كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ياندىكى كىتاب جاھازىسىغا قاراپ كىتابلارنى رەتلەشكە باشلىدىم. كىتاب ئارىسىدىن بىر پارچە سۈرەت چۈشتى. سۈرەتتە ئۇماق بىر بالىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان بىر ئايال تۇراتتى. تەپسىلى قاراپ مالچى ھەدەملىكىنى ھېس قىلدىم. مالچى ھەدەم ياش چېغىدا راستىنلا چىرايلىق ئىدى. بۇ بالا ئۇنىڭ يۈتۈپ كەتكەن بالىسىدەك قىلاتتى.
بالىسى بار چېغىدا ئۇ شۇنچىلىك خوشال ئىدى. چىرايىدىن ئىشەنچ ھەم مۇھەببەت چىقىپ تۇراتتى. ھازىر بولسا كۆزىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى.
- ۋوي، بۇ سۈرەتنى قولىڭىزغا ئېلىۋاپسىزغۇ؟!- دېدى ئۇ سۈرەتكە قاراپ.
- كەچۈرۈڭ ھەدە، بىكار تۇرماي دەپ كىتابلارنى رەتلەش جەريانىدا…
- بالام ئۇماقمىكەن؟- دېدى ئۇ سۈرەتنى قولىغا ئېلىپ.
- شۇنداق. بەكلا ئۇماقكەن، سىزمۇ شۇنداق چىرايلىقكەنسىز…
- ئۇ چاغدا ھازىرقىدىن ياش ھەم بەختلىكتىم، شۇڭا چىرايلىق كۆرۈنگەندىمەن…
- ھېلىھەممۇ چىرايلىقسىز ھەدە… شۇنداق چىرايلىق…
- بولدى، زورىغا ماختىماڭ. 40دىن ئېشىپ تېرىلەر ساڭگىلىدى، بالامنى سېغىنىپ يىغلاپ كۆزۈمنىڭ نۇرىمۇ قالمىدى… - ئۇ ئېغىر بىرنى خۇرسىنىپ قويدى.
- كەچۈرۈڭ ھەدە، مەن سىزگە كۆڭۈلسىزلىكنى ئەسلەتمەكچى ئەمەستىم، كىتابنى رەتلىگۈچە ئارىسىدىن چۈشۈپ قالدى…
- ھېچقىسى يوق. ئۇ شۇنداق ئۇماق. ئىشخانىدا بىكار تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ئېلىپ قاراپ قويىمەن. سۆيۈپمۇ قويىمەن. يېنىمدا بولغان بولسا 12ياشقا كىرگەن بولاتتى…
مالچى ھەدەمنىڭ كۆزىدىن چىقىپ كېتەي دېگەن ياشنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يانغا قارىۋالدىم.
- بەزىدە ئۇ ھاياتمىدۇ ئەمەسمىدۇ دەپ قالىمەن…
- ئۇ چوقۇم ھايات ھەدە، چوقۇم ھايات، چوقۇم سىزنى سېغىندى…
- مەنچىمۇ شۇنداق… مەنچە ئۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدە مېنى ئەسلەۋاتىدۇ…
- ياردەمچىڭىز قېنى؟ كۆرۈنمەيدىغۇ…
- ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۆيگە كەتتى… سىزمۇ ئىشتىن چۈشسىڭىز بولىدۇ…
- ياق. مەن تېخى بايا كەلگەن تۇرسام…
- زورلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق… قايتىپ نەرسىلىرىڭىزنى رەتلەڭ…
ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تېلىفونۇمنىڭ ئېكرانىدىكى ئوغلۇمنىڭ سۈرىتىگە سۆيۈپ قويۇشنى ئۇنتۇمىدىم. بىز ئاياللار ئەنە شۇنداق ئىدۇق، بالا دەپ ياشايتتۇق. بالىنى يوقاتقاندا دۇنيارىمىزنى يوقىتاتتۇق. مەن ئۆلدۈم دەيتتۇق-يۇ، يەنە ياشايتتۇق.
شىركەتتىن مېڭىپ دادامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم. گەرچە بايا گەپنى بىر يەرگە ئەكەلگەن بولساقمۇ، لېكىن ئىشىكنى چېكىپ كىرىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ تەس ئىش ئىدى. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئىشىكنى چەكتىم.
ئۇزۇندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ ئۆگەي ئاپامنىڭ چىرايىنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا گەپمۇ قىلماي سافادا ئولتۇردى. ياتاق ئۆيگە نەرسىلىرىمنى قويغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ قازانغا قارىدىم. قازان قۇرۇق ئىدى. توڭلاتقۇدىمۇ قولغا چىققۇدەك نەرسە يوق ئىدى.
- يېگۈدەك نەرسە يوقمۇ؟- دېدىم ئامالسىز قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىغا چىدىماي.
- يوق. مەن يېگۈدەكمۇ نەرسە يوق… قورسۇقۇم ئاچ ئولتۇردۇم…
ئامالسىز ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم، ئۆينىڭ بۇ ئەھۋالىغا قارىغاندا ئۇلار كۈندە پەقەت بىر ياكى ئىككى ۋاخلا تاماق يەپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك قىلاتتى.
كەچ بولغاندا ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ياتاق ئۆيدىن قاراپ دادامنىڭ قولىدا بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كىرگىنىنى ئېنىق كۆردۈم.
- قورسۇقۇڭمۇ ئېچىپ كەتكەندۇ خوتۇن… مانا يەيدىغان نەرسە كەلدى…
قورسۇقۇمنىڭ كۇرۇلداشلىرىغا چىدىماي ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىشقا بىر قەدەم ئالدىم-يۇ، توختاپ قالدىم.
« ھېچ، ھېچقىسى يوق. بىر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىمىساڭ، كېيىنكى كۈنلەرنى قانداق ئالماقچىسەن، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ماڭا تاماق بېرىڭلار دەپ يالۋۇرغاندىن، بولدى بىر كۈن ئاچ ئۇخلاپ قال. ئۇخلىساڭلا ئۆتۈپ كېتىدۇ»
ئامالسىز ئورنۇمغا كېلىپ يېتىۋالدىم لېكىن ئەتىگەندىن بېرى تاماق يېمىگەن قورسۇقۇم قانداقلا قىلسا چىدىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئامالسىز ئاستا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدىم. لېكىن خالتىدىكى كاۋاپ تۈگىگەندەك قىلاتتى.
- ئۇخلىماي نېمە چىقىۋالدىڭ؟- دېدى دادام بىردە ئايالىغا بىردە ماڭا قاراپ.
- دادا، ماڭا ئارتۇق ئاچقۇچ بولسا بەرگىن… كۈندە ئىشىك ئۇرۇپ سىلەرنى ئاچقۇزۇپ يۈرمەي…
- ھە، بولىدۇ، مەندە بىر تال ئارتۇق ئاچقۇچ بار ئىدى… ساڭا بېرەي…
- مەن ئىشىكنى سىزگە ئېچىپ بەرمەيمەن دېمىدىمغۇ… ھېلىمۇ ئوچۇق چىراي ئىشىك ئاچتىمغۇ…
- بۇ گەپنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەن پەقەت سىلەرنى ئاۋارە قىلماي دېدىم، سىزنى ئېچىپ بەرمىدى دېگىنىم يوققۇ…
ئۆگەي ئاپام ماڭا ئالىيىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. دادام بەرگەن ئاچقۇچنى ئېلىپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
- بۇ كەچتە نەگە بارىسەن؟
- ئاۋۇ ئۆيدە بىر نەرسەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئېپ كېلەي… بەلكى شۇ يەردە قونۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن…
- ماڭغان تۇرغىنىڭغا دېقەت قىل، ئاجراشساملا نېمە قىلسام بولىدۇ دەپ قالما…
- مەن نېمە قىلاتتىم، كۆچۈپ كەلگەندە نەرسەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن شۇ. مۇشۇنىڭغىمۇ ھاقارەت قىلاي دەمسەن…
- مەن ھاقارەت قىلمىدىم، ئاجراشقان ئايال كەچتە سىرتقا چىقسا توغرا ئەمەس…
دادامغا گەپ قىلماي ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم-دە، ئۆز ياق بۇرۇنقى ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. كەچ بولغاچقا ھاۋا سالقىن ئىدى.
ماڭغانسىرى قورسۇقۇم ئېچىپ كېتىۋاتاتتى. چىداپ نەچچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن ئۆيگە كىردىم-دە، توڭلاتقۇنى ئېچىپ ئۆزۈم تەييارلاپ ئېشىپ قالغان تاماقنى يېيىشكە باشلىدىم. قايتا قەدەم باسمايمەن دېگەن ئۆيگە يوشۇرۇن كېلىپ تاماق يېيىشىم قاملاشمىغان ئىش ئىدى. لېكىن ئاچلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.
سافاغا كېلىپلا يېتىۋالدىم. نەچچە بېكەت يولنى ئاچ ماڭغاچقا ماغدۇرسىز ھەم ھارغىن ئىدى.
سەھەردە تاراق-تۇرۇق ئاۋاز بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغۇچە يولدىشىم بىلەن قېيىن ئاپام، ئارقىدىن ئوغلۇم ئىشىكتىن كىردى. جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. يولدىشىمنىڭ شۇ تاپتىكى ئاچچىقىنى بىلىپ تۇراتتىم. ئوغلۇم ماڭا قاراپ يېقىن كەلمەكچى بولۇپ يەنە جايىدا تۇرۇپ قالدى.
يولدىشىم بىلىكىمدىن تۇتۇپ ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ ياتاق ئۆيىگە سۆرەپ كىردى.
- سېنى كەت دېمىگەنمىدىم، نېمىشقا يەنە بۇ ئۆيدە تۇرىسەن؟
- كەچۈرۈڭ، تۈنۈگۈن بىر نەرسەمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، بەك كەچ بوپ كەتكەن، ئەتىسى ئىشقا كېچىكىپ قالماي دەپ مۇشۇ يەردە ئۇخلاپ قاپتىمەن، لېكىن نەرسىلىرىمنى ئەپ كېتىپ بولدۇم… بۈگۈن كەچتىن باشلاپ كەلمەيمەن…
- ساڭا بالامغا قايتا كۆرۈنمە دېگەنتىمغۇ… نېمانچە ئىززىتىڭنى قىلغاننى بىلمەيسەن…
- مېنى كەچۈرۈڭ. قەستەن قىلمىدىم. مەن تۈنۈگۈن كۆچۈپ بولغان… پەقەت نەرسەمنى ئالغىلى كەلگەن… سىز ماڭا قايتىدىغان ۋاقىتنى دېمىگەچكە بىلمەي قاپتىمەن…
- بالا سېنى كۆردى، ئەمدى يەنە يىغلايدۇ، ھېلىمۇ شۇ يەردە تولا يىغلاپ مەن بېسىقتۇرۇپ ئەكەلگەنتىم…
- مەن… مەن ئۇ كۆرمەستە چىقىپ كېتەي…
- ئەمدى نېمە پايدىسى، نەدىن چىقىپ كېتىسەن؟ دەرىزىدىن تاقلامسەن؟ ياكى تامنى تېشىپ چىقىپ كېتەمسەن؟ ئۇ كۆرمەي قالارما؟
- كەچۈرۈڭ. راستىنلا كەچۈرۈڭ. ۋەدەمدە تۇرمىغىنىم ئەمەس… سىزنىڭ بۈگۈن كېلىدىغىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن…
- ئەمدى ماڭا دۆڭگەپ قويماقچىمۇ؟ سېنىڭ ئۆيۈڭدە يەنە نەچچە كۈن يەپ ئىچىپ تۇرماقچىتىم. سەن بالدۇر كەپ قالدىڭ دېگەنلا گەپقۇ بۇ…
- ئۇنداق دېمەڭ. بۇ نېمىلا قىلمىسۇن مېنىڭ نەچچە يىل ئەجرىم سىڭگەن ئۆي… بۈگۈن ئاخىرقىسى…
- بولدى. بۈگۈنلا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋېتەيلى… مۇشۇ پېتىلا بارايلى… توختام مەندە بار، كىملىكىڭنى ئالدىڭمۇ؟
- ھە… ھەئە ئالدىم…
- بالىغا بۇ ئىشنى دەيلى… بولمىسا ئۇ تولا سوراپ بېشىمنى ئاغرىتىۋىتىدىكەن… ساياھەتنىمۇ ساياھەت قىلدۇرمىدى، شۇڭا بالدۇر قايتىپ كەلدۇق…
- ياق. بالىغا دېسەك بولمايدۇ، ئۇ بۇ بېسىمنى كۆتۈرەلمەيدۇ…
- ئۇ ھېلىمۇ خېلى بېسىملارنى كۆتۈردى، بۇنىڭغىمۇ كۆنەلەيدۇ…
يولدىشىمنىڭ خىيالى دەۋاتقان بۇ گېپىگە قاراپ ئۈمىدسىزلەندىم.
- سەن ماڭا نەسىھەت قىلىمەن، بالىغا كۆڭۈل بۆلىمەن دېمەي نەرسىلىرىڭنى تولۇق ئال، ئەمدى بۇ ئۆيگە كەلگۈچى بولما…
- ماقۇل… ئەمدى كەلمەيمەن…
يولدىشىم بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتۇق.
- سىزنى بۇ ۋاققىچە كېتىپ بولدى دېسەم يەنە تۇرۇپسىز، يۈزىڭىز بەك قېلىنكەن،- دېدى قېيىن ئاپام قاپىقىنى تۈرۈپ.
- كېتىمەن. بۈگۈن تولۇق كېتىمەن، سىلەرنىڭ بۈگۈن كېلىدىغىنىڭلارنى بىلمەپتىمەن… .
ئوغلۇم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە تۇراتتۇق. لېكىن يېقىن كېلەلمەيتتۇق. ئۇ مەندىن خاپا بولغانلىقتىن يېنىمغا كەلمىسە، مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ھوقۇقۇمنىڭ يوقلىقىدىن يېقىن كېلەلمەيتتىم.
يولدىشىم ئوغلۇمنىڭ يېنىغا كەلدى.
- بالام، ئاپاڭ ئەمدى بىز بىلەن تۇرمايدۇ، بۇ ئۆيگىمۇ كەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ؟
- يوق. ئۇ كەلمىسە مەيلى… مەنمۇ ئۇنى سېغىنمايمەن، ئۇ دېگەن يالغانچى…
ئوغلۇمنىڭ گېپى يۈرىكىمنى يېرىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم، ئۇ قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتىم.
- چوڭ ئاپاڭ بىلەن تۇرۇپ تۇرغىن، ئاپاڭ ئىككىمىز بىر يەرگە بېرىپ كېلەيلى…
ئوغلۇم ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قىيالماسلىق چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ ھېچنېمە دېمەيتتى.
- ماڭا، ماقۇل دەڭ، ئۇنى بىر قېتىم قۇچاغلىۋالاي…
يولدىشىم ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بوش باش لىڭشىتتى. بېرىپ ئوغلۇمنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن باغرىمغا باستىم. كۆز ياشلىرىم توختىمايتتى. ئىچىمدە ئۇنىڭدىن تالاي قېتىم كەچۈرۈم سورايتتىم.
«مېنى كەچۈر بالام، مېنى كەچۈر، مەن ئامالسىز، لېكىن سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن»
مۆرەمگە تەگكەن ياشتىن ئوغلۇمنىڭمۇ يىغلاۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.
- سەن، راست كېتەمسەن؟
ئامالسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئوغلۇم ئاۋازىنى قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
- تازىمۇ بىر، ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان بالىنى يىغلىتىپ،- دېدى قېيىن ئاپام مېنى سىلكىپ.
- بالام، داداڭ بىلەن چوڭ ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا ھە… خوش…
ئازاپتا ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۇپ بوينۇمغا ئىلنىشىپ قالغان نەرسىگە قارىدىم. ئۇ بىز دېڭىز بويىدىن ئالغان كۆك رەڭلىك ئاسقۇ ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئايرىلىشىمىزنى خالىمايۋاتقاندەك قىلاتتى.
- تولا ۋاقتىمنى ئالماي تېز بولمامسەن…
- مانا مانا، ھازىرلا…
يىپنى يېشىپ ئىككى ئاسقۇنى ئايرىغاندىن كېيىن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازى يۈرىكىمنى يارىدىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ماڭماي ئامالىم يوق ئىدى. ئىشىكتىن چىقىپ يۈرىكىمنى ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئالدىنقى قېتىملىق ئايرىلىش باشقا شەھەردە بولغاچقا، راسمىي ھالدا ئاجرىشىش بولمىغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇنچە ئازابلانمىغانىدىم، لېكىن بۇ قېتىم يۈرىكىم يېرىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
- بولدى قىل، بەك ئاشۇرىۋېتىدىكەنسەن. ماقۇل دەپ قويسا نېمە ھۆڭرەپ يىغلايسەن،- دېدى يولدىشىم لېفىت ئالدىغا كېلىپ.
ھېچنېمە دېمەستىن لېفىتقا چىقتىم. يۈرىكىم ھەم كۆز گۆھىرىم ئارقامدا قالغاندەك قىلاتتى.
ئاجرىشىش خېتىنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن ئۈنتىنسىز ئايرىلدۇق. شۇنچە يىللىق ئەر-ئاياللىق مۇشۇنداقلا ئاياقلاشتى. يۈرىكىم نېمىلەرگىدۇر قىمايتتى، لېكىن ئۇنىڭغا دېيەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشلىرى، ياخشى ئادەم بولۇپ ئەسلىمگە قايتىمەن دېيىشلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. تۇرمۇش شۇنداق ئىدى. يۈز قېتىملىق ئازارلىشىش، كۆڭۈل ئاغرىقى بىر قېتىملىق تاتلىق سۆز ۋە يېقىنچىلىق بىلەن تەسەللىي تاپاتتى. لېكىن بىز ئاياللار بۇنىڭ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆڭۈلسىزلىق ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق.
ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئىشخانىغا قايتىپ كەلدىم. مالچى ھەدەم يوق بولۇپ ياردەمچىسى يالغۇز ئولتۇراتتى.
- بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدەك بالدۇر كەلمەپسىز، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ…
- ھېچ، ھېچ ئىش بولمىدى… ئەتىگەن سەل كېيىن تۇرۇپ قاپتىمەن، كەچۈرۈڭلار… ئىشقا چۈشۈپ ئىككى كۈندىن بېرى ھېلى رۇخسەت سوراپ، ھېلى كېيىن كېلىپ پەقەت ياخشى قىلمىدىم…
- ھېچقىسى يوق. سىزنىڭ بىرمۇنچە ئىشلىرىڭىز تۇرسا…
- مانا، ناشتىلىق كەلدى،- دېدى مالچى بىر خالتىدا يەيدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىكتىن كىرىپ.
ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
- نەگە بارىسىز؟
- ناشتا قىلىۋېلىڭلار، مەن تېلىفونغا قاراپ باقاي يېڭى نومۇرلار بولسا ئالاقىلىشاي…
- قاراڭ دەۋاتقان گېپىڭىزنى، تاماقنى بىللە يەيمىز…
ئولتۇرۇشۇم بىلەن مالچى ھەدەم يەرگە چۈشۈپ قالغان ئاجرىشىش خېتىنى قولىغا ئالدى.
- بۇ؟!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇