كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
112-قىسىم
112-قىسىم
قەلبى ۋە ئۆتمۈشى تەۋە ئايال
مەۋلاننىڭ ئۆتمۈشى، پەقەت بىرلا ئايالغا بېرىلدى.
ئامانگۈل ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەقىقەتەن بەك مۇھىم.
ئەگەر مەۋلاننىڭ ئورنىدا باشقا بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا، قىز دوستلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
مەيلى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بولسۇن ياكى ھەقىقىي مۇھەببىتىنى بېرىپ ئارىلاشسۇن، بۇنداق ئىشلار رېئال جەمئىيەتتە قىلچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، ھەتتا ھەقلىق ئىش بولۇپ قالدى.
لېكىن مەۋلاننىڭ قىز دوستىدىن پەقەت ئامانگۈل بىرلا ئادەم بار...
زۇبەيدە كۆزىنى كۈچەپ يۇمۇپ، بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا مەجبۇرلىدى.
ئۆزىنى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىماقچى بولدى.
ئەمما دەماللىققا كاللىسىدىن ئۆتمىگەچكە كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالدى.
مەۋلاننىڭ بۇ چاغدىكى سوغۇق مۇئامىلىسى خاسىيەت بىلەن مومايغا نىسبەتەن ناھايىتى تونۇش ئىدى.
بۇ ئەينى يىلى ئۇلار مەۋلاننىڭ ئامانگۈل بىلەن ئالاقە قىلىشىغا قارشى تۇرغاندا، مەۋلاننىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەمەسمۇ.
موماي ئاچچىقىدا ھاسىسىنى چىڭ سىقىمداپ تۇتتى، چىرايى تاتىرىپ:
- بولىدۇ، ئۇ دەرۋەقە يەنە قايتىپ كەپتۇ! مەۋلان، سەنمۇ بىزدىن يوشۇرۇۋاتىسەن... - دېدى.
مەۋلاننىڭ كۆزلىرىدىن تاقەتسىزلىك چىقىپ تۇراتتى، بۇرۇلۇپ مومايغا سوغۇق نەزەردە قاراپ:
- نېمە؟ ئۇ قايتىپ كەلگەندە مەن چوقۇم سىلەرگە دەپ قويۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئاندىن سىلەر ئۇنى يەنە مەجبۇرىي كەتكۈزىۋېتەمسىلەر؟ - دېدى.
موماينىڭ ئاچچىقلانغان كۆزلىرى شۇ ھامان تېخىمۇ قاتتىق تىكىلىپ تۇرۇپ:
- سېنىڭچىچۇ؟ ! سەن يەنە ئۇنى بۇ شەھەردە قالدۇرۇپ نېمە قىلماقچى؟ ! قولايلىق بولسا خالىغان ۋاقىتتا كۆرەلەمدىكەنسەن؟ ! ! - دېدى.
مەۋلان قاپىقىنى چىڭ تۈرۈپ:
- نەگە بېرىش ئۇنىڭ ئەركىنلىكى، مېنىڭ قانداق قىلىشىم بۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم، قولۇڭلارنى بەك ئۇزۇن سوزماڭلار! ئەسلىدە سىلەر باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا ئارلاشماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى... - دېدى.
- مەۋلان! - ھۆركىرىگەن ئاۋاز كۆتۈرۈلدى. موماي ئەمەس، زۇبەيدەمۇ ئەمەس، زەپەرمۇ ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن مۇلايىم ۋە نازاكەتلىك، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگىنىنى كۆرگىلىمۇ بولمايدىغان خاسىيەت ئىدى.
- سەن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ ! ھازىر سېنىڭ نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلىدىغان ۋاقىتىڭمۇ؟ ! - دېدى خاسىيەت كۆڭلى يېرىم بولۇپ، - ئۇنتۇپ قالما، سەن ھازىر توي قىلىپ بولدۇڭ، يېنىڭدا تۇرغان ئايالغا قارا، ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ، ئۇ تېخى سېنىڭ بالاڭغا قورساق كۆتۈردى! موماڭنىڭ دېگىنى توغرا، سەن ئامانگۈلنى بۇ شەھەردە قالدۇرۇپ، زادى نېمە قىلماقچى؟ ئۇ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يېنىڭدا پەيدا بولسا، ئۇنداقتا زۇبەيدەنى قەيەرگە قويىسەن؟ ! - دېدى.
تۇيۇقسىز ئىسمى ئاتالغان زۇبەيدەنىڭ بەدىنى سەل-پەل تىترەپ كەتتى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى قاتتىق بېسىپ كەلگەن ئاچچىق-چۈچۈكلەر تۆكۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالدى.
بېشىنى كۆتۈرگەندە، كۆز چانىقى يەنىلا قىزىرىپ كەتتى.
خاسىيەتنىڭ گېپى بىلەن مەۋلان تۇيۇقسىز بېشىنى زۇبەيدە تەرەپكە بۇرىدى.
ئىككى ئادەمنىڭ كۆزى دەرھال بىر-بىرىگە سوقۇلدى، زۇبەيدە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى سوغۇق ۋە غەزەپتىن چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا بېشىنى چايقاپ، ئۆزىمۇ كەينىگە يېرىم قەدەم داجىدى.
ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدى، ئەمما مەۋلاننىڭ قاراشلىرى ئاستىدا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى.
ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بېشىنى بىر تەرەپكە بۇرىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى يوشۇرماقچى بولدى، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭ ھازىر قانچىلىك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى.
مەۋلاننىڭ كۆزلىرى سەل-پەل چاقناپ، كەيپىياتىنى يىغىشتۇردى، زۇبەيدە ئۇنىڭغا ئەمدى قارىمىدى.
موماي بىلەن خاسىيەت زۇبەيدەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ كەتتى.
موماي تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ مەۋلاننىڭ بەدىنىگە قارىتىپ پۇلاڭلىتىپ:
- ئۆلگۈر ئەبلەخ! بۈگۈن سېنى ئۇرۇپ مىيىپ قىلىپ قويمىغىنىمنى كۆر! ۋىجدانسىز سولتەك... - دېدى.
يۇقىرى ئاۋازى بىلەن تەڭ بىر پەس ۋىڭ - ۋىڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇنىڭدىن كۈچنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
- موما... - زۇبەيدە يەنىلا ۋارقىراپ، مەۋلاننى قوغدىماقچى بولدى، ـ بولدى ئۇرماڭ، مەۋلان ئاغرىپ قالدى ... - دېدى.
ئەمما موماي يەنە بىر قېتىم كۆتۈرىۋالغان ھاسىسىنى يەنە توختىتالماي قالدى.
ھاسسا زۇبەيدەنىڭ ئۈستىگە چۈشەي دەپ قالغاندا، مەۋلان ئىختىيارسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ تاياققا دۈمبىسىنى قىلىپ، زۇبەيدەنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى.
لېكىن، دۈمبىسىدىكى خىيالىي ئاغرىقنى زادىلا سەزمىدى، ئەمما قۇچىقىدىكى ئايالنىڭ بىر بىلىكى شۇ تاپتا چىڭ تارتىلدى.
ئۇ زۇبەيدەنى سەل-پەل قويۇۋېتىپ، زۇبەيدەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالغان قولنىڭ ئىگىسىگە قارىدى.
زەپەر شۇ تاپتا بىر قولىدا موماي پۇلاڭلاتقان ھاسىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا زۇبەيدەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇراتتى.
ئەگەر مەۋلان ئۇنى ئالدىن قوغدىمىغان بولسىمۇ، زۇبەيدە ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايتتى، زەپەر ئۇنى باغرىغا بېسىپ قوغدايتتى.
- موماي، بۇنداق ئىشلاردا خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ ئاسانلا زىيانكەشلىك ئۇچراپ قالىدۇ، كېيىن نەۋرىڭىزنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولسىڭىز، يەنىلا ئادەم يوق جاينى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، قانداقلا ئۇرسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، باشقىلارغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. - زەپەر شۇنداق دېگىنىچە موماينىڭ ھاسىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، زۇبەيدەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا قويۇپ بەرمىدى.
بەلكى مەۋلاننىڭ سوغۇق نەزىرى بىلەن ئۇدۇل ئۇچرىشىپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- ماڭا بۇنداق قارىماڭ، ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان باش جىنايەتچى، سىزنىڭچە كىم؟ - دېدى.
زەپەرنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ:
- ئەگەر ئامانگۈل خانقىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى ئىش مېنىڭ نومۇسسىز، تۆۋەن چېكى يوق ئۈچىنچى شەخس ئىكەنلىكىم بىلەنلا توختاپ قالغان بولاتتى. سىزنىڭ شاپائىتىڭىز بىلەن، مەندەك ئۈچىنچى شەخس، مۇشۇنداق مەردانىلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدىم، سىزنىڭ مېنى چەتكە قاقىدىغان مەيدانىڭىز بار، لېكىن... سالاھىيىتىڭىز يوق. - دېدى.
مەۋلاننىڭ چىرايى قارىداپ:
- مېنى سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ دېمەكچىمۇ؟ - دېدى.
زەپەرنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي:
- پەقەت بىر ئەر دەپ نامىڭىز بار، ئەمما سىز، ئۆزىڭىزنى لاياقەتلىك ئەر دەپ قارامسىز؟ - دېدى.
مەۋلان كۆزىنى قىسىپ قارىدى.، زەپەر ئۆزىنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا زۇبەيدەگە چىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى ، يەنە تېخى ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل چۇقان سېلىشتى، مۇشۇ نوقتىدىنلا مەيلى ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى بولسۇن ياكى قەلبىدىكى نامەلۇم كەيپىياتلار بولسۇن، مەۋلان ئىچ - ئىچىدىن ئاچچىقلىنىپ غەزەپلىنىشكە باشلىدى.
ئۇنىڭ ھازىر پەقەت بىرلا ئويى بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئەرنى كۆز ئالدىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش.
مەۋلاننىڭ خىيالى تېخى شەكىللەنمەي تۇرۇپ ،ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتتى، زەپەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ زۇبەيدەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سوغۇق ئاۋازدا:
- قولىنى قويۇۋېتىڭ، - دېدى.
زەپەر سۇس كۈلۈمسىرەپ، سوغۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
- ئۇنى بۇنداق ئاسانلا قويۇۋېتىشىم مۇمكىن ئەمەس، - دېدى.
مۇمكىن ئەمەس دېگەن ئىغۋاگەرچىلىك مەنىسىگە تولغان سۆز مەۋلاننىڭ سۈرلۈك چىرايىنى يەنە بىر قېتىم چېكىگە يەتكۈزدى، كېلىشكەن چىرايى ياۋۇزلىشىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى ئادەمنىڭ قولىنى بىۋاستىلا كۈچەپ ئايرىدى، ئاندىن بۇرۇلۇپلا زەپەرنىڭ ياقىسىغا قولىنى ئۇزاتتى.
ئۇ زەپەرگە يېقىنلاشتى، سوغۇق خەتەرلىك نەپەسىمۇ ھەش ـ پەش دېگۈچە يېقىنلاشتى.
زۇبەيدەنىڭ بىلىكى ئاغرىۋاتاتتى، نەچچە سىكونت ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى، تۇيۇقسىز ئۇرۇشقان ئاۋاز ئاڭلاندى.
تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ، مەۋلاننىڭ مۇشتىنىڭ زەپەرنىڭ يۈزىگە تەگكەنلىكىنى كۆردى.
زەپەرمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سەنتۈرۈلۈپ، يېنىدىكى سافانىڭ تۇتقۇچنى تۇتۇۋېلىپ، يىقىلماي ئولتۇرۇپ قالدى.
زۇبەيدە بېشىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇيۇشۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ، يەنە داۋاملىق مۇشتىنى ئاتقان مەۋلاننى قۇچاقلىۋېلىپ:
- مەۋلان! - دېدى.
مەۋلاننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدى، زۇبەيدەنىڭ ئېسىلىۋېلىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى يوقلۇقتەك ئىش ئىدى.
ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زۇبەيدەنىڭ يارىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، خاسىيەت ئالدىغا بېرىپ زۇبەيدەنى قوغدىدى.
- مەۋلان! ئېھتىيات قىل، زۇبەيدەنى يارىلاندۇرۇپ قويما! ! - دېدى.
خاسىيەتنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى مەۋلاننىڭ قەددى-قامىتىنى بىردىنلا جايىدا قاتتۇرۇپ قويدى-دە، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ، بېشىنى بۇراپ ئۆزىنى قۇچاقلىۋالغان ئايالغا قارىدى.
- مەۋلان، قالايمىقان ئىش قىلماڭ - دېدى زۇبەيدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى چايقاپ، چىرايىدىن يالۋۇرۇش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى.
مەۋلان كۆزىنى قىسىپ ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ، ئاخىرى ئاستا-ئاستا قولىنى يىغىۋېلىپ:
- نېمە؟ مېنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ مېيىپ قويغىنىمنى كۆرگىنىڭىز يوقمۇ ياكى ئۇنىڭ مەندىن تاياق يېگىنىنى كۆرگىنىڭىز يوقمۇ؟ -دېدى.
زۇبەيدە سەل تېڭىرقاپ قالدى، مەۋلاننىڭ ھازىرقى چىراي ئىپادىسىنى ئۇ ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغانىدى.
ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرى، قەلبىدە تۇيۇقسىز غەزەپ پەيدا قىلدى.
- مەۋلان، ئازراق داۋلىلىق سۆزلەڭ. زەپەر ئۇ ... - دېدى زۇبەيدە.
- سىز مېنى نېمە دېسۇن دەيسىز؟ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھار قىلدى، مەن ياندا تۇرۇپ سىلەرگە چاۋاك چېلىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇم كېرەك، شۇنداقمۇ؟ مەن يەنە ئازراق ئۆزۈمنى بىلىپ، بۇ ئۆينى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سىلەرنى ھەقىقىي ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشۈم سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكى داۋلى بولامدۇ؟ - دېدى مەۋلان گېپىنى تارتىۋېلىپ.
زۇبەيدە توختاپ قالدى، كاللىسىمۇ قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى، پەقەت كۆڭلىدىكى غەزىپى تۇيۇقسىز ئاۋازسىز ھەم توختىماي يوغىناپ، ھەش-پەش دېگۈچە ئېتىلىپ چىققان شارغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى، ئۇ ئېسىگە كەلگەندە، قولىدا پەقەت ئوتتەك ئاغرىقنىڭ قالغانلىقىنى بىلدى.
پۈتۈن مېھمانخانا جىمجىتلىققا چۆمدى.
شاپىلاق ئاۋازى يەنىلا ھاۋادا لەيلەۋاتقاندەك قىلدى.
زەپەر ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، قولى بىلەن ئاغزىنىڭ بۇرجىكىدىكى قىزىل سۈيۇقلۇقنى سۈرتۈپ، ئۈن-تىنسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
بۈگۈنكى ئويۇن بەك چوڭىيىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
مەۋلان ئۇرۇلغان يۈزىنى تۈزلەپ، سوغۇق نەزىرى بىلەن زۇبەيدە قارىدى.
زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرى شۇ تاپتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قىزىرىپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىمۇ غەزەپتىن تىترەۋاتاتتى.
- نۇمۇسسىز. - دېدى زۇبەيدە ئېغىز ئېچىپ، ئاۋازى ئەمدىلا چىقىشى بىلەن تەڭ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
مەۋلاندا ھېچقانداق ئالدىن قوغدىنىش بولمىغاچقا، ئوتتەك قىزىش خۇددى بەدىنىدىن بىۋاسىتە سىرغىپ چىققاندەك بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى.
بۇنى سەزگەندە، ئۆزىنى پەقەت ئۇچىغا چىققان يارىماستەك ھېس قىلدى.
زۈبەيدە ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈشنى خالىمايدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، تېخىمۇ قورقۇنچاق ، ئاجىز كۆرۈنۈپ قالدى.
مەۋلاننىڭ مۇزدەك كۆزلىرى سەل-پەل چاقناپ كەتتى، زۇبەيدەنىڭ قىپقىزىل كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ، ئېغىز ئاچتى، ئەمما ئاۋاز چىقارمىدى.
ھەممەيلەن چۆچۈپ ئېسىگە كېلەلمىدى، بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
- كەچۈرۈڭ، مەۋلان ئەپەندىنىڭ ئۆيىمۇ؟
كۆپچىلىك بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىنى بۇرىدى.
ئىشىك تاقالماپتۇ، ئىشىك ئالدىدىكى ئايال قولىنى ئىشىك تاختىسىغا قويدى، ئۇنىڭ يۆتكىلىۋاتقان كۆزى ئاخىرى بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.
بەلكىم شۇنچە كۆپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇمۇ سەل ھاڭۋېقىپ قالغان بولسا كېرەك.
ئامانگۈل.
ئامانگۈلنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، زۇبەيدەنىڭ كۆڭلى بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى.
مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە سوۋۇدى.
يېڭى توي قىلغان ۋاقتىدىكىدىمۇ، مەۋلان باشتىن - ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ئۆزى يالغۇز ياشىغان ئاشۇ بىر نەچچە ئايدىمۇ ھازىرقىدەك سوۋۇپ كەتمىگەنىدى.
ئامانگۈل بۇنداق ئەھۋالدا پەيدا بولماسلىقى، يەنە كېلىپ مەۋلان ئىككىسىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
مەۋلان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئامانگۈلغا قارىدى، گەرچە چىرايى ۋە ئاۋازى يەنىلا ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن بايىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى.
- سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar