كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئايروپىلان بېلەتنى ئېلىپ نەرسىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. يولدىشىم زالدا تۇرغانىدى.
- سېنى ئايدورۇمغا ئاپىرىپ قويدىغان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.. مەن بالىنى ئەچىقىۋالاي..
تۇيۇقسىز ئارقامدىن يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
- ئاپا.. ئاپا..
ئالدىراپ لېفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
- ئاپا، كەتمەيمە دېگەنتىڭغۇ.. ئاپا.. .
- بالام ئاپاڭ ھېلى كېلىدۇ.. ھېلىلا..
- ھۇ يالغانچى، مەن ساڭا ئۆچ.. سەن دېگەن يالغانچى..
ئارقامغا ئۆرۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۆرۈلسەم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايتتىم. لېفىت ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن ئىچىگە كىرىپ ھۆركۈرەپ يىغلاشقا باشلىدىم. شۇ تاپتا يېنىمدىكىلەرنىڭ غەلىتە قاراشلىرى كۇسۇرلاشلىرى ھەممىسى مۇھىم ئەمەس ئىدى.
«مېنى كەچۈرگىن بالام، چوڭ بولغان چېغىڭدا ئىشىنىمەن. مېنى چوقۇم توغرا چۈشىنىسەن»
ئايدورۇمغا كېلىپ ئىچىگە قاراپ ماڭدىم. كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى، ھېلىغىچە ئوغلۇمنىڭ ۋارقىراپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلىقىمدىن كەتمەيتتى. مۆرەمنى بىرسىنىڭ چېكىشى بىلەن ئاچچىقتا ئارقامغا ئۆرۈلدۈم. ئالدىمدا كەلگەن ئايروپىلاندا يېنىمدا ئولتۇرغان ئايال تۇراتتى.
- سىز، سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز ھەدە؟
ئايالنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشقا تولغان بولۇپ قولىدا سومكىسىنى كۆتۈرىۋالغانىدى.
- مەنمۇ قايتماقچى، قارىسام سىز تۇرىسىز شۇڭا ئەگىشىپ كېلىشىم..
- بۇ؟! قانداق بولۇپ؟ سىز كېلىنىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچىتىڭىزغۇ؟
ئايال يۈزىنى تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىدى، ئۇمۇ دەرتكە تولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
- ھەدە، ئايروپىلان ساقلىغاچ پاراڭلىشايلى..
تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ئايروپىلان ساقلاش ئېغىزىدا بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇق. ئايالنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.
- ھەدە، نېمىش بولدى؟ چارچاپ قالغاندەك كۆرىنىسىز..
- سىزمۇ شۇ، يۈزىڭىز بىلەكلىرىڭىزگە نېمە بولدى؟
- ھە، تۈنۈگۈن بىر ئەسكى ئادەمگە ئۇچراپ قېلىپ قاچىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشتۈم.. چوڭ ئىش يوق..
ئايال يەرگە قاراپ كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى.
- نېمىش بولدى ھەدە، نەچچە كۈن تۇرمايلا قايتىپسىزغۇ؟
- كېلىنىم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسام ماسلىشالمايدىكەن، ھە دېسە مەندىن سەسكىنىپ ئوغلۇمغا قاخشاپ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم قايتىشقا بېلەت ئەپ بەردى..
- مۇشۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالامدۇ، ھەر ئىككىمىز بىر كۈندە قايتىدىكەنمىز..
- شۇ ئەمەسمۇ.. بۇ يەر بىزگە ياراشمىغان ئوخشايدۇ.. - زورىغا كۈلۈپ قويدۇم،- سىزچۇ سىڭلىم؟ نېمىشقا بۇنچە بالدۇر قايتتىڭىز..
- ھە، ئۆيۈمدە ئازىراق ئىش چىقىپ قېلىپ.. يولدىشىم بىلەن بالام قالدى، مەن ماڭدىم..
- راستمۇ؟- دېدى ئايال كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ.
- ھەئە. ئۆيدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنى ئوڭشىغىلى ماڭدىم..
تاپقان باھانەمگە ئۆزۈمنىڭمۇ كۈلگۈسى كېلىۋاتاتتى.
- شۇ.. شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ ئۆينىڭ ئىشى جىددىي..
ئايال زورىغا باش لىڭشىتتى. لېكىن كۆزلىرىدىن گېپىمگە ئىشەنمىگىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى، بۇ يەردە خورلۇقنى يەتكۈچە تارتىپ قارىلانغىنىمنى ئېيتقۇم كەلمىدى. چۈنكى ئۇ ماڭا تەسەللىيدىن باشقا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيتتى.
ئايروپىلاندا يېنىمىزدىكى ئورۇندىكىلەر بىلەن ئالمىشىۋالغان بولساقمۇ لېكىن كۆپ پاراڭلاشمىدۇق، ھەر ئىككىلىمىز يىغلاپ ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ دېقىتىنى تارتىشتىن قورقاتتۇق. پەقەت ئۇنىڭ يۈرىكى بىئارام بولۇپ ئېغىر ئېغىر تىنغاندا قولىنى تۇتۇپ قوياتتىم. ئۇخلاپ قېلىپ ئورۇندۇقتىن بېشى سىيرىلىپ كەتكەندە بېشىنى مۆرەمگە ئېلىپ قوياتتىم.
بىز ناتونۇش ئىدۇق. لېكىن يەنە ئۇزۇن يىللىق تونۇشلارغا ئوخشايتتۇق.
ئايروپىلان قونغاندا ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى.
- ۋوي، كەلدۇقمۇ؟
- ھەئە ھەدە.. سالامەت كېلىۋالدۇق..
- ھەرنېمە بولسا كەپتىمىز، پۇت قولۇمنى سوزۇپ يېتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ.. ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە ئۇخلىسا بەك بىئارامچىلىقكەن..
- شۇ ئەمەسمۇ، ئۆيگە قايتىپ پۇت قولىڭىزنى سوزۇپ يېتىۋېلىڭ..
- سىزمۇ ئۆينىڭ سۈينى ئوڭشاپ بولۇپ تازا ئازادە بىر يېتىۋېلىڭ..
بۇ جۈملىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئۆي ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈم ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت ئۆيدىكى نەرسىلىرىمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنلا باراتتىم.
- شۇ.. شۇنداق.. شۇنداق قىلايلى..
- تونۇشۇپ قاپتىمىز، خالىسىڭىز تېلىفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىۋالاي.. بىر ئىشلار بولسا تېلىفونلىشارمىز..
- بولىدۇ.
ئۇنىڭ تېلىفونىنى كىرگۈزۈپ ئۆزۈمنىڭ نومۇرىدا سايرىتىۋەتتىم.
ئۇ قولۇمنى تۇتتى.
- نېمىشقىكىن، سىزنى شۇنداق ياخشى ئادەمدەك ھېس قىلىمەن..
- ئۇنداق ئەمەس ھەدە، مەن نەدىمۇ سىز ئويلىغاندەك ياخشى ئادەم بولاي، ئانچە مۇنچە تورغا چىقامسىز؟ توردىكى نەرسىلەرنى كۆرگەنسىز؟!
- ياق. تورغا چىقىشنى تولۇق بىلمەيدىكەنمەن. ئۈندىدارنى ئىشلىتىشنىمۇ ئەمدى ئۆگەندىم..
- شۇنداقمۇ، بۇمۇ بولغىنى، تور ئادەمنى بۇلغايدىغانلار نەرسىكەن..
چامادانلىرىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. خالتىدىن كىيىمىمنى چىقىرىپ بولۇپ توختاپ قالدىم. بۇ كىيىملەرنى چىقىرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى. ئاستا خالتىنى يەردە قويۇپ ھۇجرا ئۆيدىكى كارىۋاتقا تاشلاندىم.
تۇيۇقسىز يولدىشىمنىڭ ماڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىلغان يېقىنچىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى قايتىدىن يولدىشىمنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقىنىڭ پەقەت مېنى ئالداپ چوڭ پالاكەتكە يىقىتىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدىم.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھۇجرىغا ئەستايىدىل قاراپ چىقتىم، بۇ ھۇجرا مېنىڭ مۇھەببىتىم ۋە ئازابىمغا گۇۋاھچى بولغانىدى.
ئاستا مېڭىپ ئوغلۇمنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم. ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانغىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ چىقتىم. ئۇ راستىنلا ھەم ئۇماق ھەم ئەقىللىق ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ يەسلىگە كىرگەن ھالىتىنى، مەكتەپكە كىرگەن ھالىتىنى كۆرەلمەيتتىم.
ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلىگەچ يۈزۈمگە يېقىپ يىغلاپ كەتتىم. ئەمدى بۇ ئويۇنچۇقلارنى ئۇنىڭغا ئوينىشىپ بېرەلمەيتتىم. يانفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەرگە قاراپ باقتىم. ئۇ ئېكرانغا قاراپ كۈلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆزىدىن يەنە بىر چۈشكۈنلۈك چىقىپ تۇراتتى. بۇ دەل ئاتا ئانىسى ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان بالىلارنىڭ كۆزىدىن چىقىپ تۇرىدىغان قىيالماسلىق ئىدى.
- ئاپا، سېنى تارتىپ قوياي.. ۋوي سىن تارتىلىپ قاپتۇ..
ئاۋازلىق سىننى ئاڭلاپ تۆكۈلۈپ كەتتىم. بۇ ئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى قېتىم كۈلۈپ پاراڭلىشىشى ئىدى.
ئوغلۇمنىڭ ياتاق ئۆيىنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن ئاشخانىغا چىقىپ تۈجۈپىلەپ تاماق ئەتتىم. شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆزۈم ئۈچۈن بىرەر ۋاخمۇ تاماق ئېتىپ باقمىغانىدىم. ھېلى يولدىشىمنىڭ كەلمەي قويىشىدىن ئەنسىرىسەم، ھېلى بالدۇر كېلىپ تاماقنىڭ ئۈلگۈرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ھېلى تۇزنى ئاز سېلىپ ئۇنىڭغا تېتىماي قېلىشىدىن ئەنسىرىسەم، ھېلى تۇزنى جىق سېلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن تىل ئاڭلاشتىن قورقاتتىم. باشقا ئاياللار ئۈچۈن تاماق ئېتىش گۈزەل ئىش بولسا مەن ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش ئىدى.
ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن تاماقنى ئېتىپ ئۈستەلگە قويدۇم-دە، تېلىۋېزورنى قويۇپ ئۆزۈم خالىغان كىنونى قويۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم. تاماقنى ئاغزىمغا سېلىپ يىغلاشقا باشلىدىم. بىر كۈنلەردە ئۆزۈم ئۈچۈن يالغۇز كىشىلىك تاماق ئېتىشىمنى، يالغۇز ئۆزۈم ئولتۇرۇپ يېيىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.
شۇنداق جىددىي ۋاقىتتا نېمىشقا يالغۇز تاماق ئېتىپ يالغۇز كىنو كۆرىدىغاندۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟! بۇ بەلكى ئازاب مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاياللاردا بولىدىغان كاللىسى توختاپ قېلىشتۇر.. ياكى ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئەركىن بولالماي، تۇنجى قېتىم چوڭ ئۆيدە يالغۇز قېلىشنىڭ ھوزۇرىدۇر.. ياكى ئەتىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان كېسەلنىڭ بۈگۈنكى كۈننى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىشىدۇر.. ۋە ياكى تولا يىغلاپ يېشى قۇرۇپ يۈرىكى سەزمەس بوپ كەتكەن بىر ئايالنىڭ ئۆزىنى مەست قىلىشىدۇر.. مەيلى قانداقلا چۈشىنىڭ.. ئىشقىلىپ بۇ دەقىقىدە ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، مېنى تىللايدىغان يولدىشىم يوق ئىدى. تەمنى قانداق تەڭشىسەم ئۆزۈم يەيتتىم. تېلىۋېزورنىڭ قايسى قانىلىنى تاللىسام ھېچكىم ئارلىشالمايتتى. ئازادە ئىدىم، ئەركىن ئىدىم، بۇ ئازادىلىك ۋە ئەركىنلىكنىڭ بەرگەن ھوزۇرىدىن ھاياجاندا يىغلاۋاتاتتىم. مېنىڭچە شۇنداق.. .
ھەممە نەرسىلىرىمنى رەتلەپ سومكىغا سالغاندىن كېيىن ئاغزىنى ئەتتىم. شۇنچە يىلدىن بېرى بۇ ئۆيدە ياشاپ يىغقغان نەرسەم ئاران ئىككى سومكا چىققانىدى. نەرسىلەرنى جايىدا قويۇپ مالچى ھەدەمنىڭ شىركىتىگە قاراپ ماڭدىم.
ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن مالچى ھەدەم ۋە ياردەمچىسى ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
- كەچۈرۈڭ ھەدە.. -مالچى ھەدەمنى قۇچاغلىدىم. ئۇ مەندىن رەنجىگەندەك قىلمايتتى..
- توردىكى ئۇچۇرلارنى كۆردۇق. ئۆزىڭىز سالامەتمۇ؟
- سالامەت ھەدە. مەن سالامەت.. رەھمەت..
- نېمىش بولغىنىنى بىلمىدىم، لېكىن سىزنى بالىنى ئىتتىرىدىغان، ئېرىغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئايال دەپ ئويلىمايمەن..
- سىز مېنى چۈشىنىپ قالدىڭىز ھەدە، يولدىشىمنىمۇ شۇ..
- مېنىڭچىمۇ بۇ يولدىشىڭىز ئوينىغان ئويۇن..
- شۇنداق. ئەينى ۋاقىتتا سىز دېگەنگە ئۇنىغان بولسام، بەلكى بۇنداق قارىلانمىغان بولاتتىم..
- ھېچقىسى يوق، بىز ئاياللار شۇنداق دۆت ھەم ھېسسىياتچان بولىدىكەنمىز..
- مەن ئاخىرقى قېتىم تېلىۋېزورنىڭ ئاستىغا تېلىكامىرا قويغاندا ئۇ كۆرۈپ بوپتىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئەرز قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇڭا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىپتىكەن..
- مەن شۇ چاغدىلا ئويلاپ يەتكەن، لېكىن سىزگە دېسەم ئۇنىمىدىڭىز..
- بوپتۇلا، راستىمنى دېسەم مەنمۇ چارچاپ كەتتىم. يولدىشىمنىڭ ئىسكەنجىسىدە قېيىن ئاپامنىڭ تەنە گەپلىرى ئاستىدا ياشاشتىن چارچاپ كەتتىم..
- بۇ؟! ئاجرىشىدىغان بولدۇڭلارما؟
- ھەئە، توختامغىمۇ قول قويۇپ بولدۇم. ئۇ ئويناپ كەلسىلا ئاجرىشىپ كېتىمىز..
- ئۇلار قېلىپ سىزنى قايتۇرىۋەتتىما؟
- ھەئە. مېنىڭمۇ قالغۇم يوق ئىدى. ئۇلاردىن زېرىكتىم، لېكىن.. لېكىن ئوغلۇمغا چىدىماي قالدىم..
بايىدىن بېرى تۇتۇپ تۇرغان يېشىمنى قويىۋەتتىم.
- ئوغلىڭىزنى بىرگە قايتۇرۇپ كەلسىڭىز بولماسمىدى..
- ياق، ئۇنداق قىلالمايمەن ھەدە.. ئۇ ئەمدى مەن بىلەن ماڭمايدۇ..
- بۇ قانداق گەپ؟! بالىنى ئۇ ئالىدىغان بولدىما؟
- شۇنداق. بالا ئۇنىڭدا قالدى..
- ئەمىسە دادىڭىزنىڭ قەرزىچۇ؟
- قەرزنى ئۇ بىكار قىلدى، قايتۇرمايدىغان بولدۇم..
- ۋوي، بۇ بەك ياخشى بوپتۇغۇ..
- لېكىن ئوغلۇم بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىك. مەڭگۈ ئىزدىمەسلىك ۋەدىسى بىلەن شۇنداق قىلدى..
- ھەي! مەن دېگەن يولنى تۇتقان بولسىڭىز ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىنى ئىسپاتلىيالايتتۇق.. شۇنداق بولغاندا بالىنى سىزگە بۆلەتتى..
- بولدىلا ھەدە، ئوغلۇم مەن بىلەن ياشىغاندىن كۆرە دادىسى بىلەن ياشىسۇن. مەن ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىم..
مالچى ھەدەم ياشلىرىمنى سۈرتتى.
- بۇنداق دېگەن بىلەن يۈرىكىڭىزنىڭ ئېچىشىۋاتقىنىنى بىلىمەن..
- مەن.. مەن ئۇنىڭغا ھېچنېمە بېرەلمىدىم.. ئۇنى قوغدىيالمىدىم.. ئۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە بىرىنچى بولۇپ قۇتقۇزۇپ ئەچىقالمىدىم.. ئۇنىڭغا ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى ئەپ بېرەلمىدىم.. مەندەك يارىماس قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدىن پۇلى بار كۈچى بار دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرغىنى ياخشى..
- ئۇنداق ئويلىماڭ. كۈنلەر ئۇزۇن، كىم بىلىدۇ. بىر كۈنى سىزنى ئىزدەپ كېلەمدۇ تېخى..
- كەلمەيدۇ.. .ئۇ ماڭا ئۆچ بوپ كەتتى.. ئۇنىڭغا كەتمەيمەن دەپ قويۇپ كېتىپ قالدىم.. يىغلاپ يالۋۇرسىمۇ ئارقامغا قاراپ قويمىدىم.. مەن رەھىمسىز ئايال..
- ئۇنداق دېمەڭ. سىز دېگەن كۆڭلى يۇمشاق مېھرىبان ئايال..
مالچى ھەدەمنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.
- ھەدە، ماڭا خىزمەت بېرىڭ، ئەمدى ھېچكىم مېنى چەكلەپ قويمايدۇ، ھېچكىم مېنى يۈزۈمنى تۆكتۈڭ دېمەيدۇ. مەن ئىشلەي، نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلاي.. بولامدۇ؟ مەن پۇل تاپىمەن..
- بولىدۇ. سىزگە خىزمەت بېرىمەن.. ئاۋال نەچچە كۈن ئارام ئېلىۋېلىڭ..
- ياق، ئەمدى ئارام ئالمايمەن. ھېلىمۇ شۇنچە يىل ئۆيدە ئولتۇردۇڭ. ئىشلىمىدىڭ، بىكارچى دېگەن ھاقارەتنى ئاڭلاپ كەلدىم. مەن ئەمدى ئارام ئالمايمەن.. ئىشلەيمەن كۆپ پۇل تېپىپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويىمەن. ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويىمەن.. ئەمدى ئىزىلىپ ياشىغۇم يوق.. مەن پۇل تېپىشىم ئىززەت ھۆرمەتكە ئېرىشىشىم كېرەك..
- بولىدۇ. ئەتىدىن باشلاپ كېلىپ تېلىفون ئېلىڭ.. بېشىدا ئۆگىنىش جەريانىدا 2500 مائاش بېرەي.. بارا بارا ئۇستا بوپ كەتكەندىن كېيىن مائاشىڭىزنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن..
- را.راستما؟
- شۇنداق. مەن باشتىلا سىزگە خىزمەت بېرىمەن دېگەن..
- مېنىڭمۇ مائاشىم بولىدىغان بولدىما؟- كۆزلىرىمدىن ياش سىرغىپ چۈشتى.
- شۇنداق، كېيىن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ پۇلىڭىز بولىدۇ..
- رەھمەت ھەدە، ھېلىمۇ سىز بوپ قاپسىز..
- مەنمۇ بىر ئايال سىرداشقا مۇھتاج ئىدىم.. سىزمۇ ماڭا ھەمراھ..
- مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن. چوقۇم تىرىشىمەن.. مەن چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىمەن.. ھازىر ھېچنېمەم قالمىدى، پەقەت تىرىشىشتىن باشقا تاللىشىم يوق..
- دەرت ئادەمنى كۈچلەندۈرەرمىش، ئىشىنىمەن، سىزنىڭ ھاياتىڭىز قايتىدىن باشلىنىدۇ..
مالچى ھەدەم قولۇمنى تۇتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.
- مەن.. گەپ ئارلاشتۇرسام توغرىمۇ بىلمىدىم.. لېكىن مەنمۇ سىلەرگە قوشۇلسام بولامدۇ،- دېدى ياردەمچى ياندا دۇدۇقلاپ.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇