يولدىن چىققان ئايال 🧡 27-قىسىم (ئەپچىدە 44-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-10 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

قەيسەر ئۇنى قولتۇقلاپ داچا رايونىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى يېرىدىن سىرتقا قاراپ مېڭىپ، بىر كۆل بويىغا كەلگەندە، قەيسەر ئۇ يەردە ئىلەڭگۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ:

-ئەلفىرە، ئىلەڭگۈچكە چىقامسىز؟ -دەپ سورىدى.

گۈلزىرە كۈلۈپ كەتتى

- مەن بەك كىچىك ۋاقتىمدا ئولتۇرۇپ باققاندەك قىلىمەن؟بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەسمۇ؟

ئىلگىرى ئەلدار ئويناپ باققان، ئۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇنى ئىتتىرگەن.

-ئولتۇرۇڭ،-دېدى قەيسەر.

-ماقۇل.

بەلكىم كېچە مەنزىرىسى ئىللىق، رومانتىك تۈسكە كىرگەن بولغاچقىمىكى، گۈلزىرەنىڭمۇ ئىلەڭگۈچ ئۇچقۇسى كېلىپ قالدى.

ئۇ ئولتۇرۇپ، قەيسەرگە قاراپ:

-بولدى،-دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئىتتىردى.

ئىلەڭگۈچ ئۇچتى،بىراق قەيسەر ھېچقانچە كۈچىمىگەچكە،بوش تەۋرەندى.

گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-نېمانچە ئاستا؟-دېدى.

-سىزنى يىقىلىپ كېتەمدىكىن دەپ قورقتۇم.

قەيسەر شۇنىڭ بىلەن يەنە ئازراق كۈچەپ، گۈلزىرەنى چىڭىراق ئىتتىردى.

شۇ ھامان ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشقا باشلىدى، گۈلزىرە ئىككى تەرەپتىكى ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ، تۇيۇقسىز كۆڭلى بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىشلار يۈز بېرىپ ھازىرغىچە ئۇ ناھايىتى ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرۋاتاتتى.

ئۇ بىر ئازدىن كېيىن مىكرو بىلوگنى ئچىپ، مىكرو بىلوگ مەستانىلىرى كۆپەيگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق سەلبىي خەۋەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى.

يەنە كېلىپ تۆۋەندىكى باھا رايونى ھەممىسى دېگۈدەك:

-نىلۇپەر، سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، ناخشىنىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئېيتىدىكەنسىز، مەن بىر ئايال كىشىمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم!

-نىلۇپەر،مېنىڭ ئېگىزلىكىم 189ئېغىرلىقىم 78كىلو، ھېچقانداق ناچار ئادىتىم يوق، باش سۈرەتتىكى ئۆزۈم بولىدۇ، سىزنى ئالسام بولامدۇ؟

ئۇنى ماختىغان نۇرغۇن باھالارنى كۆرۈپ گۈلزىرەنىڭ كۈلگۈسى كەلدى، بىراق گۈلزىرە يەنىلا بىر خىل خاتىرجەمسىز ئىدى.

شەمسىيەنىڭ ئۇنى بۇنداقلا بوش قويۇۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى، ئەجەبا تېخىمۇ چوڭ ئىشنى پىلانلاۋاتامدىغاندۇ؟

ياكى ئەينى چاغدىكى ئىشلارغا شەمسىيە تولۇق ئىسپات تاپالمىغاچقا، تېخى ھەرىكەت قىلمىدىمۇ؟دېگەنلەرنى ئويلاپ ناھايىتى ئەندىشە قىلغان ئىدى گۈلزىرە.

شۇغىنىسى، پۈتكۈل دەككە - دۈككە كەيپىياتى، شۇ تاپتا خېلى يوقاپ قالدى.

-ئەلفىرە، نېمىشقا كۈلمەيسىز؟-قەيسەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن،-مەن تېلېۋىزور كۆرسەم،قىزلار ئىلەڭگۈچتە ئولتۇرسا بەك كۈلىدىغۇ،-دەپ سورىدى.

-قەيسەر، سىزمۇ مۇھەببەت تىياتىرى كۆرەمسىز؟ بۇ خىل كۆرۈنۈش پەقەت مۇھەببەت تىياتىرىدىلا بارغۇ دەيمەن؟-گۈلزىرە كۆزىنى قىسىپ قويدى.

قەيسەرنىڭ يۈزى سەل قىزىرىپ:

-مەقسەتسىزلا كۆرۈپ قالغان،-دېدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىم بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ، ۋەقەلىكنىڭ ئىككىسىگە ئازراق ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، شۇڭا ئۇ راستىنلا ئازراق كۆرۈپ قويدى.

تىياتىردا ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئەر باش پېرسوناژ ئۇنى كەينىدىن ئىتتىرەتتى، ئۇنىڭ خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ئەرنىڭ كۆزلىرى مۇلايىملىق نۇرىغا تولغان ئىدى.

-ئاساسلىقى، سىزنىڭ كۈلكە ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار،-قەيسەر تولۇقلىدى.

گۈلزىرە تۇيۇقسىز كەلگەن كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپنى ئاڭلاپ يۈزى قىزىرىپ كەتتى، ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:

-قاچاندىن باشلاپ بۇنداق گەپ قىلالايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز؟-دېدى.

ئاي نۇرى ئاستىدا،ئۇنىڭ يۈزلىرى تولىمۇ سۈزۈك ئىدى، قەيسەر تۇيۇقسىز گۈلزىرەنىڭ تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، جايىدا تۇرۇپ قالدى.

ئۇ ئېسىگە كېلىپ، ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلەڭگۈچنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ئۇ ئىلەڭگۈچتە ئولتۇرغان گۈلزىرەگە قاراپ، ئېڭىشىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى.

ئاي نۇرىدا، ئۇ گۈلزەرنى ناھايىتىمۇ يىنك سۆيۈپ، تىنىقى گىرەلەشكەن ھالدا: -ئەلفىرە، سىزنى ياخشى كۆرىمەن،-دېدى.

گۈلزىرەنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئىختىيارسىز تېزلىشىپ، ئالدىدا ئادەتتە سۈرلۈك، تۇردىغان ئەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۋاتقان كۆزلىرىنىڭ خۇددى ئادەمنى ئېرىتىدىغان دەرجىدە ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئۇنىڭ نەپىسى جىددىيلەشتى، ھەتتا پۇت - قولىنى قانداق قويۇشنىمۇ بىلەلمەي قالدى، تاكى قەيسەر ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىدىن تۇتۇپ، بۇ سۆيۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرغانغا قەدەر.

ئۇ ئىلەڭگۈچتە بولغاچقا، بەدىنى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىدى، ئارقىغا تارتىلىپ كەتتى، گۈلزىرە ئامالسىز قولىنى سوزۇپ، قەيسەرنىڭ بوينىنى قۇچاقلىۋالدى.

ئۇ تەشەببۇسكارلىقنى كۆرۈپ، قەيسەر ئۆزىنى تېخىمۇ تۇتالماي قالدى.

 گۈلزىرە ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلدى، ئۇنىڭ بەدىنى بارغانسېرى يۇمشاپ، بىلىكىمۇ قەيسەرنىڭ بوينىدىن ساڭگىلاپ چۈشۈپ قالدى.

ئۇنىڭ بەدىنى ئىلەڭگۈچتە ئۇنىڭ سۆيۈش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى، ئۇزۇن چاچلىرى خۇددى مەجنۇن تالدەك چۈشۈپ، ئاي نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى.

قەيسەر گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا چەكسىز يىقىنلاشتى.

گۈلزىرە باشقىچە ھېس قىلدى، كۆزىنى ئېچىپ، ئامالسىز تۇرۇپ قالدى.

قەيسەرمۇ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدى، ئۇ چۆچۈپ ئۆزىنى تاپتى، يۈرىكى يەنىلا كۆكرەك بوشلۇقىدا تەلۋىلەرچە سوقۇۋاتاتتى.

ئۇ بايا كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھالدا ئۇنى سۆيدى، ھەتتا بەدىنىدە ئىنكاس پەيدا بولدى.

بىراق، ئۇ ھەر قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچنېمە بېرەلمەيدۇ.

بۇ خىل ئاڭ خۇددى بىر داس مۇزدەك سۈيىگە ئوخشاش، قەيسەرنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئاغرىق پەيدا قىلىپ، سۆڭكىگىمۇ ئۆتكەندەك بولدى.

ئۇ گۈلزىرەنى ئاستا - ئاستا قويۇۋېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى تارتىپ تۇرغۇزدى، ئاندىن ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنى قۇچاقلىدى.

-كەچۈرۈڭ،-قەيسەرنىڭ ئاۋازى بوغۇلۈپ، ناھايىتى قىيلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

گۈلزىرەنىڭ مەڭزى قىزىرىپ كەتتى، قەيسەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇ پەقەت «ھىم» دەپلا قويۇپ، ھېچنېمە دېمىدى.

بىر ھازادىن كېيىن، قەيسەرنىڭ بەدىنى ئاخىر ئەسلىگە كەلدى، ئۇ گۈلزىرەنى باغرىغا بېسىپ، ئېڭىكىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ:

-ئەلفىرە، بۇ يەردە ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ئولتۇرۇڭ،-دېدى.

قەيسەرنىڭ قۇچىقى كەڭ بولۇپ، كىشىنى راھەتلەندۈرەمدۇ ياكى بۈگۈن ھەقىقەتەن ھېرىپ كەتكەچكىمۇ، گۈلزىرە بىلىپ - بىلمەي ئۇخلاپ قالدى.

قەيسەر قۇچىقىدىكى كىچىك ئايالنىڭ تەكشى، ئۇزۇن نەپەس ئالغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ قەلبىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان بىر خىل مۇلايىملىق ئالغاندەك ھېس قىلدى.

ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيدى، ئاندىن بىلىكىنى سوزۇپ ئۇنى قۇچاقلاپ، پۇتىغا قويدى.

ئۇ ئاستاغىنە پىچىرلىدى، ئاندىن ئۇنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ داۋاملىق تاتلىق ئۇخلىدى.

ئاي نۇرىدا، گۈلزىرەنىڭ ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بەش ئەزاسى تۇيۇقسىز  نەپىسلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بىر نەچچە قارىغاندىن كېيىن، كۆزى قىيماي، ئامالسىز كۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى داۋاملىق مۈرىسىگە قويدى.

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئاي خېلىلا ئېگىز ئىدى، قەيسەر گۈلزىرەنى كۆتۈرۈپ داچىغا قايتىپ كەلدى.

ئۇ ئۇنى ياتاق ئۆيىگە قويۇپ قويغان چاغدا، ئۇ ئۇيقۇ ئىچىدە:

-قەيسەر؟-دەپ چاقىرىدى.

ئۇ گەپ قىلمىدى، بەلكى بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ ، ئايىغىنى سالدۇرۇپ، يوتقىنىنى يېپىپ قويدى.

بىراق، قەيسەر كېتىدىغان چاغدا، تۇيۇقسىز بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدى.

ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئۇنىڭ يېنىدا ياتتى.

ئۇ ئويغانمىدى، يەنىلا ئۇنىڭغا كەينىنى قىلىپ ناھايىتى تاتلىق ئۇخلىدى.

ئۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قاراپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش ياكى قاراتماسلىق ھەققىدە ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، ئۇ ئۆزى ئۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ قۇينىغا كىرىپ قالدى.

ئۇ قولىنى سوزۇپلا گۈلزىرەنى قۇچاقلىدى، پەقەت قوينىنىڭ تولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئەسلىدە يۈرىكىدە ئۇرغۇپ تۇرغان خىياللار شۇ تاپتا بىر تەرەپكە قويۇلدى.

بىلىپ-بىلمەيلا قەيسەرمۇ ئۇخلاپ قالدى.

ئەتىسى گۈلزىرە قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئاڭلاپ، قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاندىن كۆزىنى ئاچتى.

ئۇ تۇيۇقسىز توغرا ئەمەسلىكىنى سېزىپ، نەزىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قەيسەرنىڭ قۇچىقىدا ياتقانلىقىنى بايقىدى.

ئۇيقۇسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوق بولدى، ئۇ تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭغا قاراپ، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۆزىگە قارىدى.

ئۇنىڭ كىيىمى يەنىلا تۈنۈگۈن كەچتىكى ئائىلىدە كىيدىغان كىيىم بولۇپ، بەدىنىمۇ ھېچقانداق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ئىز يوق ئىدى.

شۇڭا، تۈنۈگۈن كەچ ئۇ پەقەت ئۇنى قۇچاقلاپ بىر كېچە ئۇخلىدى، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىدى شۇنداقمۇ؟

گۈلزىرەنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، بىراق شۇندىمۇ بۇنداق ئادەمنىڭ يۈزى قىزىرىپ، يۈرىكى سېلىپ تۇرىدىغان يېقىن ئارىلىق ئۇنى يەنىلا سەل جىددىيلەشتۈردى.

ئۇ بەدىنىنى يۆتكىمەكچى بولغاندا، قەيسەرمۇ بىر نەرسىنى سېزىپ، ھوشىغا كەلدى.

ئۇ قوينىدىكى كىچىك ئايالغا قارىدى، پەقەت ئۆزىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ كېچە ئەڭ راھەت ئۇخلىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

پەقەت ھازىر ...

-ئەلفىرە، خەيرلىك سەھەر،-دېدى.

-خەيرىلىك سەھەر،-گۈلزىرە شۇنداق دەپ بولۇپ، ھۇجىرىغا قاراپ قويۇپ،لېۋىنى چىشلەپ،-سىز نېمىشقا مېنىڭ ھۇجىرامدا؟- دېدى.

-ئاخشام سىز مېنىڭ قوينۇمنىدا ئۇخلاپ قالدىڭىز، مەن سىزنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ كەلدىم، ئاندىن ......- دېدى.

كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىز داۋاملىق سۆزلەشكە ئامالسىز قالدى.

-مەن تۇراي،-گۈلزىرە دەرھال نەزىرىنى يىغىپ،-يەنە ناشتا قىلىشىم كېرەك، ئەلدار بالدۇر مەكتەپكە بارىدۇ،- دېدى.

-ھە.

قەيسەر كارىۋاتتا يېتىپ، گۈلزىرەنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇردى.

ئۇ كارىۋاتتا ئۇنىڭ پۇرىقىنى يەنە بىر قېتىم پۇراپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇردى.

ئەتىگەندە، ئۈچەيلەن تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىللە ناشتا قىلدى.

ئەلدار ھەر كۈنى مەكتەپكە بارغاندا قەيسەر ئورۇنلاشتۇرغان شوپۇر مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدۇ، بۈگۈنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

گۈلزىرە ئوغلىنى ماشىنىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاشنى، دەرستىن چۈشكەندە قالايمىقان يۈگۈرمەسلىكنى، يىقىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى تاپىلىدى، كەينىگە بۇرۇلۇپلا، قەيسەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.

-قەيسەر، سىزنىڭ دېمەكچى بولغان بىرەر گىپىڭىز بارمۇ؟-گۈلزىرە سورىدى.

-سىز باشتا كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرۋېلىڭ،ئاندىن دەي.

قەيسەر ھەقىقەتەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋاقىتنى كەينىگە سۈردى. بىراق ئايرىلىش مىنۇتلىرىنىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

-ھە، ماقۇل، -گۈلزىرە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ خىزمەت كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ قەيسەرگە، -مەن يىغىشتۇرۇپ بولدۇم!-دېدى.

ئۇ ئۇنىڭ مەڭزىدىكى يېنىك كۈلكىگە قاراپ، يۈرىكى يەنە ئاغرىپ كەتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章