يالغان ئەر خوتۇن 🧡 17-قىسىم

文摘   2024-09-06 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

مىنىڭ راست يالغاندىن ئاغزىمغا كەلگەننى بىلجىرلاشلىرىم ئۇنى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇ تاماكىدىن يەنە بىرنى چەككەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى.

-سەن دېگەن ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە مەن ئەتىگەنلا بىر تەرەپ قىلغان. سېنى ياقتۇرۇپ قالدىم ھەقىقەتەن قابىلىيىتىڭ بار ئىكەن. ئەسلىدە مەن سېنى ئۆلتۈرۋىتشنى تاللىغانىدىم. لىكىن بۇنداق قىلسام بىرئىختىساس ئىگىسىنى يوق قىلىۋەتكۈدەكمەن. بۇنىڭدا بولمىغۇدەك. بولىدۇ، مەن سېنى ھايات قوياي! ئەگەردە مەن توغرۇلۇق سىرتتا گەپ ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام سېنى ھايات قويمايمەن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ 

مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى ئۆلۈمنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ كەلگەندەك ھىس قىلدىم. ۋە ھاياجاندىن…

-بولىدۇ. بولىدۇ سىز بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇڭ! سىزنى ھەرگىز ئاۋارىچىلىققا قويمايمەن. مەندەك بىر ئىنىڭىزغا غەمخورلۇق قىلىپ، تۇرارسىز! -دېگىنىمچە پىشانەمدىكى تەرنى سۈرتۈپ «ئۇف» دەپ يەڭگىل نەپەس ئالدىم.

-بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىنىم بولغىن ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا بىۋاسىتە مېنى ئىزدىسەڭ بولىدۇ. لېكىن ئەمدى ھەرگىز مېنى تەكشۈرۈپ يۈرمە ئۇقتۇڭمۇ؟

مۇختەر ئۇنى ئۆينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوي!-خالىق، شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بىر قېتىملىق ھايات- ماماتلىق ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ھايات قالدىم. خالىق چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قالغان ئۈچەيلەن بېشىمغا خالتا كەيدۈرۈپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى.

بەلكىم بۇيەر شەھەردىن خېلىلا يىراق بۇلسا كىرەك ماشىنا2 سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىن تۇختاپ ئىشىك ئېچىلىپ مىنى ماشىنىدىن چۈشۈرۋىتىپ كىتىپ قالدى، ئۇلارنىڭ ماشىنىدا كىلۋېتىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن يانفۇنۇمنى ئېچىشىم بىلەنلا كەينى -كەينىدىن ئۇچۇر كىلىشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سانىيەدىن كەلگەن بىر تال ئۇچۇرىدىن باشقا ھەممىسى ئىنتىزاردىن كەلگەن. ئۈندىداردا بولسا مېنىڭ تېزرەك ئۆيگە قايتىپ كېلىشىمنى مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مانا ھازىر دەل يېرىم كېچە بولغان بولۇپ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. بېشىمدىن ئاققان قان بىلەن بۇرنۇمدىن ئاققان قان چىرايىمنى قورقۇنچلۇق بىر تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى. ھېلىمۇ بۇ تۇرقۇمنى ئىنتىزار كۆرۈپ قالىمىدى، مەن يۈز -كۆزلىرىمنى يۇغاندىن كېيىن ھوجرا ئۆيۈمگە كىرىپ ئۆزەمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم. تاياق زەربىسىدىن پۈتۈن بەدەنلىرىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ قىستاپ كېلىۋاتقان ئۇيقۇ كۆزلىرىمنى يۇمۇشقا مەجبۇر قىلدى.

ئەتىسى سەھەردە ياتاق ئۆينىڭ چېكىلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. گەرچە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويمىساممۇ ئىنتىزار كىرىپ قويايمۇ دېمەيتتى.

-تۇرۇڭ، تاڭ ئاتقىلى نەۋاق! ئاخشىمى بولسا ئۆيىگە كەلمەيدىكەنسىز نەلەردە يۈرۈيسزكىن تاڭ! ئاخشام دادام سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتىكەن. ساقلاپ ئولتۇرۇپ كەلمىگەندىكىن كېتىپ قالدى. سىزنى قايتىپ كەلسە شىركەتكە كەلسۇن دېگەن ئىدى. -دېدى ئۇ ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپ،

مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تېزلىكتە كىيىملىرىنى كىيىپ ھۇجرا ئۆيدىن چىقتىم.

-ۋاي ئانىمەي سىزگە نېمە بولدى؟ -دېدى ئۇ چىرايىمغا قاراپ ئەنسىزلىك بىلەن.

-ھېچ ئىش بولمىدى. پەلەمپەيدىن دومىلاپ كەتتىم. شۇ، -دېدىم مەن يوشۇرۇپ.

-يوشۇرماڭ زىيا سزنىڭ سىرتلاردا نېمە ئىش قىلىپ يۈرگىنىڭىزنى بىلگىلى بولمايدۇ. سىزنى راۋرۇس ئوغۇل بالا سىرتتا قالايمىقان ئىشى يوق دەپ ئويلىسام. كىچىك تىلىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىكەن. دەڭە زادى نېمە ئىش بولدى سىزگە؟

-بولدى. سورىماڭ باشقا ئىش يوق. ئىشقىلىپ ئەمدى سىلەرنى ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدۇ. ئىشلار مۇشۇنىڭ بىلەن پۈتتى. سىزنىڭ ھېلىقى ماڭا بەرگەن ۋەدىڭىز قانداق بولدى؟ مەنغۇ ئىشلارنى پۈتتۈردۈم. لېكىن…

-نېمە ۋەدە ئىكەن ئۇ. مەن سىزگە ھىچقانداق ۋەدە بەرمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشلارغا سىزنى مەن ئارىلاشسۇن دېمىدىم. ئۆزىڭىز خالاپ ئارىلاشتىڭىز. شۇنداقتىمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. لېكىن ئۇ ئىشلارنى دەپ بۇنداق بولۇپ كەتسىڭىز ياخشى بولمايتتى. دادامغىمۇ بۇ ئىشنى سىزنىڭ بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتقان ئىدىم. سىزدىن بەكلا مىننەتدار بولدى. ئويلاپ باقسام سىزنىڭ قولىڭىزدىنمۇ خېلى ئىش كېلىدىكەن جۇمۇ!يۈرۈڭ ئاۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ كىلەيلى!قالغان ئىشلارنى كېيىن دېيىشەرمىز، -دېدى ئۇ مىنى ئۆزىنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىسى، توغرىلىق ئېغىز ئېچشىمغا پۇرسەت بەرمەي. شۇنداقتىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەھمىتىگە ئېرىشىپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى. چۈنكى تۇنجى قەدىمىم ئوڭۇشلۇق بېسىلغان ئىدى. ئىككىمىز توي قىلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە بولغان ئىشلار مېنى خېلى ئوبدانلا تاۋلاپ چىقىشقا باشلىدى.

-بولدى. چوڭ چاتاق يوق دوختۇرغا بارمىساممۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ تۇرقۇم بىلەن شىركەتكە بارسام تازا ياخشى بولماي قالارمىكىن؟ -دېدىم مەن ئاغرىۋاتقان پېشانەمنى سىلاپ قويۇپ. دېمىسىمۇ بىر ئۇخلاپ قوپۇپ ئاخشام يېگەن تاياقنىڭ زەربىسىدە يۈز- كۆزلىرىم ئىششىپ كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.

-بۇ دېگىنىڭىزغۇ راس! لېكىن شۇنداقتىمۇ شىركەتكە بىر بېرىشىڭىز كېرەك؟ مەن سىز بىلەن بىرگە باراي! -ئىنتىزار شۇنداق دىگىنىچە مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەستىن ھوجىرسىدىن بىر قارا كۆزەينەكنى ئېلىپ چىقىپ تاقاپ قويدى. ھەرھالدا پېشانەمدىكى يارا چاچنىڭ ئاستىدا ئانچە بەكمۇ چېنىپ كەتمەيتتى.

ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مېنى نېمە سەۋەبتىن ئىزدىگەنلىكى مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ. مەندىن مىننەتدار بولامدۇ. ياكى باشقا ئىشلار بارمۇ؟

ئىككىمىز ماشىنا بىلەن شىركەتكە يېتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا. مەردان لىدىر يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، بىزگە ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ كۈتۈشكە توغرا كەلدى.

ئەسلىدە مەنمۇ يىغىنىغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى. لىكىن بۇ تۇرقۇم بىلەن ئۇيەرگە كىرسەم تازا ياخشى بولمايتتى.

-سىزدىن سوراپ باقاي، زىيا. سىز بۇ ئىشلارنى زادى قانداق قىلدىڭىز؟ مىنىڭ بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟ پەقەت تاياق يەپلا بەرمىگەنسىز؟ -دېدى. ئىنتىزار سۇئال نەزىرى بىلەن.

-بولدى. خوتۇن سورىمىسىڭىزچۇ. مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق مەخپىيەتلىكىم بار. كېيىن ۋاقتى كەلگەندە مەن سىزگە دەپ بېرەي. ئىشقىلىپ ۋەدىڭىزدىن يېنىۋالدىڭىز! -دېدىم مەن گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ.

-مەن سىزگە دەپ قوياي! مېنى خوتۇن دەپ چاقىرغۇچى بولماڭ. مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز ئەمەس. يەنە شۇنداق چاقىرىدىغان بولسىڭىز. مەندىن يامانلىماڭ! -دېدى ئۇ ماڭا ئالىيىپ قاراپ.

-قانداقسىگە مېنىڭ خوتۇنۇم بولمايدىكەنسىز. ئەگەر مېنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنلىكىڭزنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز. سىرتقا چىقىپ «ئۇ مېنىڭ ئېرىم ئەمەس» دەپ ۋارقىرىيالامسىز؟ سىزگە دەپ قوياي خۇتۇن. مەن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى دەپ تاس قالدىم جېنىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق رەھمەت ئېيتامسىز؟ -دېدىم مەن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئادەمدەك.

-مۇشۇنداق رەھمەت. ئېيتماي. قانداق رەھمەت ئېيتسام بولاتتى. «ۋاي غوجام. چىرايلىق يىگىت سىز بىزنىڭ شاپائەتچىمىز، بىز سىزگە مەڭگۈ قەرزدار. مېنىڭ تېنىم بىلەن قوشۇلۇپ بارلىقىم سىزنىڭ بولسۇن» دىسەم خۇش بولامتىڭىز؟ مىنىڭ بۇنداق دىيىشىم مۇمكىن ئەمەس زىيا سىز ئەكسىچە مىنىڭ چىشىمغا تىگىپ. دىمەڭ دېگەن گەپنى نەچچە قېتىم دەۋاتىسىز. ئىككىمىزنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىمىز ئۆزىڭىزگە ئايان. ئەمدى يەنە خوتۇن دەپ چاقىردىغان بولسىڭىز ئېغىزىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويىمەن، - دېدى ئۇ كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ.

-مەن بۇنداق دىيىشىڭىزنىمۇ ياقتۇرمايمەن. مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي. رېئاللىققا بويسۇنۇڭ !سىز ھامىنى بىر ئەركىشىنىڭ يەلكىسىگە بېشىڭىزنى قويۇشقا موھتاج بولىسىز. ۋاقتى كەلگەندە شۇ ئەر كىشىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى بەكمۇ خالايمەن. گەرچە بىز يالغاندىن توي قىلغان بولساقمۇ ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنى ھەقىقىي توي قىلدى دەپ بىلىدۇ. مەسىلەن، ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق دەيلى، بۇ چاغدا سىز بىر ئەرگە تېگىپ چىققان دېگەندەك ئاتاققا قالىسىز. بىز ئەرلەرگە ھېچنېمە بولمايدۇ. تېخى بەزىلەر بار ئۈزىنىڭ كۈپ خۇتۇن ئالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغان. ئەركىشى دىگەندە مەسئۇليەت بۇلۇشى كىرەك؟ شۇنداقلا ئايال كىشىمۇ بۇ مەسىلىگە سەل قارىسا بۇلمايدۇ، مەن سىز كۈتكەن شۇ بەخىتنى بىرەلەيمەن ئىنتىزار!-دىدىم مەن سەمىمىيلىك بىلەن، ئۇ خۇددى چىرايىمدىن بىرەر ئىۋەن ئىزدىمەكچى بۇلغاندەك بىردەم چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ ئاۋازىنى بۇلىشىغا قۇيۇپ بىرىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى،

-ھا، ھا، ھا !ئۈزىڭىزگە شۇنچىلا بەك ئىشىنەمسىز! ئۈزىڭىزنى ماڭا ماس كىلىمەن دەپ ئۇيلاۋاتامسىز؟ بۇلدى زىبا قارىغاندا مۇھەببەت كىنۇلىرىنى بەك كۈرۈپ كىتىپسىز!…

-ھۇي بەكلا خۇشالغۇ سىلەر! خۇشاللىقىڭلارغا كۈز تەگمىسۇن باللىرىم! -ئىنتىزارنىڭ گىپى ئاخىرلاشمايلا شۇنداق دىگىنىچە ئىشخانىغا مەردان لىدىر كىرىپ كەلدى.

مەن ئۇنى كۈرۈپلا ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ قۇل تەڭلىدىم،

-ئۇلتۇرۇڭ ئۇلتۇرۇڭ ئۇغلۇم!-دىدى ئۇ مەن بىلەن ئىككى قۇللاپ كۈرۈشكەندىن كىيىن، ۋە چىرايىمغا قاراپ جىددىيلەشكەن ھالدا سۇرىدى.

-بۇ، بۇ سىزگە بىر ئىش بۇلمىغاندۇ؟

-يا، ياق لىدىر،. ۋاي ياق !دادا. ماڭا ھېچ ئىش بۇلمىدى، -دىدىم ئۇڭايسىزلىنىپ،

-بۇلدى خىجىل بۇلماڭ! ئۇغۇل بالا دىگەن ئانچە -مۇنچە جىدەل-ماجىرا سۇرۇنلىرىغا كىرىپ قالمايمەن دىگىلى بۇلمايدۇ، سىزنىڭ شىركەت ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم، مەن ھەرقانچە قىلپمۇ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپپالمىىغان ئىشنى سىز چاققانلا بىرتەرەپ قىلىپسىز! ھەي!!! نىمىلا دىىگەن بىلەن ھازىرقى ياشلارنى سەل چاغلىغىلى بۇلمىغىدەك، مەنمۇ سىزنى سەل چاغلاپ بۇنچىلىك مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇقماپتمەن. ئەسلى سىلەرنى تۇيدىن كىيىن شىرىنئاي ئۈتكۈزۈپ كىلەرمىكىن دىسەم ئۈزئارا كىلىشىپ بۇ ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپسىلەر شۇنداقلا سىز شىركەتكە ئىشقا چۈشمەكچى بۇپسىز، مەنمۇ سىزگە ئېھتىياجلىق بۇلۇپ تۇراتتىم، يىقىندا بىر شىركەتنىڭ يۇقۇرى سۇممۇلۇق قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ راسخۇتىنى ھېساپلاپ ئۇلارنىڭ تەستىقلىشىغا ئىرىشكەن شىركەت بۇ قۇرۇلۇشنى ۋاكالىتەن پۈتتۈرۈپ بىرشىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭلاشقا بىزمۇ ئاشۇ تاللاشقا قاتناشماقچى، شىركىتىمىزنىڭ مالىيەگە مەسئۇل خادىمى بۇنى ھېساپلاپ تەييار قىلىپ قۇيدى. يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن يىغىن ئېچىلىپ ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ھېساپلاپ چىققان نەتىنجىسىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھىساباتىغا توغرا كەلگەن. شىركەت بىلەن ھەمكارلاشماقچى قىلماقچى بولغان بۇ قۇرۇلۇش شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ تۈرنى بىز ئېلىۋالساق خېلى جىق پايدا تاپقاندىن سىرت شىركىتىمىزنىڭ نامىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمىمىز بىلەن ئىككىڭلار ئۇ يىغىنغا قاتنىشىسىلەر. بۇ ئىش بىزنىڭ شىركەت ئۈچۈن بەك مۇھىم. ھېچقانداق ئۇچۇرنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. -ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ سىرتتىكى تۇرسۇنئايغا سۇبات ئىسىملىك بىرسىنى چاقىرىشنى ئېيتتى. ئۇ تىلىفۇننى قۇيۇپ بولمايلا ئىشىك چېكىلىپ لىدىرنىڭ «كىرىڭ.» دەپ رۇخسەت بېرىشى بىلەن ئىشخانىغا مەن تەڭ دېمەتلىك بۇغداي ئۆڭ، ئېگىز بوي كۆزئەينەك تاقىۋالغان. ئۇرۇق. كۈل رەڭ كاستۇم -بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر يىگىت قورۇنۇپقىنا كىرىپ كەلدى. ۋە بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن يان تەرىپىمىزدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.

-سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي! بۇياقنىڭ ئىسمى سۇبات شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل. بۇ بالا بەك مەسئۇلىيەتچان ئۇ ئەتىگىنى ئىشقا كەلگەن پېتى تاكى ئىشتىن چۈشكەنگە قەدەر ئىشخانىسىدىن ئايرىلمايدۇ- مەردان لىدىر شۇنداق دەپ تونۇشتۇرۇپ. دىققىتىنى ماڭا ئاغدۇردى.

-سۇبات ئىنىم. بۇ يىگىتنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن. بەلكىم ئىككىڭلار بىر شىركەتتە بولغان بىلەن دېگەندەك تونۇشۇپ پاراڭلىشىپ كەتمەيسىلەر. بۇ يىگىت مېنىڭ كۈيئوغلۇم بولىدۇ. بۇ قېتىم ئىككىڭلارنى باھا سېلىشتۇرۇش يىغىنىغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا قۇلىڭىزدىكى ماتېرىيالنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولسىڭىز. كۈيئوغلۇم زىيا بىلەن قايتا باشتىن كۈرۈپ چىقىڭلار! بۇ توغرۇلۇق باشقا پىكىرىڭىز بولمىسا چىقىپ ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ!-دېدى مەردان سۇباتقا قاراپ قويۇپ.

- بولىدۇ لىدىر ماتېرىيال ئاساسەن پۈتۈپ بولدى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەتكۈزۈپ بېرەي!-ئۇ مەردان لىدىرغا ئەدەپ بىلەن شۇنداق دىگەندىن كىيىن. ماڭا قاراپ قولىنى تەڭلەپ كۈلۈمسىرىگىنىچە.

-سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن. ئەمىسە سەل تۇرۇپ ئىشخانىدا كۆرىشەيلى!-دېگىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئىچىمدە بولۇۋاتقان ئىشلارغا ھەيران قالدىم. مەن ئويلىغان ئىشنىڭ بۇنچىۋالا ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، قاراپ تۇرۇپ «ئوغرىنى مالغا قارىغىلى.» قويغانلىق بولدىغۇ بۇ، سانىيە بىلەن دېيىشكەن «يۈز مىڭ يۈەن» قولۇمغا كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئويلاپ ھاياجانلاندىم.

مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقىپ سۇباتنىڭ يېنىغا كىردىم، ۋە ئۇ ھېساپلاپ چىققان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىسىمدە تۇتىۋالدىم، بۇ ئىش مۇشۇنداقلا ئاسان تۇختىدى، مەردان لىدىر بۇ قېتىمىقى باھا سېلىشتۇرۇش يىغىنىدىن كىيىن مىنى تارماق شىركەتكە مەسئۇل قىلىپ قۇيدىغان بۇلدى،

مەن شىركەتتىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ ئىنتىزارنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن. تۇرسۇنئاي ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىردەم ئەسرالاشقاندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ سانىيەگە تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدۈم. ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينى پۈتۈشكەندىن كېيىن شۇ يەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. بۇ قېتىم كۆرۈشىدىغان جايىمىز قانداقتۇر باغچا ياكى ئارامگاھ بولماستىن مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ ياتىقى ئىدى. مەن ئۇ دەپ بەرگەن. ئادىرىس بويىچە بىردەمدىلا مېھمانخانىغا يېتىپ كېلىپ ئاتايىتەن ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشۈشى ئۈچۈن زاكاز قىلغان ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئىچىدىن سانىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ھايال بولمايلا ئېچىلىپ ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.

-كەلدىڭىزمۇ يېزنە؟ قېنى ئاۋۋال ياتاققا كىرىشتىن بۇرۇن كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ! سىزگە كۆرسىتىدىغان بىر خۇشاللىق بار! -دېدى ئۇ شوخلۇق بىلەن تىلىنى چىقىرىپ.

-چاقچاق قىلماڭ. سانىيە، ماڭا نېمە كۆرسەتمەكچىتىڭىز؟ -دېدىم ئۇنىڭ نېمە كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىغا قىزىقىپ.

-ئاۋۋال كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ! مەن ئىچىڭ دېگەندە ئاچىسىز. شۇ ۋاقىتتا كۆرسىڭىز بولدى.

مەن ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتاققا كىردىم. ئۇنىڭ ئەمدى «كۆزىڭىزنى ئېچىڭ» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن كۆزۈمنى ئاچتىميۇ چۈچۈپ «بۇ نېمە ئىش» دېگەن مەنىدە سانىيەگە قارىدىم.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章