كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
1-قىسىم
10-بۆلۈم
1- قىسىم
سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ
ھازىرقى بۇ ئەھۋالدا، ئامانگۈل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، پەقەت ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى.
- مەن توردا سىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم، ئەسلىدە بۈگۈن دوختۇرخانىغا بارغانىدىم، نەتىجىدە دوختۇرخانا سىزنى دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى دېدى... شۇڭا كۆرۈپ كېتەي دەپ كېلىشىم، ئەھۋالىڭىزدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ... - دېدى ئامانگۈل.
گەرچە زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ئالدىدا قىلچە تۆۋەن چېكى يوق كەمتەر بولالىسىمۇ، ئەمما ئامانگۈلنىڭ ئالدىدا، ئۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قورقۇنچاق ئادەم بولۇشىغا يول قويمايدۇ.
چۈنكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى تۆكۈۋېلىشقا تەن بەرمەيدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتە ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا يول قويسا بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولۇشىغا يول قويمايدۇ.
بايىقى بارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، زۇبەيدە ئامانگۈلغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىدى.
ئۇنداقتا، ئۇ مەۋلان ئىككىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى قانداق بىلدى؟
بۇ يەردە مەۋلاندىن باشقا يەنە كىم ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىدۇ؟
زۇبەيدە كۆزىنى يۇمدى، كۆڭلىدە ئۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشەندى، مەۋلان نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئامانگۈلغا ئېيتىدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئۆي ئادرېسى توغرىسىدا پاراڭلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىزچىل بىر چەتتە تۇرغان زەپەر بۇ چاغدا تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى، زۇبەيدەنىڭ يېنىك يۇمۇلغان كۆزلىرى سەل-پەل تىترەپ كەتتى.
بايا مەۋلانغا بولغان غەزەپ، مەۋلانغا بولغان ئۇزۇندىن بۇيانقى مۇھەببىتى، بارلىق ئىشلار، مۇشۇ پەيتتە، تۇيۇقسىز چۆلدەرەپ قالدى.
ئۇ زادى نىمىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ؟
ئامانگۈل خېلى بۇرۇنلا مەۋلاننىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا، بەرداشلىق بېرىشكە، تىرىشىشقا، مەۋلانغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا قايىل قىلغان، ئۇ چىن كۆڭلىدىن بەدەل تۆلەپ ياخشى كۆردى، ئاخىرىدا ئازراق بولسىمۇ جاۋابقا ئېرىشتى.
ئۇ بۇ ئىككى كۈندە، ئەھۋال كۆڭۈلدىكىدەك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى دەپ ئويلىدى.
مەۋلان ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياشىدى، ئۇ ئىككىسى ئادەتتىكى ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشاش، ئىككى كىشىلىك دۇنياسىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىن ئۆتەلىدى.
تۇرمۇشىنى تۇتۇپ كېتەلىدى، ھېچ بولمىغاندا بىر - بىرىنى چەتكە قاقمىدى.
ئادەتتىكى ئەر-خوتۇنلار، ھەقىقىي ئەر-خوتۇنلار، ... ئەمما مەۋلان بۇ سۆزنى ھېلىلا ئۇنىڭ بىلەن زەپەرگە ئىشلەتتى.
ئۇنىڭ ئېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى بىلەن باشقا ئەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان گەپلەرنى ئاسانلا دېيەلىدى، ئۇ قانداقمۇ پەرۋا قىلمىسۇن.
مەۋلان ئۇنى نېمە دەپ قالدى؟
ئەگەر بايىقى ئادەم ئۇ ئەمەس، ئامانگۈل بولغان بولسا، ئۇ ھەرگىز بۇنداق گەپنى قىلمايتتى.
بەرداشلىق بېرىشى ئۇنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بولغان ئىش خالاس.
ئۇ باشتىن ئاخىر ئامانگۈلنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالدى، ئامانگۈلنى مەۋلاننىڭ قەلبىدىن چىقىرىۋېتەلمىدى.
زۇبەيدە چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇھسىنىپ پۈۋلەپ چىقاردى، بېشىنى كۆتۈرۈپ مەۋلانغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە خۇددى ھېچ نەرسە قالمىغاندەك، قايغۇ-ھەسرەتمۇ يوق، خۇشاللىق ۋە غەزەپمۇ يوق... لېكىن يەنە ھەممە نەرسە باردەكمۇ قىلىدۇ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز نۇرغۇن كەيپىياتلار بار..
ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ، نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغاندەك قىلدى، نەتىجىدە قولىنى يەنە زەپەر تۇتۇۋالدى، زۈبەيدە توختاپ قېلىپ، يېنىدىكى زەپەرگە قارىدى.
- سىز ھازىر ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشىڭىز كېرەك، مەن بىلەن مېڭىڭ. - دېدى زەپەر.
ئۇ زەپەرگە گۇمان بىلەن قارىدى، ئەمما بەدىنىنى زەپەرگە ئەگىشىپ ئىشىكىنىڭ سىرتىغا قاراپ يۆتكەلدى.
مەۋلاننىڭ قاپىقى يەنە بىر قېتىم تۈرۈلۈپ، قولىنى سوزۇپ زۇبەيدەنى تۇتۇۋالماقچى بولدى، ئەمما زەپەر ئۇنى توسۇۋېلىپ:
- ئىشىڭىزنى پاكىز بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مەن بىلەن زۇبەيدەنىڭ ئىشىنى سۆزلىشىڭ، بايا مەن دېگەن گەپلەرنىڭ سىزگە تەسىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ... - دېدى.
مەۋلان ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئەمما زەپەرنىڭ زۇبەيدەنى مۇشۇنداقلا ئالدىدىن ئېلىپ كېتىشىگە قانداق يول قويالىسۇن.
- ماڭغىڭىز بولسا مەيلى، ئۆزىڭىز يوقالسىڭىز بولىدۇ! - دېدى مەۋلان.
بۇ چاغدا، بىر چەتتە تۇرغان موماي ئېغىز ئېچىپ:
- زەپەر ئەپەندى، سىز ئاۋۋال زۇبەيدەنى ئېلىپ كېتىڭ، بىزنىڭ بۇ يەردە ھەل قىلىدىغان بەزى ئىشلىرىمىز بار. - دېدى.
گەرچە بايا زەپەر زۇبەيدەگە چوڭقۇر مەنىلىك گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر موماي راستتىنلا سەل ئەنسىرەپ قالدى.
لېكىن، ئەگەر مەۋلان ئامانگۈلنىڭ ئىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، موماي زۇبەيدە بىلەن زەپەرنىڭ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىشىنى خالايدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن، ھېچقانداق بىر ئايال ئۆزى چوڭقۇر سۆيىدىغان ئەرنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن چىرمىشىپ قېلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
ئەگەر كۆڭلىنى ئېنىق بىلمىسە، ئۇنداقتا ۋاز كېچىشى كېرەك، ئۇۋالچىلىق تارتىش ئەخمەقلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى.
مەۋلاننىڭ كۆزلىرى زۇبەيدەگە تىكىلدى، سوغۇق ئاۋازدا:
- زۇبەيدە. - دېدى.
پەقەت ئىسىمنى چاقىرغان بولسىمۇ، قويۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىپ تۇراتتى.
ئەگەر ئۇ راستتىنلا زەپەرگە ئەگىشىپ مېڭىشنى تاللىسا، ئۇنداقتا ھەممە ئادەم ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىقىنى ھەممەيلەن ئېنىق ھېس قىلدى.
لېكىن ھازىر زۇبەيدەنىڭ ئۇنداق كەيپىياتى يوق، بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ چاقىرىلمىغان مېھماننى قانداق كۈتۈۋالىدۇ.
ئۇنىڭ ھازىرچە ئۇنداق چوڭ، كەڭرى كۆڭلى-كۆكسى يوق.
ئۇ گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۈن-تىنسىز زەپەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يېنىكلىك بىلەن:
- مەن سەل بىئارام بولۇۋاتىمەن، سىرتقا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرەي، - دېدى.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بېشىنى بۇراپ چىقىپ كەتتى، ئامانگۈلنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئامانگۈل ئۇنىڭغا ئەنسىرەش ئىچىدە قاراپ:
- زۇبەيدە، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدەنىڭ چىرايى سەل قارىداپ سەتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قاراپ:
- سىز ... خالىغانچە ئولتۇرۇڭ.. - دېدى.
بەلكىم بۇ سۆز كېيىن باشقا بىر مەنىگە ئايلىنىشى مۇمكىن... بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ يۈزەكى قىلىپ ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى مەۋلاننىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويدى.
نېپىز لەۋلىرى يۇمۇلۇپ، بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، زۇبەيدە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، مامۇق چاپاننى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ھەتتا ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
بۇ ھەرىكىتى ئۇنى بىر خىل مەڭگۈ قايتمايدىغاندەك خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.
مەۋلاننىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈپ يېتىشىۋالماقچى بولغاندا، ئامانگۈل تۇيۇقسىز:
- مەۋلان سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ - دېدى.
مەۋلان توختاپ نەزىرىنى ئامانگۈلنىڭ ئۈستىگە يۆتكىدى.
چىرايىمۇ ياخشىلانماي تۇرۇپ:
- ھېچ ئىش يوق، بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
زەپەر پەس ئاۋازدا مەسخىرىلىك پىخىلداپ كۈلۈپ:
- مېنىڭ يەنە ئىشىم بار ئىدى، ماڭغاچ تۇراي. - دېدى.
مەۋلاننىڭ كۆزى بىردىنلا ئۇنىڭغا تىكىلدى، زەپەر بولسا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
- ھازىر بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز، بەك كۆپ ئادەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايسىز. - دېدى.
بۇنىڭدا زادى كىمنىڭ مۇھىملىقىغا قاراش كېرەك.
بۇ گەپنىڭ قانچىلىك مەسخىرىلىك ئېيتىلغانلىقىنى، موماي بىلەن خاسىيەت ئېنىق ئاڭلىدى.
زەپەرمۇ كېتىپ قالدى، ئازراقمۇ توختاپ قالمىدى.
ئامانگۈل تۇرغان جايىدا گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مېھمانخانىدا پەقەت بىر نەچچىسىلا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىردىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.
مەۋلاننىڭ كەينىدە تۇرغان مومايغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، روشەن ھالدا ئۆزىنى قاچۇردى، بەدەنلىرىمۇ كەينىگە ئازراق يۆتكەلدى.
ئېنىقلا قورقۇپ كەتكەن قىياپەتكە كىرىۋالدى.
موماي ئاچچىقلانغان ھالدا ھاسىسىغا تايىنىپ ئالدىغا ئىككى قەدەم ماڭدى، ئۇنىڭ چىرايى سوغۇق بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى غەزەپ ۋە سوغۇققا تولغان ئىدى.
- ئامانگۈل خانقىز، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! - دېدى موماي.
ئامانگۈل لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، - دېدى.
- مەن بۇ ئۆمرۈمدە قايتا كۆرۈشمەيمىز دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى موماي.
ئامانگۈل سەل خىجىل بولۇپ:
- مەنمۇ سىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن... - دېدى.
موماي سوغۇققىنە دىمىقىنى قېقىپ:
- ئامانگۈل خانقىز، ئادەم بولۇش ئۈچۈن نومۇسنى بىلىش كېرەك، قانداق ئىشنى قىلىش - قىلماسلىقتا، كۆڭلىدە ھۆكۈم بولۇشى كېرەك! بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
ـ مەن... - ئامانگۈل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەۋلانغا قاراپ قويدى، ـ مەن پەقەت مەۋلاننىڭ تۈنۈگۈن كەچتە تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم، شۇڭا كېلىپ كۆرۈپ كېتەي دېدىم، - دېدى.
- ئامانگۈل خانقىز. - بۇ قېتىم گەپ قىلغىنى موماي ئەمەس، بەلكى مىجەزى يەنىلا مۇلايىم خاسىيەت، - بۇ يەر ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنىڭ ئۆيى، سىزنىڭ بۇ يەرنى قانداق تاپقانلىقىڭىزنى بىلمىسەممۇ، بۇ يەرگە كىم كەلسە بولۇۋېرىدۇ، پەقەت سىز كەلسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى سىز مەۋلاننىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى، مەۋلان ھازىر ئۆي - ئوچاقلىق بولغان ئادەم، سىزنىڭ پەيدا بولۇشىڭىز ھەر ۋاقىت بىر ياخشى ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ، باشقا كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، گەرچە ھازىر ئاراڭلاردا ھېچقانداق مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ، لېكىن، سىز ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالىنى قانداق روھىي ھالەت بىلەن سىزگە يۈزلەنسۇن دەيسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامانگۈل خانقىز، سىزنىڭ ھازىر مەيدانىڭىز يوق، مەۋلاندىن ئەنسىرەشكە سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ، ئۇ كۆز يۇمۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، سىز ھەرگىز ئۇنىڭ ئۇزىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنمايسىز! - دېدى.
خاسىيەتنىڭ بۇ سۆزىنى شۇنچە يىللاردىن بۇيان قىلغان ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ھەتتا ئىلگىرى موماينى چەتكە قاقىدىغان بەزى گەپلەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar