - دېدى خاسىيەت يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن، - سىزنىڭچە قىممەت باھالىق سوۋغاتلار ئاراڭلاردىكى ئاتالمىش پەرقنى تولۇقلىيالامدۇ؟ ئۇ نەرسىلەرگە، مەۋلان كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ پەرقنى بۇنداق تولدۇرغىلى بولمايدۇ، زۇبەيدە سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا كۆرەڭلەپ يۈرىدىغان ئەتىۋارلىق خانقىز، لېكىن ئۇ مەۋلاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۆزى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئۆزى تاپقان پۇل بىلەن مەۋلانغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى تەييارلىدى ...
ئۆزىڭىز سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، ياندىن كۆزەتكۈچى بولسىڭىز، كىمنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز؟ ئامانگۈل خانقىز، ئادەم نامرات بولسا بولىدۇ، لېكىن كۆڭلى ئاق بولمىسا بولمايدۇ. - دېدى خاسىيەت.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar