مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 87-قىسىم_ قانداق گېپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ

文摘   小说   2024-11-09 14:07   中国  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈ  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281




86




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

87 -قىسىم

   

 


87- قىسىم  خاتىمە (13)


ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى، كۆپچىلىك بىرلىكتە نەق مەيداندىن چىقتى.

 - زىلالە خانقىز!  - بىر خىزمەتچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، - بىرسى سىزنى ئىزدەۋاتىدۇ.  -  دېدى.

- سىلەر پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلار، - زىلالە كۆپچىلىككە بىر ئېغىز ئۆزرە ئېيتىپ، خىزمەتچىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ياندىكى ئارام ئېلىش ئۆيىگە كەلدى.

خىزمەتچى خادىم ئىشىكنى ئېچىشىغا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتقان مۇيەسسەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:

- زىلالە، كەچۈرۈڭ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم.  -  دېدى.

ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچراشقان ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇيەسسەر خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ، ياداڭغۇ  كۆرۈنەتتى.  

بىر جۈپ كۆزى  روشەن قىزىرىپ قالغان بولۇپ، قارىماققا بىر نەچچە كۈن ياخشى ئۇخلىيالمىغاندەك قىلاتتى.

 - مۇيەسسەر خانقىز؟ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟  - دەپ سورىدى زىلالە . راست گەپنى قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ مۇيەسسەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.   

 -  شۇنداق، مۇنداق ئىش، - دېدى مۇيەسسەر سەل تارتىنىپ. بارماقلىرىنى چىڭ سىقىپ، ـ دادامنىڭ ... سىز بىلەن كۆرۈشكۈسى باركەن، - دېدى. 

 زىلالە لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

 -بۇ... كەچۈرۈڭ،  بىردەمدىن كېيىن يەنە باشقا ئىشىم بار، بارالماسلىقىم  مۇمكىن ،  - دېدى.

ئىشلار تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەندە، زىلالە  ئەركىن بىلەن قايتا  كۆرۈشۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىمايتتى.

ئەركىننىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىدىكى مەقسىتىنى ئابلىكىمنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئوغلى ئۈچۈن باشقىلارغا يالۋۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارىدى.

ئابلىكىم كۆپ قېتىم جەسۇرغا زىيانكەشلىك قىلىپ جېنىنى ئالماقچى بولدى، زىلالە ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.

 - بىلىمەن، مېنىڭ سىزدىن بۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سالاھىيىتىم يوق، پەقەت... -  مۇيەسسەرنىڭ ئاۋازى ئىختىيارسىز بوغۇلۇپ، -  زىلالە خانقىز، سىزدىن ئۆتۈنسەم  بولامدۇ، دادامنىڭ...  كۆپ پۇرسىتى قالمىدى.  -  دېدى.

ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- بۇ... نېمە دېگىنىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، دادام ئۇ... -  مۇيەسسەرنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپ، -  دادام بىزدىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەپتىكەن، مەنمۇ  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىلدىم. زىلالە!  -  مۇيەسسەر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

 - مەن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ  جەسۇر ئىككىڭلارغا  زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن... ئۇنىڭ راستتىنلا ۋاقتى ئۇزۇن قالمىدى، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىڭ بولامدۇ؟ مۇشۇ بىر قېتىم.  -  دەپ يالۋۇردى .

- مۇيەسسەر خانقىز، بۇنداق قىلماڭ. -  زىلالەنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ، -  ماقۇل، مەن باراي. سەل ساقلاپ تۇرۇڭ،  جەسۇرگە دەپ قوياي.  -  دېدى.

 مۇيەسسەر مىننەتدار بولۇپ:

 -   زىلالە! رەھمەت سىزگە،   جەسۇرغا ... ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىسىڭىز بولامدۇ.  -  دېدى.

 زىلالە سەل ئىككىلىنىپ:

- بۇ...  قانداقلا بولمىسۇن، ئەركىن ئەپەندى ئۇنىڭ دادىسى، ئۇنىڭغا دېمىسەم ياخشى بولماس؟  - دېدى.

 -  داداممۇ شۇنداق دېگەن، - دېدى مۇيەسسەر كۆزىنى سۈرتۈپ، -  ئۇ جەسۇرنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىمايدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمەن.  -  دېدى.

دادىسى قاتتىق ئاغرىپ ئۆمرى ئاز قالدى، ئەگەر ئوغلى بولغان ئادەم ئۆزىنى كۆرسەتمىسە، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئەڭ ياخشى چارە جەسۇرغا بىلدۈرمەسلىك.

بۇنداق بولغاندا جەسۇرمۇ ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئۆكۈنمەيدۇ.

ئەركىننىڭ ئويىنى پەرەز قىلغان زىلالەنىڭ قوشۇمىسى ئىختىيارسىز تۈرۈلدى.

ئەركىننى تونۇغاندىن تارتىپ  تەسىرى ياخشى بولمىغان، مۇيەسسەرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران قېلىپ:

 - بولىدۇ. - دەپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، - چۈشەندىم، تېزلا قايتىپ كېلىمەن.  - دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىشىگىلا ئارام ئېلىش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، جەسۇر كىرىپ كەلدى.

ئىلگىرىكى تاسادىپىيلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىرسىنىڭ زىلالە بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان جەسۇر زادى خاتىرجەم بولالماي،  دەرھال كېلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگىلى كەلگەنىدى.

ئىشىك ئالدىدا تۇرغان مۇيەسسەرنى كۆرۈپ،  كېلىشكەن چىرايى قارىداپ:

 - ئەگەر بىرەر ئىشىڭىز بولسا، كېلەر قېتىم ئۇدۇل مېنى ئىزدەڭ،  زىلالەنى ئاۋارە قىلماڭ. مېنىڭ سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم قالمىدى.  -  دېدى.

زىلالەگە ئوخشاش، جەسۇرمۇ مۇيەسسەرنىڭ زىلالەنى ئىزدەپ كېلىشىنى ئابلىكىم ئۈچۈن يالۋۇرماقچى دەپ قارىدى.

  - جەسۇر! - دېدى زىلالە ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، - ئۇنداق ئەمەس، مۇيەسسەر  مېنى تەڭلىكتە قويمىدى.  -  دېدى.

 -  ئۇ نېمە ئىش قىلغىلى كەپتۇ؟  - دەپ سورىدى جەسۇر. 

- ئۇ... - زىلالە جەسۇرغا قانداق چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە ئويلىنىپ قالغاندا، مۇيەسسەرنىڭ تېلېفونى سايرىدى.

ئېكراندىكى دوختۇرخانىنىڭ تېلېفونىنى كۆرۈپ، ئىتتىك ئېلىپ:

- نېمە ... ماقۇل، مەن ...مەن ھازىرلا بارىمەن!  -  دېدى.

باشقا ئىشلارغا ئۈلگۈرەلمەي،  ئۈستەلدىكى سومكىنى چىڭ تۇتۇپ:

- جەسۇر، زىلالە، كەچۈرۈڭلار.  -  ئىككىسىگە ئۆزرە ئېيتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى.

زىلالە ئەركىنگە بىرەر ئىش بولغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ جەسۇرنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئىككىلىنىپ قالدى.

جەسۇر ئۇنىڭ غەلىتە تۇرقىنى كۆرۈپ:

 - زادى نېمە ئىش بولدى؟  -  دەپ سورىدى.

- ئەركىن ئەپەندىنىڭ كېسىلى خەتەرلىككەن. - دېدى زىلالە لېۋىنى چىشلەپ، -  مۇيەسسەر بايا مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، - دېدى.

جەسۇر دىمىقىنى قېقىپ:

  - چاقچاق قىلماڭ، ئۇ قانداقمۇ بۇ ھالەتكە كېلىپ قالسۇن  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

 -  جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن، ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا ئېيتماپتىكەن، - دېدى.

جەسۇر تېڭىرقاپ قالدى.

ئۇ ئىلگىرى ئەركىننىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان.

ھازىر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،   ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

ئەركىن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە، ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

ئەركىننىڭ چىرايى كۆز ئالدىدىن يالت قىلىپ ئۆتۈپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئارقا چىشىنى ئاچچىق بىلەن چىشلىگەن جەسۇر:

- خوپ بوپتۇ!  -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ، قولىنى سوزۇپ  بىلىكىدىن قولتۇقلاپ:

 - مۇيەسسەر مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەركىن ئەپەندىنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ  مۇيەسسەرگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارىمەن دەپ ۋەدە بەردىم، مېنىڭ ۋەدەمدە تۇرغۇم بار،  بېرىپ كەلسەم بولامدۇ؟  -  دېدى.

جەسۇر لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، بىر پەس چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

-  ئەمىسە مېنى  ئەنۋەر ئاپىرىپ قويسۇن،  تېزلا قايتىپ كېلىمەن.  - دېدى زىلالە جەسۇرنىڭ بىلىكىگە ئۇرۇپ قويۇپ، دەم ئېلىش ئۆيىدىن چىقىپ، -  ئەنۋەر، مەن سىرتقا چىقماقچى،  ئاپىرىپ قويۇڭ.  -  دېدى.

جەسۇر ئىشىك ئىچىدە تۇرۇپ، ئىشىك سىرتىدىكى زىلالەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

ئىككى يېنىدا ساڭگىلاپ تۇرغان مۇشتۇمىنى ئاستا-ئاستا چىڭ تۈگدى.

 چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە، بىردىنلا بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ، پەلەمپەيدىن پەسكە قاراپ يۈگۈرۈپ، زىلالە بىلەن ئەنۋەر كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى توستى.

ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تارتىپ، زىلالەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ:

- يالغۇز بارسىڭىز خاتىرجەم بولالمايمەن، سىزنى بىنانىڭ ئالدىغىچە ئاپىرىپ قوياي.  -  دېدى.

زىلالە گەپ قىلمىدى، ئەمما قولىنى سوزۇپ، جەسۇرنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى.

ئۇ جەسۇرنىڭ ئەزەلدىن ۋاپاسىز بالا ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.

دادىسىغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا پەقەت ئۆچمەنلىكلا قالغىنى يوق.  

ماشىنا تيەننىڭ شىركىتىدىن ئايرىلىپ، يول بويى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى.

جىگەر راكى بىمارلىرى قەۋىتىگە كەلگەندە، زىلالە  سېسترانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

 - ياخشىمۇسىز، ئەركىن قايسى كېسەلخانىدا؟  - دەپ سورىدى.

 - كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى  904 - نومۇرلۇق ئالاھىدە ياتاقتا، - دېدى سېسترا.

قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، زىلالە جەسۇرنىڭ بىلىكىنى بوشىتىپ، تېز قەدەم بىلەن 904-كېسەلخانىغا كەلدى.

كېسەل كارىۋىتىدىكى چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئەركىننىڭ ھاياتى ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت مۇيەسسەرلا بار ئىدى.

ئابلىكىم قاماقخانىدا بولۇپ، سانىيە ئوغلىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۈگۈشۈپ كەتكەچكە، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىۋاتىدۇ.

ھازىر ئەركىننىڭ يېنىدا پەقەت مۇشۇ بىرلا قىز قالدى.

زىلالەنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن مۇيەسسەر دادىسىغا قاراپ ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپ:

- دادا، زىلالە خانقىز كەلدى.  -  دېدى.

ئەركىن كۆزىنى تەستە ئېچىپ، ئوڭغا بۇرىدى،  زىلالە بىر نەچچە قەدەم  مېڭىپ، ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

 - ئەركىن ئەپەندى، مەن زىلالە... - دېدى. 

- زىل... زىلالە خانقىز!  - 

ئەركىن ئوڭ قولىنى تەستە كۆتۈردى، زىلالە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ:

- قانداق گېپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا جەسۇرغا يەتكۈزۈپ قويىمەن.  -  دېدى.

- ھا... ھاجىتى يوق، بۇ...  مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمغا بېرىلگەن تېگىشلىك جازا ، - دېدى ئەركىن بېشىنى يېنىك چايقاپ،  - ئاڭلىسام،  جەسۇر ... ئىككىڭلارنىڭ ... بالاڭلار بوپتۇ... توغرىمۇ؟  - دېدى.

 -  شۇنداق، قوشكېزەك. - دېدى زىلالە پەس ئاۋازدا.

 - ياخشى، بەك ياخشى بوپتۇ. - دېدى ئەركىن تەسلىكتە لەۋلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ،  - مەن ... سىزنىڭ ئۇنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يەتتىم، ئىلگىرى سىزگە دېگەن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ،  مېنى كەچۈرۈڭ، سىز ياخشى قىز.  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

  - ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى ئەپۇ سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى. 

- جە... جەسۇر دېگەن بالىنىڭ ھەممە ئىشى بولىدۇ، شۇ... مىجەزى  ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ  ياخشى قىلالمىغان يېرى بولسا...  كۆپرەك كۆتۈرۈشچان بولۇڭ. - دېدى ئەركىن كۆزىنى يۇمۇپ، كۈچەپ نەپەس ئېلىۋېلىپ، -  سىلەر ھەرگىزمۇ... ئاجراشماڭلار... بۇ بالىنىڭ ئاغزى قاتتىق... كۆڭلى يۇمشاق، ئۇ... ھەقىقەتەن... سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.  -  دېدى.

مۇيەسسەر ياندا تۇرۇپ، ئاللىقاچان يىغلاپ ئېقىپ كەتكەنىدى.

زىلالەنىڭمۇ ئىككى  كۆزى قىزاردى.

ئۇ ئەركىننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا  مۇشۇ گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

- خاتىرجەم بولۇڭ، مەن... مەن جەسۇر بىلەن ياخشى ئۆتىمەن.  - دېدى زىلالە.








 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章