كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
89 | 88 | 87 | 86 |
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
90 -قىسىم
90-قىسىم
- بىراق، مەن بىر ئىشنى يەنىلا چۈشەنمىدىم، سىز مېنىڭ ئوغۇللار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشسام قورقىدىغان ئىشىمنى قانداق بىلىسىز؟ - دەپ سورىدى زىلالە.
ئۇ ئىش ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى، قائىدە بويىچە جەسۇر بىلمەسلىكى كېرەك ئىدى.
- چۈنكى... - دېدى جەسۇر ناھايىتى بوش ئاۋازدا، - ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىمەن. - دېدى.
- كىم؟ - دەپ سورىدى زىلالە.
- قەيسەر. - دېدى جەسۇر.
- نېمە؟ - زىلالە چۆچۈپ قاتتىق چۆچۈپ،- سىز قانداق بىلىسىز؟ - دېدى.
- سىزنىڭ ۋەقەگە يولۇققانلىقىڭىزنى بىلىپ، شۇ كۈنى كەچتىكى ئىشنى ئىزچىل تەكشۈردۈم، شۇ كۈنى كەچتە، قەيسەر مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ مەكتەپ فورمىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى، بەدىنىدە تاتىلىغان ئىز بارلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭدىن سورىسام، ئېتىراپ قىلمىدى، شۇڭا... مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم. - دېدى جەسۇر.
- ھېلىقى... سىلەر مەيداندا ئۇرۇشقان ۋاقىتمۇ؟ - دېدى زىلالە.
جەسۇر بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.
ئەركىننىڭ ئۇنى جەسۇرنىڭ ھاياتىنى بىر قېتىم نابۇت قىلدىڭىز دېگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.
شۇ قېتىملىق ئۇرۇشۇش سەۋەبىدىن، جەسۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىدى، بۇ ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانغا باراۋەر.
- بىلىمەن، مەن بەك پەسكەش، شەخسىيەتچى.. - دېدى جەسۇر كۆزىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالماي، - مەن بارلىق يالغانچىلىقلىرىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئەگەر... مېنى كەچۈرەلمىسىڭىز، مەنمۇ ... سىزنى تەڭلىكتە قويمايمەن، بۇ يەردىن دەرھال يوقىلىپ... تۇرمۇشىڭىزغا دەخلى قىلمىسام بولىدۇ، - دېدى.
زىلالە چۆچۈپ جايىدا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەزەلدىن بىلمەيتتى.
جەسۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھېچكىمدىن ئاڭلاپمۇ باقمىغان!
جەسۇر ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىيالماي، ئىككى قولىنى چىڭ سىقتى.
ئۇنىڭغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قوبۇل قىلالماسلىقىدىن، ئۆزىنى پەسكەش، جاھىل دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
دەرۋەقە... قوبۇل قىلالمىدى.
- راستتىنلا كەچۈرۈڭ، مەن... مەن راستتىنلا بەك خىجىل. - دېدى جەسۇر ئېغىر قەدەملەر بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
- توختاڭ! - زىلالە ئالدىراپ قوغلاپ كېلىپ، - كەتسىڭىز، ئىككى بالا بىلەن قانداق قىلىمەن؟ - دېدى.
جەسۇر قەدىمىنى توختىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- كەچۈرۈڭ، مېنىڭ پەقەت سىزنى داۋاملىق ئالدىغۇم يوق، مەيلى قانداق قارار چىقىرىڭ، ئەمدى سىزنى تەڭلىكتە قويمايمەن. - دېدى.
- ماڭا شۇنچە يالغان گەپنى قىلىپ، شۇنچە ئۇزۇن ئالدىدىڭىز، - دېدى زىلالە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ـ ماڭا ياخشى تولۇقلىما بېرىشىڭىز كېرەكمۇ قانداق؟ - دېدى.
- ئەلۋەتتە! - دېدى جەسۇر بېشىنى لىڭشىتىپ، - قانداق تۆلەم تەلەپ قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، - دېدى.
- مېنىڭ ھالىمدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىڭ! - دېدى زىلالە.
جەسۇر چۆچۈپ كەتتى، ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زىلالەنىڭ كۆزىگە قارىدى.
قىزنىڭ لەۋلىرى سەل-پەل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئېنىقلا ئۇنى قەستەن مازاق قىلىۋاتاتتى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يەنىلا ئىشەنگۈسى كەلمەي:
- مەندىن خاپا بولمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- كىم مېنى خاپا بولمايدۇ دەيدۇ؟ - دېدى زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، خۇپسەنلىك بىلەن ئۇھسىنىپ، ـ كىم سىزنى بۇنداق ئالدامچىلىق قىلسۇن دەپتۇ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلسىڭىز بولامدۇ؟ ! - دېدى.
جەسۇرنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق پەيدا بولۇپ، ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ چىڭ قۇچاقلاپ:
- رەھمەت، رەھمەت سىزگە، زىلالە، ئىلگىرىكى ئىشلاردا ھەقىقەتەن يۈز كېلەلمەيمەن، ۋەدە بېرەي، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ھەرگىز ئالدىمايمەن! - دېدى.
زىلالە ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن ئىتتىرىپ:
- رەھمەت ئېيتىش ۋە كەچۈرۈم سوراشتىن باشقا گەپ قىلمامسىز؟ - دېدى.
ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىغان جەسۇر ئاستا ئېغىز ئېچىپ:
- زىلالە، مەن... مەن سىزنى سۆيىمەن. - دېدى.
ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرى ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ بۇ ئۈچ خەتنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بولدى.
- ئالدامچى، ئەخمەق... - دېدى زىلالە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، چىڭ قۇچاقلاپ، ـ مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن، سىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن. - دېدى.
بىر ئايدىن كېيىن
چۈشتىن كېيىنكى دېڭىز ساھىلىدا، نەق مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان بولۇپ، ئاق رەڭلىك پەردە ۋە سۇس يېشىل رەڭلىك گىدرانگا گۈلى پۈتكۈل دېڭىز ساھىلىنى نەپىس ۋە خىيالىي تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
خىزمەتچى خادىملار ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ كەلگەن مېھمانلارنى ئورنىلىرىغا باشلىدى.
ئانچە يىراق بولمىغان مېھمانخانا ئۆيىدە گىرىمچىك بىلەن كىيىم لايىھە ئۇستىسى زىلالەگە ياردەملىشىپ چېچىنى ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
زۆھرە يېنىدا تۇرۇپ ئەستايىدىل نازارەت قىلدى، ئۇ دوستىنىڭ بىرەر - يېرىم تال چېچىنىڭ چىرايلىق بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
يېقىنلا يەردە، زىبارە بىلەن ئايگۈلمۇ بار بولۇپ، ئۇلار زىلالەگە ياردەملىشىپ بىردەم تۇرۇپ ئالماشتۇرىدىغان ئۈزۈكنى رەتلەۋاتاتتى.
ئىشىك چېكىلدى، زۆھرە ئىتتىك كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
ئىشىك سىرتىدا ئەنۋەر تۇراتتى.
ئۇنى كۆرگەن ئەنۋەر چۆچۈپ كەتتى.
بۈگۈن زۆھرە قىز قولداش بولغاچقا، گىرىم قىلىپ، قولداش كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ بولغانىدى.
سۇس يېشىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى ئادەتتە بىپەرۋا كۆرۈنىدىغان قىزنى ئاز ئۇچرايدىغان ئاياللىق نازاكىتى ۋە نەپىسلىكى بار سۆيۈملۈك ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.
كۆز ئالدىدىكى زۆھرە ئادەتتە ئۆزىنىڭ كەسپىي ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەمىشە قەستەن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىدىغان بۇرۇنقى ۋاقتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى.
ئەنۋەر تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىملىكىنى تونۇيالماي:
- سىز كىم بولىسىز... - دېدى.
- نېمە؟ ـ دېدى زۆھرە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ـ ئىشىڭىز بولسا تېز دەڭ. - دېدى .
تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغان ئەنۋەر ھاڭ-تاڭ بولغىنىچە ئۇنىڭغا سەپسېلىپ ،- سىز زۆھرەمۇ. - دېدى.
زۆھرە ئاۋۋال سەل گاڭگىراپ، ئاندىن قاقاقلاپ كۈلۈپ:
- نېمە، گىرىم قىلىپ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتىمەنمۇ؟ تونۇيالماي قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
ئەنۋەر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ :
- سىلەر ئاياللار گىرىم قىلساڭلار، خۇددى بېشىڭلار ئالمىشىپ قالغاندەك بولىدىكەن، - دېدى.
- جۆيلۈمەڭ، مەن ئەسلىدىنلا بەك چىرايلىق، جۇمۇ، - دېدى زۆھرە ئېتىكىنى تارتىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىياپەتتە تۇردى.
ئۇنىڭ كىيىۋالغىنى مۈرىسى ئۇچۇق كۆڭلەك بولغاچقا، ھازىرقى ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى سالاپەتلىك تۇرقى تېخىمۇ زىلۋا كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئەنۋەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ:
- مېھمانلار كېلىپ بولدى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار، كېچىكمەڭلار. - دېدى.
- خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بار! - دېدى زۆھرە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، بۇرۇلۇپ قايتىپ كىردى.
ئەنۋەرنىڭ كۆزلىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن قىزنىڭ ئىنچىكە بېلىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، لەۋلىرىنى تامشىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىتتىك ماڭدى.
- كۆپچىلىك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار! ـ دېدى زۆھرە قايتىپ كېلىپلا ئىككى قولىدا چاۋاك ئۇرۇپ، ـ بىردەمدىن كېيىن ئېلىۋالىدىغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى. - دېدى.
بۇ چاغدا، بىر نەچچە گىرىمچىكلار زىلالەگە مۇراسىم كىيىمى كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئىچىدىن يۆلەپ ئېلىپ چىقتى.
ئاق رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن زىلالەنى كۆرگەن زۆھرە، زىبارە، ئايگۈل ھەممىسى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالدى.
- ۋاھ، زىلالە، نېمىدېگەن چىرايلىق بوپكەتتىڭىز! -
- بۇنداق چىرايلىق كېلىنچەكنى مېنىڭمۇ بۇلاپ كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ! - دېيىشتى.
زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۈچەيلەنگە قاراپ:
- بولمىسا، تويدا مېنى ئېلىپ قاچامسىلەر؟ - دېدى.
- جەسۇر دىرېكتورغا تەڭ كېلەلمەيمىز... - دېدى زۆھرە كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar