كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
شەمىسيە گېپىنى تۈگىتىپلا يەنە بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ھەسرەت بىلەن: - ئەپسۇس، بۈگۈن ماڭا ئادەت كېلىپ قاپتۇ، قارىغاندا ھامىلدار بولۇش مەغلۇپ بولغاندەك قىلىدۇ، - دېدى.
-نېمىدىن قورقسەن؟ -شاينۇر، -سەن ساقايغاندىن كېيىن، بىز ئاياللار بۆلۈمىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ باقايلى، ۋاقتى كەلگەندە ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىمىز!،- دېدى.
-ماقۇل، جالال مېنىڭ، ھېچكىم ئۇنى تارتىۋالالمايدۇ!- دېدى شەمىسيە.
شۇ تاپتا، دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەن جالال قاتتىق بىرنى چۈشكۈردى.
ياندا ئانىسى ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ ئۇنىڭغا كىيىمىنى يېپىنچاقلىتىپ:
-جالال، داداڭ ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ كەتكىلى ئاران بىر كۈن بولدى، سەن دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئۆزۈڭ يالغۇز دوختۇرخانىدىن چىقتىڭما؟ئەگەر راستىنلا بىر ئىش بولسا قانداق قىلىمىز؟
-ئاپا، گۈلزىرە قايتىپ كەلدى، -جالال ئانىسىغا قاراپ،-مەن بۇ قېتىم ئۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمايمەن!- دېدى.
ساجىدە قاتتىق چۆچۈگەندىن كېيىن ئاندىن ئېسىگە كېلىپ:
-ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟! جالال، بىرەر نەرسە ئېسىڭگە كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟-دېدى.
-ئاپا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ، سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ كەلدىم، سىز ماڭا قىلما دېگەن ئىشنى مەن ئەزەلدىن قىلمايتىم، سىز مېنى قىل دېسىڭىز، مەن تىرىشىپ ئەڭ ياخشى قىلىپ كەلدىم. مەن سىزنىڭ ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، بىراق، ئوغلۇڭىزنىڭ مۇشۇلا بىردىنبىر ئارزۇسى بار، مەن يەتتە يىل خاتالاشتىم، ئۇنى يەتتە يىل ئۇنتۇپ كەتتىم، كېيىن، مەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنى كېرەك قىلمايمەن!
-جالال ......-ساجىدە دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى.
-ئاپا، مەن شەمىسيە بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مېنىڭ قىز دوستۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .لېكىن، بۇنىڭدىن كېيىن خاتالاشمايمەن، مەن كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى، نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمى بىلىمەن.
-جالال، داداڭ ئىككىمىزنىڭ ساڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىغانلىقىمىزدىن ئاغرىنىۋاتامسەن؟ -ساجىدە ئەينى چاغدا جالال ئويغانغاندا، گۈلزىرەننى ئۇنتۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئويلىدى.
چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇ چاغدا جالال گۈلزىرەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلار ئوغلىنىڭ ئايال كىشنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتشىنى خالىمايتتى.
ئەمما جالال شەمىسيە بىلەن بىللە بولغان ھالەتتە، ئەزەلدىن ئەقىلىنى يوقتىپ قويمايتتى، ئۆي بىلەن شەمىسيەنىڭ بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۆينى تاللايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
شۇڭا، شەمىسيەنى ئانچە ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار بۇ خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىزچىل مۇشۇنداق كېتىۋەردى.
-ئاپا، ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى،-جالال چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ،-مەن كېينىلىكىمنى ياخشى ئۆتكۈزسەملا بولدى.- دېدى.
ئۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە دەۋاتاتتى.
گۈلزىرە راستىنلا باشقا ئەرلەر بىلەن بالىلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەينى چاغدا ئۇ ئەيىپسىز ئىدى.
ئۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىساس ئېلىش، ئاندىن ئۇنى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش.
شۇغىنىسى، شۇ تاپتا يەنە بىر ئاۋارىچىلىق ھەل بولمىدى ...
جالال بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ:
-ئاپا، مەن يەنە چىقىپ كىرەي،- دېدى.
-جالال، نەگە بارىسەن؟ سالامەتلىكىڭ ...-ساجىدە جىددىيلەشتى.
جالال ئاپىسىغا ئۇ كۈندىكى شۇ نومۇسىزلىقنى قانداق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟
ئۇ پەقەت:
-ئاپا، مېنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇ دوختۇرخانىدا، كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ كېلەي،- دېدى.
-ماقۇل، -ساجىدە خۇرسىنىپ، -بىز كېسەلخانىدا سېنى ساقلايمىز ،-دېدى.
جالال بالنىست بۆلۈمىدىن چىقىپ، ئۇدۇل دوختۇرخانىنىڭ كەينىدىكى كۆپىيىش تەتقىقات مەركىزىگە باردى.
ئۇ نومۇر ئالمىدى، بەلكى بىۋاستە بىر ئىشخانىغا باردى.
-جالال ئاكا،كەپ قاپسىزغۇ؟-ياش قىز جالالنى كۆرگەندە، كۆزىدىن يورۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى.
-مەلىكە،شەمىسيە سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
جالال گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى.
-شۇنداق،شەمىسيە ئاچام كەپتۇ. جالال ئاكا،سىز قانداق بىلدىڭىز؟
-چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ تونۇشلىقىنىمىزنى بىلمەيدۇ.
جالال ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ:
-ئۇ سىزگە بىر نەرسە بەرگەندۇ؟-دېدى.
ھېلىمۇ ياخشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ شەمىسيەنى سودا سورۇنلىرىغا باشلاپ بېرىپ، سودا جەھەتتىكى نۇرغۇن بايلىقلارنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردى، ئەمما ئۇنى دوستلىرى بىلەن ناھايىتى ئاز كۆرۈشتۈردى.
بولمىسا،شەمىسيە ئۇنىڭمۇ مەلىكەنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا ،ھەرگىز ،ئىسپېرمىنى مەلىكەنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ.
-توغرا، ئۇ مېنى......-مەلىكە گەرچە بۇ جەھەتتىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بىراق جالالنىڭ ئالدىدا بۇنى تىلغا ئېلىپ سەل خىجىل بولدى،-ئۇ دوستۇمنىڭ دەيدۇ، مەن ساقلاپ بېرەي، ئىشلىتىدىغان چاغدا كېلىپ ئېلىۋېلىڭ، دېدىم،-دېدى.
-مەلىكە،ئۇ مېنىڭ،بىراق، بىز ئايرىلىپ كەتتۇق،- جالال سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە چوڭقۇر بىر تىندى،-سەۋەبىنى سورىماڭ، مەن پەقەت بىر ئىشتا ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
مەلىكە ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا ئېسىگە كېلىپ:
- بولىدۇ، جالال ئاكا، ئېيتىڭ! ئەينى چاغدا سىز مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ياردەم قىلمىغان بولسىڭىز، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان بولاتتىم، بۇنداق مۇقىم خىزمىتىم تېخىمۇ بولمىغان بولاتتى. شۇڭا مەن قىلالايدىغانلا ئىش بولسا، ھەممىسى سىزگە ياردەم قىلىمەن!
ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇ سىزگە بەرگەن نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزى قارا كەلگەن،پاكار ئەرلەرنىڭكىگە......
-ھە؟ -مەلىكە بىردىنلا كېكەچلەپ، -راس، راستنىلا ئالماشتۇرامدىم؟- دېدى.
جالال بېشىنى لىڭشىتتى.
ئۇنىڭ تۇغقۇسى كەلگەن بولسا، تۇغسۇن!
-جالال ئاكا، سىلەر ......-مەلىكە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، -مەن تېخى سىلەرنى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن!-دېدى.
-ھىم! ئەگەر ياخشى ئۆتۈۋاتقان بولساق، ئۇ شۇنداق ۋاستە بىلەن بالا تۇغامتى؟
جالالنىڭ كۆزلىرىدە نەپرەت جىلۋىلەندى،ئۇ تارتقان نومۇسىنى شەمىسىيەگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ!
-كەچۈرۈڭ، جالال ئاكا، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنگىلى تاس قاپتىمەن!-مەلىكە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، ساقلاش ئۆيىگە كىردى.
ئۇ بوتۇلكىدىكى ئەسلىدىكى نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ، مىللىلىتىرنى ئىلگىرى شەمىسىيە بەرگەن بىلەن ئوخشاش قىلىپ، ئاندىن قايتىدىن ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويدى.
ئۇ چىقىپ:
-جالال ئاكا، مەن قىلىپ بولدۇم، كېلەر قېتىم ئۇ كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭكىنى بېرىمەن،- دېدى.
-ماقۇل، رەھمەت سىزگە، مەلىكە!-جالال سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.
مەلىكە بېشىنى لىڭشىتىپ:
-ئەرزىمەيدۇ، جالال ئاكا، خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمايمەن!-دېدى.
جالال كۆپىيىش تەتقىقات مەركىزىدىن چىقىپ، سىرتتىكى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىغان ئاسمانغا قاراپ پەس ئاۋازدا:
-گۈلزىرە، ماڭا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ، مەن ئىلگىرىكى ھەممە نەرسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، سىزنى ئىزدەپ بارىمەن!-دېدى.
قەيسەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۈگۈن نەق مەيدانغا بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ «ئەلفىرە» نى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بىراق، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان قىز، بارلىق ئوي - پىكرىنى بۆلۈۋەتتى، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئەسلىدىكى خىيالىنى ئۇنتۇپ، ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى!
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، قەيسەر دەرھال يان تېلېفونىنى ئېلىپ، «ئەلفىرە» نىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستى.
ئۇ تۇيۇقسىز تۇرۇپ قالدى!
ئەگەر نىلۇپەر ئەينى چاغدىكى ھېلىقى قىز بولغان بولسا، ھازىر ئۇ ئۇنى تاپقاندا، ئەينى يىللاردىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، ئەينى چاغدا ئۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
ئەمما ئۆزى ئۇنىڭ قىممەتلىك تۇنجى قېتىملىقىنى تارتىۋالغان.
ئۇ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشقا ماقۇل بولغان، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك.
بىراق، ئەلفىرە ئۇنىڭ قىز دوستى، ئۆزىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا ...
ئۆمرىدە ئەزەلدىن ئىككىلەنمەيدىغان قەيسەر ئۆزىنىڭ ئىككى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقىدى.
ئۇنىڭ ئۇ قىزغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاسيلىق قىلغۇسى يوق، لېكىن ئەلفىرە بىلەن ئايرىلىپ كەتكۈسى تېخىمۇ يوق.
قەيسەر بېشىنى ئۇۋۇلاپ، تىت - تىت بولغان ھالدا ئۆيدە ئۇياق - بۇياققا ماڭدى.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى.
-دېرىكتور، سىز ئىلگىرى ماڭا تەكشۈرۈشكە بۇيرىغان گۈلزىرە خانقىزنىڭ ماتېرىيالىنى تاپتىم،مەن ئۇنىڭ نىلۇپەر خانقىزغا بەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدىم.
-نېمە؟!-قەيسەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.
-مەن بايا ئۇنىڭ ماتېرىيالىنى سىزنىڭ پوچتا يوللانمىڭىزغا ئەۋەتتىم، سىز كۆرۈپ بېقىڭ!
قەيسەر تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، كۇتۇپخانىغا بېرىپ كومپيۇتېرنى ئاچتى، شۇ ھامان گۈلزىرەنىڭ ماتېرىيالى كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.
-گۈلزىرە، يەتتە يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەندە 18 ياشتا ئىدى.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شەھەرنىڭ دەريا بويىدا بىرى ئۇنى كۆرگەن، شۇڭا ئۇ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. لېكىن ئۇزۇن يىللار بولغاچقا، ھېچقانداق نازارەت قىلىش قاتارلىق دەلىل - ئىسپات تېپىپ ئىسپاتلىغىلى بولمىدى.
قەيسەر داۋاملىق پەسكە قارىدى.
-گۈلزىرە Aشەھەردە تۇغۇلغان، دوختۇرنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك باي ئائىلىنىڭ بىر كۈندە تۇغۇلغان قىزى شەمىسىيە بىلەن ئالمىشىپ قېلىپ، ئىككىيلەن 16 ياشقا كىرگەندە ئاندىن خاتالىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئالماشتۇرۇلغان.
-لېكىن گۈلزىرە ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ ئىككى ئاي بولمايلا،ئائىلىسىدىكىلەر غەلىتىلا يوقاپ كەتتى. بۇرۇنقى ئائىلىسى باشقىلارنىڭ ئۇلارنى قىزىنى تاشلىۋەتتى دېيىشىدىن قورقۇپ، 16 ياشلىق گۈلزىرەنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلگەن،18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن Aشەھەرنىڭ ئەڭ داڭلىق داشۆسىگە ئۆتكەن. بىراق، ئوقۇش باشلانغان كۈنى، توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن (دوختۇرخانا ھامىلدار بولۇپ قالغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان دەپ دىئاگنوز قويغان ) داشۆ تەرىپىدىن ئوقۇشتىن ھەيدەلگەن. قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسى يۈزىمىزىگە داغ تەككۈزدۈڭ دەپ، گۈلزىرەنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن گۈلزىرە پاناھلانغۇدەك جاي تاپالماي، ئاخىر سۆز-چۆچەكنىڭ زەربىسىدە شەھەر دەرياسىغا سەكرىۋالغان. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن.
بۇ يەرنى كۆرۈپ، قەيسەرنىڭ چوڭ مېڭىسى خۇددى بازغان بىلەن قاتتىق ئۇرۇلغاندەك بولۇپ، بىردەمدىلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.
بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ ئاندىن چېسلاغا قارىدى.
Aداشۆدە ئوقۇش باشلىغاندا، گۈلزىرەنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى.
دەل بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئۇ Aشەھەرگە بېرىپ، ھېلىقى قىزنى ئۇچراتقان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، گۈلزىرەنىڭ ھېچقانداق قېرىنداش ئاچا-سىڭلىسى يوق ئىكەن، تۈرلۈك تاسادىپىيلىقلار پەقەت بىر نۇقتىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
ئۇ دەل ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۇچراتقان قىز، گۈلزىرە!
ئۇ ھامىلدار بولۇپ قالدىمۇ؟
ئۇنىڭ بالىسى بارمۇ؟
يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بالىسى ھازىرىمۇ بارمىدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەينى چاغدا، ئۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىگە قەدەم قويماقچى بولغان قىزنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىۋەتكەن!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇