كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
84 | 83 | 82 | 81 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
85 -قىسىم
85- قىسىم خاتىمە (11)
بىر ھەپتىدىن كېيىن.
تيەننىڭ تۇرالغۇ تۈرىنى قايتا باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تيەننىڭ شىركىتى بىناسىدا رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى.
سائەت سەككىز يېرىمدا، جەسۇر ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ، داچىغا بېرىپ، زىلالە ۋە ئۆمەر ئاكا-سىڭىللارنى ئالغىلى كەلدى.
ئىشىك قوڭغۇرىقىنى ئاڭلىغان زىلالە دەرھال كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئىشىك سىرتىدا تۇرغان جەسۇرنى كۆرۈپ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ:
- تېز كىرىڭ. - دېدى.
بىر ھەپتىدىن ئارتۇق دەم ئېلىش ئارقىلىق، جەسۇرنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى.
بۈگۈن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، روھلۇق كۆرۈنەتتى .
ئەگەر قېشى تەرەپتىكى يارا ئىزى بولمىغان بولسا، ھېچكىم ئۇنىڭ مامات دەرۋازىسىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالمايتتى.
جەسۇر قولىدىكى يېمەكلىكنى ئۈستەلگە قويۇپ، پەلەمپەينىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ:
- ئاكىڭىز قېنى؟ - دەپ سورىدى.
- تېخى چۈشمىدى، تەييارلىق قىلىۋاتقاندۇ. - زىلالەنىڭ نەزىرى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چۈشۈپ، - ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ. - دېدى.
بۇ ئۆمەرنىڭ چىققاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇندا پەيدا بولۇشى.
بولۇپمۇ، تيەننىڭ تۇرالغۇ تۈرىنى قايتا باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ يەنىلا تۈرنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
كۆپچىلىك ئۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، ئىلگىرىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلار قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ ، ھېچكىم بىلمەيدۇ.
بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆمەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
- ئۇ ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئۈستەلدىكى قەغەز خالتىنى ئېچىپ، - قاراڭ، سىزگە قانداق ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدىم، - دېدى.
زىلالە جەسۇر سۇنغان ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈتنى ئېلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ بىر يۇتۇم ئوتلاپ:
- رەھمەت ئېرىم. - دېدى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يالغاندىن نارازى بولغاندەك قىلىپ:
- يەنە رەھمەت ئېيتامسىز؟ - دېدى.
زىلالە شاكىلاتلىق سۈتنى ئۈستەلگە قويۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، لېۋىگە سۆيۈپ قويۇپ:
- ئەمىسە مۇنداق رەھمەت ئېيتسام بولامدۇ؟ - دېدى.
جەسۇر پەلەمپەيگە يانچە قاراپ قويۇپ، زىلالەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، ئىشكاپىنىڭ كەينىگە تارتىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ لېۋىگە سۆيۈپ:
- مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئۆمەر چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ داچىدا تۇرۇشى قولايسىز بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە، ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە زىلالەنىڭ دادىسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، زىلالە ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باققۇچى تېپىپ بېرىپ، ئۆزى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلدى.
جەسۇر ئەسلىدىكى شىركەت بىلەن تيەننىڭ شىركىتى ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
گەرچە ئىككىيلەن ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتى يوق دېيەرلىك ئىدى.
پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتكەن زىلالە ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ:
- بۇ بىر نەچچە كۈن بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم، يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن چوقۇم سىزگە ھەمراھ بولىمەن. - دېدى.
- مەن بۇنى سورىمىدىم. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقىنى يېنىك چىشلەپ تۇرۇپ، - زادى مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زىلالەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ:
- سېغىندىم، رازى بولدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
- ئۆز ئېرىنى سېغىنغاننىڭ خىجىل بولغۇدەك نېمىسى بار؟ - دېدى جەسۇر قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىنى يەڭگىل سىلاپ قويۇپ،- بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئىككىڭلار ياۋاش بولدىڭلارمۇ، ئاپاڭلارنى بىئارام قىلمىغانسىلەر، - دېدى.
ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ، زىلالە ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىپ:
- ئۇ ئىككىسى مۇشتۇمىڭىزچىلىكمۇ بولمىسا، گېپىڭىزنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ - دېدى.
جەسۇرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتتى، يانچۇقىدىن ئوڭشاپ قويۇلغان بىلەزۈكنى ئېلىپ، قايتىدىن سېلىپ قويۇپ:
- ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، ئازراق ۋاقىت چىقىرىڭ، مەن سىزنى بىر نەرسە كۆرگىلى ئاپىراي. - دېدى.
- نېمە نەرسە؟ - دەپ سورىدى زىلالە قىزىقىپ.
جەسۇر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ لېۋىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ:
- ھازىرچە مەخپىي... - دېدى.
پەلەمپەيدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى.
ئۆمەرنىڭ پەسكە چۈشكەنلىكىنى بىلگەن زىلالە ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ، كىيىملىرىنى رەتلەپ، ئىشكاپ تەرەپتىن چىقتى.
پەلەمپەيدە چۈشۈۋاتقان ئۆمەر قېنىق كۈلرەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا، قارا كۆڭلەك ۋە كۈمۈش سىزىقلىق گالىستۇك تاقىغان بولۇپ، نەپىس ۋە سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى .
ئىككى ھەپتە دەم ئېلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن يۈزىمۇ ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ھالىتىگە ئاساسەن قايتىپ كەلگەنىدى.
زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆمەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ:
- ۋاھ، بۈگۈن بەك كېلىشكەن بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ - دېدى.
- ئاكىڭىزنى بۇنچە ماختاپ كەتسىڭىز، كۈنلەپ قالىمەن جۇمۇ! - دېدى جەسۇر ئاشخانىدىن قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ چىقىپ، - ئۆمەر، بىللە ناشتا قىلايلى، - دېدى.
ئۈچەيلەن تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا كېلىشىگىلا، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى.
زىلالە بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ئاچتى، جەسۇر قولىدىكى قاچا-قۇچىلارنى ئۆمەرگە سۇنۇپ:
- مەن سىزنىڭ لايىھىڭىزنى كۆرگەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ لايىھە كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىدۇ. - دېدى.
ئۆمەر بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، كۈلۈمسىرەپ قويدى.
ئىشىك ئالدىدا زىبارە بىلەن ئەكبەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىرىپ كەلدى.
بۇرۇنىنى تارتىپ پۇرىغان زىبارە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئاشخانىغا كىرىپ:
- جەسۇر ئاكا، يەڭگەمگە قانداق ياخشى نەرسە ئېلىپ كەلدىڭىز، شۇنداق مىززىلىك پۇرىدى، - دېدى.
- سىلەرمۇ كېلىپ ئازراق يەمسىلەر، كۆپرەك سېتىۋالدىم. - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.
- ھاجىتى يوق، بىز يەپ بولدۇق. - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ، - تېزراق يەڭلار، بىز بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، تاماق بىردەمدە سوۋۇپ قالىدۇ، - دېدى.
- شۇنداق، زىلالە! - دېدى زىبارە ئىككى قولى بىلەن زىلالەنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئورۇندۇققا بېسىپ، - سىز ھازىر ھامىلىدار، چوقۇم ياخشى تاماق يېيىشىڭىز كېرەك. - دېدى.
زىلالە قايتىدىن ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، جەسۇر ئۇنىڭغا سۇنغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ، ئىچىملىك ئىشكاپى ئالدىدا تۇرغان زىبارەگە بۇرۇلۇپ:
- زىبارە، بۇ بىر نەچچە كۈندە ۋاقتىڭىز بارمۇ، ياردەم تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ - دېدى.
زىبارە مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:
- قولۇمدىن كەلسىلا چاتاق يوق، - دېدى.
- چوقۇم قىلالايسىز. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، - مەن سىزنى تەكلىپلىك ئىسكىرىپكىچى بولۇشقا تەكلىپ قىلماقچى، قىزىقامسىز؟ - دېدى.
- راستمۇ؟ - دېدى زىبارە ھەيران بولۇپ، - سىز مېنى تەكلىپ قىلماقچىمۇ؟ - دېدى.
زىلالەنىڭ ھازىرقى داڭقى بىلەن داڭلىق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشىمۇ بەك ئاسان.
زىبارە ئۆزىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
- ئەلۋەتتە جەزىملەشتۈرىمەن، ۋاقتىڭىز چىقماي قالمايدىغاندۇ؟ - دېدى زىلالە.
- سىزلا تەكلىپ قىلسىڭىز، ۋاقىتىم بولمىسىمۇ چوقۇم چىقىرىمەن. شۇنداقلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئويۇنىڭىزغا ماسلىشىمەن. - دېدى زىبارە زىلالەنىڭ چىرايىغا مىننەتدارلىق بىلەن قاراپ، - زىلالە ماڭا ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت! - دېدى.
- ھەممىمىز دوست، سىزگە ئىشەنمەي كىمگە ئىشىنىمەن، - دېدى زىلالە.
زىبارە كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، ئەمما كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى.
ئۇ ئاستا يۈزىنى بۇراپ، قولىنى كۆتۈرۈپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
گەرچە چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ، كۆڭلىدە زىلالە بىلەن جەسۇردىن خىجىللىق ھېس قىلدى.
ئۇ بىر مەزگىل زىلالە ئەمدى مېنىڭ ئەپۇ سورىشىمنى قوبۇل قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان.
مۇشۇ پەيتتە ئۆزىنىڭ كۆپ ئويلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئۇنىڭ ھالىتىگە دىققەت قىلغان ئەكبەر يېنىغا كېلىپ، بىر پارچە قەغەز سۇندى.
- رەھمەت ئاكا! - زىبارە قەغەزنى ئېلىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى يېنىك سۈرتتى.
قىزنىڭ يان يۈزىگە قاراپ تۇرغان ئەكبەر لەۋلىرىنى يۇمۇپ، ئىچىدە ئۇھسىندى.
زىلالە قاتارلىقلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىرلىكتە داچىدىن ئايرىلىپ، تيەننىڭ شىركىتىگە كەلدى.
ئەنۋەر ۋە خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداننى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئېلىپ:
- جەسۇر دىرېكتور، ئۆمەر دىرېكتور، ھەممە ئىشلار تەييار بولدى.- دېدى.
جەسۇر ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، - كۆپچىلىك تەييارلىق قىلىڭلار. - دېدى.
سائەت دەل 10 دا، ئەنۋەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىنىڭ يان ئىشىكىنى ئاچتى.
جەسۇر زىلالەنى ئېلىپ يانمۇ-يان ماڭدى، ئۆمەر كاستۇم-بۇرۇلكىنى قاتتۇرۇپ كىيىپ، ئىككى ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
ئۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن نەق مەيداندىكى تاراتقۇ لار ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشتى.
- نېمە ئىش بولدى؟
- بۇ ھېلىقى لايىھەلىگۈچى ئەمەسمۇ، ئۇ نېمە دەپ كەلگەندۇ؟
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar