كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
1 | ||||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
2 -قىسىم
2-باب
ئىككى يىراق يەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئۇچراشقاندا
خوجايىن بۇ يىل 40 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاچچىقى كەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا ناھايىتى چىقىشقاق، چاقچاق ئارىلاش گەپ قىلىدىغان يۇمۇرىستىك، قىزىقچى ئادەم .
- شۇنداق، ئۇ سولتەك ئاخىرى قايتىپ يۇرتدا تۇرۇشنى قارار قىلدى، ئەپسۇس، بىزنىڭ شىركەتكە كېلىشنى خالىمىدى، ئىدىيەۋى ئېڭى يەنىلا يۇقىرى ئەمەسكەن! - دېدى خوجايىن.
يىراق ئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كەپتىدە، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئانچە قوبۇل قىلماسلىقى تۇرغانلا گەپ ئەمەسمۇ؟
خوجايىن مۇنداق دېگەن يەردە، مۇنىرە ئەلۋەتتە ئىشلارنى كۆڭلىدىدەك ئورۇنلاشتۇرمىسا بولمايدۇ:
- بولىدۇ خوجايىن، نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ - دەپ سورىدى.
- نادىر، ئۇنى تونۇماق بەك ئاسان، بىر قاراپلا ئىككىنچى قېتىم بۇرۇلۇپ قاراپ قالىدىغان ئادەم، - دېدى خوجايىن.
بۇ خىل چۈشەندۈرۈشتىن مۇنىرە ئازراق قىيىنچىلىق باردەك ھېس قىلدى.
- ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، خېرىدار بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراۋاتىمەن، سىز ئۇنى شىركەتكە باشلاپ كەلسىڭىزلا بولىدۇ، - دېدى خوجايىن.
- ھەي توختاپ تۇرۇڭ....- دېدى مۇنىرە.
تىرىك...
تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى، مۇنىرە ھەتتا سۈرىتى بولسا ئەۋەتىپ بېرىڭ دېيىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدى.
بولىدۇ، بۇنىڭ ئىشىمۇ قېيىن ئەمەس، ھېچقىسى يوق، ۋاقتى كەلگەندە چوڭراق تاختاي كۆتۈرۈپ بارسىلا بولىدۇ.
ھازىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 بولدى، مۇنىرە ئىككى مىنۇتتا قولىدىكى يۈز خەتلىك ئۇقتۇرۇشنى تۈگىتىپ، 3 A لىك قىزىل قەغەزنى ئېلىپ بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن باردى، سائەت 12 دە ئۇ ئىشتىن چۈشۈش كارتىسىنى ئۇرۇۋېتىپ، بىر ئورام قىزىل قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئايرودۇرۇمغا قاراپ ماڭدى.
ئايرودۇرۇمغا بېرىش ئۈچۈن بىر سائەت كېتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر سائەتلىك بەخىرامان چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقتى بار.
ئىشلارنى مۇۋاپىق پىلانلىغانلىقتىن، خىزمەتمۇ ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئەلۋەتتە، مۇنىرە شۇنداق ئويلىغىنىدا، ئىككى سائەتتىن كېيىن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى.
ئالدىراشچىلىقتا ساراڭ بولاي دېدى.
ئىشقىلىپ ئۇنى بۈگۈن نەس باستى.ئويلىسىلا كاللىسىدىن ئۆتمىدى. كەينى - كەينىدىن سوقۇلغان قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ، نېمە ئۈچۈن قاتناش توسۇلۇپ قېلىپ، ئالدىغا بىر سۇڭ يۆتكىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ! ئۇ يەنە نېمىشقا بۈگۈن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالىدۇ!
تازىمۇ بىر.
ئۇ پۇتىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ، بىر يۆگەم قەغەزنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ زالغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، كۆڭلىدە ھەممە ئىشلارنىڭ ئاسان بولۇشىنى، ئايروپىلاننىڭ قۇنۇشقا ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئادەمنى تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى!
زالدا ئادەم كۆپ، قالايمىقان بولۇپ، ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، نەزەر دائىرىسى ئاخىرى چىقىش ئېغىزىغا يېقىن تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرغان ئېگىز كۆلەڭگىگە چۈشتى.
ئىنتايىن ئۆزگىچە، كېلىشكەن ئەر بېشىدىن ئايىغىغىچە نەپىس كىيىنگەن بولۇپ، خاتا تۇيغۇمۇ ئەمەسمۇ بىلمىدى، قاش-كۆزلىرى خوجايىننىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى.
مۇنىرە ئىختىيارسىز شۆلگىيىنى يۇتتى، كېلىشكەنىكەنلىكىغۇ كېلىشكەنىكەن. ئىككىنچى قېتىم قارىغىسىمۇ كەلدى، ئەمما بۇ قېتىم سەل سوغۇققاندەك كۆرۈنۈپ، ‹ يات ئادەم گەپ قىلىشقا بولمايدۇ › دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىۋالغاندەك بىلىندى.
مۇنىرە جىددىيلەشكەن ھالدا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان كېلىشمەسلىك بىلەن كېچىكىپ قالغانلىقىنىمۇ ئويلاپ قالدى، بۇنداق تاسادىپىيلىقنى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تولۇق غەيرەتكە كېلىپ :
- نادىر ئەپەندى بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى، يەنىلا سوغۇققان قىياپەتتە:
- شۇنداق. - دېدى.
مۇنىرە دەرھال ئەپۇ سوراپ:
- كەچۈرۈڭ، نادىر ئەپەندى، كېچىكىپ قالدىم، چۈنكى يولدا تاسادىپىيلىق... - دېدى.
- مەن سىزنى توپتوغرا بىر سائەت ساقلىدىم. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئالدىراپ-تېنەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- كەچۈرۈڭ، شىركەتتىن ئايرودرومغا بېرىشقا پەقەت بىر سائەتلا كېتىدۇ، مەن ئىككى سائەت بۇرۇن يولغا چىققان، لېكىن يولدا كەينى-كەينىدىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، يول توسۇلۇپ مىدىر-سىدىر قىلالمىدىم ، - دېدى .
- بۇ سىزنىڭ سەۋەبىڭىزمۇ؟ - دېدى نادىر.
- ئۇنداق ئەمەس. - دېدى مۇنىرە.
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنىلا ئەمەس، مېنىڭ ۋاقتىمنىمۇ ئىسراپ قىلدىڭىز. - دېدى نادىر.
مۇنىرە سەل - پەل ئېگىلىپ تۇرۇپ:
- ھەقىقەتەن سەت بولدى، بۇنداق تاسادىپىيلىقنىڭ كۆرۈلۈشىنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ، كەچۈرۈڭ! - دېدى.
لەۋلىرىنى چىڭ ھىملاپ، پۈتۈن چىرايى تۈرۈلۈپ، قورۇق چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچىسى يوق، دەردىنى ئىچىگە يۇتقان ھالدا بىر خىل قايىل بولماسلىق كەيپىياتىنى بىلىنەر-بىلىنمەس ئاشكارىلاپ قويدى.
نادىر سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:
- يەنە نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز؟ - دېدى.
- ھە؟ ھە، بۇ ياققا مېڭىڭ. - دېدى مۇنىرە.
- نېمىگە ھە دەپ قاراپ تۇرىسىز، شۇنچە كۆپ يۈك-تاقا بارلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى نادىر.
- بولىدۇ. ھازىرلا ئالاي... - دېدى مۇنىرە.
نادىر يەتتە-سەككىز سانتىمېتىرلىق قېلىن پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغان، قۇلىقىغىلا كېلىدىغان كىچىك ئايالنىڭ چاماداننى ئېلىپ مېڭىشىغا قاراپ، چوڭراق كەلگەن چاماداننى قولىغا ئېلىپ:
- كىم سىزنى ھەممىنى ئېلىڭ دېدى؟ - دېدى.
مۇنىرە نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.
- قولىڭىزدىكى نېمە؟ - دەپ سورىدى نادىر. ھېلىقى قىزىل قەغەز ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇراتتى، قاراۋېرىپ نادىرنىڭ كۆزىمۇ ئاغرىپ كەتتى.
- بۇ؟ - مۇنىرە قولىدىكى قەغەزنى ئېچىپ، قارا ۋە توم قىلىپ يېزىلغان <نادىر> دېگەن خەتنى كۆرسەتتى.
نادىر چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا ئۈچ سېكۇنت تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋېتىپ:
- قارىغاندا يولدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك ئوخشايدۇ.بولمىسا ئىسمىمنى كۆتىرىۋېلىپ سازايى قىلاركەنسىز - دېدى.
مۇنىرە ئەسلىدىمۇ كېچىكىپ قالدى، قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئاغرىنسا بولمايدۇ.
چوڭقۇر نەپەس ئالغان مۇنىرە قىزىل قەغەزنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن، مەجبۇرى كۈلۈمسىرەپ، كىچىك چاماداننى ئېلىپ بىر نەچچە قەدەم يۈگۈرۈپ:
- ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭ، - دېدى.
لېكىن، قارشى تەرەپنىڭ بۇنداق سوغۇققان قىياپىتىگە ناچار باھا بېرىشكە بولىدۇ دەپ ئويلىدى!
ماشىنىنىڭ ئىچى جىمىپ قالدى، ئىشىك يېپىلغاندىن كېيىن، پەقەت مۇنىرەنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتقاندىكى شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئارىلىقتا ئۇ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە ئوغرىلىقچە قارىدى، نادىر پەرۋاسىز ھالدا كۆزىنى يېنىك يۇمۇۋالدى، قاش-كۆزلىرى ھارغىنلىق بىلەن تولغانىدى.
قارىغاندا ئۇچقان ۋاقتى قىسقا ئەمەستەك قىلاتتى.
مۇنىرە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئېغىر، گەپ قىلىش تەلەپپۇزىنىڭ سوغۇق بولغانلىقىنى چۈشەندى، ۋاقىت پەرقىگە قارىماي ئايروپىلاندا خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلگەننى ئاز دەپ، ئايرودۇرۇمغا كەلگەندە يەنە بىر سائەت ساقلىدى، ئالدىغا كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئادەم تېخى مۇشۇنداق چاققان ئەمەس...
تۇيۇقسىز <كور> قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مۇنىرەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، بارماقلىرى بىلەن رولنى كۈچەپ چىمدىپ تولغاشتۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالدى، بولسا بىرەر تۆشۈك تېپىپ كىرىپ كەتكۈدەك بولدى.
بۈگۈن ھەقىقەتەن نەس باستى.
نادىر ئۇنىڭ ئوسال ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كۆزىنى ئېچىپ:
- قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، بىرەر جاينى تېپىپ تاماق يەيلى، - دېدى.
ئەگەر مۇنىرە بۇ ئاۋازنىڭ ئۆزىنىڭ قورسىقىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلمىغان بولسا، چوقۇم نادىر تەرەپتىن كەلگەن ئاۋاز دەپ ئويلاپ قالاتتى. بۇ ئادەم، ئويلىمىغان يەردىن خېلى كۆيۈمچان ئىكەن.
مىننەتدار بولغان مۇنىرە:
- بولىدۇ، سىزنىڭ يېيىشنى خالىمايدىغان ياكى يېيىسىڭىز بولمايدىغان سەي كۆكتاتلىرىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
- پىياز، زەنجىۋىل، سامساقنى يېيىشنى خالىمايمەن، ئاچچىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، توخۇ، ئۆردەك، بېلىق، قوي گۆشى، ھەرخىل يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنى يېمەيمەن، قالغانلىرى يادىمغا كەلگەندە تولۇقلاپ قوياي، - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتتى، ناھايىتى ياخشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ھەممىسىنى يېمەيدىكەن.
- كەچۈرۈڭ، مەن باشقىچە ئۇسۇلدا سوراپ باقاي، سىز ئەمدىلا قايتىپ كەلدىڭىز، سىزنىڭ ئالاھىدە يېگۈڭىز بار بىرەر نەرسە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- شوۋىگۈرۈچ. - دېدى نادىر.
- ئىشتىھايىڭىز يوق ئىكەن - دە، - دېدى مۇنىرە.
- ئەسلىدە بار ئىدى. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئۈن-تىنسىز كۆپ گەپ قىلغان ئۆزىنى بىر كاچات سالغۇدەك بولدى.
شوۋىگۈرۈچ قىلىدىغان تاماقخانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇنىرە زېرەك بولۇپ، نادىرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۆچرەتتە تۇرۇڭ دەپ ئەخمەق قىلمىدى، بىر قاچا شوۋىگۈرۈچنى ئىچىپ بولغۇچە بولغان ۋاقىتتا ھېچقانداق چاتاقمۇ چىقمىدى، تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئادەمنى شىركەتكە بىخەتەر ئاپىرىپ قويدى.
ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەن چاغدا خوجايىنمۇ بار ئىدى، نەۋرە ئىنىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇپ، مۈرىسىگە بىرنى نوقۇماقچى بولدى.
مۇنىرە نادىرنىڭ قېشىنىڭ سەل تۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى، خوجايىننىڭ مۇشتى ئەمەس، مۇشتىنىڭ شامىلىمۇ تەگمىدى.
قالتىسكەن، نەۋرە ئاكىسىنىڭ يۈزىنىمۇ قىلمىدى.
مۇنىرە بارغانسېرى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئادەمنى خوجايىنغا پۈتۈنلەي تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خوجايىن ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ چىقىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىپ، <خوپ> دېگىلى تاس قالدى.
ئىشخانىغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ ھاردۇقىنى ئالماي تۇرۇپلا، نېمە ئۈچۈندۇر قايمۇقۇپ قالغان خىزمەتدىشى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- مۇنىرە سىز نېمىشقا بۇنچە تەلەيلىك! تەڭداشسىز كېلىشكەن يىگىت ئىكەنغۇ! ! ! - دېدى.
مۇنىرە كۆزلىرىنى ئېچىپ ئالىيىپ قويدى.
تەلەيلىكمۇ تېخى، تىپىك تەلەيسىز دېسە بولا...
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar