كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئەسلىدىمۇ قەيسەر ئۇنىڭغا تەئەللۇق نەرسە ئەمەس، ئەسلىدىمۇ ئۇ ھېلىقى ھەشەمەتلىك دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا قايتىپ كەلدى، پەقەت شۇلا!
گۈلزىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۆي ئۇچۇرىنى ئىزدىمەكچى بولدى.
قەرەللىك ئۆي سېتىۋالسا پۈتۈشى بەك ئاستا، بېزەپ كۆچۈپ كىرگۈچە بىر يىلدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بىۋاستە نىمكەش ئۆي سېتىۋالغان ياخشى، دەپ ئويلىدى.
ئۇ توردىن ئۆي سېتىش ئىلانى ئىزدەپ، ھەقىقەتەن بىر يۈرۈشنى ياقتۇرۇپ قالدى.
ئۆي ئەلدارنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئىككى قاتناش چىرىقى بار جايدا، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە بولۇپ، يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باھاسى مۇۋاپىق ئىدى.
ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق 68 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆينىڭ ئومۇمىي باھاسى 1 مىليون 400 مىڭ يۈئەن ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىن 800 مىڭ يۈئەن تۆلەپ، 600 مىڭ يۈئەن قەرز قىلىپ، 30 يىلغا بۆلىسە، ھەر ئايدا قايتۇرالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى.
ئىلگىرى قەيسەر ئۇنىڭ كارتىسىغا 100 مىڭ يۈئەن ئۇرغان، ئۇنىمۇ تېخى خەجلىمىدى.
ھازىر ئۇ دەرھال مۇۋاپىق بىر دۇكان تېپىپ، كىچىك ئاشخانىنى ئاچسىلا، ھەر ئايلىق كىرىمى بىلەن ئوغلىنى باقىدۇ، قالغىنىنى رەنىلىك قەرزگە ئىشلىتىدۇ، كۈنلىرى خېلى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، گۈلزىرە ئالدى بىلەن قەيسەر سەنئەت شىركىتى ئۇنىڭغا بەرگەن چەكنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئۇ گىرىمىنى يۇيۇۋەتتى، لېكىن باشقىلار ئۇنىڭ نىلۇفەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالمىسۇن دەپ، شىلەپە كىيىپ، ئادەتتىكىچە ياسىنىپ چىقىپ كەتتى.
ئەمما، ئۇ قەيسەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا توختىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كەتتى.
لېكىن، ئۇ تېلېفون سۆزلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى،شۇڭا سىرتقا قارىمىدى.
گۈلزىرە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە ئايرىلىپ، ئەڭ يېقىن بانكىغا باردى.
بانكىغا بارغاندىن كېيىن، گۈلزىرە پۇل چېكىنى چىقاردى، بانكا تەرەپ سەل ساقلاپ تۇرۇڭ دېدى، شۇنىڭ بىلەن پۇكەيگە بېرىپ، مەردانغا تېلېفون قىلدى.
قەيسەر شۇ تاپتا يەنىلا مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا، مەرداننىڭ گۈلزىرەنىڭ پۇل ئالغىلى كەلدى، دېگىننى ئاڭلاپ، دەرھال ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى.
-گۈلزىرە خانقىز، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، پۇل ئېلىش ئۈچۈن بىزنىڭ مەسئۇل خادىم ئىمزا قويۇشى كېرەك، شۇڭا سىز ئاۋۇ تەرەپتىكى ئارام ئېلىش رايونىدا ساقلاپ تۇرسىڭىز،-بانكا خىزمەتچىلىرى شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەگە بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئاپىرىپ بەردى.
گۈلزىرەمۇ تۇنجى قېتىم چەكتىن پۇل ئېلىشى بولغاچقا، كۆپ ئويلانمايلا ئارام ئېلىش رايونىدا ئولتۇردى.
ئون مىنۇتتىن كېيىن، دېرىزە سىرتىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ئەرنى كۆردى.
دەرۋەقە قەيسەر ئىدى.
گۈلزىرە باشتا تۈگۈلۈۋالدى، ئەمما ئۆزىنىڭ چېنىپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتتى.
قەيسەر ئۇنى ئىزدەپ كەلگەندەك قىلاتتى، ئۇ ئۇدۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-قەيسەر دېرىكتور، تېچلىقمۇ؟
گۈلزىرە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەدەپ بىلەن ئەھۋال سورىدى.
-گۈلزىرە خانقىز، پۇل چېكىنى ئالماشتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ؟
-ياق بانكا تەرەپنىڭ ئىمزاسىنى ساقلاۋاتىمەن،-گۈلزىرە شۇنداق دېگەچ كەينىگە قاراپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-گۈلزىرە خانقىز، ئالماشتۇرۇپ بولدۇق، ئىمزا قويسىڭىز بولىدۇ،-خىزمەتچى خادىم ھۆججەتنى سۇنۇپ،-خاپا بولماي پۇكەيگە بېرىپ مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىز، بىز ئاندىن پۇلنى سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرەلەيمىز،- -دېدى.
-بولىدۇ،-گۈلزىرە ئىمزا قويۇپ، قەيسەرغا قاراپ سەل ساقلاپ تۇرۇڭ دېدى.
رەسمىيەتنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى مىليون يۈئەننى كۆرۈپ، گۈلزىرە چوڭقۇر نەپەس ئالدى.
ئۇ قەيسەرنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ:
-قەيسەر دېرىكتور، مېنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
-شۇنداق،-قەيسەر كۆز ئالدىدىكى گۈزەل قىزغا قاراپ، كۆڭلىدە يەنە بىر كۆلەڭگە پەيدا بولدى، ئۇنىڭ قەلبىدە يەنە بىر خىل چۈشكۈنلۈك پەيدا بولدى، بىراق يەنىلا،-گۈلزىرە خانقىز ياندىكى قەھۋەخانىغا بېرىش قولايلىقمۇ؟- دېدى.
گۈلزىرە ئۇنى توختامنىڭ ئىشى توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ سەنئەت ساھەسىگە كىرىپ كۆپ كىرىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ. لېكىن، يەتتە يىل بۇرۇنقى ئىش دەل بىر قەرەللىك بومبا بولۇپ، ئەگەر پارتلاپلا كەتسە، چوقۇم بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ.
ئۇ، يەنىلا بىر ئاددىي قىز بولسىلا بولدى.
-ماقۇل،-گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتتى، كۆڭلىدە سىلىق رەت قىلىش باھانىسىنى ئويلاپ بولدى.
ئىككىسى قەھۋەخانىغا بېرىپ، قەيسەر ئىككى ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئۇدۇللا:
-گۈلزىرە خانقىز، ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى توختام توغرلۇق ئىزدىمىدىم، بەلكى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشنى دېيششكە تەكلىپ قىلدىم،- دېدى.
گۈلزىرە چۆچۈپ:
-بىزنىڭ ئارىمىزدىكى؟-دەپ سورىدى.
ئەجەبا ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىپ قالدىمۇ؟!
-بۇ ھۆججەتنى كۆرۈپ بېقىڭ،-دېدى قەيسەر.
گۈلزىرە ھۆججەت خالتىسىنى ئاچتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى كۆرگەندە:
-قەيسەر دېرىكتور، سىز نېمە دېمەكچى؟- دەپ سورىدى.
-مەن پەقەت بۇ ھۆججەت بىلەن سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى جەزىملەشتۈردۈم.
-قەيسەر دېرىكتور مېنى ھېلىقى بىر مىليون يۈئەن پۇل ئۈچۈن ساختا سالاھىيەت ياسىدى دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟-گۈلزىرە بىلەلمىدى.
-ئۇنداق ئەمەس،-قەيسەر قىزغا قاراپ ئېغىز ئاچتى،-بىزنىڭ جەمەتىمىز بىلەن سىلەرنىڭ جەمەت توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان. ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز بولغان بولسا، سىزگە ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلار يوقاپ كېتىپتۇ، مەن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرسەممۇ ھازىرغىچە يىپ ئۇچى بولمىدى. لېكىن، مەن ھازىر 32ياشقا كىردىم، ئاللىقاچان خوتۇن ئېلىپ بالىلىق بولۇش يېشىغا يېتىپ قالدىم، شۇڭا، ئەينى ۋاقىتتىكى توي توختامىنى ئىجرا قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.
گۈلزىرە ئۇنىڭ گېپىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، ئۇ گەرچە ئۇ كۈنى قەيسەرنىڭ مومىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن قەيسەرنىڭ ئەينى چاغدا توي قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلمىغان.
ئەجىبا ...
ئۇ تۇيۇقسىز چۈشەندى.
ئۇ ئەمدىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارلىشىغا، قەيسەر دەرھال توي كېلىشىمنى ئادا قىلماقچى بولدى، شۇڭا ...
ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنى بۇرۇنلا تەكشۈرگەن، ئەمما يوقاپ كەتكەن گۈلزىرەنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۆلمىگەنلىكىنى، ھەتتا بەكلا چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇڭا، توينى ئادا قىلماقچى بولدىمۇ؟
ئۇنىڭ ئەلفىرە بىلەن ئايرىلىششقا تەقەززا بولۇشى،گۈلزىرەنىڭ چىرايىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ.
ھىم، ئەركىشى دېگەن، چىراينىلا تونۇيدۇ.
بۇ دەقىقىدە، ئالدىدا ئولتۇرغان، تېخى ئىككى سائەت بۇرۇن ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ، مانا ھازىر «باشقا بىر» ئايالغا توي تەكلىپى قويغان ئەرنى كۆرۈپ، ئىچىدە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى.
-قەيسەر دېرىكتور، سىزنىڭ ماتېرىياللىرىڭىز تولۇق ئەمەسكەن،-گۈلزىرە ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ،-سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزدا يېزىلماپتۇ، مەن ئەمەلىيەتتە 18 ياش ۋاقتىمدىلا مەكتەپتىن قوغلانغان، چۈنكى مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇم قالايمىقانلىق سەۋەبىدىن،-دېدى.
قەيسەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
گۈلزىرە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، كالپۇكىدىكى كۈلكە تېخىمۇ روشەنلەشتى
- شۇڭا قەيسەر دېرىكتور يەنە بىر قېتىم تولۇق تەكشۈرۈپ، ئاندىن قارار چىقارىڭ! بولمىسا، ۋاقتى كەلگەندە مېنىڭ مۇكەممەل ئارخىپمنى كۆرسىڭىز، ھەيران قالىسىز!-دېدى.
ئۇنىڭ كۈندەشلىكى شۇنچە كۈچلۈك تۇرسا، قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالىسۇن، ھامىلدار بولۇپ باققانلىقىنى بىلىسە تېخىمۇ قۇبۇل قىلالماس.
گۈلزىرە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا،قەيسەر:
-مەن كەلگۈسىنىلا بىلمەن،- دەپ ئېغىز ئاچتى.
بۇ قېتىم گۈلزىرە چۆچۈپ گەپ قىلالماي قالدى، ئۇقەيسەرگە خۇددى ئۇنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغاندەك قاراپ تۇراتتى.
قەيسەر گۈلزىرەگە قارىدى، نېمىشقىكىن، شۇ دەقىقىدە يەنە «ئەلفىرە» نىڭ كۆزى ئېسىگە كەلدى.
ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى.
-گۈلزىرە خانقىز، سىزنىڭ 18 ياش ۋاقتىڭىزدا شەخسىي تۇرمۇشىڭىزدا مەسىلە بار ئىكەنتۇق،ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ئەينى چاغدىكى ھېلىقى ئەر بىلەن يەنە ئالاقىلىشۋاتامسىز؟
ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭىز بارمۇ؟ دېمەكچى ئىدى ئۇ.
قەيسەر سوراپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى سەل جىددىيلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
-ياق،-گۈلزىرە قەيسەرگە قاراپ،-مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن!-دېدى.
قەيسەر ئۇنىڭ سوغۇق تەلەپپۇزنى كۆرۈپ، يۈرىكى تىترەپ كەتتى.
ئۇ بىر يۇتۇم قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن بارلىق كەيپىياتىنى يىغىۋالدى.
-دېمەك ئاراڭلاردا ھېسىيات يوقكەن، ئۇنداقتا، گۈلزىرە خانقىز مېنىڭ بايىقى تەكلىپىمنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىڭ، بىز توي قىلىۋېتەيلى.
قەيسەر ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماقچى ئىدى، پەقەت، ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچ تۇرسا، ئەينى چاغدا ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلسە، قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
شۇڭا ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ،ئىلگىرى ئۇنىڭغا قالدۇرغان يارىسىنى ئاستا - ئاستا داۋالاپ، ئۇنى ئاستا - ئاستا قوبۇل قىلغۇزماقچى بولدى.
ئۇ بىر قىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ.
گۈلزىرە قەيسەرنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئەستايىدىللىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى.
قىزلارنىڭ تاشقى قىياپىتى راستىنلا شۇنچە مۇھىممۇ؟
مۇھىمى ئۇ پاكىزلىق كېسلىنى يېڭىپ، بەدىنىدە داغ بار قىزنى قوبۇل قىلالايدۇ يۇ، ئەمما ھېچبىر ئالاھىدىلىكى يوق، ئارخىپى ئاق قەغەزدەك پاكىز بولغان ئەلفىرەنى قوبۇل قىلالمايدۇ!
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قەيسەرگە:
-بولىدۇ، قەيسەر دېرىكتور، تەكلىپىڭىزنى ئەستايىدىل ئويلىشىمەن، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن سىزگە جاۋاب بېرىمەن،- دېدى.
-ماقۇل، مەن سىزنى ساقلايمەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۈلزىرە داۋاملىق ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئاخىرى بىر كىچىك دۇكاننى ئىجارىگە بېرىش ئۇچۇرىنى تاپتى.
ئۇ يول بۆلىكىگە قاراپ، كىچىك دۇكاندىن ئەلدارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپىكگە بىۋاسىتە بارىدىغان مېترو بارلىقىنى، ئالمىشىشنىڭ ئىنتايىن قولايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇ تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشتى.
ئىجارىگە بەرگۈچىمۇ ئۆينى سېتشقا ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇڭا ئىككىيلەن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا دۇكاننى كۆرگىلى بېرىشقا پۈتۈشتى.
دۇكانغا بارغاندىن كېيىن، گۈلزىرە دۇكاننىڭ 20 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، سىرتى ئاشخانا، ئىچى ھاجەتخانا ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى يېرى، يەنە بىر كىچىك ئامبار بارلىقىنى، ئىچىگە بىر مېتىر كەڭلىكتىكى كىچىك كارىۋات قويۇلغانلىقىنى كۆردى.
بۇنداق بولغاندا، ئەگەر ئۇ ھېرىپ كەتسە، يەنە ئىچىدە ئارام ئالالايدۇ.
ئىجارە ھەققىمۇ مۇۋاپىق، ھەر ئايدا ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يۈئەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ ئورنى يامان ئەمەس، بىر گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىغا يېقىن، گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇلى كۆپ، پەقەت يېيىشلىك بولسىلا، ئادەتتە ئىستېمال قىلىشنى خالايدۇ.
گۈلزىرە بىلەن قارشى تەرەپ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچى كۈنى زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا پۈتۈشتى.
ھەممە ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەبرىكلەيدىغان ۋاقىت بولدى.
گۈلزىرە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىچىك دوستلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆردى.
ئەلدار يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلاتتى.
ياندىكى ساۋاقداشلارمۇ بۇنى كۆرۈپ، ئەلداردىن :ئاپىڭىز كەپتۇ، دادىڭىز نېمىشقا كەلمىدى؟ دەپ سورىدى
-دادام تۈنۈگۈن قولىنى يارىلاندۇرۇۋاپتۇ، داۋالىنىۋاتىدۇ!
كىچىك بالىلاردا بەزىدە يەنىلا كىچىككىنە شۆھرەتپەرەسلىك بولىدۇ.
ئەلدار گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئاپا، بۈگۈن كېلىشكەن ئوغلىڭىزنى يالغۇز ئالغىلى كەپسىزغۇ؟ قەيسەر تاغامچۇ؟-دېدى.
-ئەلدار، بىر ئىشنى ساڭا دېمەكچى ئىدىم.
گۈلزىرە تۇيۇقسىز شۇ تاپتا ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
خۇددى ئۆزى بىر يامان ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك، ئوغلىغا شۇ تاپتا، گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرستىپ قويۇپ، تۇيۇقسىز رەھىمسىز رېئاللىققا قايتۇرۇپ كەلگەندە، ھېسياتتا بولدى!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇