مانا بۇنى سۆيۈش 2-بۆلۈم 91-قىسىم_ - تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

文摘   小说   2024-11-13 14:09   中国  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈ  92  -قىسىمغىچە   تامام 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
50
49484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
90
89888786








مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

91 -قىسىم

   


 




91-قىسىم


ئىشىك يەنە بىر قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن چېكىلدى.

بۇ قېتىم ئۆمەر كىرىپ كەلدى.

زىلالەنىڭ دادىسى ئوسماننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، بۈگۈن ئاكىسى ئۆمەر زىلالەنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، جەسۇرغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.

ئۆمەر رەتلىك ياسىنىپ بولغان سىڭلىسىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كېلىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى-تۆۋەن سەپسېلىپ:

 - تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

- بولىدۇ، ئەمىسە ماڭايلى!  -  دېدى ئۆمەر قولىنى سوزۇپ، زىلالەنى يۆلەپ، ئاكا-سىڭىل ئىككىسى بىللە مېھمانخانىدىن چىقتى.

زىبارە بىلەن ئايگۈل نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىشقا مەسئۇل بولغان، زۆھرە تېلېفوننى ئېلىپ ئەنۋەرگە تېلېفون قىلىپ:

- بىز ھازىرلا چىقىمىز، سىلەر تەرەپ تەييارلىنىپ بولدىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

- خاتىرجەم بولۇڭ، بىز   تەييارلىق قىلىپ بولدۇق، بولىدۇ... بىردەمدىن كېيىن كۆرۈشەيلى!  -  دېدى ئەنۋەر.

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن،  سەھنىنىڭ يېنىدىكى جەسۇرنىڭ يېنىغا كېلىپ:

 - جەسۇر دىرېكتور، خانىم  تەييار بولدى، ھازىرلا كېلىدۇ.  - دېدى.

جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ، يېنىدىكى رىياسەتچىگە قول ئىشارىتى قىلدى.

ئۇنىڭ كەينىدىكى ئەكبەر كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، مەيدىسىگە گۈل قىستۇرۇۋالغانىدى.

ئەنۋەرگە ئوخشاش، بۈگۈن ئۇمۇ يىگىت قولداشلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى.

- ماقۇل، ئەمىسە بىز بېرىپ كۈتۈۋالايلى.  -  دېدى  جەسۇر باشلامچىلىق بىلەن ئالدىغا ماڭغاچ، ئەنۋەر دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

ئۈچەيلەن ئاق گىلەمنىڭ بېشىدا تۇرغاندا، زىلالە قاتارلىقلارمۇ مېھمانخانىدىن چىقتى.

دىلىيار يىراقتىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال يېقىنلا يەردىكى كۈي سۆيەر ئوركىستېرىغا قول ئىشارىتى قىلدى.

دىرىژور ئوڭ قولىنى كۆتۈردى، ئوركېستىر دەرھال نەق مەيداندا < چۈشتىكى توي> مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى.

زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلگەن دىليار ئۆمەكتىكىلەرنى باشلاپ كېلىپ،  نەق مەيداندا مۇزىكا چېلىپ، زىلالە بىلەن جەسۇرغا ئالاھىدە سوۋغا قىلدى.

مۇزىكا ساداسى ئىچىدە زۆھرە بىلەن زىبارە ئالدى بىلەن كېلىپ، ئەنۋەر، ئەكبەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە گىلەمدىن ئۆتۈپ،  سەھنىنىڭ بىر تەرىپىگە كەلدى.

ئۆمەر ئوڭ قولىنى كۆتۈردى، زىلالە قولىنى ئاكىسىنىڭ ئالىقىنىغا قويدى، ئىككىيلەن ئاستا قەدەملەر بىلەن  سەھنىگە قاراپ ماڭدى.

ئايگۈل بىلەن مۇزىكا ئەترىتىدىكى باشقا ئىككى ئاچا-سىڭىل گۈل سېۋىتى قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

جەسۇر سەھنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بېشىنى سىياڭان قىلىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىنى كۆردى.

شۇ تاپتا، ئۇ گىلەمنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇراتتى.

ئۇنىڭ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.

كاللىسىدا  ئىككىيلەننىڭ توردا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن تارتىپ باشلانغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.

 بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان قىز، بۈگۈن ئاخىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆمۈرلۈك ھەمراھىسىغا ئايلاندى.

جەسۇر ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، زىلالەمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خىيال ئىچىدە  ئىدى.

ئوخشاشلا ئىككىيلەننىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ، ھەم خۇش بولدى ھەم قاتتىق تەسىرلەندى.

ئاخىرى، ئۇنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قالدى.

مۇزىكىنىڭ ئاۋازى تۆۋەنلەپ، ئۆمەر ئالىقىنىنى كۆتۈرۈپ، سىڭلىسىنىڭ قولىنى جەسۇرنىڭ قولىغا قويۇپ:

 - جەسۇر، ھازىردىن باشلاپ زىلالەنى سىزگە تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا ماقۇل بولۇڭ.  -  دېدى.

جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.  -  دېدى.

ئۆمەر بۇرۇلۇپ سىڭلىسىغا بىر ھازاغىچە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ بىر چەتكە ئۆتۈپ، دادىسى ئوسماننىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنىڭ يېنىغا كەلدى.

رىياسەتچى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ:

  - ھازىر،  گۈزەل قىزلارنى  ئىككى ئاشىق - مەشۇققا تويلۇق ئۈزۈكنى ئەپكېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز، - دېدى.

ئايگۈل ئالدىراش گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

جەسۇر گۈل سېۋىتىدىكى ئۈزۈكنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، زىلالەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئالماس ئۈزۈكنى بارمىقىغا سېلىپ قويدى.

زىلالە بۇ ئۈزۈكنى بىر نەچچە قېتىم ئېلىۋەتكەن، ھازىر ئاخىرى يەنە قولىغا تاقىدى.

ئۇ قولىدىكى ئۈزۈككە تىكىلىپ قاراپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، چۈمپەردە ئۇدۇلدىكى جەسۇرغا قاراپ،  كۆز چاناقلىرى سەل قىزىپ قالدى.

 - زىلالە!  - 

ئايگۈل پەس ئاۋازدا ئەسكەرتتى.

زىلالە ئېسىگە كېلىپ، يەنە بىر ئۈزۈكنى ئېلىپ، جەسۇرنىڭ قولىغا تاقاپ قويدى.

جەسۇر ئالىقىنىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ قولىنى يېنىك تۇتۇپ، كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، تەسەللى بەرگەندەك قولىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويدى.


نەق مەيداندا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

يېنىدا تۇرغان زۆھرە، ئايگۈل، زىبارە، مېھمانلار ئۈستىلىدە ئولتۇرغان مۇيەسسەر، ئوسمان، ئۆمەر ھەممەيلەن ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئەگرى-توقايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھايات-ماماتلىق سىناق.

زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە كېلەلىشىنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى مۇشۇ دوستلار ئوبدان بىلىدۇ.

رىياسەتچى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ،  - مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى جاكارلايمەنكى، يىگىت كېلىنچەكنى سۆيۈپ قويسا بولىدۇ!  -  دېدى.

كۆپچىلىك دەرھال  چاۋاك چېلىپ چۇقان سېلىشتى.

جەسۇر قولىنى سوزۇپ، زىلالەنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچتى.

 كۆز ئالدىدا ھېلىقى رەسىمدىكى قىز كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تونۇش تۇرقىنى سانسىز قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا   يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.

قاتتىق ھاياجان ئىچىدە ئېڭىشىپ،  لېۋىگە سۆيۈپ، باغرىغا چىڭ باستى.



مۇراسىم مۇشۇ يەردە رەسمىي ئاياغلاشتى .

مېھمانلار بەس-بەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، جەسۇر بىلەن زىلالەگە بەخت تىلىدى.

كۆپچىلىك سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇيەسسەرمۇ تەييارلاپ قويغان سوۋغات قۇتىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 -  بېشىڭلارنىڭ باش، ئايىغىڭلارنىڭ تاش بولۇشىنى،  مەڭگۈ ئامان - ئېسەن بولۇشىڭلارنى تىلەيمەن، - دېدى.

زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ سوۋغات قۇتىسىنى ئالدى، جەسۇر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنى يېنىك قۇچاقلاپ:

- رەھمەت ئاچا، كىيىن ... كەينىڭىزدە مەن بار.  - دېدى.

ئابلىكىمنىڭ دېلوسىغا رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى، كېيىنكى يېرىم ئۆمرىنى  تۈرمىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئاپىسى سانىيە بولسا روھىي جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەچكە، ھازىر يەنىلا ساناتورىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە پەقەت  مۇيەسسەرلا قالدى.

جەسۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، مۇيەسسەر بۇرۇنىنى تارتىپ، قايتىدىن روھلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

- خاتىرجەم بولۇڭ، ئاچىڭىز ئۇنداق ئاجىز  ئەمەس، بەرداشلىق بېرەلەيمەن.  -  دېدى.

جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

- بولدى، بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار،  ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.  -  دېدى مۇيەسسەر ئىككىسىنىڭ يەنە نۇرغۇن مېھمانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىككىسىنىڭ بىلىكىگە شاپىلاقلاپ، بۇرۇلۇپ بىر تەرەپتىكى دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ماڭدى.

ئۆمەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ، تاماق ئۈستىلىدىن ئىككى رومكا كوكتېل ئىچىملىكىنى ئېلىپ، كەينىدىن كەلدى.

قولىدىكى بىر رومكىنى مۇيەسسەرنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ:

 - ئازراقتىن ئىچەيلى!  -  دېدى.

ئۇنى كۆرگەن مۇيەسسەر كۈلۈپ قويۇپ، قارشى تەرەپ سۇنغان رومكىنى ئېلىپ، يېرىم بوشلۇققا كۆتۈرۈپ:

 - ئاڭلىسام، تيەننىڭ ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىش باشلاپتۇ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ قايتىدىن ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.  -  دېدى.

 - رەھمەت. - دېدى ئۆمەر ئۇنىڭ بىلەن رومكا سوقاشتۇرۇپ،-  سىزچۇ، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟  -  دەپ سورىدى.

مۇيەسسەر مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ:

  - مەن... خېلى ياخشى، شىركەتنى يېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋالغاچقا، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار  بار، بىراق... ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، - دېدى

- ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى ئۆمەر  ئۇنىڭ چىرايىغا بىر پەس سىنچىلاپ قاراپ،  -  ئەگەر  ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا، تارتىنماي دەۋېرىڭ.  -  دېدى.

مۇيەسسەر كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:

  - بولىدۇ، ئەمىسە ئاۋۋال ھەمساۋاق ئاكامغا رەھمەت ئېيتاي !  -  دېدى.

 <ھەمساۋاق ئاكا> دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئۆمەرنىڭ كۆزلىرىدە ئامالسىزلىق  پەيدا بولدى.

ئىككىيلەن ئالىي  مەكتەپتە تونۇشۇپ، بارا-بارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئەڭ گۈزەل چاغلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن.

ئەپسۇس، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى.

سانىيە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ، ئالايىتەن مەكتەپكە كېلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى ئايرىۋەتتى.

چۈنكى سانىيەنىڭ قارىشى بويىچە، ئۆمەر ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئوبيېكت ئەمەس ئىدى.

- ئۇنداق بولسا سىزنى ئاۋارە قىلماي.  - دېدى ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ رومكىنى كۆتۈرۈپ، - مەن بېرىپ باشقا مېھمانلار بىلەن سالاملىشىپ قوياي.  -  دېدى.

 - بولىدۇ. - دېدى مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇنىڭ بۇرۇلۇپ، بارا ـ بارا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ،  يەنىلا ئۆزىنى كونترول قىلالماي، كۆزى قىزىرىپ كەتتى.

- مۇيەسسەر دىرېكتور!  - ياردەمچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، - شىركەتتە بىر ئاز جىددىي ئىش چىقىپ قالدى،  قايتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىمىسىڭىز بولمىدى، سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولا؟  -  دېدى.

مۇيەسسەر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلدى.

چىرايى قايتىدىن  بىر شىركەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك سوغۇققان ھالەتكە قايتىپ:

 -  كەچنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىڭ،  - دېدى. 

 - بولىدۇ.  -  دېدى ياردەمچى، بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى ئورۇنلاشتۇردى.

كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى ئۆمەرگە قارىغان مۇيەسسەر ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئايىغىنى سېلىپ دېڭىز ساھىلىغا دەسسىدى.

دېڭىز سۈيى پۇتلىرى ئارىسىدىن قايتا-قايتا ئېقىپ ئۆتتى.

ئاپىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆمەردىن ئايرىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ھازىرغىچە تۆت-بەش يىل بولدى.

 ئاخىرى ئاپىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدىغان، ئېرىشمەكچى بولغان ئەركىنلىككە ئىگە بولدى.

لېكىن ...

ئۆز ئاكىسى ئابلىكىم زىلالەنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالدى، ئاپىسى روھىي مەسىلە سەۋەبىدىن تېخىچە دوختۇرخانىدا، قاچان دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان تەقدىردىمۇ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك.

ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن قايتا يارىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

تۇرمۇش  رومان ئەمەس، كىنومۇ ئەمەس، ئۇنچە كۆپ قايتا ئۇچرىشىپ يارىلىشىپ قالىدىغان مۇكەممەل ئاخىرلىشىش بولمايدۇ.

ئىگە بولۇش بولغاندەك ئايرىلىشمۇ مەۋجۇت.

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章