كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تېخى سەھنىدە، ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ.
قۇلاق تۈۋىدە ئاۋاز يەنىلا ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بىراق گۈلزىرە پەقەت بېشى غوڭۇلداۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى، ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى.
تاكى ...
بىر تونۇش كۆلەڭگە تۇيۇقسىز سەھىنىگە بۆسۈپ كىردى، ئاندىن ياندىكى كشىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى.
قەيسەر قەغەز پارچىسىنىڭ چېچىلغانلىقىنى كۆرگەندە، توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئىشخانىدىن چىقىپ، يول بويى ئۇچقاندەك يۈگۈردى.
ئىلگىرى، ئۇ پەقەت ماتېرىيالدىلا ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەنلىكىنى كۆرگەن، بىراق، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇ دەقىقىدە، قەيسەر بارلىق ئازابنىڭ ئۆزى كۆرگەن ئاشۇ ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ خەتلەردىن كۆپ ئۆتكۈرلىكىنى ھېس قىلدى!
ئۇنداقتا، يەتتە يىل ئىلگىرى ھامىلدار بولغاندا ئۇ زادى قانداق چىداپ ئۆتكەندۇ؟
راستىنلا شەھەر دەرياسىغا سەكرەپ، كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندىمۇ؟
ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇ گۈلزىرەنى چىڭ قۇچاقلاپ، پەسكە قاراپ، قاتتىق ئاچچىقى بىلەن: -كۆپچىلىك، ئەگەر داۋاملىق پىتنە - ئىغۋا تارقتىپ، بىزنىڭ سەنەتچىلىرىمىزگە تۆھمەت چاپلايدىغان بولساڭلار،قەيسەر گۇرۇھىمىز، ھەر قايسىڭلارنى سوتقا ئەرزى قىلشىتىن يانمايدۇ!- دېدى.
قەيسەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ. سەھنە ئاستىدا چۇقان كۆتۈرۈپ تىللىغان كىشىلەر سەل قورقۇپ قالدى.
-دەرھال جىددىي ئامىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلشىڭلار!
قەيسەر ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن ياردەمچىسىگە شۇنداق دەپلا گۈلزىرەنى قۇچاقلاپ پەردە ئارقىسىغا قاراپ ماڭدى.
-قەيسەر دېرىكتور.
جالال ئەمەلىيەتتە ئىش يۈز بەرگەن ھامان بۇ تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى.
بىراق، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا، قىستىلىپ كەلگۈچە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بەدىنى سەل بىئارام بولۇۋاتاتتى.
-جالال ئەپەندى، مەن ھازىرقى ۋاقىتنى مۇۋاپىق سۆھبەت پۇرسىتى دەپ قارىمايمەن!-قەيسەر شۇنداق دەپ قويۇپلا، چوڭ قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.
جالال قوغلاي دەپ تۇرۇشىغا، شەمسىيە ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسلىپ:
-جالال، گۈلزىرەنىڭ ھازىر قوغدايدىغان ئادىمى بار، ئۇ كۈنىمۇ قەيسەر ئەپەندى ئۇنى ئېلىپ كەتكەنغۇ؟
جالال ئەسلىدە شەمسىيەنى ئىتتىرىۋەتمەكچى ئىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدى.
-قەيسەر ئەپەندىنىڭ بۇنچە جىددىيلىشىپ كەتكىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ چوقۇم ئۇلار خېلى بۇرۇنلا مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ بولغان گەپ،-شەمسىيە ھەسەت قىلىدى.
جالال قەيسەرنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمدى يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.
ئۇ قولىنى شەمسىيەنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، ئۇنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا قىستاپ بېرىپ،ئېڭىكىنى مۇجۇپ تۇرۇپ:
-شەمسىيە، بۈگۈنكى ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن! مېنى قول سېلىشقا مەجبۇرلاۋاتسەن!-دېدى.
شەمسىيە جالالنىڭ سۈرلۈك كۆزلىرىگە قاراپ، يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا:
-جالال سىز ئۇنى دەپ ماڭا قول سالماقچىمۇ؟!- دېدى.
-توغرا، ھەر قانداق ئادەم ئۇنى بوزەك قىلسا، مەن بوش قويمايمەن!
جالال گېپىنى تۈگىتىپ، ئۆزىنىڭ بېشى قېيىپ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، شەمسىيەنى قويۇۋەتتى، ئاندىن بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى!
شۇ تاپتا قەيسەر گۈلزىرەننى قۇچاقلاپ، ئۇ بايا تۇرغان ئىشخانىغا كېلىپ بولدى.
قەيسەر قۇچىقىدىكى ئايالنىڭ توختىماي تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، ئۇنى قۇچىقىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىگە ۋە تاتىراڭغۇ چىرايىغا قاراپ، پەس ئاۋازدا:
-گۈلزىرە؟گۈلزىرە؟-دەپ چاقىردى.
ئۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى، يەنىلا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا چۆكۈپ، كۆزىنى يۇمۇپ، تىترەپ تۇراتتى.
بۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئازابلاندى، خۇددى تىل ۋە ئەيىبلەشلەر پىچاققا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ، قان ۋە قېنىنى پارچە ـ پارچە قىلىۋاتاتتى!
قەيسەر ئۇنى قايتىدىن قۇچاقلىدى.
-قورقماڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەتتى. قاراڭ، بۇ يەردە باشقا ئادەم يوق.مەن سىزنى قوغدايمەن!
گۈلزىرە ئۆزىنى خۇددى قاراڭغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدى، ئۇ ئاۋازلار خۇددى مۇز چوقۇيدىغان بولقىغا ئوخشاش، ئۇنى توختىماي ئۇرۇۋاتاتتى.
ئۇ توڭلاپ كەتكەن ئىدى.
قەيسەر ئاستا ـ ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئازراق ئىللىقلىق ئېلىپ كەلگەندەك بولدى، ئاندىن بۇ ئىللىقلىق ئۇنىڭ تېرىسىدىن ئاستا ـ ئاستا سىڭىپ كىرىپ، ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى ئاستا ـ ئاستا ئىللىتتى.
قۇلاق تۈۋىدە غۇڭۇلدىغان ئاۋازنىڭ ئورنىنى ئەرنىڭ ئاۋازى ئالدى:
-قورقماڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەتتى، مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ، سىزنى قوغدايمەن ...
گۈلزىرە ئاستا - ئاستا كۆزىنى ئاچتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ جىمجىت، يېپىق ئىشخانىدا تۇرغانلىقىنى، كىشىنى يۇتۇپ كېتىدىغان ئۇ فوتو ئاپپاراتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنچە كۆپ ناتونۇش ھەم قورقۇنچلۇق چىرايلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى.
ئۇ ئازراق مىدىرلىدى، قەيسەر ھېس قىلىپ، بىر ئاز بوشاپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى.
گۈلزىرە نەزىرىنى قەيسەرغا قاراتتى، ئۇ گەپ قىلماقچى بولدى، لېكىن ئاۋاز چىقىرالمىدى.
-ھېچ ئىش بولمىدى،-قەيسەر ئۇنىڭغا قاراپ،-بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سىزگە يەنە بىر ئېغىزمۇ تۆھمەت چاپلىيالمايدۇ،- دېدى.
مەيلى كىم بولسۇن!
-راستمۇ؟
گۈلزىرە تەستە سورىدى.
-راست، مەن سىزگە ۋەدە بىرەي!-قەيسەر قەتئىي نىيەتكە كەلدى.
ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بىراق، شۇ دەقىقىدە، گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلدى.
ئىلگىرىكى سۆز-چۆچەكلەر ئۇنىڭغا ئىزچىل كىشەن بولۇپ،ئەزەلدىن بىر مىنۇتمۇ ھەقىقىي ئەركىن بولۇپ باقمىغان ئىدى.
گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن، پۈتۈن دۇنيادا ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.
ئۇ ئاشۇ بىر مىليون ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ پروگراممىغا قاتناشتى، دەرۋەقە، ئەينى چاغدىكى بارلىق يارىلار يەنە بىر قېتىم ئېچىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قانغا بويالدى!
گۈلزىرە قەيسەرنىڭ قوينىدا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
قەيسەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمدەك ھېس قىلدى.
شۇ تاپتا ئىقرار قىلماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۆچ بولۇپ قېلىشىدىن ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىمۇ قالماسلىقىدىن ئەنسىرىدى.
ئۇ گۈلزىرەنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويدى، گۈلزىرە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆز يېىشى بىلەن ھۆل قىلىپ، يىغلاپ ماغدۇرىدىن كەتكەندە ئاندىن ئېغىز ئاچتى.
-گۈلزىرە، ماڭا ياتلىق بولۇڭ، مەن بىلەن توي قىلىڭ، سىز قەيسەر گۇرۇھىنىڭ ئايال خوجايىنى بولسىڭىز، كەلگۈسىدە ھېچكىم سىزنى بوزەك قىلالمايدۇ!
نەقەدەر جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە شەرت - ھە!
گۈلزىرە ئاڭلاپ، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى.
لېكىن، ئۇھېچكىمگە تايىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
ئۇنىڭ كاللىسى سەگدى.
قارار چىقىرىپ بولدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، گۈلزىرە ئۈزۈل - كېسىل يوقىلىدۇ.
بارلىق تىل - ھاقارەت بولسۇن، ئەيىبلەش بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاستا - ئاستا پەسكويغا چۈشىدۇ.
ئۇ ئەلفىرە،بۇنىڭدىن كېيىن بىراقلا ئەلفىرە.
ئۇنىڭ بىر كىچىك دۇكىنى، بىر يۈرۈش كىچىك ئۆيى بار، يەنە بىر ئەقىللىق، ئىش ئۇقىدىغان ئوغلى بار.
قەيسەر بولسۇن ياكى جالال بولسۇن، ياكى ئىلگىرىكى ھەر خىل ئىشلار بولسۇن، ئۇ ئۈزۈل - كېسىل خوشلىشىدۇ!
گۈلزىرە قەيسەرنىڭ قۇچىقىدىن ئاستا چىقىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ:
- رەھمەت سىزگە، بىراق، مېنىڭ توي قىلغۇم يوق.
ئۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
-سىز يالغۇز بىر قىز بالا، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلمەيسىز، سىرتتا خەتەرگە يولۇقسىڭىز قانداق قىلسىز؟
ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش بولۇپ، يەنە ئازراق بوغۇلغان ئىدى.
-بۇ يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، سىزنىڭچە مەن قورقامدىم؟- دېدى.
قەيسەر گۈلزىرەنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، خۇددى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بولۇپ، قەلبى بىردىنلا تىترەپ كەتتى!
بايا، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى ھېلىقى كۈندىكى ئەلفىرەنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشايتتى،خۇددى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھاياتىدىن چېكىنگەندەك قىلاتتى!
-مەن سىزگە يەنە ئازراق ۋاقىت بېرەي،-قەيسەر گۈلزىرەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ،-جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن،-دېدى.
ئۇ يەنە بىر قېتىم رەت قىلماقچى بولغاندا، قەيسەرنىڭ مىجەزىنىڭ دېگىنى قىلدىغانلىقىنى، مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان، دەپ ئويلىدى.
ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقاندىن كۆرە، ۋاقتىنچە ئۇنىڭ رايىغا باققان ياخشى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:
-بولىدۇ،-دېدى.
قەيسەر ئۇھ دېدى - دە، ئۆيدىكى دەم ئېلىش ئۆيىگە قاراپ:
-بىردەم دەم ئېلۋېلىڭ،-دېدى.
-بولدى، مەن ماڭاي.
گۈلزىرە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ يەنە ئىمزا قويۇپ مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەيدىغانلىقىنى ئويلىدى.
-نەگە بارسىز؟
قەيسەر قىزنىڭ چىرايىغا قاراپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.
-مېنى مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇڭ،-گۈلزىرە ئورنىدىن تۇردى، كەيپىيات تۇراقلاشقانىدى، ئۇ قەيسەرغا قاراپ،-رەھمەت قەيسەر باش دېرىكتور،- دېدى.
ئۇ، گەرچە شۇ تاپتا ھېچقانداق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن، قەيسەر گۈلزىرەنىڭ يەنە بىر قېتىم نىقاب تاقاپ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
قەيسەر گۈلزىرەنى ئېلىپ مەيداندىن ئايرىلدى، ماشىنا ھەيدىگەندە، ئۇ گۈلزىرەنىڭ كەيپىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، يەنە بىر كۆك رەڭلىك ماشىنىنىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئەگىشىۋاتقانلىقىنى بايقىمىدى.
مېھمانساراي ئالدىغا كەلگەندە گۈلزىرە قەيسەرگە:
-قەيسەر دېرىكتور، سىز قايتىپ كېتىڭ، مەن قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىزگە خەۋەر قىلىمەن،- دېدى.
قەيسەر ئۇنىڭ قەتئىي تۇرقىنى كۆرۈپ، يەنە ئۇنى بەك قىستاپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
-بولىدۇ، ئەگەر بىرەر قىيىنچىلىق بولسا، ھەر ۋاقىت ماڭا تېلېفون قىلىڭ،- دېدى.
-ماقۇل، رەھمەت.
گۈلزىرە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ كېتىپ قالدى.
ئۇ مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىغا كىرىپ، ئارام ئېلىش رايونىدا ئىككى مىنۇت ئولتۇرۇپ، زالنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ ياسانماقچى بولدى.
لېكىن ئۇ ئەمدىلا كارىدورغا چىقىپ، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچماقچى بولغاندا، بىر قولى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە بوش ئۇردى.
گۈلزىرە ئارقىغا قاراپلا، جالالنى كۆردى.
-گۈلزىرە،-جالال ئۇنىڭغا قاراپ،-سىزگە دەيدىغان گېپىم بار،-دېدى.
-ماقۇل، نېمە گېپىڭىز بولسا دەڭ،-گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى.
-بۈگۈنكى ئىشنى شەمسىيە قىلدى، مەن سىزنىڭ قىساسىڭىزنى ئېلىپ بېرىمەن،بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەندە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى قارا ماتېرىياللار بار ...
-ماقۇل، رەھمەت،-گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى.
ئۇ شەمسىيەگە ئۆچ، ئۆز قولى بىلەن ئىنتىقام ئالغۇسى بار.
بىراق، ئۇنىڭ ھازىر تېخى ئۇنچە كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي يوق.
-گۈلزىرە، سىزنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن ئازابلىق ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى بىلدىم ...-جالال گۈلزىرەگە قاراپ،-مەن سىزنى ياخشى قوغدىيالمىدىم، كەچۈرۈڭ! كەلگۈسىدە ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالاي، بولامدۇ؟مەن ئاپامغا دەپ بولدۇم ...
-بولدى، رەھمەت،-گۈلزىرە بېشىنى چايقىدى.
-گۈلزىرە، سىز يەنە مەندىن خاپا بولۇۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟-جالال ئازابلانغان ھالدا،- ئۆتمۈشتىكى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن، كەلگۈسى ... -دېدى.
-جالال!-گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ،-مەن سىزدىن خاپا بولمىدىم، ئەكسىچە، مەن سىزنى توغرا چۈشىنىمەن،-دېدى.
ئۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ تىنچ تەلەپپۇزىدىن ھەيران قالدى.
-خاتىرىڭىزنى يوقىتىش سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس، يۈرگەن ۋاقتىمىزدا، سىزمۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان،شۇڭا، مەن دەسلەپتە سىزدىن ئاغرىنغان بولساممۇ، لېكىن كېيىن نەپرەتلەنمەس بولۇپ قالدىم،-گۈلزىرە سۆزلەۋېتىپ جالالنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ،-مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى ھېچكىمگە ھاۋالە قىلمايمەن،-دېدى.
جالالنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ:
-گۈلزىرە، بۇنداق قىلماڭ، ماڭا يەنە بىر پۇرسەت بېرىڭ، بولامدۇ؟سىز بىلىسىز، مەن مەكتەپتە ئوقۇغاندىن بېرى، سىزنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم ...ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا ئەسلىگىنىمدە، خۇددى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرگەندەك بولدۇم. مەن ھەتتا شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا، بىز توي قىلىپ، بالىلىق بولۇپ بولارمىزمۇ، دەپ ئويلايمەن.
جالالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلزىرەمۇ ئىختىيارسىز قايغۇرۇپ:
-ئۆتكەن ئىشلار ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن ئۆتۈپ كەتتى، بىز قايتالمايمىز،- دېدى.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا ئاغرىپ،كۆزىمۇ ئازراق نەمدەلدى.
-گۈلزىرە، مەن ئۇنتالمايمەن، بولدى قىلالمايمەن...
جالال شۇنداق دېگەچ قولىنى سوزۇپ گۈلزىرەنى باغرىغا باستى.
-مېنى ئەمدى ئىتتىرمەڭ،بولامدۇ؟ گۈلزىرە، مەن سىزنى دەرھال ماقۇل بولۇڭ دېمەيمەن، لېكىن، بىز قايتا دوست بولايلى، خۇددى بۇرۇنقىدەك؟
-دوست
گۈلزىرە يىراقلارغا نەزەر سالدى.
ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ بىر نەچچە دوستى بار ئىدى، بىراق، ئۇ تۇيۇقسىز ھامىلدار بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا قارىغۇدەك يۈزى قالمىغاندەك ھېس قىلىپ، ھېچكىم بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇