كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
111-قىسىم
111-قىسىم
بىر ئۆمۈر قوغدايمەن
- ئىشقىلىپ ئۇ ھازىر چوقۇم خالىمايدۇ. - دېدى موماي تۇيۇقسىز گېپىنى تارتىۋېلىپ، - ئۇ ھامىلدار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنىڭ نەۋرەمنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن ... - دېدى.
زەپەر زۇبەيدەگە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتلىك قاراپ :
- بۇنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭ بارلىق تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئەگەر ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مەۋلاننى تاللىسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۈن-تىنسىز قوغدايمەن... - دېدى.
ئەگەر موماي ئىلگىرى قەستەن قىلغان بولسا، ھازىر، ئۇ زەپەرنىڭ ھېسسىياتىدىن ھەقىقەتەن قورقۇپ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغىلى تاس قالدى.
ئەسلىدە خەقنىڭ ئاغزىدىكى ئۆسەك سۆزى تارقالغان ئوغۇل دوستى ئۇنىڭ نەۋرە كېلىنىگە ھەقىقەتەن قىزىقىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇر ئىكەن.
دېگەن گەپلەرنىڭ چىرايلىققىنى دېمەي تۇرايلى.
زۇبەيدە زەپەرگە قىزىقىپ قالغىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئوڭايسىزلىنىش سەۋەبىدىن قىزىرىپ كەتتى.
تۇيۇقسىز بۇنداق مۇھەببەت ئىزھار قىلىسا، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئازراقمۇ تەييارلىق يوق ئىدى.
گەپنى شۇنداق ئوچۇق قىلىپ، ئۇنى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەس قىلىپ قويدى.
نېمە ئۇ ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۈن-تىنسىز قوغدايمەن دېگەن.
ھەقىقەتەن كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.
- سىزگە ئۇۋال بولدى... بىراق سىزمۇ ۋاز كەچمەڭ، مەن نەۋرەمگە بىر قەدەر يان باسساممۇ، لېكىن زۇبەيدەگە ھەقىقەتەن بەك ئامراق، ئەگەر مەۋلان قەدىرلەشنى بىلمىسە ھەم زۇبەيدەگە ئازار بەرسە، مەنمۇ زۇبەيدەگە داۋاملىق ئۇۋال قىلىشىغا قاراپ تۇرمايمەن... - دېدى موماي.
زەپەر لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تەنتەنىلىك ھالدا:
- ئۇنىڭ سىزدەك مومىسىنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ بەختى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىڭىزغا رەھمەت ... - دېدى .
زۇبەيدە چېچىنى ئويناپ، لېۋىنى چىشلەپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن:
- زەپەر، بولدى گەپ قىلماڭ... - دېدى.
- كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېيىشكە ئاران تەستە پۇرسەت كەلدى، سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىز ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇشايمان قىلسىڭىز، مەن چوقۇم سىزنىڭ كەينىڭىزدە بولىمەن... - دېدى زەپەر.
زۇبەيدە ئەمدى گەپ قىلالماي قالدى.
تازىمۇبىر! ئادەم كەلتۈرۈشكە تازىمۇ ئۇستا ئىكەن!
زەپەر ھەقىقەتەن يېتەرلىك بولدى!
قاچاندىن باشلاپ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەر پىرسوناژ بولۇپ قالدى؟ !
باشقىلارنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى رومان كۆرسە ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەر پىرسوناژنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن!
ياخشى كۆرمىسە غەلىتە ھېس قىلسا بولغۇدەك!
بىرىنچى نومۇرلۇق ئايال پىرسوناژنىڭ ھەممىسى ئەخمەق!
گەرچە ئۇ، ئۆزىنىڭ قايسى تىياتىرىنىڭ ئايال باش رولچىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇنداق بىر ئەر ئۆزىنى ياد ئېتىپ تۇرسا...باشقىچە ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلدى.
دېمەك، ئۇ زەپەرگە ھازىرغىچە تەپسىلى قاراپ باقماپتىمەن، دەپ ئويلاپ قالدى.
ئۇ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ زەپەرگە قارىدى، ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك كۆزلىرىگە سەپسېلىپ، يۈرىكى تۇيۇقسىز جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئاندىن چىرايغا سەپسالدى.
ھەقىقەتەن كېلىشكەنكەن... ئۇنىڭدەك تاشقى قىياپىتىگە دىققەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئۆتكىلىدىن يۈز پىرسەنت ئۆتۈپ كېتەلەيدىغاندەك ھېس قىلدى.
بولىدىكەنغۇ... ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر كۈن بولسا، ئۇ زەپەرنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك.
چىرايىمۇ بولىدىكەن!
- زۇبەيدە! !
بۇ چاغدا بىنادىن تۇيۇقسىز غەزەپلىك ھۆركىرىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى قورققىنىدىن قاتتىق تىترەپ كەتتى، ئۇ ئىختىيارسىز بوينىنى قىسىۋالدى، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، بېشىنى بۇراپ مەۋلاننىڭ خەتەرلىك ھالدا بىنادىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- سىز... نېمىشقا چۈشۈۋالدىڭىز؟ ! بايا ئۇكۇل چۈشۈۋاتقانتىغۇ! - دېدى .
مەۋلان ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، زۇبەيدەنى كەينىگە تارتىپ، سافادا ئولتۇرغان زەپەرگە قارىدى، يۈزىدىكى گۆشلىرىمۇ تىترەپ:
- ئېرى بار ئايالنى ئازدۇرۇشتىن خىجىل بولمامسىز؟ ! - دېدى.
زۇبەيدە دەرھال ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:
- مەۋلان ... - دېدى.
زەپەر كۆزىنى ئاچتى، ئەمما ئۇدۇل زۇبەيدەگە قارىدى، نەتىجىدە مەۋلان بەدىنىنى يۆتكەپ، زۇبەيدەنىڭ سىماسىنى پۈتۈنلەي توسۇۋېلىپ:
- يەنە قاراپ بېقىڭە، ئىشىنەمسىز، كۆزىڭىزنى ئۇيۇۋالىمەن؟ ! - دېدى.
زەپەر قېشىنى ئېتىپ قويدى، مەۋلاننىڭ خەتەرگە تولغان ، پۈتۈنلەي دوستانە بولمىغان گەپلىرىگە قىلچە پىسەنت قىلمىغاندەك قىلاتتى.
بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، تۇيۇقسىز پىخىلدەپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مەۋلان بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇردى، ھەر ئىككىسىنىڭ بويى ئېگىز ھەم قامەتلىك بولۇپ، ھەيۋىسى بىر - بىرىدىن قېلىشمايتتى.
- ھازىر بۇ يەردە قاراشقىمۇ يول قويمايۋاتامدۇ تېخى ؟ مەن ئىلگىرى كۆپ كۆرگەن، نېمىشقا بۇ يەردە سايىڭىزنىمۇ كۆرەلمەيمەن؟ - دېدى زەپەر.
مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپ:
- بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، ئۆيگە كىرىپ باشقىلارنىڭ خوتۇنى ئازدۇرسىڭىز، ھەقىقەتەن نومۇسسىز ئىكەنسىز، - دېدى.
زەپەر يەنە تەنە قىلىپ پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ:
- مەۋلان ئەپەندى، بۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، ئايالىڭىز قارىتىپ قويۇپ سۆيگىنىڭىز بىلەن بىر جۈپ يۈرۈپ ئالىي دەرىجىلىك مېھمانسارايغا كىرىپ-چىققاندا، سىز يەنە نېمە ئويلىغانتىڭىز؟ - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەۋلاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى، زۇبەيدەنىڭ چىراي ئىپادىسىمۇ قېتىپ قالدى.
موماي بىلەن خاسىيەتمۇ دەرھال قوشۇمىسىنى تۈردى.
موماينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سوغۇق ئاۋازدا:
- نېمە ئىش بولدى؟ ! نەدىكى بۇرۇنقى مەشۇقى ئىكەن؟ - دېدى.
مەۋلان كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، موماينىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمىدى، ئەمما زەپەرگە قاراپ سوغۇق ئاۋازدا :
- سىز بۇنداق دېسىڭىز، مەن سىز بىلەن ئۇنىڭ تاماقخانىغا كىرىپ-چىقىپ تاماق يىگەن ئىشلارنى ھېسابلاشسام بولغۇدەك - دە؟ - دېدى.
- بولىدۇ. - دېدى زەپەر سەمىمىيلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ، - مەن ئېتىراپ قىلىمەن، مەن زۇبەيدەنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇ مېنىڭ بۇنداق خىيالىم بارلىقىنى بۇرۇن پەقەت بىلمەيتتى، ئۇ مېنى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، مەنمۇ بۇ يەرگە كەلدىم، ئۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، بىز ئىككىمىز، مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ھەر ۋاقىت پاك، ئوچۇق-يورۇق ئۇنداقتا سىزچۇ؟ مەۋلان ئەپەندى؟
- ئەگەر تور تاراتقۇلىرىنىڭ تۆھپىسى بولمىغان بولسا، ھېچكىم زۇبەيدەنىڭ سىز بىلەن توي قىلىپ رەسمىي ئايالىڭىز بولغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى، شۇنداقمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ تورنىڭ ئىلتىپاتى، سىزنىڭ بۇ خوتۇنىڭىز، سىزگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن يەنە قانداق پىتنە-پاساتلارغا ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى، سىز كۆرەلمىدىڭىزمۇ ياكى ئەسلا پەرۋا قىلمامسىز؟
ئەگەر سىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز، بەلكىم ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە ئۇ يەردە پەيدا بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى! مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېدىم، لېكىن ئۇ ھېچبولمىغاندا مېنىڭ بۇرۇنقى لايىقىم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنى ئىلگىرى ئىككى ئادەم بىللە تاماق يېگەن ئاشخانىغا ئاپىرىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىمىدىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەردىنى قايرىپ، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بەرمىدىم ... سىزنىڭ مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىڭىز بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن بۇ مۆتىۋەرلەرچە سالاپەتنى، سىز ئۆز ئايالىڭىزغا كۆرسىتىپ باققانمۇ؟
زەپەرمۇ ئالدىرىماي، تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ تەلەپپۇزى تۈگىمەس مەسخىرە بىلەن تولغانىدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپلا كەتتى، زەپەر ھەممە گەپنى دەپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بوشلۇقى قالدۇرمىدى.
زۇبەيدەگە كەلسەك، ئۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن، كۆڭۈل بۆلۈشنى خالىمايدىغان بىر ئىشنى زەپەر قەستەن تىلغا ئالدى، بىر خىل قايغۇ ۋە ئازاب ئاستا-ئاستا كېڭەيدى، ئۇ نېمە دېيىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي جىمجىت تۇرۇپ قالدى.
بارلىق ئىشلارغا ئۇ قاتنىشالمايدۇ.
ئېنىقكى ئۇلار ئەر-خوتۇن، ئۇنىڭمۇ مەۋلاندىن بىر چۈشەنچە سوراش سالاھىيىتى بار، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.
چۈنكى قورقىدۇ.
ئۆزىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قېلىشىدىن، مەۋلاننىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى، ھەر بىر چىراي ئىپادىسىنىڭ ئۇنى ئاسانلا يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
شۇڭا ئۇ سوراشنى خالىمايدۇ...
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋاقىتتا، ئۇ پەقەت كۆز ئالدىدا ياشاشنىلا ئويلايدۇ، گەرچە ھاماقەتلەرچە گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ.
خۇددى بۇ ئىككى كۈنگە ئوخشاش، ئۇ ھېچقانداق سەۋەبنى بىلمەيدۇ، كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت مەۋلان بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلارنى ئەسلەشنى ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشنىلا ئويلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىماي، قانچىلىك خۇش بولالىسا شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.
ئۇ مەۋلانغا ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈش ياكى سۆيۈش دېگەن سۆزنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
لېكىن، ئادەملەر بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ، ئۇزاق بىللە يۈرگەندە، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھامان بىر قەۋەت ئارازلىق مەۋجۇت.
ئۇ مەۋلاننىڭ ئالدىدا ئامانگۈلنى تىلغا ئالغان، لېكىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەل بولمىدى.
ئەمما ھازىر زەپەر بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەتتە يەنە تىلغا ئالدى، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ تۇيۇقسىز نېمە دېيىشىنى، ئويلىمىغان يەردىن يەنە ئۇنىڭغا ئازار بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئۇ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ، مەۋلاننىڭ كەينىدە يانچە تۇردى، بېشىنى سەل ساڭگىلىتىپ، قىپقىزىل لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، پۈتۈن بەدىنى چىڭىپ، ئالقىنى ئازراق مۇزلىدى.
ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئازار يېيىشكە تەييارلىق قىلىپ قويدى.
بىر چەتتە تۇرغان موماي ئۇنىڭغا قارىدى، چىرايى ئىختىيارسىز تېخىمۇ سوۋۇپ:
- مەۋلان! مەن سەندىن گەپ سوراۋاتىمەن! سىلەر بايا دېگەن ئالدىنقى مەشۇقى دېگەن كىم بولىدۇ؟ ! - دەپ سورىدى.
مەۋلاننىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ:
- تېخى تۈگىمىدىمۇ؟ - دېدى.
خاسىيەتمۇ بۇ قېتىم تەرىنى تۈرۈپ:
- مەۋلان، بۇ ئىشنى چوقۇم ئېنىق دېيىشىڭ كېرەك، ھېلىقى ئامانگۈل شۇمۇ؟ قايتىپ كەلدى شۇنداقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مەۋلان گەپ قىلمىدى، ئەمما زەپەر داۋاملىق ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ:
- قارىماققا مەۋلان ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك ئىكەن، سابىق لايىقى توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا، ھەممە ئادەم پەقەت ئامانگۈل خانقىزنىلا ئويلايدىكەن! - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى تىتىرەپ كەتتى، تۇيۇقسىز بېشى قىزىپ، ئوكسىگېن يېتىشمىگەندەك ھېس قىلىپ، ئىچى سىقىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى.
مەۋلاننىڭ قانچىلىك مۇھەببىتى بولاتتى، پەقەت بىرلا مەشۇقى بار.
بۇنىڭدىن ئۇ زادى خۇشال بولۇشى كېرەكمۇ ياكى ئازابلىنىشى كېرەكمۇ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar