كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسمى
♥يازما نۇسخىسى♥
-ساڭا رەھمەت قىزىم. ھەرنېمە بولسا سەن بولۇپ قاپتىكەنسەن. ئاۋۇ ئىككى ۋاپاسىزغا قارىغاندا سەن كۆيۈمچان، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بالا بولدۇڭ.
- ئەمدى ئۇ گەپلەرنى قويۇپ شۆھرەتكە تېلېفون قىلايلى. بۈگۈن كەچتىلا ئۇنىڭغا ئۆينى ئۆتكۈزۈۋېتىپ شادىيەنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارايلى. شۆھرەت بۇ ئۆينى ساتامدۇ نېمە قىلسا قىلسۇن ؟- دېدى ياقۇپ.
*********************
بۈگۈن كەچ ئىدارىسىدا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان شاۋكەتكە گۈلگىنە تېلېفون قىلىپ جىددىي تەلەپپۇزدا دېدى:
- قىلغان ئىشىڭىزنى تاشلاپ قويۇپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ. مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار .
- خوتۇن، بايا ساڭا ئېيتقان ئىدىمغۇ، بۈگۈن كەچ ئىدارىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيمىز. باشلىق بۈگۈن كەچ ھېچكىمنىڭ رۇخسەت سورىشىغا بولمايدۇ دەپ ئوچۇق ئېيتتى.
- يامىنى كەلسە مائاشىڭىزدىن پۇل تۇتۇپ قالار شۇ. قايتىپ كېلىڭ دېگەندىكىن دەرھال قايتىپ كېلىڭ .
شاۋكەت گۈلگىنەنىڭ گېپىنى يىرالماي ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە گۈلگىنە قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى .
- قاراپ تۇرۇپ ئەتە ئەتىگەندە باشلىقنىڭ ئالدىدا ئاھانەتكە قويىدىغان بولدىڭىز دە مېنى،- دېدى شەۋكەت ئىشىكتىن كىرىپلا غودۇرىغېنىچە .
- ھىم، سىز ئالەمدىن بىخەۋەر يۈرۈپ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە مانتا يەيمەن دەيدىغانلارنىڭ بىرىكەن،- گۈلگىنە شاۋكەتكە ئالىيىپ قويدى.
- قانداق مۇھىم ئىشتى ئۇ؟ زادى بۈگۈن دېمىسە بولمايدىغان؟
- بۈگۈن مەن شادىيەنى يوقلىغىلى بېرىپ مۇھىم بىر ئۇچۇر ئېلىپ كەلدىم. ئاتا- ئانىڭىز ئۆزى ئولتۇرىۋاتقان زېمىن ئۆيىنى شاۋكەتكە پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بېرىپ شادىيەنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىۋاپتۇ……
- ۋاي-ۋۇي بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟ شۆھرەت ئوغۇلنىڭ كىچىكى بولغاندىكىن ئۆي شۇنىڭغا قالىدۇ شۇ. ئاتا-ئانام ئۇ ئۆينى شۆھرەتكە ھازىر بەرسىمۇ كېيىن بەرسىمۇ ئۇ ئۆي بەرىبىر شۇنىڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈلگىنەنىڭ سېمىز يۈزلىرى لىكىلداپ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭەيدى. شەۋكەتنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىدى .
- ھۇ ئەقلىدىن ئازغان لىنتاسما ھەزلەك، ئۇ ئۆي نېمە دەپ يالغۇز شۆھرەتنىڭ بولغۇدەك؟ ئەجەبا سەن ئاتا- ئاناڭنىڭ يوتقاننىڭ تېشىدىن تاپقان بالىسىما؟ نېمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سېنىڭ؟ مۇشۇ لىڭتاسمىلىقىڭ بىلەن بىر نېنىڭ ئىككى بولماي، مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقان بىرنېمە سەن؟
- نېمانداق ئېغىزىڭىزنى بۇزۇپ ئادەم تىللايسىز. ئاتا ئانام ئۇ ئۆينى شۆھرەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا مەن قانداق قىلىمەن؟ ئەجىبا مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆينى تەڭدىن بۆلۈپ بېرىسىلەر دەپ جېدەل قىلامدىم؟
- ھوي ھەقلىگە بىرنېمە كىرىپ كەتكەن گەلدەمە، بۇشاڭلىقىدىن يۇمشاقباش ئاتالغان گۈلەش، شۆھرەت ئۇ ئۆينى سېتىپ پۇلىغا خوتۇن ئېلىشقا ئىشلىتىدىكەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا سەن داداڭنىڭ تىزىنى ئاغرىتىپ تاپقان ئوغلى بولغاندىكىن ئۆينىڭ پۇلىنىڭ يېرىمىنى ساڭا بۆلۈپ بېرىشى كېرەك ئىدى. سېنىڭ مۇشۇنداق بوشاڭ كالۋالىقىڭدىن، ئاتا-ئاناڭنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقماپسەن. سەن ھاڭۋاقتى كاللاڭنى ئىشلىتىپ شۆھرەت ئۆينى سېتىپ بولغۇچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆي ساتقان پۇلنى تەڭ ئۆلىشدىغاننىڭ ئىشىنى قىل.
- ماڭا مۇشۇ گەپنى دېيىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدىڭىز. قايسى كۈنى تېخى ئۇلاردىن يۈز مىڭ كوي پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالدۇق. ئەمدى ئۆينىڭ پۇلىنى تەڭ بۆلىشىمىز دەپ ئاتا ئانامنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ بارىمەن؟
- ھەي ئەقلى يوق كالۋا، ئانىسىنىڭ ئاستى ئەمچىكىنى ئەمگەن دەلدۈش، نېمە دەپ بارالمايسەن؟ ئاتا- ئاناڭ شۆھرەت دېگەن تاغار قېقىندىسىغا تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئەللىك مىڭ كوي پۇلنى خەجلەپ بەردى. ئۇمۇ خىجىل بولماي ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆينى ساتماقچى بولۇۋاتسا سەن نېمىشقا دېيەلمەيسەن؟ ئەتە ئەتىگەندىلا ئىدارەڭدىن رۇخسەت سوراپ ئاتا- ئاناڭنىڭ قېشىغا بارامسەن، ياكى شۆھرەتنىڭ قېشىغا بارامسەن، قانداق قىلساڭ قىلىپ ئۆي ساتقان پۇلنى تەڭ يېرىمدىن بۆلۈشدىغاننىڭ ئىشىنى قىل. بولمايدىغان بولسا، ماۋۇ ئۆيگە پۇتۇمنى تىقىمەن دېمە.
- خوتۇن، قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنى ئەسكى قىلماي بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭلا بېجىرىپ كېلەمسەن يە.
گۈلگىنە چوڭقۇر ئاۋازدا ئىچىنى تارتىپ پېشانىسىنى سىلىغىنىچە دېدى:
- ھەي، سەن ئەر كىشىما؟ بۇ گەپ ئېغىزىڭدىن قانداق چىقتى؟ ئاناڭ سېنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغمىغانما؟ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشتىن نومۇس قىلساڭچۇ؟ سەن تۇرغان يەردە مەن بېرىپ يۈرسەم ئاتا- ئاناڭنىڭ ئالدىدا مەن ئەسكى بولۇپ قالمامدىم. سەن دېگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئوغلى تۇرساڭ ماڭا قارىغاندا سېنىڭ گېپىڭنى بەكرەك ئاڭلايدىغۇ. نېمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سەن دەلدۈشنىڭ؟ ئېسىت
ھەي، ئەر كىشى بولۇپ قالغىنىڭ ؟
-ۋاي بولدى قىلىڭە؟ مەن بارسامغۇ بولار. نېمانداق ئادەم تىللاۋېرىسىز؟
شەۋكەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ گۈلگىنەنىڭ سەل ئاچچىقى بېسىلدى .
- ئەمىسە قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ شاۋكەت. بۇ قېتىم بوش تۇرسىڭىز، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقالمايسىز. شۆھرەتكە ھەرگىز بوزەك بولماڭ. ئۇنىڭ بىلەن قان چېچىشىپ ئۇرۇشسىڭىزمۇ مەيلى. بۇ ئىشنى جايىدا پۈتتۈرۈپ كېلىڭ. ئاتا- ئانىڭىزدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالىدىغان ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ .
- ئۇنداقتا ئاۋۋال شۆھرەتنىڭ قېشىغا بارايمۇ يا ئاتا- ئانامنىڭ قېشىغا بارسام بۇلارمۇ؟
- چاپاننى ياقىسىدىن تۇتۇپ كەيگۈلۈك شاۋكەت. ئاۋۋال ئاتا ئانىڭىزنىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭ. ئۇلار سىز تەرەپتە تۇرۇپ شۆھرەتكە بىر- ئىككى ئېغىز بىلەنلا گەپ قىلسا ئىش ئوڭشىلىپ قالار. ناۋادا ئۇنداق بولماي قالسا ئۆزىڭىز بىلگەنچە قىلىڭ .
- گۈلگىنە، يا بولمىسا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلامدۇق. شۆھرەتنىڭ قېشىغا بېرىپ جېدەللىشىپ يۈرسەم سەت تۇرغۇدەك.
- كاللىڭىز بارمۇ سىزنىڭ شاۋكەت، بىز بۇ ئىشنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىپ بولغۇچە شۆھرەت ئۇ ئۆينى سېتىپ پۇلىنى خەجلەپمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەن دېگەندەك قىلىڭ.
- ماقۇل، مەن ئەتە ئەتىگەندىلا يول ماڭاي.
************************
زېمىن ئۆيىنى بارلىق بىساتى بىلەن شۆھرەتكە ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ئازغىنە كىيىم-كىچەكلىرىنىلا ئېلىپ شادىيەنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلگەن ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەتنىڭ بېشىغا ئېغىر غەم چۈشكەنىدى. شادىيە دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ يۈرەك بىلەن مىڭىگە قان تولۇقلايدىغان دورىلارنىڭ تەننەرخى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى. دوختۇر شادىيەنى ئۆيىگە قايتىپ دورا يەپ قان تولۇقلاشنى بۇيرىغان بولسىمۇ ئۇ تۈرلۈك ئەگەشمە كىسەللىكلەرگە قارىتا ئۈچ يۈز يۈەنلىك دورا يەيتتى. شادىيەنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياقۇپ ئەر-ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھازىر ئەڭ بېشىنى قاتتۇرۋاتقان ئىش بولسا شادىيەنىڭ دورا پۇلىسى ئىدى. ئايلىق مائاشىنى ئۇرۇپ بىرىدىغانغا تېخى ئون كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت بولغاچقا ئۇلارنىڭ يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالغانىدى.
- دادىسى بۇياققا چىقىڭ،- دېدى ھۆرىيەت شادىيە بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ياقۇپنى سىرتتىكى ئۆيگە چاقىرىپ،- دادىسى، مائاشىمىز چىقىپ بولغۇچە مېنىڭ زىننەت-بويۇملىرىنى سېتىپ شادىيەگە دورا ئالايلى. شادىيەنى بېسىم ھىس قىلىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ يېنىدا دېيىشنى خالىمىدىم.
- ئانىسى، ئەڭ ياخشىسى ساتماڭ. مەن باشقا يەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلاي. ھېلىمۇ سىز ئائىلىمىز ئۈچۈن نەچچە ئون يىل جان كۆيدۈرۈپ كەلدىڭىز. مەن سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم. بۇلارنى ساتسىڭىز مەن ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن،- دېدى ياقۇپ كۆزلىرىگە چىڭ ياش ئېلىپ .
- نېمە دېگىنىڭىز بۇ دادىسى؟ بىز دېگەن قىرىق نەچچە يىللىق قەدىناسلاردىن تۇرساق. بارنى تەڭ كۆرىمىز. يەنە مائاشىمىز چىققاندا ئورنىغا تولۇقلاپ قويساق بولىدۇ ئەمەسمۇ. ھازىر ھەممىدىن قىزىمىزنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش مۇھىم.
- مەيلى ئەمىسە، قېرىغاندا ئۆي ماكانىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق. مانا ئەمدى سىزنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىڭىزنىمۇ ساتىدىغان كۈنگە قالدۇق. يەنە نېمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتىدىغاندۇ بىزنى ؟
- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ دادىسى. بىز پەقەت ۋاقىتلىق كىرزىسقا كەلدۇق. ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. ئەمىسە سىز شادىيەگە ھەمراھ بولۇپ تۇرۇڭ. مەن زىننەت بۇيۇملىرىمنى سېتىپ دورا ئېلىپ كىرەي.
ھۆرىيەت ئىككى قەدەم ئېلىشىغىلا ئىشىكنىمۇ چەكمەستىن ئۆيگە شاۋكەت كىرىپ كەلدى. ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت ئۇنى سىڭلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تۇرغاندا شەۋكەت ئېغىز ئاچتى:
- دادا-ئاپا، مەن سىلەرنىڭ بالاڭلارمۇ ئەمەسمۇ. ماڭا نېمىشقا بۇنچە ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر ؟
ياقۇپ بىلەن ھۆرىيەت ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قېلىپ بىر-بىرىگە قاراشتى .
- بالام، نېمە دېمەكچى سەن؟ گېپىڭنى ھېچ چۈشىنەلمىدۇققۇ .
- دادا، گېپىمنى راست چۈشىنەلمىدىڭمۇ ياكى خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسەن؟ سەن شادىيەنىڭ ئۆيىگە نېمە دەپ كۆچۈپ كەلدىڭ؟ زېمىن ئۆيۈڭنى شۆھرەتنىڭ سېتىشىغا بېرىۋەتتىڭ شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق قىلدۇق بالام. ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويايلى دېسەك ئىقتىساتتىن قىينىلىپ قالدۇق. شۇڭا……
شەۋكەت ئاپىسىنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تېپىپلا دېدى:
- ئۇ ئۆي شۆھرەتنىڭلا ئۆيىما. سىلەردىن كېيىن قالسا ئۇ ئۆي ئاكا-ئۇكا ئىككىمىزگە مىراس قالىدىغان تۇرسا نېمە دەپ شۆھرەت يالغۇز سېتىپ خەجلىگۈدەك.
- بالام، ئۇنداق ۋىجدانسىزلىق قىلما. تېخى سەن قايسى كۈنى بىزدىن يۈز مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ كەتتىڭ……
- دېمەك سىلەرنىڭ ماڭا كەتكەن يۈزمىڭ كوي پۇلۇڭلارغا قۇرسىقىڭلار كۆپۈپ شۇڭا ئۆينى شۆھرەتنىڭ سېتىشىغا بېرىۋېتىپسىلەر دە، ئۆينى ساتىدىغان ئىش بولسا، شۆھرەت بىلەن ئىككىمىز تەڭ سېتىپ ساتقان پۇلنى تەڭ بۆلىشىمىز. سىلەر ئاتا ئانا بولغاندىكىن، شۆھرەتكە دەپ ئىككىمىزنى كېلىشتۈرۈپ قويۇڭلار .
ئۇزۇن يىل تۇتقان ئۆيىدىن ئايرىلىپ كۆڭلى يېرىم تۇرىۋاتقان ياقۇپ جىلە بولغان بۇ قەدىردانلارغا شاۋكەتنىڭ قىلىقى تېخىمۇ ئېغىر كەلدى .
ئوغۇللىرىنىڭ بىر- بىرىدىن، ئۆتە ۋىجدانسىز، يولسىز چوڭ بولغانلىقىدىن دىلى ئازار يىگەن ياقۇپ ۋارقىراپ تاشلىدى.
- سەن بىزنى يەنە نېمە قىلسۇن دەيسەن؟ ئاكا-ئۇكا ئىككىڭ بىزنى تەڭلىككە سېلىپ ئۆلتۈرەي دەمسەن. سەنلەردە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى دېگەن نەرسە بارمۇ يوقمۇ؟ قارىغاندا بىزگە زۇلۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈپ ييىشسەڭ دەردىڭ چىقىپ قالىدىغان ئوخشىمامدۇ. نېمانچە رازى بولۇشمايسەن بىزلەردىن.
- بولدى، چېچىلماڭ دادىسى، ئاچچىق يۇتۇپ قالماڭ يەنە.
شاۋكەت دادىسى بىلەن دېىىشسە ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
- قارىغاندا ئىش ئالدىمىزدا ئوخشايدۇ دادىسى. شاۋكەتنىڭ پەيلىدىن قارىغاندا ھازىر بېرىپ ئىنىسى بىلەن سوقۇشىدىغان چىراي. ئەڭ ياخشىسى مەن دورا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن سىز شاۋكەتنىڭ كەينىدىن بېرىپ بېقىڭ. پەرىزىمچە چۇقۇم شۆھرەتنىڭ ئۆيىگە كەتتى.
*************************
- قېنى كۆرۈڭلار. ئۆي ئاشخانا-مۇنچىلار بولۇپ جەمئي يەتتە ئېغىز، يۈز كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۆينىڭ ئالدىدا ئۈچ پۇڭ كۆكتاتلىق بار. ئۆينىڭ كەينىدىمۇ ئىككى پۇڭ ئېتىزدا ئۈرۈك، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەر تىكىلگەن باغ بار .
شۆھرەت ئاتا- ئانىسىنىڭ زېمىنلىق ئۆيىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن خېرىدارلارغا ئۆينى كۆرسىتىۋاتاتتى.
- ئۆيمۇ خېلى كەڭرى ئازادىكەن. لېكىن بىزىلىشى سەل كونا ئۇسلۇپتىكەن. ھازىر يىڭىدىن چىققان مودا ئۇسلۇپلارغا تولىمۇ ماس كەلمەي قاپتۇ. شۇڭا سىز ئۆينىڭ باھاسىنى ئۈچ يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن دەپ يوقىرى دەۋاتتىڭىزمۇ قانداق؟- دېدى ئۆينى ئالغىلى كەلگەن خىرىدارلار .
- ئۆينىڭ ئورنىمۇ بىرمودىن ئاشىدۇ. ئۈچ يۈز ئەللىك مىڭ كويغا قىممەت ئەمەس. زېمىنلىق ئۆي دېگەن ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا قالىدۇ ئەمەسمۇ.
- شۇنداقتىمۇ باھاسىنى سەل تۆۋەنلىتىپ بىرىڭ.
- ئەمىسە نان تىگىدىغان گەپنى قىلاي. ئۈچ يۈز ئوتتۇز مىڭغا ئالسىڭىز بىرەي. ئۇنىڭدىن كەم بولۇپ قالسا باشقا خىرىدار ئىزدەي.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇