كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
كىچىك دېڭىز دولقۇنىنىڭ كېلىشى بىلەن پۇتۇمدىكى قۇم ئازلاپ بېشىم قېيىپ سۇغا يىقىلدىم. بالا قولۇمدىن ئۈزۈلۈپ چىقىپ كەتتى.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۇنىڭ ئىچىدە پۇلاڭلاۋاتقان ئوغلۇمنى كۆردۈم.
- بالام.. بالام..
سۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىشكە باشلىدىم. ئارقامدىن بىر قولنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن توختاپ قالدىم. يولدىشىم سۇدا لەيلەپ قالغان ئوغلۇمنى قىرغا ئېلىپ چىقتى-دە، يەردە ياتقۇزدى. ئەتراپتىكى كىشىلەر ئويۇنلىرىنى توختىتىپ بىزگە قارىشىۋاتاتتى.
- بالام، بالام..
ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كەلمەكچى بولغان قەدىمىم قېيىن ئاپامنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن توختاپ قالدى.
- نەۋرەمنىڭ يېنىغا كەلگۈچى بولما..
جايىمدا قوزاق قاققاندەك تۇرۇپ قالدىم. ئالدىمغا ماڭغۇم بار ئىدى، لېكىن پېتىنالمايتتىم، ئالدىمغا مېڭىپ يەنە ئوغلۇمغا پالاكەتچىلىك تېپىپ بېرىشتىن قورقاتتىم.
- يولدىشىم ئوغلۇمنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرگەندىن كېيىن مەيدىسىنى باستى. بالا سۇ ياندۇرغاندىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ ھەممەيلەنگە قارىدى.
- بالام. ئاخىرى كۆزۈڭنى ئاچتىڭ.. - يولدىشىم بالىنى قۇچاغلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بالامنى قۇچاغلىيالمايتتىم.
- كۆپچىلىك بالا سالامەت سۈزۈلۈپ چىقتى. ئەسلىگە كەلدى. خاتىرجەم بولۇڭلار.. - مۇخپىرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يانغا قارىدىم، ئۇ بىۋاستە تارقىتىش قىلىۋاتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
- بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ بالىنىڭ قىينىلىۋاتقان ھالىتىنىمۇ بىۋاستە تارقىتىش قىلامسىز؟
- مەن بايىدىن بېرى بىۋاستە تارقىتىش قىلىۋاتقان، بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن جەريانىنى كۆرۈپ تورداشلار ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ..
- بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز، مېنىڭ بالام سۇغا چۈشۈپ قىينالسا باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن بىۋاستە تارقىتىش قىلغىنىڭىز نېمىسى..
مۇخپىرنىڭ قولىدىكى يانفوننى ئېلىپ يانغا تاشلىدىم-دە، يۈزۈمگە تەگكەن شاپىلاق بىلەن سەنتۈرۈلۈپ يانغا يىقىلدىم.
- نېمەڭگە ئەزۋەيلەيسەن. بالام سېنىڭ قولۇڭدا جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى.. يەنە باشقىلارنىڭ بىۋاستە تارقىتىشى بىلەن قالدىڭما؟ ھۇ ۋىجدانسىز، سەندەكمۇ ئانا بولامدۇ؟
يولدىشىم ماڭا غەزەپلىك كۆزلىرىنى تىككىنىچە ئۇدۇلدا تۇراتتى، قېيىن ئاپام بولسا ئەسلىگە كەلگەن ئوغلۇمنى كۆتۈرىۋالغانىدى.
- جېنىم نەۋرەم تىترەپ تۇرىدۇ. دوختۇرخانىغا بارايلى..
ئاجايىپ ئوڭايسىز ھالەتتە نەق مەيداندىن ئايرىلدۇق. يولدىشىم ماشىنا توسۇپ ئوغلۇمنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى. مۇخپىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا، قېيىن ئاپام ئارقىسىغا چىقىپ مەن ئېشىپ قالدىم.
- مەنمۇ باراي ئۆتۈنۈپ قالاي..
- ئىشنى تېرىپ قويۇپ ئەمدى مېھرىبان قىياپەتكە كىرىۋالماي ئىشىڭنى قىلە، ساڭا دەپ قوياي نەۋرەمگە بىر ئىش بولىدىغان ئىش بولسا سېنى بوش قويىۋەتمەيمەن..
يول بويىدا ماشىنا ساقلاشقا باشلىدىم. ھېچ بىر ماشىنا توختايدىغاندەك قىلمايتتى. كۆز ياشلىرىم توختايدىغاندەك قىلمايتتى. توختىماي ئۆزۈمنى كاچالايتتىم.
- ئوغلۇڭ ياق دېگەندىن كېيىن يەنە ئېسىلىپ نېمە قىلاتتىڭ، ئۇ ئاران ئۆزى يالغۇز ئويناي دېگەندە يېنىغا بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ.. ھۇ يارىماس.. ھۇ ۋىجدانسىز، سەندەكمۇ ئانا بولامدۇ؟!
بىر ماشىنا ئالدىمغا توختىدى، جىددىيلىشىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم.
- نەگە بارىسىز؟
تۇيۇقسىز جايىمدا تۇرۇپ قالدىم، يات شەھەردە ھېچ يەرنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتىم. يولدىشىمغا تېلىفون ئۇرۇپ ئۇلىيالمىدىم.
- يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز..
شوپۇر ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن جاۋاب بەردى.
- بولىدۇ. 50يۈەن..
يولدىشىم ئالدىنقى قېتىم بەرگەن پۇلدىن بىر ئاز بارئىدى.
- ماقۇل. ئاپىرىپ قويۇڭ..
بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىدىم. پۈتۈن خىيالىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوغلۇمنى كۆرۈشتە ئىدى.
ماشىنا دېڭىز بويىدىن يىراقلاپ دەرەخلىك يولدا مېڭىشقا باشلىدى. مەن بولسام توختىماي يولدىشىمغا تېلىفون ئۇراتتىم.
- دوختۇرخانا شۇنداق يىراقمۇ؟
- ھەئە. شەھەردىن خېلىلا يىراقلىقتا..
شوپۇر قويۇق دەرەخلىك بىر ئورۇنغا ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ماڭا غەرەزلىك قارىدى.
- بۇ؟! بۇ يەردە دوختۇرخانا باردەك قىلمايدىغۇ..
- كېسەلنى مەن داۋالايمەن،- دېدى ئۇ ئالدىمغا ئەزۋەيلەپ كېلىپ.
- ئۇنداق قىلماڭ. مېنىڭ بالام بايا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى، ھازىر ئۇ دوختۇرخانىدا، مەن يېنىغا بارمىسام بولمايدۇ.. مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويۇڭ..
- يا يېنىڭدىكىنىڭ ھەممىسى بېرىسەن، يا ئۆزۈڭنى بېرىسەن. بولمىسا دوختۇرخانىغا بارالماي مۇشۇ يەردە جېنىڭدىن ئايرىلىسەن..
ياندىكى توك قاچىلىغۇچ ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، ئايىقىم بىلەن پۇتىغا قاتتىق بىرنى دەسسىۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. بۇ ئورمانلىقتا نەگە بېرىشنى بىلمەيتتىم. ئۇ كىشى ئارقامدىن قوغلايتتى. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قېچىشقا باشلىدىم..
- ئادەم بارمۇ؟ قۇتقۇزۇڭلار، ئادەم بارمۇ؟
- ۋارقىرىساڭمۇ بىكار، بۇ يەردە ھېچكىم يوق.. ھاھا..
- قۇتقۇزۇڭلار ئادەم بارمۇ؟ ئادەم بارمۇ؟
ئۇ ئارقامدىن قوغلاۋاتاتتى. بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇنداق ئىشقا ئۇچرىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. پۇتۇمغا بىر نەرسىلەرنىڭ سانجىلىشىغا قارىماي قېچىشقا باشلىدىم.
- ھۇ قانجۇق. قېچىپ قۇتۇلىمەن دەپ قالما.. بەرىبىر قولۇمدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن..
ئۇ مېنى تۇتىۋېلىقا ئاز قالغاندا پۇتۇم تېيلىپ تۆۋەن ئورۇنغا دۇمىلاشقا باشلىدىم. ئەمدىلىكتە شوپۇرنىڭ ئاۋازى مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
قانچىلىك دۇمىلىغىنىمنى بىلمەيمەن. كۆزۈمنى ئېچىپ ئۆزۈمنى قويۇق ئوت چۆپ ۋە قويۇق دەرەخ ئارىسىدا كۆردۈم. ئاغرىق ئىچىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. يۈزۈمگە سوغۇق بىر نەرسە تېگىۋاتاتتى. قولۇم بىلەن سۈرتۈپ قاننى كۆردۈم.
كۈن چۈشۈشكە ئاز قالغان بولۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇ جايدا قانچىلىك ئايلىنىپ ياتقانلىقىمنى بىلمەيتتىم. ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۈستىگە ياماشتىم. يارىلغانغان بولساممۇ ئەسكى ئادەمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىدىم.
ئېغىر پۇتلىرىمنى كۆتۈرۈپ قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغاندا چوڭ يولنى ئاران تاپتىم. يولدىشىم تېخىچە تېلىفوننى ئالمايۋاتاتتى.
« ماڭا تېلىفون قايتۇرۇڭ ئۆتۈنۈپ قالاي. مەن خەتەرگە يولۇقتۇم» ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن يول بويىدا ئولتۇردۇم. تۇرغۇدەك ماغدۇرۇم يوق ئىدى. پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيتتى. ئۆزۈمنىڭ نەگە كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم.
يىراقتىن كەلگەن ماشىنىنى كۆرۈپ قىينىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، يولنىڭ ئوتتۇرىغا ئۆتتۈم.
- ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟- دېدى شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ، لېكىن ئۇ يېقىنلاپ كېلىپ چىرايىم ۋە بەدىنىمگە قاراپ ھەيران قالدى،- ۋوي، بۇ نېمىش؟ سىزگە بىرەر ئىش بولدىما؟
- ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا ياردەم قىلسىڭىز، مەن خەتەرگە ئۇچرىدىم.. بالام دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ يولدىشىم بىلەن قېيىن ئاپام دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن، ئارقىسىدىن ماشىنا توسۇپ لۈكچەككە ئۇچراپ قالدىم.. ماڭا ياردەم قىلسىڭىز..
شوپۇر مېنى يۆلەپ ماشىنىغا چىقارغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق ئورنىدا ئولتۇردى.
- قايسى دوختۇرخانىلىقىنى بىلەمسىز؟
- بىلمەيمەن. مەن بۇ شەھەرگە تۈنۈگۈن كەلگەن.. ھېچ يەرنى بىلمەيمەن.. يولدىشىمغا تېلىفون ئۇرسام پەقەتلا ئالمىدى..
- سىلەر چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئادرىسىنىغۇ بىلىدىغانسىز..
- بىلمەيمەن، لېكىن كارتىسى يېنىمغا بار..
شوپۇر كارتىغا قارىغاندىن كېيىن ماڭا قايتۇرۇپ بەردى.
- كارتىدىكى مېھمانخانا بۇ يەردىن خېلىلا يىراق. مەن سىزنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قوياي، مېھمانخانىدىكىلەر يولدىشىڭىز ياكى تۇققانلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلاشسۇن..
- ماقۇل، ماقۇل. سىزگە كۆپ رەھمەت، ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم ئۇنتۇپ قالمايمەن..
يات شەھەردە بىر ياخشى ئادەمگە ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن خاتىرجەم بولۇپ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم.
شوپۇر مېنى يۆلەپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن كارتىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى.
- سىزگە كۆپ رەھمەت. قانچە پۇل بولدى؟
- يارىڭىز ئېغىركەن ياخشى داۋالىنىڭ. مەن كىرا قىلمايمەن. شۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانتىم، سىز ئۇچراپ قالدىڭىز.. قارىسام ئەھۋالىڭىز ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا.. .
- رەھمەت. كۆپ رەھمەت..
شوپۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئالدىراپ يولدىشىمنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك ئېچىلدى.
- بالام، بالامچۇ؟ قانداق بوپ قالدى؟
- ھېلىمۇ بالا ئېسىڭدە باركەن ھە..
ئىشىكتىن كىرىپ كارىۋاتتا ياتقان بالامنى كۆرۈپ يۈزلىرىنى سىيلىدىم.
- جېنىم بالام. سەن ياخشىمۇ؟ قانداق تۇرىسەن؟ ئاپاڭنى كەچۈر..
بالامنى قۇچاغلىدىم. ئۇ قولۇمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.
- سەن يېنىمغا كەلمە، مەن ساڭا ئۆچ..
- جېنىم بالام، ئۇنداق قىلما، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، قانچىلىك قورققىنىمنى بىلەمسەن؟
قېيىن ئاپام بىلىكىمدىن تارتتى.
- ۋاي بۇ يەردە ئويۇن قويماي ئىشىڭىزنى قىلىڭە.. بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلگەن ئادەم دوختۇرخانىغا بارمىدىڭىزغۇ.. يالغاندىن يىغلاپ كەتكىنىنى..
- ئاپا، مەن ماشىنىغا پاتمىدىم، ئارقاڭلاردىن ماشىنا توسسام ئەسكى ئادەمكەن، مېنى باشقا بىر ئورمانلىققا ئەپ كەتتى، شۇنىڭدىن قېچىپ چوڭقۇر بىر يەرگە چۈشۈپ كەتتىم، ھۇشۇمغا كەلسەم كۈن چۈشىدىغان ۋاقىت بوپ كېتىپتۇ. يولدىشىمغا تېلىفون ئۇرسام ئالمىدى. ئامالسىز كارتىدىكى ئادرىسقا قاراپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم.. ئىشەنمىسىڭىز مانا..
بىلىكىمدىكى شاخ شۇمبا جىجىغان قالدۇقلارنى ئېچىپ قېيىن ئاپامغا كۆرسەتتىم.
- ھاھا.. رول ئېلىشقا ئۇستىلىقىنى قارا بۇنىڭ..
- سېنى بۇ يەرگە ئەكەلگەنگە بەك پۇشايمان قىلدىم..
- ماڭا ئىشىنىڭلار، مەن سىزگە دوختۇرخانىنىڭ ئادرىسىنى سوراپ تېلىفون ئۇردۇم، ئۇچۇر قىلدىم، ئالمىدىڭىز.. ئامالسىز قالدىم، بۇ يات شەھەردە مەن نەگە بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم..
- ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاي دېگەنتىم، لېكىن بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئايال ئىكەنلىكىڭنى ئويلىماپتىمەن. بالىنى سۇغا ئىتتىرىۋېتىپ دوختۇرخانىغىمۇ بارماي يەنە تاپقان باھانەڭنى قارا..
- نېمىشقا ھېچقايسىڭلار ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟
- سىزگە بىز ئەمەس پۈتۈن توردىكىلەر ئىشەنمەيۋاتىدۇ..
قېيىن ئاپام تېلىفوننى ماڭا تەڭلىدى. ئېكراندا ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىش جەريانى بولۇپ، كۆرۈنۈشتە مەن ئوغلۇمنىڭ قولىنى قەستەن قويىۋەتكەندەك قىلاتتىم. ئاندىن تېيلىپ يىقىلغاندا ئۇنىڭ پۇتىغا تېپىپ چۈشۈرىۋەتكەن تۇراتتىم. ھەممەيلەن ئاستىدا مېنى تىللاۋاتتى.
- ئەسلى بۇ خوتۇنغا ھەقكەن. ئۆزىنىڭ بۇ ئۆينى تۇتقۇسى كەلمەي ھەرخىل ئۇسۇلدا بالىسى بىلەن يولدىشىنى قەسلەيدىكەن..
- ۋاي نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق. مۇشۇنداقمۇ ئانىلار بولىدىكەن ھە..
- ئاۋۇ بالىنىڭ جېنى چىڭكەن، ساق قاپتۇ، بولمىسا چوڭ ئىش چىقاركەن..
- بۇ ئادەم ئەمەس ھايۋانكەن..
- ياق.. بۇ يالغان.. مەن ئىتتىرىۋەتمىدىم، سىلەر كۆردۈڭلار.. نېمىشقا بىرەرسىڭلارمۇ مېنى ئاقلاپ قويمايسىلەر؟ يەنە، بۇنى كىم تارتتى؟
زالغا چىقىپ مۇخپىر قىزنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
- بۇ ياققا چىق.. ھۇ ناچار..
كاتىپ قىز چاچلىرى ھۆل ھالەتتە ئىشكنى ئاچتى. ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم.
- نېمشىقا بىزنى سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يالغان ۋەقە پەيدا قىلىسەن؟
ئۇ قولۇمنى بوشىتىۋەتتى.
- ساراڭمۇ سىز، مەن يالغان سۆزلەپتىمەنما؟ ئۆزىڭىز بالىڭىزنى ئىتتىرىۋەتتىڭىزغۇ..
- سەن ھەقىقىي مۇخپىرما؟ نېمىشقا بۇنداق يالغان سۆزلەيسەن، نېمىشقا باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى تورغا يوللايسەن؟
- يولدىشىڭىز بۇنىڭغا قوشۇلغان.مەن بۇ يەرگە سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار خاتىرلىگىلى كەلگەن. پەقەت سىلەرنى تارتىپ تورغا يوللىساملا بولدى..
مۇخپىر ئىشىكنى يېپىۋەتتى. جايىمدا تۇرۇپ قالدىم.
ئارقامغا يېنىپ يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ياتىقىغا كىرمەكچى بولۇپ، ئىشىكنىڭ تاقاق تۇرغىنىنى بايقاپ، ئۈمىدسىزلىكتە ياتىقىمغا قايتىپ كىردىم.
گەرچە كېلىشمەسلىك بولغان بولسىمۇ بالامنىڭ ساق ئىكەنلىكىدىن كۆڭلۈم خوش ئىدى. لېكىن يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ھەيران قېلىۋاتاتتىم. مالچى ھەدەمگە تېلىفون ئۇرماقچى بولۇپ يانفوننى قولۇمغا ئالدىم، لېكىن بۇ كۇنۇبكىلىك تېلىفوندا يولدىشىمدىن باشقا ھېچكىمنىڭ نومۇرى يوق ئىدى. مەن جىنايەتچى ئىدىم، ئۆزى سىرتتا تۇرغان بىلەن بارلىق ئىش ھەركىتى كونترول قىلىنغان جىنايەتچى ئىدىم.
كېچىچە ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدىم.
سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدىم. ئۇلار بىردەمدىن كېيىن ياتاقتىن چىقتى.
- بالام، نېمە يەيسەن؟ مەن ساڭا ئەپ بېرەي؟
ئوغلۇم يولدىشىمنىڭ قولىغا ئېسىلدى.
- ئۇنى قورقۇتما؟ تۈنۈگۈنكىن قورقۇنۇچتىن ئەسلىگە كەلگىنى يوق تېخى..
ئىككىسىگە ئەگىشىپ مېھمانخانىنىڭ ئاشخانىسىغا كىردىم. ھەممەيلەن ماڭا غەلىتە قاراۋاتاتتى. نېمىشقا بۇنداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
يولدىشىم بىلەن ئوغلۇم ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ ئوغلۇمنىڭ يىغلىشى بىلەن باشقا ئورۇندا ئولتۇردۇم. ئارقامدىكى ئىككەيلەن ماڭا قاراپ نېمىلەرنىدۇر كۇسۇرلىشىۋاتاتتى.
- مۇشۇ ئايال شۇكەن.. ۋاي چىرايىغا قارىسا ئۇنداقتەك ئەمەس، راستىنلا قورقۇنۇچلۇق مەخلۇقكەن بۇ..
- ئېرىنى ياخشى كۆرمىسە ئۆچىنى بالىدىن ئالغۇچە ئاجرىشىپ كەتسىلا بولمىدىمۇ؟
- ئالدىدا ئېرىنى بالىسىغا يامان قىلغۇزۇپ بىۋاستە تارقىتىشقا چىقىپتىكەن.. ئەمدى بالىسىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپتۇ..
- سىرتتا ئارلىشىۋاتقىنى باركەن باركەن، شۇڭا شۇنداق قىپتۇ.. شۇنداق باي ئېرى تۇرۇپ رازى بولماي..
- مۇشۇ ئايالنىڭما؟ سىرتتا باشقىلار بىلەن ئارلىشىپتۇما؟
- ئەتىگەن تورغا چىقىپتۇ.. مانا.. ئېنىق تۇرمامدۇ..
ئۆرۈلۈپ ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇