كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ياسىنىپ قېنىق رەڭلىك كۆينەك كەيگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ ئوغلۇمنىڭ قولىدىن يېتىلىدىم.
- بالام، بۈگۈن قولۇمنى قويىۋەتمىگىن، بولامدۇ؟!
بالام قولۇمنى قويىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن دادىسىنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئامالسىز قولۇمنى سىقىمدىدى.
- مانا، بۇ يېڭى يانفون، سۈرەتكە تارتقىلى، فىلىمگە ئالغىلى بولىدۇ، پەستىكى يانفون ساتىدىغان دۇكاندىن ئالدىم، ئالە، دېڭىز بويىغا كېلىپ سۈرەتكە تارتماي كېتىپ قالما..
- رە.. رەھمەت،- يانفوننى قولۇمغا ئېلىپ ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر پارچە سۈرەتكە تارتتىم.
ئوغلۇم دادىسىغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن ئېكرانغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. دادىسى ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى دېگەندەك قىلاتتى.
- بۈگۈن ئاپام بىلەن مۇخپىر بازار چۆگلەپ كۆينەك ئالماقچىكەن. ئۈچىمىزلا قالدۇق. شۇڭا ئەركىن ئوينىۋېلىڭلار..
ئوغلۇمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سىرتقا ماڭدىم.
- بالام، بۈگۈن نېمە يېگۈڭ بار؟ ساڭا ئامراق نەرسىلەرنى ئېپ بېرەي.. .
- ياق. ھېچنېمە يېگۈم يوق، قولۇم بەك ئاغرىپ كەتتى..
- ئۆتۈنۈپ قالاي بالام، بۈگۈن بىر كۈن قولۇمنى قويىۋەتمىگىن ھە.. بۈگۈن بىر كۈنلا، ئەتە بۇنداق قىلمايمەن..
- گەپ ئاڭلا بالام، ئاپاڭ تۈنۈگۈنكى ئىشتىن بەك خىجىل بوپتۇ. بۈگۈن مەخسۇس سەندىن كەچۈرۈم سورىماقچى.. نېمە دېگەنتىم، ئېسىڭدىدۇ..
ئوغلۇم سىلكىۋاتقان قولىنى توختىتىپ بىزگە قاراپ بوشقىنە باش لىڭشىتتى. ئۇ ھەر قېتىم دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلغاندا يۈرىكىم ئېچىشاتتى.
- مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن يەيدىغان نەرسە ئەپ كېلەي..
يولدىشىم دۇكانغا كىرىپ كەتكەندە ئوغلۇم قولىنى بوشىتىش ئۈچۈن تىرىشىشقا باشلىدى.
- ئوغلۇم، قولۇمنى قويىۋەتمىگىن، ئۆتۈنۈپ قالاي..
- سەن ماڭا ئۆچ، مەنمۇ ساڭا ئۆچ بوپ كەتتىم..
- سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن بالام. بەك بەك ياخشى كۆرىمەن..
- ئەمىسە نېمىشقا مەن دادامدىن تاياق يەپ كەتكەندە چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە كۆرگىلى بارمايسەن. نېمىشقا باشقىلارغا مېنى يالغان سۆزلىدى دەيسەن، نېمىشقا مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىسەن؟ نېمىشقا مېنى سۇغا ئىتتىرىۋېتىسەن..
- ئۇنداق قىلمىدىم بالام، نۇرغۇن ئىشلاردا ئاپاڭ ئامالسىز، سەن تېخى كىچىك، كېيىن توغرا چۈشىنىپ قالىسەن. بۈگۈن مەندىن قاچما بولامدۇ؟
- مانا دېڭىز بويىدا يەيدىغان نەرسىلەرنى تەييار قىلدىم.. يۈرۈڭلار..
يولدىشىم ئالدىدا كېتىپ قالدى. ئوغلۇمنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىمچە كەينىدىن ماڭدىم. يولدىكى بەزى كىشىلەر بىزگە قارىشىپ نېمىلەرنىدۇر دەۋاتاتتى. مەيلى نېمىلا دېسۇن شۇ تاپتا ئوغلۇم بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭغىنىمدىن خوش ئىدىم.
دېڭىز بويىغا كېلىپ ئەدىيالنى يەرگە سالدىم-دە، ئوغلۇمنى ئولتۇرغۇزدۇم.
- بالام، بۈگۈن قانداق ئويۇن ئوينىغۇڭ بار؟ ماڭا دە، مەن ساڭا ئوينىشىپ بېرىمەن..
ئوغلۇم ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتى.
- بولدىلا ئوينىمايمەن. ئوينىغۇم يوق..
- نېمىشقا؟ ئوينىغىن بالام. نېمە دېسەڭ ئوينىتىمەن. بولامدۇ؟
- بەرىبىر سېنىڭ پۇلۇڭ يەتمەيدۇ. سەندە ئۆزۈڭ خەجلىگۈدەكمۇ پۇل بولمىسا..
بۇ گەپ يۈرىكىمنى ئەزدى. چۈنكى ئوغلۇم پۇل يوق كۈنلىرىمگە گۇۋاھچى ئىدى.
- مەندە بار، دېگىنە، نېمە ئوينىساڭ مەن چىقىرىمەن..
- كېمىگە چىققۇم بار..
- ما.. ماقۇل، كېمىگە چىقايلى..
ئوغلۇم بىلەن كېمىگە چىقتۇق. يولدىشىم ئىككىمىزنى يالغۇز قويۇپ كېمىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
- ئوغلۇم، ئەگەر مەندىن رەنجىگەن بولساڭ كەچۈرگىن بولامدۇ؟
ئوغلۇم كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ باشقا ياققا قارىۋالدى.
- ئوغلۇم تۈنۈگۈن سېنى مەن ئىتتىرىۋەتمىدىم.. بىلىسەنغۇ..
- بىلىمەن. سەن يىقىلىپ چۈشتۈڭ. مەن پۇتۇڭغا دەسسىۋالدىم..
- مەن، مەن ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك سېنى ياخشى كۆرىمەن بالام..
ئوغلۇم تۇيۇقسىز يىغلاشقا باشلىدى.
- كەچۈر، مەن يارىماس ئاپاڭ، سېنى ياخشى باقالماي قالدىم..
- سەن.. راستلا كېتەمسەن؟
- ساڭا كىم شۇنداق دېدى؟
- مەن ئاڭلاپ قالدىم. دادام بىلەن چوڭ ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.. باشتا چوڭ ئاپام ئاپاڭ تاشلاپ قويىدۇ دېگەندە ئىشەنمىگەنتىم.. لېكىن ھازىر ئىشەندىم.. دادام سېنى ئەتە ماڭىدۇ دەپ ئېنىق دېدى..
- مەن.. ۋاقىتلىق بىر يەرگە بارىمەن بالام..
- راستىنلا مېنى تاشلاپ قويۇپ كەتمەكچىما؟ مەن ئالدىدا گەپ قىلمىسام خاپولۇپ شۇنداق قىلدىڭما؟
- ياق، ياق. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس بالام.. مەن سەندىن ھەرگىز خاپا بولمايمەن.. مەڭگۈ خاپا بولمايمەن..
- مەن، ساڭا گەپ قىلسام قەپ قالامسەن؟ ئاپا، كەتمە بولامدۇ؟ مەن دوق قىلىپ شۇنداق قىلغان..
ئامالسىزلىقتا يىغلاشتىن باشقىنى قىلالمىدىم.
- دادام بىلەن چوڭ ئاپام ساڭا گەپ قىلما دېگەنتى.. شۇڭا شۇنداق قىلدىم..
- ھېچقىسى يوق بالام، سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن..
- بۈگۈن دادام ئاپاڭغا گەپ قىلساڭ بولىدۇ دېدى.. شۇڭا ساڭا گەپ قىلدىم..
ئوغلۇمنى باغرىمغا باستىم.
- رەھمەت بالام، رەھمەت.. مۇشۇ قېتىم ماڭا گەپ قىلغىنىڭغا رەھمەت..
ئوغلۇمنى قۇچاغلاپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن. يولدىشىمنىڭ مۆرەمگە چېكىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم.
- نېمانچە ئۇزۇن پاراڭلىشىلەر؟
- كەچۈرۈڭ. گېپىمىز تۈگىمەي قالدى..
- ۋاقىت توشتى، ئەمدى چۈشۈپ باشقا تۈرلەيلى قىلايلى..
- بىزنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇڭ..
يولدىشىم ماڭا سوۋغا قىلغان يانفوننى ئېلىپ بىزنى ھەرخىل سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن پەسكە چۈشتۇق.
بەزىلەر بىزنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. بەلكى تۈنۈگۈن بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرگەنلەر بولسا كېرەك.. لېكىن ھېچكىمدىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم. چۈنكى بۇ ئىشلار ئەمدى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئىش ئەمەس ئىدى.
ئوغلۇم بىلەن بىر نەچچە تۈرنى قىلغاندىن كېيىن كوكۇس دەرىخى ئاستىدا ئولتۇردۇق.
- بالام، بىرەر نەرسە يېگۈڭ بارمۇ؟
- ياق. ھېچنېمە يېگۈم يوق..
- بالام. نېمە قىلغۇڭ بولسا ماڭا دېگىن، مەن قىپ بېرەي، مېنى كەچۈرسەڭلا نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىمەن..
- سېنى كەچۈردۈم ئاپا، سېنى كەچۈرۈپ بولدۇم..
ئوغلۇمغا ھەيرانلىقتا تىكىلدىم.
- تۈنۈگۈن مەن كۆردۈم، سەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈڭ. لېكىن ماشىنا توختىمىدى. تۈنۈگۈن كەچتە ياتاققا كەلگەندە يۈز كۆزۈڭ يارىكەن. يىقىلىپ چۈشتۈڭ شۇنداقمۇ؟
- ھە.. ھەئە بالام.. مەن ماشىنىدەك تېز يۈگىرەلمەيدىكەنمەن..
- مەن قورقۇپ كېتىپ گەپ قىلالمىدىم ئاپا، لېكىن مەن سېنى كەچۈردۈم.. مەن ساڭا بەك ئامراق..
ئوغلۇم مېنى قۇچاغلىدى. باغرىم ئېرىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ بىر ئاز پۇل چىقارغاندىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى ئاسقۇ ساتىدىغان جايغا كەلدىم.
- بىرنى تاللا بالام، ساڭا سوۋغا قىلاي..
ئوغلۇم كۆك رەڭلىك دېڭىز تېشى ئېسىلغان ئىككى تال ئاسقۇنى تاللىدى.
- ۋوي، بۇ بالامنىڭ كۆزى مال تونۇيدىكەن. بۇ بەكلا چىرايلىق.. مۇشۇ ئىككى تاللا قالغانىدى.. سىلەر ئەۋالىدىغان بولدۇڭلار..
پۇلنى ساتقۇچىغا بېرىپ ئاسقۇنى ئوغلۇمنىڭ بوينىغا ئاستىم.
- بالام. مېنى سېغىنساڭ مۇشۇنىڭغا قارا ھە..
- سېغىنساڭ؟ دېمەك سەن راستىنلا كېتەمسەن؟
- شۇ.. شۇنداق.. لېكىن چوقۇم بىر كۈنى قايتىپ كېلىمەن..
ئوغلۇم بوينىدىكى ئاسقۇغا ئېسىلدى.
- ئەمىسە ئاسمايمەن.. سەن يالغانچىكەنسەن..
ئوغلۇمنىڭ قولىنى سىقىمدىدىم.
- بالام، ماڭا ئىشەنگىن. مۇشۇ نەرسە بوينۇڭدا تۇرسىلا مەن چوقۇم بىركۈنى قايتىپ كېلىمەن..
- ياق. كېتىپ قايتىپ كېلىمەن دېگىنىڭگە ئىشەنمەيمەن. كەتمەيمەن دېسەڭ ئاندىن ئاسىمەن..
- بولدى، ئاپاڭ كەتمەيدۇ.. .ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ..
دېدى يولدىشىم يېنىمىزغا كېلىپ.
- ماڭىمۇ ئېسىپ قويغىن ھە بالام، ئېسىۋالسام ھېچيەرگە بارمايمەن..
ئوغلۇم كىچىك قولى بىلەن بوينۇمغا ئاسقۇنى ئاسقاندا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم.
- بەك ياراشتى.. كەتمەيسەنغۇ ھە..
- ھە.. ھەئە.. كەتمەيمەن بالام.. كەتمەيمەن..
ئوغلۇم قولۇمنى تۇتتى. ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم.
ئۈچىمىز دېڭىز بويىدىكى ئاشخانىغا كەلگەندە يولدىشىمنىڭ تېلىفونى سايرىدى.
- بىز دېڭىز بويىدا. مۇشۇ يەرگە كېلىڭلار،بىللە تاماق يەيمىز..
قېيىن ئاپام بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە يېنىمىزغا كەلدى.
- مۇخپىرچۇ؟
- ئۇنىڭ بىر تونۇشى باركەنتۇق. كۆرۈشكىلى كەتتى، مەن ئۇدۇللا كەلدىم..
- ئىسسىپ كەتكەنسەن، تاماق يەۋالغىن.. كىيىم ئالالىدىڭمۇ؟
- ئۇ كىيىم تاللاشقا بەك ئۇستىكەن، شۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى تاللاپ بەردى..
- ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار مەن بېرىپ تاماق بۇيرۇتاي..
يولدىشىم ئوغلۇمنى ئەگەشتۈرۈپ ئالدىغا كەتتى، قېيىن ئاپام ماڭا سەت قاراپ تۇراتتى.
- ۋاي بىر يەرگە چۈشۈپ كەتتىم يارىلاندىم دەۋاتاتتىڭىز يەنە ساپساق ئولتۇرىسىزغۇ..
- ئاپا، ئوغلۇمغا بىركۈن بولسىمۇ ھەمراھ بولاي دېدىم.. يارا جايىدا، پەقەت چاندۇرمايۋاتىمەن..
- سىز بالىغا ھەمراھ بولسىڭىز ئىش چىقىپلا تۇرىدۇ.. بازار چۆگلىگىچىمۇ كۆزۈم تۆت بوپ كەتتى نېمىشلارنى قىلىۋەتتىكىن دەپ..
- بۇ مېنىڭ بالام تۇرسا، نېمىشلارنى قىلىۋېتەرمەن..
- ئۆزىنىڭ بالىسىنى سۇغا تاشلىيالىغان ئادەم ھەرئىشنى قىلالايدۇ.. يەنە كېلىپ سىزدەك نىيىتى قارا ئادەمنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ..
- ئاپا، مېنى بىخەستىلىك قىلدى دېسىڭىز مەن ئېتىراپ قىلاي، لېكىن نىيىتى قارىغا چىقىرىۋەتمەڭ..
- ۋوي، توردىكى خەۋەرلەرنى كۆرمەپسىزدە.. ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر قانداق نام چىقىرىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپسىز..
- ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، شۇنچە يىلدىن بېرى مېنى كېلىن قىلدىڭىز، بەلكى كۆڭلىڭىزگە يارىمىغان يېرىم باردۇ، لېكىن مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئوغلىڭىزغا ۋاپاسىزلىق قىلمايدىغانلىقىمغا ئىشىنەرسىز..
- قىزىق گەپ، ۋاپاسىزلىق قىلمىسىڭىز شۇنچە رايىش ياخشى بالام سىزنى ئۇرامتى؟
- بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەردىم..
- ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. قاراپ تۇرۇپ يالاڭتۈش دادىڭىز بالامنىڭ بىرمۇنچە پۇلىنى سورىۋاپتۇ.. ئەمدى يەنە ئوغلۇمنى نومۇس قىلماي مېنى ئۇردى دەپ نالە قىلىسىز..
- مەن ھېچكىمگە نالە قىلىپ باقمىدىم.. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىز بولدى، كىچىك بالىنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالغىلى بولمايدىكەن ئاپا..
- ھە سىزنىڭ راست، بەرىبىر ئەتىدىن باشلاپ بىز ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىمىز، شۇڭا سىز بىلەن تالاشقۇم يوق..
- ئوغلىڭىز ھەممىنى دەپتۇ دە..
- شۇنداق. گەرچە بۇ 300مىڭ زىيان چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئوغلۇم تولۇق ئاقلاندى.. يەنە كېلىپ بۇ 300مىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ناچار ئائىلە بىلەن قۇدا بولۇپ ئۆتىۋەرگۈم يوق.. نەۋرەمگە چاپلىشىۋالمىسىڭىزلا 300مىڭدىن كەچسەم مەيلى..
- دېمەك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭىز باركەندە..
- تولۇق ئەمەس، لېكىن ئوغلۇمنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن. راستىمنى دېسەم سىز ئەسلىمۇ بىزنىڭ ئائىلىگە كېلىن بولۇشقا لايىق كەلمەيتتىڭىز.. بۇمۇ توغرا بولدى، ھەر ئىككىڭلار ئۆزۈڭلارنى قىينىمايدىغان بولدۇڭلار، سىزمۇ تاياق يېمەيدىغان بولدىڭىز..
- شۇنداق.. .ئەمدى مەنمۇ ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم..
- بۇيرۇتۇپ قويدۇم. يەپ بولۇپ ياتاققا قايتىپ ئارام ئالايلى..
- دادا، بۈگۈن ئاپام بىلەن ياتسام بولامدۇ؟
يولدىشىم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن زورىغا كۈلدى.
- مەيلى، بۈگۈن ئاپاڭ بىلەن يېتىۋال ئەمىسە..
تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئوغلۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ياتىقىغا قاراپ ماڭدىم.
يولدىشىم بىلىكىمگە بىر قەغەزنى قىستۇرۇپ قويدى. قولۇمغا ئېلىپ ئەتە سەھەر 6نىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى كۆردۈم.
- بالام، مېنىڭ ياتىقىم بەك كىچىك، كارىۋاتمۇ كىچىك، قىينىلىپ قالارسەنمۇ؟
- ھېچقىسى يوق ئاپا، مەن بەك كىچىك، كىچىكلا يەرگە پاتىمەن..
ئوغلۇمنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن ئۇخلاش كىيىمىنى كەيدۈردۈم.
- ئاپا، كەتمەيدىغان بولدۇڭغۇ ھە..
- شۇ.. شۇنداق. كەتمەيمەن بالام..
- ئەتە دېڭىز بويىدىكى كاتىرغا چىقامدۇق ئاپا..
- بۈگۈن نېمىشقا دېمەيسەن بالام، دېسەڭ چىقاتتۇق ئەمەسمۇ..
- بىركۈندە ھەممىنى ئوينىۋەتسەم ئەتە ئوينىيالماي قالارمىزمۇ دېدىم.. ئەتە ئوينايلى..
- ما.. ماقۇل بالام..
ئوغلۇم ياندىكى يانفونۇمنى قولىغا ئالدى ۋە باستى.
- سېنى تارتىپ باقايچۇ ئاپا..
- بالام.. بولدى.. ئىككىمىز بىللە چۈشەيلى.. ۋوي، سىن تارتىپ قويۇپسەنغۇ.. ھاھا..
ئىككىمىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئوغلۇم مېنى قۇچاغلىدى.
- نېمانچە چىڭ قۇچاغلايسەن بالام؟
- مۇشۇنداق تۇتىۋالسام سەن كەتمەيسەن..
كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالماي قالدىم. ئەتىدىن باشلاپ ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىساملا يۈرىكىم پۇچۇلىناتتى. بۈگۈننىڭ تېخىمۇ ئاستا ئۆتۈشىنى، مۇمكىن بولسا مۇشۇ دەقىقىدە توختاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
سەھەر 4بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى خالتىغا سالدىم-دە، ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىدى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ مېنىڭ يېنىدا يوق تۇرغىنىمنى بايقاپ يىغلىغان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا يۈرىكىم ئېچىشاتتى.
- مېنى كەچۈر بالام، يارامسىز ئاپاڭنى كەچۈر..
ئايروپىلان بېلەتنى ئېلىپ نەرسىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. يولدىشىم زالدا تۇرغانىدى.
- سېنى ئايدورۇمغا ئاپىرىپ قويدىغان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.. مەن بالىنى ئەچىقىۋالاي..
تۇيۇقسىز ئارقامدىن يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
- ئاپا.. ئاپا..
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇