بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 21-قىسىم (ئەپچىدە 38قىسىم)

文摘   2024-09-12 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

- تىرىشىشتىن باشقا تاللىشىم يوق…

- دەرت ئادەمنى كۈچلەندۈرەرمىش، ئىشىنىمەن، سىزنىڭ ھاياتىڭىز قايتىدىن باشلىنىدۇ…

مالچى ھەدەم قولۇمنى تۇتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.

- مەن… گەپ ئارلاشتۇرسام توغرىمۇ بىلمىدىم… لېكىن مەنمۇ سىلەرگە قوشۇلسام بولامدۇ،- دېدى ياردەمچى ياندا دۇدۇقلاپ.

- بۇ ياردەمچىمنى راسمىي ھالدا تونۇشتۇرۇپ باقماپتىمەن. تونۇشۇپ قېلىڭلار…

ياردەمچى ماڭا قولىنى تەڭلىدى.

- بىزگە قوشۇلغىنىمىزنى مۇبارەكلەيمەن…

- رەھمەت. سىلەرگە تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن. كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز…

ئۇنىڭ قولىنى تۇتمىغىنىم تولىمۇ ئەدەپسىزلىك ئىدى، لېكىن تېخى ئاجراشمىغان ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقا ئەرلەرنىڭ قولىنى تۇتۇشنى خالىمايتتىم.

- كە… كەچۈرۈڭ… قولۇمنى تەڭلىشىم پەقەت ھەمكارلىق ئۈچۈن ئىدى…

ئۇنىڭغا قارىمايلا مالچى ھەدەمگە قارىدىم.

- ھەدە. ئەمىسە مەن ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا كېلەي…

ئۇلار بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن مېڭىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئەتىگەن ئېشىپ قالغان تامىقىمنى ئىسسىتىپ يېيىشكە باشلىدىم.

يولدىشىم بەرگەن يانفوندا ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى ئاچتىم. ئۈندىدار چەمبىرىكى مېنى كۆرمەس قىلىپ تەڭشەلگەنىدى.

سىن قانالنى ئاچتىم. يولدىشىم سىندا سۆزلەۋاتاتتى.

- ئۇ مەندىن يوشۇرۇن باشقىلار بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلاشقىلى بەك ئۇزۇن بولغان. مەن تېخى دوستلىرىمىكىن دەپتىمەن. بىركۈنى قارىسام ئەركىشى ئىكەن… بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تېلىفونىنى ئالماشتۇرىۋەتتىم. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. ھەتتا ئۇ ئادەمنى مۇشۇ يەرگىچىمۇ باشلاپ كەپتۇ… شۇڭا تورداشلارنىڭ بىر ئادەمنى قارىلاشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ماھىيىتىگە قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكى بولمايدۇ، بەزىدە ئاياللاردىنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ…

 ئاستىدىكى ئىنكاسلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەنىدى.

- بۇنداق نەس باسقان خوتۇننى ئۆيدە قويۇش پالاكەت باستۇرىدۇ. مەنچە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشى…

- چىرايىغا قارىسام خېلى ئىلمىي ئايالدەك تۇراتتى. ئەسلى يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدىكەن ئەمەسمۇ؟!

- بىر ئايال يولدىشىغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندا قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. ھەتتا بالىسىنىمۇ بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان تۇرسا، بۇ ئايالدا ۋىجدان دېگەن نەرسىنىڭ ئۇچقۇندىسىمۇ قالماپتۇ…

- مەن تېخى باي ئەرلەر ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەسلى بايلارنىڭمۇ ئاياللىرى ۋاپاسىز چىقىدىغانلىرى باركەن ھە…

- ئايال كىشى باي ئەرنىڭ پۇلىنىلا دەپ توي قىلىدۇ. پۇلغا تويغاندىن كېيىن تالاغا قارايدۇ دېگەن شۇ…

تېلىفوننى ئېتىۋېتىپ كارىۋاتقا تاشلاندىم. ئازابلانغان بولساممۇ كۆزۈمدىن ياش چىقىرالمايتتىم.

تۇيۇقسىز يانفونۇم سايرىدى.

- قانداق؟! نەرسىلىرىڭنى تەييار قىلىپ بولدۇڭمۇ؟

- ھەئە. ھەممە نەرسەمنى تەييارلاپ بولدۇم…

- بىز بارغۇچە ئۆيدىن تولۇق چىكىتىپ بول… مەن بارغان كۈنىلا ئاجرىشايلى… ئوغلۇم سېنى كۆرسە بولمايدۇ…

- بولىدۇ. مەن ئەتە كېتىمەن. كەلگەندە مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ…

تېلىفوننى ئېتىۋېتىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.

*  *  *  

سەھەردە مالچى ھەدەمنىڭ شىركىتىگە باردىم.

- ۋوي. بەك بالدۇر كەپسىزغۇ؟!- دېدى ياردەمچى ئىشىكنى ئاچقاچ،- تاس قاپسىز مەندىنمۇ بالدۇر كېلىۋالغىلى…

- سەھەردە تېلىفون كەپ قالسا ئالالماي قالماي دەپ …

- مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولسا نېمە دېگەن ياخشى… .

ئىشخانىغا كىرىپلا سۈپۈرگىنى قولۇمغا ئېلىپ سۈپۈرۈشكە باشلىدىم. لاتا بىلەن ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ كىتاب جاھازىسىنى رەتلىگەندىن كېيىن جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

- ۋوي، ئىشخانا بەك پاكىز بوپ كېتىپتۇغۇ…

- كەلدىڭىزمۇ ھەدە، ياق. دېرىكتور…

مالچى ھەدەم كۈلۈپ كەتتى.

- بولدى، ھەدە دەۋېرىڭ… ھېچقىسى يوق…

- تېلىفون قاچان كېلىدۇ…

- ھاھا، نېمانداق قىزىق گەپ قىلىسىز؟

مالچى ھەدەم ئاۋازىنى قويۇپ كۈلۈشكە باشلىدى.

- مېنىڭ بىكار تۇرغۇم كەلمىدى، تېلىفون كەلمىسە قىلىدىغان ئىش تاپالماي تىپىرلاپ كېتىۋاتىمەن…

- ھەممەيلەن تېخى ئەمدى ئىشقا چۈشتى، تېلىفونلار سەل تۇرۇپ كېلىدۇ. سىز ماۋۇ تالونلارنى رەتلەپ ئورنى ئوخشاشلىرىنى بىر يەرگە يىغسىڭىز بولىدۇ…

قولۇمغا تالونلارنى ئېلىپ ھەيرانلىقتا سورىدىم.

- مۇشۇنچىۋالا جىق ماللارنىڭ ھەممىنى توشامسىلەر؟

- ئەنسىرىمەڭ. ماشىنا بار…

- ھەدە، مەنمۇ سىلەر بىلەن توشاي… تېلىفون كەلمەي قالسا مەن بىكار ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن…

- سىز تېخى ئەسلىڭىزگە قايتىپ بولالمىدىڭىز… ھازىر ئېغىر نەرسە كۆتۈرسىڭىز بولمايدۇ… باشتا تېلىفون ئېلىپ تالونلارنى رەتلەپ بەرسىڭىزمۇ بىزگە چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەن بولىسىز…

تالونلارنى قولۇمغا ئېلىپ تۈجۈپىلەپ رەتلەشكە باشلىدىم. نۇرغۇن تالونلار 6-قەۋەتنىڭ بولۇپ خېلى ئېغىر نەرسىلەر ئىدى. رەتلىگەنسىرى مالچى ھەدەمگە ئىچىم ئاغرىيتتى.

- بولدى. ماۋۇ يېقىنكەن ئاۋال مۇشۇ يەرنىڭ ماللىرىنى ئاپىرايلى…

مالچى ھەدەم بىلەن ياردەمچىسى سىرتقا قاراپ ماڭدى.

- ھەدە، چۈشلۈك دەم ئېلىش سائەت نەچچىدە؟

- بىزنى ساقلاپ تۇرسىڭىز بىللە تاماق يەيمىز…

- مەن… مەن ئۆيگە بىر بېرىپ كېلەي دېگەن…

- نېمىشقا؟ يولدىشىڭىز تېخى كەلمىدىغۇ؟

- ئۇلار نەچچە كۈنگە قالماي كېلىدۇ. ئۇ ئوغلۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالساڭ بولمايدۇ دەيدۇ. نەرسىلىرىمنى دادامنىڭكىگە ئاپىرىپ قويۇشۇم كېرەك…

- مۇنداق قىلايلى. سىز ساقلاپ تۇرۇڭ. بىز ئىككى يەرنىڭ مېلىنى توشىۋېتىپ نەرسىلىرىڭىزنى توشۇپ بېرەيلى، يالغۇز كۆچمەڭ…

- ئۇنچە كۆپ نەرسە يوق ھەدە. ناھايىتى ئىككى سومكا، ھەممە ئىشقا سىلەرنى ئاۋارە قىلسام بولمايدۇ…

- بولىدۇ. مەيلى. چۈشلۈك دەم ئېلىش دېمەي، ھازىر مېڭىڭ. كەلگەندە ئېكراندىكى نومۇرنى خاتىرلەپ قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھازىر چۈشكەن تالونلارغىمۇ بىر ھەپتە ئىشلەپ قالىمىز…

- سەت بولدى. كەلگەن بىرىنچى كۈنۈملا بۇنداق تەلەپنى قويدۇم…

- بۈگۈن كەلمەي شۇ گەپنى ئۇدۇل دېسىڭىزمۇ مەن باشقىچە ئويلىمايتتىم. سىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدىغان تۇرسام…

- سىزگە ۋەدە بېرىپ بولغاندا ئۇ تېلىفون ئۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ مېنى ئۆيدىن بۇنچە بۇرۇن ھەيدىشىنى ئويلىمىغانتىم… سىزگە تۈنۈگۈن دېيىشتىن خىجىل بولدۇم…

- ئارتۇق ئويلىماڭ ئىشىڭىزنى قىلىۋېلىڭ. چۈشتىن كېيىن كەلگەن تېلىفونلارنى قايتۇرسىڭىز بولىدۇ…

- كۆپ رەھمەت ھەدە… بەك بەك رەھمەت…

- لېكىن راسمىي ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ، ئىش چىقىپ قالسا چوقۇم ئالدىن دەڭ…

- چوقۇم شۇنداق قىلىمەن…

ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە يۈرۈپ كەتتىم.

ئۆيدە تەييارلاپ قويغان ئىككى سومكىنى كۆتۈردۈمدە ئوغلۇمنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئىچىگە سالغاندىن كېيىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۆيگە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاراپ كەتتىم. بۇ ئۆي مېنىڭ ياشلىقىمنىڭ، مۇھەببىتىمنىڭ ھەم ئازابىمنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. ئۇنىڭدا ياش قىزدىن ئايالغا، ئايالدىن ئانىغا ئايلانغانىدىم. گەرچە ئازابتا ياشىغان ۋاقتىم كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا مېھرىم بار ئىدى.

- خوش. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى قويغۇڭغا ئالغىنىڭغا رەھمەت…

ئىشىكتىن چىقىپ يېنىمدىكى پۇلغا قاراپ باقتىم. ئۇ دادامنىڭكىگە بېرىشقا يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئامالسىز ئىككى يوغان سومكىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا باشلىدىم.

ھاۋا ئىسسىق بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ھېرىپ كېتىپ باراتتىم. بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز بۇ ئورۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوغلۇم بىلەن ئولتۇرغان ئورۇندۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. ياشلىرىمنى توختىتالمايۋاتاتتىم.

تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ بىر نەرسە ئېتىشى بىلەن يانغا قارىدىم. ياندا بىرمۇنچە ئادەملەر بولۇپ كىمنىڭ ئاتقىنىنى بىلمەيتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا نەپرەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئاتقان نەرسىنى قولۇمغا ئېلىپ سۈت خالتىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلار توردىكى سىنلارنى كۆرۈپ مېنى خاتا چۈشەنگەن كىشىلەردەك قىلاتتى. ئامالسىز ئېغىر پۇتلىرىمنى كۆتۈرۈپ داۋاملىق يول يۈرۈشكە باشلىدىم.

- مەن چوقۇم بىر كۈنى باي بولىمەن. بىركۈنى كۈچلۈك ئايالغا ئايلىنىمەن. كۈچلۈك بولغىنىمدا ھەممەيلەن مېنى ئاقلايدۇ. شۇ چاغدا مەن نېمە دېسەم شۇ بولىدۇ… شۇ كۈن ھامان كېلىدۇ…

ئۆزۈمگە شۇنداق دېگىنىمچە مېڭىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم. بۇ ئۆيگە كىرىش ماڭا خوشاللىق بېرىشى ناتايىن ئىدى، لېكىن شۇ تاپتا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ جاي ئاپامنىڭ ھىدى بار بىردىنبىر جاي ئىدى.

ئىشىكنى بوشقىنە چەكتىم. ئىشىك ئېچىلىپ ئۆگەي ئاپامنىڭ چىرايىنى كۆردۈم.

- ۋوي، سىز كەپ قاپسىزغۇ،- دېدى ئۇ قولۇمدىكى يوغان سومكىغا قاراپ.

- ھە، مۇشۇ ئۆيدە تۇراي دەپ كەلدىم،- دېدىم ئۇنىڭ توسۇشىغا قارىماي نەرسەمنى ئۆيگە قويۇپ.

- دادىڭىز تېخى كەلمىدى، كەلگەندە ئاندىن دېيىشىڭلار…

- بۇ قانداق گەپ، بۇ مەن چوڭ بولغان ئۆي، ئاپامنىڭ ئەجرى سىڭگەن ئۆي، يەنە دېيىشىڭلار دەيسىزغۇ…

- دادىڭىزنىڭ قانداق پىكرى بار بىلمەيمەن. شۇڭا دېدىم…

سومكامنى كۆتۈرۈپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كارىۋات ۋە يەرنىڭ ئاللىبۇرۇن توشۇپ كەتكىنىنى بايقىدىم.

- بۇ ئۆيدە دادىڭىز ئىككىمىز تۇرىۋاتقان…

سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى كىچىك ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇ ئۆينىڭمۇ نەرسە بىلەن توشقىنىنى بايقىدىم.

- قانداق گەپ بۇ؟! ھەممە ئۆي توشۇپ كېتىپتۇغۇ…

- بۇ ئۆيدە مېنىڭ كىيىملىرىم با…

- ئەچىقىۋېتىڭ. مەن مۇشۇ ئۆيدە تۇرىمەن…

- بۇ… قاملاشماس. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى بارغۇ…

- بۇ مەن چوڭ بولغان ئۆي. قانداق؟! پىكرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ…

- دادىڭىز سىزنى ئۆزىنىڭ ئۆيى بار، قايتىپ كەلمەيدۇ دېگەن… قارىغاندا تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟!- دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ.

- بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن… مەن خالىسام كېلىمەن. خالىسام كېتىمەن…

- قىزىق گەپ بولدى. سىز دادىڭىز ئىككىمىزنىڭ توي خېتىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز، بىز قانۇنلۇق توي قىلغان… شۇڭا بۇ مېنىڭمۇ ئۆيۈم…

- شۇڭا سىز نېمە دېمەكچى؟

- ئاۋال نەرسىلىرىڭىزنى قويماي تۇرۇڭ… دادىڭىز كەلسۇن، دادىڭىزنىڭ قارارىنى ئاڭلايلى…

- تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلىدى دېگەن گەپقۇ بۇ…

- مەن سىزنى قوغلىمىدىم. دادىڭىز مېنى قانۇنلۇق ئالغان. مېنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقۇم بار. يەنە كېلىپ ئۆيدىن كەتكىنىگە نەچچە يىل بولۇپ بولغان ئادەم دادىڭىز تۇتقان ئۆيگە قايتىپ كېلىمەن دېگىنىڭىز ئەسلىمۇ قاملاشمىغان بىر ئىشقۇ…

- بۇ ئۆي ئاپام تۇتقان ئۆي. مەن چوڭ بولغان ئۆي. كەتكىنىمگە قانچىلىك بولسىمۇ قايتىپ كېلىش ھوقۇقۇم بار… بۇنىڭغا سىز ئارلىشالمايسىز…

 ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ چوڭ ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا باشلىدىم.

- سىز ساراڭمۇ نېمە؟! قاراپ تۇرۇپ مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئېتىۋاتىسىزغۇ…

- ياتاقنى بىكارلاۋاتىمەن… كىيىملىرىڭىزنى مۇشۇ يەرگە قويمىسام نەگە قوياتتىم…

- مەن ھۆرمىتىڭىزنى قىلاي دېگەن ئۆزىڭىزنى بىلمەيۋاتىسىز…

- مەنمۇ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىۋاتىمەن… ھۆرمىتىڭىزنى قىلمىغان بولسا ئالدىنقى قېتىم كەلگەندىلا سىزنى ھەيدەپ چىقىراتتىم…

- سىزنىڭ ئۇنداق ھوقۇقىڭىز يوق… مېنى دادىڭىز ياخشى كۆرۈپ تاللىغان…

- مەن ئۇنىڭ قىزى، دادامنىڭ ئالغان ئادىمىنى چۈشىنىش، قۇبۇل قىلىش ھەم رەت قىلىش ھوقۇقۇم بار…

- مەن ئۆيىنى بۇزۇپ تەگكىنىم يوق. مەن بويتاق ئايال، دادىڭىز بىلەن قۇبۇل قىلىشىم، رازى بولۇشۇپ توي قىلدۇق. بىكاردىن ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ…

ھېچقانداق خاتالىقى يوق بىر ئايالغا بۇنداق قىلىشىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ دادامنىڭ ياخشى كۆرۈپ ياتلىق بولىشىنىڭ مەن بىلەن مۇناسۋىتى يوق ئىدى. يەنە كېلىپ ئاپامنىڭ كېتىپ قالغىنىغا نەچچە يىل بولغانىدى. ئۇ ئاپامنىڭ مۇھەببىتىنى تارتىۋالمىغان، ئائىلەمنى بۇزۇپ دادامنى تاللىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقۇم يوق ئىدى. لېكىن ئاپام تۇتقان ئۆينى باشقا بىر ئايالنىڭ تۇتىۋاتقىنىنى ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلەتتى. ئۇنىڭغا سەۋەبسىز نەپرىتىم كېلەتتى.

ئايالنىڭ نەرسىلىرىنى دادام ئىككىسىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەچىقىۋەتكەندىن كېيىن كىيىمىمنى سومكىدىن چىقىرىپ ئاسقۇغا ئېسىشقا باشلىدىم.

- قىزىق ئىش بولدى بۇ، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئۆيگە كېلىپ تۇرىمەنلا دەۋاتىسىز…

- سىزگە قايتا گەپ قىلىپ تالاشقۇم يوق. بۇ مېنىڭ ئۆيۈم تۇرغۇم كەلسە تۇرىمەن… سىزدىن رۇخسەت ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق…

تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

- ۋوي كەلدىڭىزغۇ… قاراڭ بۇ ئۆينىڭ بوپ كەتكىنىگە…

دادام كىرگەندە قارىماستىن كىيىملەرنى ئېسىۋەردىم.

- نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ساراڭمۇ سەن؟- دېدى دادام قولۇمدىن تارتىپ،- بۇ ئۆيدە تۇرماقچىما؟ ماڭ ئۆيۈڭگە كەت… بۇ ئۆيدە تۇرمايسەن…

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章