يولدىن چىققان ئايال 🧡 31-قىسىم (ئەپچىدە 50-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-14 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇ ئۇنى تارتىپ، ھېلىقى يېپىشقاق گۈرۈچ كومىلىچى ساتىدىغان كىچىك دۇكانغا كەلگەندە، ئاندىن ئېغىز ئاچتى.

-ئەلدار، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى مەن ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن، چۈنكى مەن قەيسەر تاغاڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم.

ئەلدار ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ:

-ئاپا، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئايرىلىپ كەتسەڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلاشمامسىلەر؟ئۇنداقتا بىز ...

-ئەلدار، مەن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈپ چىقتىم. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۆزىمىز يالغۇز ئۆتىمىز،- دېدى.

-ھە،-ئەلدارنىڭ كۆز نۇرى سەل خىرەلىشىپ،-ئاپا، ئۇ بىزدىن بىزارمۇ نېمە، شۇڭا ...- دېدى.

-ياق، پەقەت، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا كېلىشىم تۈزگەن، ئەلدار، ھېلىقى توختامنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟-گۈلزىرە ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ،-توختام بىكار قىلىندى، شۇڭا بىز ئايرىلىپ كەتتۇق،-دېدى.

-ئاپا، كۆڭلىڭ يېرىم بولدىمۇ؟ ئەلدار گۈلزىرەنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ يەنە بىر قولىنى تارتتى.

-ياق،-گۈلزىرە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەن پەقەت ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، بۇرۇن مەن ساڭا ئۇ يەردە ئىككى يىل ئارتۇق تۇرىمىز دېگەن، قارىسام سەن ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى چېنىقىش سايمانلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن، ھېلىقى داچىنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن ...،- دېدى.

-ئاپا، ماڭا ئېيتە، ئۇ ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن ئوخشىمامدۇ؟-ئەلدار گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە قارىدى.

-ھە،-گۈلزىرە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،-ھېچ ئىش يوق، ماڭا راستىنلا ھېچ ئىش بولمىدى،-دېدى.

-ئاپا، ماڭىمۇ ھېچ ئىش بولمىدى!-ئەلدار قەيسەرلىك بىلەن،-ئۇنىڭ ئۆيى  چوڭ بولسا نېمە بوپتۇ،مەن ئۇنىڭغا خۇشتار ئەمەس،- دېدى.

ئۇ شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى

-ئاپا، مەن ياخشى ئوقۇيمەن، كەلگۈسىدە سىزنىمۇ شۇنداق چوڭ ئۆيدە تۇرغۇزىمەن!ياق، ئۇنىڭدىن چوڭ، ئۇنىڭدىن ياخشى !

باشقىلارغا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەنلەر، ئۇنداق ئىلتىپاتنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، باشتىن - ئاخىر دەككە - دۈككىدە يۈرىدۇ.

پەقەت ئۆزى ئىگە بولغاننى، ئاندىن ھەرقانداق ئادەم تارتىۋالالمايدۇ.

گۈلزىرە،قەيسەر ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەندە، ئۇ يىغلىمىدى.ئۇ ئۆيىدىن كۆچۈپ چىققاندا، يىغلىمىدى.

بىراق، بالىسى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.

-ئاپا، يىغلىما!

ئەلدار پۇتىنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ گۈلزىرەنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ:

-مەن ئەمدى قەيسەر تاغامغا قارىمايمەن،مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. مەن دېگەن، كېيىن چوقۇم ئۇنى مەغلۇپ قىلىمەن!ئاپا، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما!-دېدى.

- ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم  يېرىم بولمىدىم، بەلكى سېنىڭ گېپىڭدىن خۇشال بولدۇم،-گۈلزىرە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ: «ئەلدار، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىرلىكتە تىرىشايلى!- دېدى.

-ھىم، مەن قورقمايمەن، كەچتە چاشقان بولسىمۇ قورقىمايمەن، مەن دېگەن ئەركەك، سېنى قوغدايمەن!-ئەلدار مەيدىسىگە شاپىلاقلاپ قويدى.

شۇ كۈنى ئىككىيلەن بىللە مېھمانخانىغا باردى، ئەلدار ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، مېھمانخانا بەك ياخشى ئىكەن، ئاپام بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلايدىغان بولدۇم، دەپ ماختاپ توخمىتىدى.

كەچقۇرۇن ئىككىيلەن بىنانىڭ ئاستىدا بىر نەرسە يېدى، ئەتىسى گۈلزىرە ئەلدارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، ئاندىن قەيسەرنىڭ شېركىتىگە بېرىپ ئىستېپا بەرمەكچى بولدى.

ئەمما، شېركەتكە بارىدىغان يولدا،سەنئەت شېركىتىدىن  تېلېفون كەلدى.

ئىلگىرىكى كېلىشىم بويىچە، «رىقابەتچى ناخشىچى» نىڭ ئالدىنقى ئۈچىگە ئېرىشكەن بىر نەچچە ناخشىچىنىڭ قەيسەر سەنئەت شېركىتىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى.

شۇڭا ئۇلار گۈلزىرەگە تېلېفون بېرىپ، تەشۋىقات پائالىيتىنى ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغا بېكىتىلگەنلىكىنى، ھەمدە مەيدان قەيسەر گۇرۇھىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گۈلزىرە تۇيۇقسىز قەيسەرنىڭ ئۇنى ئۈچ كۈن ساقلايمەن، ئويلىنىپ بېقىڭ دېگەن، گېپىنى ئېسىگە ئالدى.

 ئەجەبا، بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا قەيسەر گۇرۇھىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنى بويسۇندۇرماقچىمۇ؟

ئۇ گۇمانىنى بېسىپ، قەيسەر گۇرۇھىغا بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەيران قالغان چىراي ئىپادىسى ئاستىدا ئىستىپانامە سۇندى، ئاندىن ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى نىمكەش ئۆينىڭ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئاخىرىدا، ئۆي ئىگىسى يەنە نەچچە ئون مىڭ يۈئەن تۆۋەنلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئۆينىڭ ئىشىنى پۈتۈشتى.

ۋاستىچىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، گۈلزىرە زاكالەت پۇلىنى تۆلىدى، ئىككى تەرەپ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن قەرز ئېلىش ۋە مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە پۈتۈشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، قەيسەر گۇرۇھى مەيدانىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شۇ تاپتا گۈلزىرە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن سۆسۈن رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ، ئارقا سەھنىگە كەلدى.

شەمىسيە مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئىدى.

گۈلزىرەنى كۆرۈپ، ئۇ مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بۇرۇلۇپلا گىرىم قىلغىلى كەتتى.

گۈلزىرەمۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، بىر چەتتە تۇرۇپ، ھېلىقى ياش يىگت بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى.

ئۇ تەرەپتە سەھنە تەييار بولدى، خىزمەتچى خادىملار رىياسەتچىگە پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا، گۈلزىرە پەردىنى ئازراق ئېچىپ، مەيداننىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى.

ئەر رىياسەتچى:

-گۈزەلئاي، سىز بۈگۈن بۇنچە كۆپ ئادەم كېلىدىغانلىقنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟-دەپ سورىدى.

ئايال رىياسەتچى:

-ئويلىماپتىكەنمىز!راست گەپ قىلسام، مەن ھەقىقەتەن قورقۇپ كەتتىم!

-بۇ ئىككى كۈندىكى مىكرو بىلوگنى كۆرمىدىڭىزمۇ، ھەممىسى نىلۇپەرنىڭ يېقىن ئارىلىقتىكى تەبىئىي چىراي سۈرىتى! سىز تۆۋەندىكى مەستانىلەرنىڭ فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ تەييار بولغانلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

-ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!

ــ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايلى، تۆۋەندە نىلۇپەر خانقىزنى كۆپچىلىككە «ئەگەر مۇھەببەت ئۇنتۇلۇپ قالسا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!

-قېنى مەرھەمەت!

رىياسەتنچىنىڭ گېپى سەھنە ئاستىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى.

گۈلزىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، سەھنىگە چىقتى.

گۈلزىرە ناخشىنى باشلىدى.

سەھنە يېنىدىكى مەلۇم بىر جايدا، بىر جۈپ كۆز ھېلىقى تونۇش سىماغا جىمجىت تىكىلىپ تۇراتتى.

جالال بالنىستىن چىقىش رەسمىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېجىردى، شۇ تاپتا، ئۇ ناخشا تېكىستىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

پەردە ئارقىسىدا، شەمىسيە ئاستىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلدى.

داۋاملاشتۇر!

كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى يەنە بىر نەچچە مىنۇت داۋاملاشتۇرسۇن، چۈنكى، ھازىرلا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەرسە پارتلاپ چىقىدۇ!

ئۇ بىر ئازدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ، ھاياجانلانغىنىدىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.

سەھنىدە گۈلزىرە داۋاملىق ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، كىشىلەر توپى، قولىدىكى فوتو ئاپپارات ۋە كۆز ئاستىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى.

مانا بۇ چىرايىغا قارايدىغان دۇنيا، ئۇ چىرايلىق بولغاچقا، كىشىلەر قوغلىشىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەگەر ئۇ سەت بولسىچۇ؟

- ئەگەر مۇھەببەتنى چۈشەنسەڭ، ۋەدەڭنىڭ بەدىلىنى، ماڭا بېرەلمىگەنلىرىڭنى ئۇنىڭغا تولۇق بەر.

-كۈلدۈم، كەچۈردۈم،سەن ئۈچۈن ھەممە ئەرزىيدۇ.

 سەھنىنىڭ كەينىدىكى بىر ئىشخانىدا، قەيسەر دېرىزە يېنىدا تۇرۇپ، گۈلزىرەنىڭ ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

ئۇ بۇ جۈملىنى ئاڭلىغان چاغدا، كۆزلىرى بىردىنلا غەمكە پاتتى.

ئۇ كۈنى، «ئەلفىرە» ئۇنىڭغا، ئۇ قىز بىلەن بەختلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇ تاپتا، ئوخشاش بىر ناخشا تېكىستىدە، ئۇ يەنە ئۇنىڭ قەيسەر كۈلكىسىنى كۆرگەندەك، ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغاندەك،ئۇنىڭ ھىدىنى پۇرغاندەك بولدى.

ئۇ بەلكىم پات ئارىدا يەنە بىر قىز بىلەن توي قىلىشى مۇمكىن، ئۆتمۈشتىكى ھەممە نەرسە، ھامان تارىخقا ئايلىنىپ، ئەمما، ئەلفىرە، ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ!

گۈلزىرە ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسراسىنى ئېيتىپ بولۇپ، تۆۋەن تەرەپكە تەزىم قىلدى، تاماشىبىنلار بولسا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى!

يېقىن تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى گۈلزىرەنىڭ پۈتۈنلەي تەبىئىي چىرايىنى كۆردى، ئەمما يەنىلا گۈزەللىكىدىن ھەيران بولدى، بىردىنلا ساراڭدەك ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، رىياسەتچى كۆپچىلىكنى تىنچلىنىشقا قايتا ـ قايتا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، پايدىسى بولمىدى.

دەل مۇشۇ پەيتتە، كىشىلەر توپى ئارىسىدا، تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئاسمانغا قاراپ، نۇرغۇن قەغەز پارچىلىرىنى چاچتى.

ئارىلىق سەل يىراق بولغاچقا، گۈلزىرە ئۈستىگە نېمە بېسىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىدى، لېكىن كۆڭلىدە بىر خىل يامان تۇيغۇ پەيدا بولدى.

بىرىنچى ئادەمنىڭ قەغەز پارچىلىرىنى چېچىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئارقا ـ ئارقىدىن بەزىلەر سومكىسىدىن بىر باغلام نەرسىنى چىقىرىپ،  كىشىلەر توپىغا ئاتتى!

كىشىلەر توپى، بايىقى قىزغىنلىقتىن گاڭگىراپ،ئاستا - ئاستا بىر نەچچە مىنۇت جىمىپ قالدى.

ئاندىن بىر يۇقىرى ئاۋازنىڭ ھەممەيلەنگە قاراپ:

-كۆپچىلىك قولۇڭلاردىكى سۈرەت ۋە خەۋەرلەرگە قاراڭلار، سىلەر مەپتۇن بولغان نىلۇپەرنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!- دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

ھەش - پەش دېگۈچە گۈلزىرەنىڭ ئوتتەك قەلبى بىردىنلا سوۋۇپ، خۇددى مۇزدەك چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك بولدى.

ئۇ بېشىنى بۇراپ، شەمسىيەنىڭ پەردىنى قايرىپ، كشىلەر كۆرەلمەيدىغان بۇلۇڭدىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەنلىكىنى كۆرگەندە، خۇددى يەتتە يىل بۇرۇنقى شۇ چىراي ئىپادسىنى كۆرگەندەك بولدى!

گۈلزىرە دەرھال سەھىنىدىن ئايرىلىشى كېرەك ئىدى، شۇ تاپتا گۈلزىرە ئىككى پۇتىنىڭ مىخلىنىپ قالغاندەك، مىدىر - سىدىر قىلالماي قالدى.

بۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر قەغەز پارچىلىرىنى قولىغا ئالدى، گەرچە رىياسەتچى كۆپچىلىكنى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توختىماي چاقىرىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەغەز پارچىلىرىدىكى مەزمۇنلار ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

-نېمە، بىغۇبار قىز ئەمەلىيەتتە بىر تاپتىن چىققان ئايالكەنغۇ؟

-ئونسەككىز ياشتا توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولغان، يەنە كېلىپ ئەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ دېگەن نېمە گەپ؟

-داشۆدىن قوغلاندى قىلىنغان، يەنە تېخى ئىسپاتمۇ بارمۇ؟

-ئوتتۇرا مەكتەپتىلا شەخسىي تۇرمۇش قالايمىقان ئىدى؟

-ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ مۇسابىقە ۋاقتىدا نىقاپ تاقاپ، ئەڭ ئاخىرىدا نىقاپنى يىرتىۋەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەيران قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئۈچۈن بىلەت تاشلاتقۇزماقچى؟

-بۇ زادى قانداق ھىيلە - مىكىر؟

كۆپچىلىك قەغەز پارچىسىدىكى مەزمۇنلارنى، يەنە بىر قىسىم سۈرەت ۋە ئىسپاتلارنى كۆرۈپ، بىردىنلا قايتىدىن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى!

-تايىنلىق نېمىكەنغۇ بۇمۇ،ئەسلى بىر بۇزۇق ئىكەن!

-ئىست بۇ چىراي!

-شۇ ئەمەسمۇ، دەل تۈلكىنىڭ ئۆزى، بولمىسا ئەرلەرنى قانداق ئېزىقتۇرىدۇ؟

18 ياشتا ھامىلدار بولۇپ قالغان قىز بالا، قانچىلىك ياخشى بولماقچى!

-بۇزۇق كۆزۈمدىن يوقال، كۆزىمىزنى بۇلغىما!

سەھنە ئاستىدا ئەيىبلەش ئاۋازى ئاڭلاندى.سەھنىدە گۈلزىرە كۆپچىلىكنىڭ غەزەپلىك چىرايىنى كۆرۈپ، تىل - ئاھانەت ۋە ئەيىبلەشلەرنى ئاڭلاپ، خۇددى يەتتە يىل بۇرۇنقىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

ئۇ چاغدا، دەل مۇشۇنداق سورۇندا، ئۇ ئوتتۇرىدا قورشاۋدا قالغان بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۇنى ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان ئەخلاقسىز بۇزۇق دەپ تىللىغان.

ياق، بۈگۈن ئادەم تېخىمۇ كۆپ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章