كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
-ھازىر بولمايدۇ يېزنە !مەن ئاغرىپ قاپتىمەن بۇنداق ۋاقىتتا ئىككىمىز بۇنداق ئىش قىلساق بولمايدۇ. ئالدىراپ كەتمەڭ. ۋاقىت ئۇزۇن سىز ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆز رازىلىقىم بىلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىمەن، -دىدى ئۇ بوينۇمغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەن ئاغرىپ قاپتىمەن دىگەن گىپىنى ئاڭلاپلا ئوتتەك قىزغىنلىقىم نەلەرگىدۇ غايىب بولۇپ ئۇنىڭ كىيىملرىنى سالدۇرماقچى بولۇپ بارغان قوللۇرۇم جايىدىلا توختاپ قالدى.
-ئەمەلىيەتتە سىلەر ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشكەنسىلە. ئاغزىڭلاردا ۋاپادارلىقنى. ساداقەتنى چۈشۈرمەيدىكەنسىلەر !قارىغاندا سىز توغرۇلۇق بولغان گەپلەر يالغان ئوخشايدۇ. قانداق قىلىدىكىن دەپ سۈركۈشۈپ قويسام. سۈيىڭىزنى ئېقىتىپ ھالىڭىز قالمىدى. بولدى بۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە قالسۇن. مەنمۇ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سېلىپ يۈرمەي. مەن تاپشۇرغان ئىشلارنى ۋاقتىدا بېجىرسىڭىز نىلۇپەر بىلەن ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشنى مەن ئۆزەم جايىدا ھەل قىلىمەن. يەنە بىر گەپ ئەمدى خالقتىن يىراق تۇرۇڭ. بۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈن. شۇنداقلا مەن ئۈچۈنمۇ ياخشى، سەل تۇرۇپ مەن سىزنىڭ ھىساباتىڭىزغا «ئەللىك مىڭ يۈەن» ئۇرۇۋېتىمەن. ئىشلاردىن چاتاق چىقمىسۇن. ئەگەردە چاتاق چىقىپ قالسا بارلىق مەسئۇليەتكە ئۈزىڭىز ئىگە بۇلىسىز !-سانىيە شۇنداق دېگىنىچە خۇددى قۇيرۇقى يوغان ساغلىق قويدەك ساغرىسىنى تولغاپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. سانىيەنىڭ گەپلىرى بىلەن باياتىنقى ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتىم نەلەرگىدۇر غايىب بولغان بولۇپ، ھازىر پۈتۈن خىيالىم نېلۇپەردە ئىدى. گەرچە باياتىن ئۇنىڭغا ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ. قاراپ تۇرۇپ بىر بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتقىنىمغا ئېچىنىۋاتاتتىم،
ئەگەر بۇ ئىشلار نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولسا ئىدى. ئىككىلىنىپ تۇرماستىنلا ئۇنىڭ قانداق قىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەسئۇل بولغان بولاتتىم،
لېكىن ھازىرقى ۋاقىت ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ -دە.
مەن گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ياتاقتىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇرنى كۆرۈپلا كۆزلىرىم ئويناپ كۆڭلۈمدىكى ئەندىشىلىك خىياللار نەلەرگىدۇر غايىب بولدى. چۈنكى سانىيە گېپىدە تۇرۇپ «ئەللىك مىڭ يۈەن» پۇلنى ئۈندىدارىمغا ئېتىپ بەرگەن ئىدى.
ئەمدى بىر ئاماللارنى قىلىپ سۇبات ھېساپلاپ چىقارغان ھىساباتنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن سۇباتنىڭ كومپىيۇتېرغا كىرمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئىنتىزارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ شىركەتتكە يىتىپ باردىم، بۇمۇ ئىنتىزارنىڭ ماڭا بەرگەن تەكلىپى ئىدى. چۈنكى مەن دىرىكتۇرنىڭ كۈيئوغلى بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىمغا بىر ماشىنام بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىزارنىڭ ماشىنىسىنى بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئىشقا بېرىپ كېلىدىغانغا ئىشلىتىپ تۇرىدىغان بولدۇم.
مىنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگىنىمنى كۆرگەن خىزمەتداشلارنىڭ بەزىلىرى ھەۋەس بىلەن قارىسا يەنە بەزىلىرى ھەسەت قىلىشىپ بىر- بىرسىگە مىنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلىشىپ بىرنېمىلەرنى دېيىشپ غەيۋەتنى باشلىۋەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېيىشى بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم دەيسىلەر. چۈنكى بىزلەر ئەزەلدىن شۇنداق كېلىمىز. باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ كىتىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
-قارشى ئالىمىز زىيا !مەردان لىدىرسىزنى كەلسە مەن بىلەن كۆرۈشسۇن دىگەن ئىدى. -دېدى تۇرسۇنئاي تەبەسسۇم بىلەن. بۈگۈن ئۇ قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ ئۇنى بىلمىگەن ئادەم ھەرگىزمۇ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان دەپ ئويلىمايتتى.
-رەھمەت تۇرسۇنئاي خانىم. ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرەلمىدىم. بىر كۈن چوقۇم كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالىمەن! -دېدىم ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارىلىۋاتقان خۇش پۇراقتىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ.
-ئېيتىڭە زىيا مېنىڭ كۆڭلۈم قانداق ئالماقچى؟
-بۇ مەخپىي ۋاقتى كەلگەندە بىلىپ قالىسىز! ھە، راسىت سىزگە بىر لايىق تېپىپ قويدۇم جۇمۇ؟ -دېدىم ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ.
-ۋۇي…مۇنداق دەڭ سىز نېمانداق ياخشى ئېيتىڭە ئۇ قايسى تەلەيلىك يىگىت ئىكەن! -دېدى ئۇ بىر قولى بىلەن ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگىنىچە.
-سىزگە دېدىمغۇ ھازىرچە مەخپىي. ۋاقتى كەلگەندە بىلىسىز!- مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم چاقچاقلىشىپ كەيپىياتىمنى تەڭشىگەندىن كېيىن لېدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدىم، مەردان لىدىر كومپىيوتىرغا قاراپ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا خىيالغا چۆككەن بولۇپ. مەن كىرىشم بىلەنلا دەرھال چىرايىدىكى مەيۈسلۈك ئىپادىسنىڭ ئورنىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ مېنى قارشى ئېلىپ. -كېلىڭە ئوغلۇم. بۇياققا ئۆتۈڭ !-دىگىنىچە ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا باشلىدى.
-دادا سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ -دېدىم مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى نورمالسىزلىقنى سىزىپ،
-ھەي نىمىسىنى دەيسىز ئوغلۇم! بۇ قېتىمقى قىلماقچى بولغان ئىشىمىزدا رىقابەت بەكلا كەسكىن! بىزدىن باشقا چوڭ كىچىك بولۇپ ئون نەچچە شىركەت بۇ ئىشقا كۆز تىكىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىزدىن ئازراقلا سەۋەنلىك كۆرۈلسە پۈتۈن پىلانىمىز يوققا چىقىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش بىزنىڭ شىركىتىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇڭلاشقا كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى بېجىرىشتە سىزنى مۇۋاپىق نامزات قىلىپ تاللىدىم. ھازىر يىغىنغا يەنە ئىككى كۈن قالدى. سۇبات بىلەن ئىككىڭلار بۈگۈن ئەتە ئىككى كۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈڭلار!-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتى تەپسىلىي يېزىلغان بىر ھۆججەتنى مېنىڭ ئالدىمغا قويۇپ كۈرۈپ چىقىشىمنى تاپىلىدى.
مەن ئۇ تەمىنلىگەن ماتىريالنى ئېلىپ خوشلىشىپ چىققاندىن كېيىن سۇباتنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدىم. بۇ سۇبات ئىشلەۋاتقان ئىشخانا خېلى چوڭ بولۇپ. نەچچە ۋاقىتتىن ئۇ بۇ ئىشخانىدا يالغۇز خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى. مېنىڭ كېلىشىمدىن خەۋىرى بولغاچقا بۇ ئىشخانا ئىچىگە يەنەبىر خىزمەت ئۈستىلى قۇيۇلغان بولۇپ مىنىڭ خىزمەت قىلىشىمغا ھازىرلانغان ئىدى.
-قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ -دېدىم مەن ئىشىكتىن كىرىپلا كومپىيۇتېردىن بېشىنى كۆتۈرمەستىن بىرنەرسىلەرنى قىلىۋاتقان سۇباتقا قول تەڭلىگەچ.
- ياخشى ياخشى خۇش كەپسىز. !-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەچ يېڭىدىن ھازىرلانغان خىزمەت ئۈستىلىنى كۆرسىتىپ ئۇنى مەن ئۈچۈن تەييارلىغانلىقىنى مىنىڭ ئۆزى بىلەن خىزمەتداش بولغانلىقىدىن خۇش بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىر تالاي ياغلىما گەپلەرنى قىلىۋەتتى، چۇنكى مەن ھازىر لىدىرنىڭ كۈيئۇغلى بۇلغاچقا ئۇنىڭ ماڭا يىقىنچىلىق قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.
-ئىشلار نەدىن -نەگىچە بۇلىۋاتىدۇ؟ -سۇرىدىم مەن كۇمپىيۇتىرىمنى ئاچقاچ.
-نەچچە قېتىم ھېساپلاپ چىقتىم ئاساسەن پۈتۈپ قالدى، مەن مەخسۇس مۇشۇ كەسىپتە ئۇقۇغان غەلبە قازنىشىمىزدا ئىشەنچىم بار، قېنى ئاۋال سىز كۈرۈپ بېقىڭ !-دىدى ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھېساپلاپ چىققان سانلارنى ماڭا كۈرسۈتۈپ،
گەرچە مىنىڭ كۇمپىيۇتىر تېخنىكام ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بۇلسىمۇ لىكىن ئۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى پەقەتلا چۈشەنمەيتىم، ئۇ كۈرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ چۈچۈپ كەتتىم. كۈزئالدىمدا ئۇننەچچە خانىلىق سان قاتارتىزىلىپ تۇراتتى. شۇندىلا سانىيە ئارقىلىق ماڭا بۇ ئىشنى تاپشۇرغان شىركەتنىڭ نېمىشقا بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ. بۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلىپ يەتتىم، ۋەتۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى. ئەگەر ئاشۇ سانلارغا چاندۇرماي يەنە بىر سان قوشۇۋەتسەم پىلانىم مۇكەممەل بولغان بولاتتى. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن سۇباتنىڭ كومپىيوتېر سېستىمىسىغا كىرىپ چاندۇرماستىن سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىۋىتىپ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. گەرچە بۇ ئىش مېنىڭ ۋىجدانىمغا خىلاپ بولسىمۇ شۇنداق قىلماي ئامال يوق !چۈنكى بۇنىڭ بەدىلىگە ئالىدىغان پۇلۇم ئاز بولمىسا، ئىنتىزار بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى مەيلى باشقا چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن. ماڭىمۇ ئىقتىساد لازىمدە، ھەرقانچە بولسىمۇ ئايال كىشىگە بېقىنىپ ياشاش ياخشى ئىش ئەمەس!
-سىزنىڭچە مۇشۇ ھىساباتىڭىز مۇكەممەل بولغانمىدۇ؟ سىز ھېساپلاپ چىققاننى باشقا شىركەتتىكىلەر ھىساپلاپ چىقالماسمۇ؟ -سورىدىم مەن ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنە بىر قېتىم سىناپ باقماقچى بولۇپ.
-بۇنىڭغا مۇكەممەل دەپ ئىشەنچ قىلالمايمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ھەر ھالدا ئۇ تۈرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىشەنچىم بار. بۇ بىر قېتىملا ئەمەس بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇنداق بىر ئىشتا مىنىڭ ھىساباتىم ئۇلارنىڭكىدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمىگەن. بۈگۈن بىلەن قوشۇپ يەنە ئىككى كۈن ۋاقىت بار. ئەگەر سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە باشقا شىركەتتىكىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ھېسابلاپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئىشقا سەل قارىشى ئېنىق!-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قۇرۇلۇشنىڭ چېرتيوژنى ئېچىپ كۆرسەتكەچ گىپىنى داۋاملاشتۇردى.
-مانا بۇ يەرگە قاراڭ! ئەمەلىيەتتە بۇ چېرتيوژنى سىزىپ چىققان ئادەم. بەزى يەرلەردىن كەتكۈزۈپ قويغان. مەن بۇنىڭغا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ قويدۇم. مەن قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغان يەرگە بېرىپ يەر شارائىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىقتىم. مەن ئۇلار پىلانلاپ چىققان يەر ئاستىدىكى بىر قەۋەت قۇرۇلۇشنى ئىككى قەۋەت قىلىپ بىنانىڭ ئېگىزلىكىنى بىر قەۋەت كەم سېلىش تەكلىپىنى بەرمەكچى. ئۇ يەرنىڭ شارائىتىگە قارىغاندا ئەتراپىدىكى بىرنەچچە بىنالارغا دەز كېتىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. ئەگەر بىز ئۇلارغا ئوخشاش يەر ئاستىنى بىر قەۋەت قىلىمىز دىسەك. تازا پۇختا بولمايدۇ.
شۇڭا يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، مەزمۇت قىلش كىرەك؟ باشقا شىركەتتىكىلەر بۇ ئىشنى ئويلاپ بولالمايدۇ. ئۇلار پەقەت مۇشۇ تۈرنى قولىغا ئېلىۋالسىلا ئوڭدىن كېلىدىغان پايدا مەنپەئەتنى ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى يىغىندا مەن بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ تۈرنى قولغا كەلتۈرمەكچى!-دېدى ئۇ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ.
گەرچە مېنىڭ قۇرۇلۇشتىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى قايىل قىلغان ئىدى.
-ئەگەر قۇرۇلۇش قىلماقچى بولغان شىركەت سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىزگە قوشۇلماي قالسىچۇ؟ -سورىدىم مەن ئۇنىڭ پىلانىنى ئېنىقراق بىلىپ باقماقچى بولۇپ.
-ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشىغا ئىشەنچىم بار. بۇ پىلانىم ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشى. چۈنكى يەر ئاستى ئىككى قەۋەت بولغاندا بىنانىڭ سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ھىساباتىم ئۇلارنىڭ ھىساۋاتىم بىلەن بولغان ئېگىز پەسلىكى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قۇرۇلۇشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىشەنچىم بار. -دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن.
قارىغاندا ئۇ ئۆزىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى.
-ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىز جۇمۇ! ئەمىسە بۇ ئىشلاردىن ئارتۇق غەم قىلمىسام بولغىدەك. سىزدەك ئىختىساسلىق خىزمەتدىشىم تۇرغان يەردە مېنىڭ كاللا قاتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوقكەن، - دىدىم ئۇنى قۇۋۋەتلەپ. لېكىن خىيالىمدا بولسا قانداق قىلىپ ھىساباتنى ئۇنىڭغا چاندۇرماي ئۆزگەرتىش ئىدى،
-سىزمۇ كەمتەرلىك قىلماڭ! سىزنىڭمۇ ئوقۇش تارىخىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. مەكتەپتە ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپتىكەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتتە بىر يىل ئىشلەش جەريانىدا خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز. مانا ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن لىدىرغا كۈيئوغۇل بولدىڭىز شىركەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ. مەسىلەن، ئېلىپ ئېيتساق مەنمۇشۇلارنىڭ بىرسى. سىزدەك تالانت ئىگىسى بىلەن خىزمەتداش بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، -دېدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن. ئۇنىڭ ماڭا ياخشىچاق بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ماڭا يەنە سانىيەدىن تېلىفۇن كەلدى. ئۇ ئىشلارنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرۇلۇق سوراپ تېلېفون قىلغان ئىدى. مەن خالىي يەرگە چىقىپ تېخى باياتىن سۇباتنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردىم،
-ئۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى سىز دەرھال ئاشۇ ئۆزگەرتىلگەن چېرتيوژ بىلەن ھېسابلاپ چىققان باھا ئۆلچىمىنى قولغا چۈشۈرۈڭ، مەن بىزگە بۇ ئىشنى ھاۋالە قىلغان شىركەت بىلەن كۆرۈشۈپ سىزگە بېرىلىدىغان ھەقنى يەنە ئازراق ئۆستۈرەي. بەرىبىر ئۇ پۇللارنى مەن بەرمىگەندىكىن. بۇ ئىشتا چاققان بولارسىز بۈگۈننى قوشقاندا يەنە ئىككى كۈن قاپتۇ، -دېدى ئۇ مېنى ئالدىرىتىپ.
-خاتىرجەم بولۇڭ! مەن قىلغان ئىشتىن چاتاق چىقمايدۇ. ئەتە كەچتە سىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىمەن، -دېدىم ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا. چۈنكى دېگەن كۈندۈزى قانداق قىلىش توغرۇلۇق پىلان سوقۇپ بولغان ئىدىم، ئەسلىدە بۈگۈن كەچتىلا قول سېلىشىم كېرەك ئىدى. لىكىن ئالدىراپ قول سېلىپ قويغان بىلەن ئەتە ئاشكارىلىنىپ قالسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى. چۈنكى ئىشخانىدا ئىككىمىزلا بولغاچقا مەن گۇمان ئوبيېكتى بولۇپ قالاتتىم.
-بولىدۇ، سىزگە ئىشىنىمەن، نېلۇپەر بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى مەن ھەل قىلىۋەتتىم. بۇگۇن ئۇ بالىنى ئالدۇرۇۋەتتى، ئەمدى غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.
چۈنكى قاراپ تۇرۇپ بىر جانغا زامىن بولغان ئىدىم، لېكىن ئىشلار مەن كۆرگەندەك مەن ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى ھەرگىز خىيال قىلمىغان ئىدىم. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سانىيەنىڭ بىر قوللۇق پىلانلاپ مېنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ ئىنتىزارنى ۋە دادىسىنىڭ شىركىتىنى يار لېۋىگە قىستاپ قويماقچى بولغانلىقىنى مەن قانداقمۇ بىلىپ يىتەي!
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئىشىكتىن كىرىشىمگە بۇرنۇمغا مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. ئىنتىزار. ئاشخانىدا بىرنېمىلەرنى قىلىپ يۈرەتتى.
«ۋاھ. . . ئەتە كۈن قاياقتىن چىقار؟ » دەپ ئويلىدىم. مەن بېشىغا ياغلىق چىگىپ ئالدىغا پەشتاما تارتىپ سەي قورىۋاتقان ئىنتىزارنى كۆرۈپ چۇنكى ئىككىمىز بىر ئۆيدە تۇرغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ تاماق ئىتىشى تۇنجى قېتىملىق ئىدى.
-كەلدىڭىزما؟ تېز كىيىملىرىڭنى يۆتكەپ چىقىڭ !تاماق تەييار بولدى، - دېدى ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى سەزگەن چېغى بار كەينىگىمۇ قاراپمۇ قويماستىن،
-ئۇخخۇ. . . خوتۇن مەن چۇش كۆرمەيۋاتقاندىمەن، - دېدىم مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قۇچاقلىۋالغۇم كېلىپ، ئەگەر ئۇ راستتىنلا ماڭا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ مېنىڭ ئايالىم بولۇپ قالغان بولسا بۇنداق ۋاقىتتا كەينىدىن كېلىپ قۇچاقلىۋالغان بولاتتىم،
-ئۆتەپ بىرىڭە كىم سىزنىڭ خوتۇنۇڭىزكەن يەنە شۇنداق دەيدىغان بولسىڭىز. مەندىن يامانلىماڭ! تاماق ئىتىپ قويسام باشقىچە ئويلاپ قالماڭ. بۇ پەقەت بىر نەچچە كۈنلۈك. بۈگۈن دادام ماڭا تېلىفون قىپتۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ھېلىقى تارماق شىركەتنى مىنىڭ باشقۇرۇشۇمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ. شىركەتنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئالدىراشچىلىقتا ئۆيدە تاماق ئەتكۈدەك ۋاقىت چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭىمۇ تاماق ئىتىپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتۇ، ئۆزەمچە تاماق ئەتكۈم كېلىپ قالدى. ئەمدى يەنە ھەددىڭىزدىن ئېشىپ مېنى خوتۇن دەپ چاقىردىغان بولسىڭىز، «مىنى ئاگاھلاندۇرمىدى» دەپ مەندىن رەنجىمەڭ!-دېدى ئۇ قولىدىكى چۈمۈشنى ماڭا دىۋەيلەپ.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسىما بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا مەردان لىدىر بۇ تارماق شىركەتنى مىنىڭ باشقۇرۇشۇمغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئىدى، لىكىن قانداقسىگە ئەمدى ئىنتىزارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندۇ. «ۋاي قانداق قىلسا قىلمامدۇ؟ ماڭا بىر ئۆمۈر ئەسقاتامتى، قاراپ تۇرسۇن مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ كۆرسىتىپ قويمىسام »مەن شۇلارنى خىيال قىلغىنىمچە كىيىم ئالماشتۇرغىلى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم، بىر ھېسابتا بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ئىدى. بەلكى مەردان لىدىرمۇ ئىككىمىزنى بىرگە ئىشلىسۇن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. گەرچە مەن ئىنتىزارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىسەممۇ كۈندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ دىگەندەك ئۇنى ئۆزۈمگە مايىل قىلىشقا قولايلىق ئىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇