يالغان ئەر خوتۇن 🧡 23-قىسىم

文摘   2024-09-12 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 ـ زىيا سىز تېخى ئىنتىزارنى چۈشەنمەيدىكەنسىز؟ ئۇ سىزگە قېيداۋاتىدۇ. ئۇ ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق تەكەببۇر قىز ئەمەس، لېكىن بىز ياشاۋاتقان مۇھىت ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئويلاپ بېقىڭ سىز مەن بىر ئوغۇل دەپ يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا سىز تونۇمايدىغان بىر ئادەم. مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ دەپ پەيدا بولسا سىز قانداق ئىنكاستا بولارسىز؟ ئۇنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا دادىسى سەۋەبچى بولغان.

ھېلىقى قىزنى سىزمۇ كۆردىڭىز ئۇ بار كۈچى بىلەن ئىنتىزارنىڭ ئىمتىيازىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۋاتىدۇ. ئەمدى بولسا ئىنتىزارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. سىز ئۇنىڭغا يوقىلاڭ تەلەپنى قويماي. ياخشى ماسلىشىپ كۆڭلىنى ئۇتۇڭ. سىزگە تەن لازىممۇ ياكى مۇھەببەت لازىممۇ؟ بۇنى ئوبدان ئويلىشىڭ! ئۇ بۇ قېتىم سىزگە بىر پۇرسەت بەردى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراڭ! سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلغان كۈنىڭىز! ئىستىقبالىم تۈگەشتى دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئوبرازىڭىزنى ساقلاپ. ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇتۇشقا تىرىشىڭ! ئۇنىڭ دادىسى ۋە سىزدىن باشقا يېقىن ئادىمى يوق! ئۇنىڭدىن يامانلاشنىڭ ئورنىغا مېھىر بېرىڭ! كۆيۈنۈپ ھالىغا يېتىڭ شۇنداق، بولغاندىلا ئۇ سىزنى قوبۇل قىلىدۇ! ئەگەر بۇ گەپلىرىم ئىدىيىڭىزدىن ئۆتكەن بولسا كەچتە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىڭ!ـ تۇرسۇنئاي شۇنداق دەپ گەپنى تۈگىتىپلا ماشىنىدىن چۈشۈپ ئالدىراش ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

ھەر ھالدا ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىدا ئۈمىد بار بولدى. ئەمدىكى گەپ كەچتە ئۇنىڭدىن قانداق يوسۇندا كەچۈرۈم سوراش توغرۇلۇق بېشىم قېتىپ تۇرۇشۇمغا سانىيەدىن تېلېفون كەلدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تېلېفوننى ئۈزىۋەتكەندىن باشلاپ ئۇ بىر نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان ئىدى.

ـ ۋەي يېزنە سىز قانداق قىلدىڭىز؟ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلار ماڭا تېلېفون قىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ شىركىتى ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش قىلىشقا تاللىنىپتۇ. بۇرۇنقى ھېسابات كۈچكە ئىگە بولۇپتۇ. ئەسلىدە تاللانغان شىركەت ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى بىكار قىلىنىپتۇ. قالتىس ئىكەنسىز جۇمۇ! ماڭا بۇ ئىشنى ھاۋالە قىلغان شىركەتتىكىلەر سىزنى ماختاپ ئاغزىنىڭ نېمى قالمىدى. سىز ئۈچۈن بىر زىياپەت ھازىرلىماقچى قاچان ۋاقتىڭىز بار؟ ـ دېدى ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا ھاياجان ئىچىدە.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يېنىك بىر تىنىپ قويدۇم. چۈنكى، بۇمۇ بېشىمنى ئارتىدىغان ئىشىنىڭ بىرسى بولۇپ مانا ھازىر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولغان ئىدى.

ـ ھە، بۇ كىچىك ئىشلارغۇ؟ ئازراقلا كۈچەپ قويدۇم شۇ! ئۇلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىپ قويۇڭ! بىر كۈنىسى ھاجىتىم چۈشكەندە ئۇلارنى ئىزدەپ بارىمەن،

ـ ماقۇل. بولىدۇ، لېكىن سىز قانداق قىلىپ. . . .

ـ بولدى ئۇ ئىشلارنى سورىماڭ سانىيە. بۇ ئىش ئۈچۈن مېنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىمنى بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى. خوش، ئەمىسە مەن ئالدىراش ئىدىم!ـ مەن شۇنداق دېگىنىمچۇ ئۇنىڭ گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن تېلېفوننى قويىۋەتتىم. ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىشقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىۋالدىم. يېنىمغىمۇ پۇل كىردى، مېنىڭ شىركەتكە قىلغان ئاسىيلىقىم ئاشكارىلانمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن سۇباتقا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك. لېكىن ئۇ نېمىشقا يوقاپ كېتىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇ شىركەتكە كېلىپ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاشكارىلىشى كېرەك ئىدىغۇ. بەلكىم بۇنىڭدا چۇقۇم بىر سەۋەب بار ئوخشايدۇ.

بولدىلا، ئۆيگە بېرىپ ئارام ئېلىپ كەچ بولۇشنى ساقلاپ، كەچتە تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىنتىزاردىن كەچۈرۈم سوراپ قايتۇرۇپ كېلەي!ـ مەن ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ پىچىرلاپ ئۆزۈم يېزىپ. قايسى بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ ئېيتىدىغان. «ئىنتىزار» دېگەن ناخشامنى غىڭشىپ ئېيتقىنىمچە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا يان تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. كەلگەن نومۇر ناتونۇش نومۇر بولۇپ كىملىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تېلېفوننى ئالدىم.

ـ ۋەي سەن زىيا بولامسەن؟ ـ دېدى قارشى تەرەپتىكى ئادەم توڭلۇق بىلەن. ئۇنىڭ توڭلۇقىدىن نېرۋام ئۆرلەپ تۇرسىمۇ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.

ـ ھە، مەن شۇ! سەن كىمۇ نېمە ئىش بار ئىدى؟ ـ دېدىم مەنمۇ توڭلۇق بىلەن.

ـ مېنى سەن تونۇمايسەن؟ لېكىن ھامان بىر كۈنى تونۇپ قالىسەن! سەن سەۋەبلىك بىزنىڭ شىركەت چوڭ زىيان تارتتى. بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىسەنغۇ دەيمەن!ـ دېدى قارشى تەرەپ تەھدىت تەلەپپۇزدا،

ـ نېمە دەۋاتىسەن ھۇي! مەن سېنى تونۇمىسام قانداقسىگە سېنىڭ شىركىتىڭگە زىيانكەشلىك قىلىدىكەنمەن. قىزىق گەپ بولدى دە بۇ! مېنى خاتا تونۇپ قاپسەن؟ ـ مەن شۇنداق دەپ زەردە بىلەن تېلېفوننى قويماقچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا. قارشى تەرەپ يەنە ئېغىز ئاچتى.

ـ تېلېفوننى قويماي تۇر! ئاۋۋال ساڭا بىر ئادەمنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىتىمەن، بۇ ئادەم سەن ئۈچۈن مۇھىمغۇ دەيمەن؟ ـ قارشى تەرەپنىڭ شۇنداق دەپ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا تېلېفوندا سانىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

ـ مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ يېزنە…!

ـ بۇ ئاۋازدىن تونۇغانسەن!ـ دېدى قارشى تەرەپ بوم ئاۋازدا.

ـ سانىيە! بۇ نېمە گەپ سانىيە؟ سىز ئۇلار بىلەن نېمە ئىش قىلىسىز؟ ـ لېكىن گېپىم جاۋابسىز قالدى.

ـ ئەگەر ساڭا بۇ قىز لازىم بولسا مەن دېگەن يەرگە. ئىككيۈزمىڭنى ئېلىپ دەرھال كەل!ـ دېدى ھېلىقى ناتونۇش ئادەم.

ـ ئۇ قىز بىلەن مېنىڭ ئالاقەم يوق. قانداق قىلساڭلار قىلىڭلار؟ ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭلار!ـ دېدىم ئۇلارنى سىناپ ئالماقچى بولۇپ.

ـ بۇ قىزغۇ لازىم ئەمەس ئىكەن ئايالىڭغۇ لازىمدۇ. سەن بۇ قىز بىلەن كارىڭ بولمىسا ئۇنى قانداق قىلغانلىقىمىزنى ساڭا دەپ بېرەي؟ ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلغاندىن كېيىن! يالىڭاچ رەسىمىنى تورغا تارقىتىپ شەرمەندە قىلىمىز. يەنە سېنىڭ ئايالىڭمۇ بار. بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىساڭ ئايالىڭنى تۇتۇپ ئەكىلىپ. ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىنى ئۇنىڭغىمۇ قىلىمىز.

ئاڭلىسام ئايالىڭ چىرايلىق ئىكەن! ھا ھا ھا!

قارشى تەرەپنىڭ بۇ گەپلىرى بىلەن مەسخىرلىق كۆلكىسى، نېرۋىلىرىمنى جىددىيلەشتۈرۈپ ئاچچىقتىن بەدەنلىرىمنى تىترىتىۋەتتى.

ـ ساڭا دەپ قوياي؟ ئۇ قىزغا چېقىلغۇچى بولما! ئەگەر چېقىلىدىغان بولساڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتىئي نەزەر، يۈز خاتىرە قىلمايمەن. ساڭا پۇل لازىم ئىدىغۇ. بولىدۇ پۇلنى مەن بەرسەم بولىدۇ. لېكىن مەن بارغۇچە ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تەگمەيسەن! قېنى ئورنۇڭنى دەپ بەر. مەن ھازىرلا باراي!ـ دېدىممەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ.

ئەسلىدە سانىيە بىلەن كارىم بولماسلىقى كېرەك ئىدى. لېكىن قارشى تەرەپتىكى ئەرنىڭ قىلغان گەپلىرى ئوغامنى قاينىتىپ قويدى. ئۆزۈمنىڭ، قانداقسىگە ئۇلارنى رەنجىتىپ قۇيغانلىقىمنى ھېچ ئەسلىيەلمىدىم.

دېمىسمۇ مەن مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسىگە يامانلىق قىلىپ باققان ئادەم ئەمەس،

مەن ئۇ ئادەمنىڭ دەپ بەرگەن ئادرېسىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلىۋالغاندىن كېيىن بىردەم قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىشىپ تۇيۇقسىز سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىق خالىقنى خىيالىمغا كەلتۈردۈم. ۋە چاقماق تېزلىكىدە كاللامغا بىرپىلان كەلدى. يېنىمدىن تېلېفوننى ئېلىپ دەرھال خالىققا تېلېفون قىلدىم.

ـ ۋەي گەپ قىلە نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ ـ دىدى خالىق تېلېفوننى ئېلىپلا تۇڭلۇق بىلەن. قارىغاندا ئۇ مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇمنى ئوبدانلا تونۇيدىغاندەك قىلاتتى،

ـ ھە، خالىق ئاكا سىزگە دەيدىغان جىددىي بىر گەپ بار ئىدى!

ـ ھە، نېمە گەپ بار ئىدى؟ تىلىڭنى چاينىماي غاچ غاچ دېمەمسەن!ـ دېدى ئۇ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغۇچە. ئىچىمدە« ۋۇ ئاناڭنى پارىخور، سېنىڭ ئاشناڭنىڭ ئىشىنى دېمىسەم مەنمۇ بۇنداق ئاۋارىچىلىق تارتىپ يۈرمەيتتىم؟ نېمەڭگە يوغانلىق قىلىسەن» دەپ ئىچىمدە غودۇرغىنىمچە مەقسىتىمنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردۇم. ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى؟

ـ ماڭا قارا زىيا! ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار؟ ئەجەب ئولتۇرالماي قاپسەن. قارىغاندا مېنى ئىزدەشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتەك قىلامدۇ نېمە؟

ـ خالىق ئاكا، بۇ!بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز ئۇ دېگەن مېنىڭ قېيىن سىڭلىم جۇمۇ!ـ دېدىممەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي،

ـ ھە، مۇنداق دېگىن مەن خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايمەن. قارا، بۇ ئىشنى سەن قانداق ھەل قىلساڭ ھەل قىل! لېكىن ئۇنى ساق سالامەت ئېلىپ كېلىشىڭ كېرەك؟ مېنىڭ ئىشىم بار مېنى ئاۋارە قىلما! ئۇنىڭ بىر تال مۇيىنى كەم قىلماي قايتۇرۇپ كەل! ئەگەر ئۇنىڭغا ئازراق زەررىچە ئازاا يېتىپ قالسا مەندىن يامانلىما.

ھېلىقى قاراڭغۇ ئۆينى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟ ـ دىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.

ـ خالىق ئاكا مەن شۇ، سىزنى بىرگە بارارمىكىن دەپ. . .

ـ نېمە؟ سەن ماڭا بۇيرۇق سوقماقچىمۇ؟ ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر! بولدى. خوش ئۇنى ساق سالامەت قايتۇرۇپ كەل ھە!ـ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مېنىڭ گەپلىرىمگە قۇلاق سالماستىن تېلېفوندا قويىۋەتتى. ئاچچىقىمدا تېلېفوننى يەرگە ئاتماقچى بولدۇم ـ يۇ، ئالدىمدىلا تۇرغان خالىققا قاراپ قولۇم ھاۋا لەيلىگەندەك توختاپ قالدى.

ـ خا، خا، خالىقكا سىز بۇ يەردە؟ . . .

ـ ھا، ھا، ھا، بۇ يەرگە كەلسەم بولمامدىكەن، بۇ يەردىن تېخى يېقىندا بىر ئۆي سېتىۋالدىم. ئەمەلىيەتتە باياتىن مەن سېنى كۆرگەن، قارىسام تېلېفون ئۇرىۋاتىسەن. شۇ ھامان ماڭا تېلېفون كەلدى، شۇڭلاشقا بىردەم سەن بىلەن ئوينىشىپ قويدۇم. باياتىن دېگەنلىرىڭ راستمۇ؟ ـ سورىدى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن.

ـ ئەلۋەتتە راست، باياتىن تېخى تېلېفون كەلدى،

ـ ئۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە ئىكەن؟ ـ دىدى خالىق تاماكىسىنى توتاشتۇرۇپ چەككەچ.

ـ ئۇلار، قانداقتۇر بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىشىنى سەن بۇزۇپ قويدۇڭ! دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ «ئىككى يۈزمىڭ يۈەن،» تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؟

ـ قارىغاندا، بۇ سېنىڭ تاپقان ئىشىڭ ئىكەن، دېگىنە. نېمە قىلاتتىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، ـ دېدى ئۇ نارازى بولغاندەك.

ـ ماڭا ئىشىنىڭ خالىق ئاكا. مەن ئەزەلدىن بىرسىنىڭ چىشىغا تېگىپ باققىنىمنى ئۇقمايمەن.

ـ بولىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھازىر بېجىرمىسەم بولمايدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى. مۇختەرگە تېلېفون قىلىپ قوياي ئۇ ئاستىرىتتىن ساڭا ماسلىشىپ بەرسۇن، ئامال بار پۇلنىمۇ بەرمەيدىغان ئادەمنى سالامەت قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئىشنى قىلايلى!ـ دېدى ئۇ كۆپ ئويلاپ تۇرماستىنلا.

ـ ئەسلىدە ساقچىغا خەۋەر قىلاي دېگەن، لېكىن ئۇنداق قىلسام ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاشكارىلىنىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇڭلاشقا سىزگە تېلېفون قىلىشىم ئىدى. ـ دېدىم مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ئانچە بەك ئېتىبار قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ.

ـ ساراڭ بولدۇڭمۇ ھۇي! ساقچىغا خەۋەر قىلساڭ ھەرگىز بولمايدۇ. ھازىر ئۇنىڭ قورسىقىدا مېنىڭ بالام بار. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ قالىسىلا مەن ئاشكارىلىنىپ قالىمەن. ياخشىسى بۇ ئىشنى جايىدا ھەل قىل! چاتاق چىقىپ قالمىسۇن؟ ئەگەر پۇل بېرىپلا تۈگەيدىغان ئېتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى، ـ دېدى ئۇ سەل جىددىيلىشىپ. ۋە كەينىدىن قوشۇپ قويۇپ.

ـ كۆرۈشىدىغان يەرنىڭ ئادرېسىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىپ سەن ماڭغاچ تۇرغىن. مۇختەرگە تېلېفون قىلىپ قوياي!ـ دېگىنىچە ئالدىراش كېتىپ قالدى.

مەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قارشى تەرەپ ئېيتىپ بەرگەن ئادرېسى بويىچە شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىش يازقارىغاي بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان تاغ باغرىدىكى ساياھەت ئورنىغا يۈرۈپ كەتتىم. بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ كۆلىمى بەكلا چوڭ بولۇپ، كۆك بىلەن تەڭ بوي تالىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىكى ياپيېشىل قارىغاي دەرەخلىرى بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ھۆسن قوشقان ئىدى.

تاغ باردىكى قويۇق ئورمانلىقلار ۋە ئادەمنىڭ بېلى بىلەن تەڭ ئۆسكەن. ئوت ـ چۆپلەر، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياجانلىق ھېسلىرىنى ئويغاتسا. تاشتىن تاشقا سوقۇلۇپ ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى دىللارغا ھۇزۇر بىرەتتى، ئادەتتە بۇ يەردە ھازىرقى ۋاقىتلاردا ساياھەتكە چىقىدىغان ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ. ئۇلارنىڭ كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى تاللىغانلىقىغا ئەجەپلىنىپ قالدىم.

ماشىنا تاغ يولىدا بىرسائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن. ئۇلار دەپ بەرگەن يۆلىنىش بويىچە بىر ئاچا يولغا توغرا كېلىپ قالدىم. مەن قايسى يولغا مېڭىشمنى بىلمەي قارشى تەرەپتىكى ئادەمگە تېلېفون قىلماقچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ قويغان قارا رەڭلىك بىر مىنىبوس سىگنال بېرىپ توختىغاندىن كېيىن ماشىنىدىن پادىچىلار ئىشتىنى. پۇتىغا تەنھەرىكەت ئايىغى. ئۇچىسىغا ئاق، كالتە يەڭ گاڭسەر كىيىپ، كۆزىگە قارا رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت چۈشۈپ ماشىنامنىڭ قېشىغا كىلىپ

ـ سەن زىيا بولامسەن؟ ـ دەپ سورىدى. ۋە، مەندىن «ھە، مەن شۇ. » دېگەن جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ماشىنىنى بۇ يەرگە توختىتىپ قويۇپ. مېنى ئۆزلىرىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشقا بۇيرىدى، مەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ ماشىنىنى يولنىڭ بويىغا توختىتىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ئادەم بار بولۇپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغان ھەر قانداق ئادەمنى سۈر باساتتى. ماشىنىغا چىقىشىمغىلا ئۇلار مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى تارتىۋېلىپ بىر قارا لاتا بىلەن كۆزۈمنى تېڭىپ قويدى، بۇ ياققا مېڭىشتىن بۇرۇن تېلېفونۇمدىكى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئېچىپ قويغان ئىدىم. لېكىن ئۇلارئىچىدىكى سۆزلىشىش كارتىسىنى ئېلىۋېتىپلا تېلېفوننى ئېتىپ قويدى. ئەمدى مۇختەرنىڭ مېنى ئىزدەپ تېپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ماشىنا ئەگرى ـ بۈگرى يولدا نەچچە چايقىلىپ، كاتاڭغا چۈشۈپ دېگەندەك 40 مىنۇت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن توختىدى. ئىككەيلەن مېنىڭ ئىككى بىلىكىمدىن تۇتۇپ ماشىنىدىن چۈشۈرگەندىن كېيىن بىردەم تاشلىق يوللاردا پۇتلىشىپ مېڭىپ يۈرۈپ يۇقىرغا ئۆرۈلدۇق.

يۇقىرغا ئۆرلىگەنسېرى يولىمىز راۋانلىشىپ يۇمشاق ئوت ـ چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن بىر بوشلۇققا يېتىپ كەلدۇق. بەلكىم بۇ يەر تاغ تۆپىسى بولسا كېرەك. سالقىن شامال يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.

ئۇلارنىڭ «كەلدۇق» دېيىشى بىلەن كۆزۈمنى تاڭغان لاتا ئېلىۋېتىلىپ كۆز ئالدىمدا ياپيېشىل ئوت ـ چۆپلەرگە پۈركەنگەن قارىغايلا كۆكۈرۈپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرە نامايەن بولدى. لېكىن مېنىڭ ھازىر بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا رايىم يوق ئىدى. ئالدى تەرەپتىكى قارىغايزارلىقنىڭ ئارىسىدا ھەشەمەتلىك بىر داچا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

ھېلىقى دەسلەپتە مەن بىلەن كۆرۈشكەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان يىگىت يېنىدىكى خەۋەرلىشىش ئاپپاراتىنى قولىغا ئېلىپ «خوجايىن ئادەمنى ئېلىپ كەلدۇق؟ » دەپ خەۋەر قىلدى. ئاپپاراتتىن « ئېلىپ كىرىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق. كېلىشى بىلەن ھېلىقى ئىككەيلەن مېنىڭ قولۇمنى كەينىگە قايرىپ باغلاپ ئېلىپ ماڭدى. داچىنىڭ دەرۋازىسىمۇ ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخپىي پارۇلى بار ئىدى. ھېلىقى پادىچى ئىشتان كىيىۋالغان يىگىت.

دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ« ئامەت ئىشىكنى، ئاچ» دېيىشى بىلەنلا ئىشىك ئۆزلۈكىدىن ئېچىلدى،

تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم. مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك داچىسى بار. تېخى قوللىرىدا ئۇنىڭغا سادىق ئادەملىرى بار، بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى قانداقسىگە مەندەك ئادەمدىن« 200000 يۈئەن. » تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ ئىش سەل بىنورمال تۇرامدۇ قانداق؟ چۇقۇم بۇنىڭدا باشقا بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟

مەن شۇلارنى ئويلاپ سەگەكلەشتىم، ئەمدى ئۆزۈمگە تايانماي بولمايتى،

بۇ داچا ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان بولۇپ، تۆت ئەتراپى يېشىل قارىغاي دەرەخلىرى بىلەن ئورالغان. داچىنىڭ سىرتى پۈتۈنلەي قىزىل سىردا سىرلانغان بولۇپ. داچىنىڭ ئىچىگە توختىتىپ قويۇلغان قىممەت باھالىق ئىككى ماشىنا بۇ يەرنىڭ خوجايىننىڭ ھەقىقەتەن پۇلدار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. داچىنىڭ ئەتراپىغا پۈتۈنلەي چىم ياتقۇزۇلغان بۇلۇپ، يان تەرەپكە يوغان بىر سۇ ئۈزۈش كۆلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەن داچىنىڭ ھەشەمەتلىكىگە قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئەمەلىيەتتە چەتئەلنىڭ كىنولىرىدا بۇنداق ھەشەمەتلىك داچىنى كۆرگىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرۈشۈم تۇنجى قېتىم ئىدى. ئۇلار مېنى داچىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرمەستىن داچىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئېلىپ بېرىپ يەر ئاستىغا تۇتاشقان پەلەمپەي بىلەن يەر ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈپ يوغان بىر ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قولۇمنىڭ كەينىدىن باغلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۆي ئىچىگە سېلىپ سالدىم. يەر ئاستىدىكى بۇ ئۆي ئادەتتىكىلا بېزەلگەن بولۇپ قارىغاندا ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەك قويىدىغان ئۆيدەك قىلاتتى. ئۇلار چىقىپ كېتىپ ئۇن نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى ئىككىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقاپ. كۈلرەڭ پادىچى ئىشتىنى بىلەن كاستىيۇمنى ماسلاشتۇرۇپ بېشىغا پاختەك تۈكى كەپكە كىيىۋالغان بىرسى كىرىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆزدىكى ئەينەكنى ئېلىۋەتتى، ئۇنى كۆرۈپلا ۋارقىرىۋەتتىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章