كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
سانىيە گەپ قىلىۋېتىپ شۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىدا مىڭەمدىن كىرگەن بىر ئاچچىق پۈتۈن بەدىنىمنى بىر ئالدى. قارىسام سانىيەنىڭ دادىسىمۇ ئاچچىقتىن تىترەپ كىرىسلونى قولى بىلەن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. مەن مەردان لېدىرنىڭ بۇنداق پەسكەش ئىش قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، سۇباتنىڭ بولسا قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ بىر نۇقتىغا كۆز تىككىنىچە ئولتۇراتتى. سانىيە گېپىنى داۋاملاشتۇردى،
ـ شۇنىڭدىن كېيىن ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەملەرگە دۈشمەنلىك نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بولدۇم. ھەر قېتىم ئۇنى كۆرسەم چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلەتتى.
ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تىل قىسىنچىلىقى بولغاچقا نېمىنى تەلەپ قىلسام شۇنى دەرھال بىجا كەلتۈرەتتى.
مەن ئۇنىڭدىن تارماق شىركەتنى تەلەپ قىلدىم. لېكىن ئۇ رەت قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەت ئۇنىڭ ئايالىنىڭ نامىدا بولغاچقا ئايالى تۈگەپ كېتىشتىن بۇرۇن ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ شىركەتنى ئىنتىزار توي قىلغان ھامانلا ئۇنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق شىركەت ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. مەن ئىككىڭلار توي قىلغانغا قەدەر ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى پىلانلاپ كەلدىم. ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدىكى ياخشى يامان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلەن يېقىنلىشىپ ئۆزۈمگە ئارقا تىرەك ئىزدىدىم. ۋە شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ شىركىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالىق بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ ئويۇنچۇقى بولدۇم. مەردان بىلەن ئارىمىزدا شۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى سىر تۇتۇپ كەلدىم، چۈنكى مەن ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتىم.
تاكى بۈگۈن تۇتقۇن قىلغانغا قەدەر مېنىڭ بىرمۇ يېقىن ئادىمىم يوق دەپ ئويلايتتىم. ئويلىمىغان يەردىن مانا دادام پەيدا بولدى. پەيدا بولغاندىمۇ مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى، مەن مەرداننى قاقتى ـ سوقتى قىلىپ يۈرۈپ. بىر نەچچە يەردە ساياھەت ئورنى ئاچتىم. ۋە تاپقان پۇللىرىمغا بۇ يەرنى سېتىۋالدىم. ئەسلى مېنىڭ خىيالىم مەرداندىن ئۆچ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ تەنھا ياشاش خىيالىم بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يىل كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ يەرنى خىيالىمدىكى گۈزەل باغچامغا ئايلاندۇردۇم. مۇشۇ نەچچە يىل جەريانىدا بۇ يەرنى تونۇشلىرىمدىن ھېچكىم ئۇقمايتى. بەزىدە بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزۈم تەنھا ھالدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتەتتىم. مانا، ئاخىرى پۈتۈن ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلايدىغان ۋاقىت كەلدى.
مەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئېيتىپ بەردىم. ئەمدى تاللاش سىزدە. يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەمسىز ياكى. . . !ـ سانىيە شۇنداق دېگىنىچە كۆزۈدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ ماڭا قارىدى،
ئەمەلىيەتتە مەن چاكىنا، يولدىن چىققان دەپ ئويلىغان بۇ قىزنىڭ بۇنچىلىك دەردى بارلىقىنى. ۋە بۇنچىلىك غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
ـ ئۇنداقتا سۇباتمۇ سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بويىچە شىركەتكە سوقۇنۇپ كىرگەنمۇ؟ ـ سورىدىم، مەن سۇباتقا قاراپ قويۇپ.
ـ ياق، ئوغلۇم! بۇ توغرۇلۇق مەن سۆزلەپ بېرەي! مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇش جەريانىدا. سۇباتنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇ چاغدا ئۇ ئاتا ـ ئانىسى يوق. تاشلامدۇق بالا ئىكەنتۇق، مەن ئۇنى يېنىمغا تارتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. ئۆزۈم جاپا تارتىپ ئىشلىسەممۇ ئۇنى ئوقۇتتۇم. كېيىن ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ياراملىق ئادەم بولدى. مەن كىشىنىڭ يۇرتىدا مۇساپىر بولۇش جەريانىدا مەرداندىن ئۆچ ئېلىشنى بىر سېكۇنتمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ قويمىدىم. جاپالىق ئىشلەپ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىدىم. ۋە، ئوغلۇم سۇباتنى مەرداننىڭ شىركىتىگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزدۈم.
ئەسلى بۇ قېتىم ئۇنىڭغا چوڭ بىر زەربە بەرمەكچى بولغان ئىدىم. ئەپسۇس ئىشلار ئاشكارىلىنىپ بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇق. ئەمدى ساڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرسەم، ئۇنداق قۇرۇلۇش ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرىمىز.
ئۇ قۇرۇلۇش ئادەتتىكىچە قۇرۇلۇش. بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان شىركەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قۇرۇش پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن ھۆددىگە بەرگەن شىركەتتىن پۇل ئالىدۇ؟ لېكىن ئۇ چاغدا بۇ شىركەتنىڭ مەۋجۇت، ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ،
ئەجەبا!«مەردان بۇنىڭغا سەل قارىغانمىدۇ. » دەپ ئويلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن! ئۇنداق ئەمەس ئۇمۇ شىركەتنى تەكشۈرۈپ باققان. لېكىن بىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئامالىمىز بار. چۈنكى سۇبات ساختا ئىسپاتتىن بىرنى ياساپ ئۇلارنىڭ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ قويغان. بىزلەر كۈچەپ داۋراڭ سېلىپ بۇ ئىشنى تېخىمۇ راست كۆرسەتتۇق. لېكىن بەزى بىر شىركەتلەر پايدىغا قىزىقىپ بۇ قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالىدىغان سودىنى ھەر ئاماللارنى قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچىدى. مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق. قىزىم سانىيە ئارقىلىق ساڭا پۇل بەرگەن ھېلىقى شىركەتلەر؟ ئەگەر قىزىم سانىيەگە نەچچە ۋاقىتتىن تونۇشلۇق بېرىپ ئۇنى ئىزدىگەن بولسام بۇ قېتىم مەردان پۈتۈنلەي تۈگەتتى. ئەپسۇس، سېنىڭ بىر رەقەمنى ئۆزگەرتىشىڭ بىلەن ئۇ قۇتۇلۇپ قالدى.
بىز دەيدىغاننى دەپ بولدۇق ئوغلۇم! سەن بەرىبىر ئۇلارنىڭ كۈيئوغلى، شۇنداقتىمۇ سەندە ۋىجدان باردۇ دەپ ئويلايمەن، قالغان تاللاش ئۆزۈڭدە. يەنىلا ئۇنى تاللامسەن ياكى بىزنى تاللامسەن؟ ـ سانىيەنىڭ دادىسى شۇنداق دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سانىيەنىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيدى،
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ خىيالىم ماۋۇ داچىدا ئىدى. بىر قىز بالىنىڭ بۇنداق ھەشەمەتلىك بىر تورالغۇنى بۇ ھالەتكە ئېلىپ كېلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى ئارامگاھىنى بۇ يەرگە بەرپا قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. گەرچە سەۋەنلىكنىڭ ھەممىسى مەرداندا بولسىمۇ، لېكىن ئىنتىزارنىڭ بۇ توغرۇلۇق دىلىغا ئازار بېرىشنى خالىمايتتىم. تۇرۇپلا ئىنتىزارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. چۈنكى ئۇ بولىۋاتقان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىزتۇرۇپ چېتىلىپ قېلىۋاتىدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماي ئۇلار نېمە ئىش قىلسا مەيلى! مەن كېيىنكى كۈنلىرىمدە ئىنتىزار بىلەن تىنچ، خاتىرجەم ياشىساملا بولدى!
ـ قانداق زىيا ئويلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ ـ سورىدى سانىيە خىيالچان كۆزلىرىمگە قاراپ.
ـ مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار بىلەن مېنىڭ ئالاقەم يوق! شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشقۇممۇ يوق! گەرچە مەردان ئورنىنى تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدىغان خاتالىق سادىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتىزارگۇناھسىز! ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ھامان بىر كۈنى بەدەل تۆلەيدۇ.
مەن بۇ سەۋەبلىك ئىنتىزارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايمەن. قانداق قىلساڭلار ئۇ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار؟
لېكىن مېنى ئارىلاشتۇرماڭلار! بىزنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىمىز مۇشۇ يەردە قېلىپ قالسۇن. سىلەرمۇ مېنى كۆرمىگەن بولۇڭلار مەنمۇ سىلەرنى كۆرمىگەن بولاي؟ ـ دېدىم كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئۇلارغا ئېيتىپ،
ـ توختاڭ ئوغلۇم! بىز ھەرگىزمۇ ئىنتىزار ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلمايمىز؟ سىز پەقەت شىركەتتە تۇرۇپ بولۇۋاتقان ئىشلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭىزلا بولدى!ـ دېدى سانىيەنىڭ دادىسى قىسقىلا چۈشەندۈرۈپ.
ـ مەن سىلەردىن سوراپ باقسام سىلەر زادى؟ ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئۆچ ئالماقچى؟ سىلەر ئۇنى ۋەيران قىلدۇقمۇ دەيلى. ئۇ ۋەيران بولسا ئىنتىزارنىڭمۇ بۇ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلىشىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئايالىمنىڭ دادىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتىزار باياشات، تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان. بىراقلا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇ بۇنى قوبۇل قىلالارمۇ؟ ئەگەر مېنىڭ سىلەرگە ياردەملىشىپ دادىسىنى ۋەيران قىلغىنىمنى بىلىپ قالسا ئۇ قانداق قىلار؟ ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى. ھازىر سىلەرنىڭ ئىشىڭلارمۇ شۇنداق ياخشى ئىكەن. شۇنداق، بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى بولدى قىلىۋېتىپ رىقابەتتىن يىراق تۇرۇپ تىنچ ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟ ـ دېدىم، مەن ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولۇپ.
-سىز بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى تازا چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز!ئەلۋەتتە سىز دېگەندەك بۇ ئىشلاردا ئىنتىزارنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوق. بارلىق مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ دادىسىدا، سىزگە ۋەدە بېرەي، ئىنتىزارغا ھېچنېمە بولمايدۇ. پەقەت بىز ئۇنىڭ دادىسىنى ۋەيران قىلساق بولىدۇ!-دېدى سانىيە ماڭا چۈشەندۈرۈپ.
-سانىيە، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ دىگىنىڭىزنى مەن چۈشىنىۋاتىمەن. سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز، ئەمەلىيەتسىز مەردان لىدىرنى ۋەيران قىلىمەن. دەيسىز. ئۇنى ۋەيران قىلغانلىق ئىنتىزارنىمۇ ۋەيران قىلغانلىق، گەرچە مەردان لېدىر ئادەمنىڭ ئىشنى قىلمىغان بولسىمۇ. لىكىن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئارقىلىق ئازابىڭىزنى تۈگەتمەكچى. لېكىن ئويلاپ بېقىڭ سىزنىڭچە شۇنىڭ بىلەن تۈگەرمۇ؟ سىز ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلەتمەكچى. سىزنى شۇنداق قىلدى دەيلى. لېكىن باشقىلار قاراپ تۇرارمۇ؟ سىزمۇ ئەسلى بۇرۇن ساددا قىز ئىكەنسىزدۇق، بېشىڭىزغا كەلگەن قىسمەتلەر سەۋەبىدىن بۇنداق تاۋلىنىپ چىقىپسىز، ئەجىبا باشقىلارنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق كۈن كەلسە ئۇلار قانداق قىلار دەپ ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ سىز قىلغاننى باشقىلار قىلالماسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاداۋەت مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ھەتتا بالىلىرىڭلاردىن بالىلىرىغا قالدۇ، «ۋاقتى كەلسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ. » دېگەن ھېكمەتنى بىلىدىغانسىز، ئىنتىزارگەرچە ھېچ ئىشنى ئۇقمىغان بولسىمۇ، كېيىنچە بەرىبىر ئۇقىدۇ. بولدى سانىيە! ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ. مىنىڭ خاتىرجەم ئۆتكۈم بار، ئەگەر قولايسىز بولمىسا مېنى ماشىنامنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ قويساڭلار. ياكى ئۆزۈم كېتىۋەرسەممۇ بولىدۇ، - دېدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
-ئىشقىلىپ ياخشى ئويلىشىڭ زىيا، سىز بەرىبر ئۇ ئائىلىدە تۇرۇپ بولالمايسىز!- دېدى سانىيە مىنى قايىل قىلماقچى بولۇپ،
-ھەممە ئىشنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. ھازىر ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭلار! بولسا كۆڭلۈڭلىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار!ـ مەن سانىيەنىڭ گېپىگە قارىتا جاۋاب بېرىپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بولغان ئىدىم. ئىشىك ئالدىدىكى ئىككى قوغدىغۇچى ئالدىمنى دوستى.
ـ بولدى ئۇنى ئاپىرىپ قويۇڭلار!ـ سانىيە شۇنداق دېگىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى، قارىغاندا ئۇنى نىيىتىنى ياندۇرۇش ئاسان ئەمەستەك قىلاتتى.
مېنى ئېلىپ كەلگەن ئۈچەيلەن قايتىدىن كۆزلىرىمنى تېڭىپ ماشىنا بىلەن مەن ماشىنا توختىتىپ قويغان يەرگىچە ئەكىلىپ قويۇپ يان تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن قوزغىلىپ بولغۇچە قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى.
مەن ماشىنا ھەيدەپ بىرەر كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن يول بويىدا ماشىنىننى توختىتىپ قويۇپ تېلفۇن سۆزلىشىۋاتقان خالىقنىڭ ئىنىسى، مۇختەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ مەن ئەۋەتكەن ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇر بويىچە مېنى ئىزدەپ كېلىپ كېيىن مىنىڭ تېلفۇنۇمنى ئۇلار ئېلىۋالغان چاغدا مېنى تاپالماي خالىققا تېلىفون قىلىپ تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئىدى،
-ئاكا. بولدى ئۇنى تاپتۇق دېدى ئۇلار مېنى كۆرۈپ. ۋە مۇختەر ماشىنىدىن چۈشۈپ يېنىمغا كېلىپ سانىيە سورىدى.
ـ بولدى ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن!ـ دېدىم مەن پەرۋاسىزلا،
ـ نېمە؟ ئاكام ئۇنى ئېلىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭلار دېگەن. ئۇ زادى قېنى؟ ـ سورىدى، ئۇ گۇما نەزىرى بىلەن.
ـ ھەي، سەن گەپ چۈشىنەمسەن چۈشەنمەمسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن دەۋاتىمەن. ئۇ ياخشى. ـ دېدىم، مەن زەردى بىلەن.
ـ بۇ گېپىڭنى بىز بىلەن بېرىپ ئاكامغا دېگىن. ئاكام ساقلاپ قالدى. سېنىڭ ماشىناڭنى بىزنى بىر ئادەم ھەيدەپ ماڭسۇن، سەن بىزنىڭ ماشىنىغا چىق، ـ دېدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا. ئۇنىڭ بۇيرۇق قىلىشىدىن غۇژژىدا ئاچچىقىم كېلىپ مۇش بىلەن چىرايىغا ئۇرغۇم كېلىپ كەتتى.
ـ ھۇي سەن كىمگە بۇيرۇق قىلىۋاتىسەن. ساڭا دەپ قوياي؟ ماڭا گەپ قىلغان ۋاقتىدىكى پوزىتسىيەڭ جايىدا بولسۇن جۇمۇ!
ـ ماقۇل، ئاكا! ماشىنىغا چىقىپ بېرەملا ئاكام ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن!ـ دېدى ئۇ كىنايە قىلغاندەك ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ. خالىقنىڭ مەن بىلەن نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم، ۋە ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇلارغا بەردىم. ماشىنا بىرەر سائەت ئەتراپىدا يول ماڭغاندىن كېيىن مېنى شەھەرنىڭ چېتىدىكى ھېلىقى تۇنجى قېتىم ئېلىپ كەلگەن خالىقنىڭ شەخسى تۇرالغۇسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ بۇ شەخسى تۇرالغۇسىنى خىزمەتكە ئولتۇرۇش جەريانىدا پارا يەپ تاپقان پۇللىرىغا سالغان تۇرالغۇ بولۇپ ئادىتى بەك مەخپىي تۇتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ مېنىڭ كۆزۈمنى تېڭىپ قويمايلا ئېلىپ كەلگىنىگە ھەيران قالدىم، يوغان قوش قاناتلىق دەرۋازىدىن كىرىپ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقتۇق، مۇختەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ خالىقنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن. مېنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ـ ئېلىپ كىرىڭلار!ـ ئۇنىڭ شۇنداق، دېيىشى بىلەن مۇختەر بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئادىمى خۇددى مېنى جىنايەتچىنى ئىتتىرگەندەك ئىتتىرىپ كىرگۈزدى.
بۇ ئۆينىڭ ئىچى ئانچە بەك ھەشەمەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، شەھەر ئىچىدىكى مېھمانخانىلاردىن قېلىشمايتتى. مەن خۇددى بىر مېھمانخانا ياتاققا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم؟
ئۆينىڭ ئىچىگە قويۇلغان ئىككى يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تال تۇمپۇچكا قويۇلغان بولۇپ ئۇدۇلدىكى تامدا نېپىز، يوغان بىر تېلېۋىزوردىن مۇڭلۇق بىر ناخشا چىقىپ تۇراتتى. كارىۋاتتا بولسا بەدەنلىرى يېرىمى ئوچۇق چاچلىرى ساپ سېرىق ئاق پىشماق بىر قىز يوتقانغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېفون ئويناۋاتاتتى. خالىق بولسا ئۇزۇن ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ كىرسلودا تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇