يولدىن چىققان ئايال 🧡 23-قىسىم (ئەپچىدە 40-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-06 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

گۈلزىرە بەشىنچى ماھىرنى چاقىرغاندا تازىلىق ئۆيىگە بارغان.

ئۇ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە گىرىمىنى يۇيۇۋەتتى، ئۇ قايتىدىن گىرىم قىلماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ قالدى.

ئالتىنچى نومۇر مەيدانغا چۈشىتى، سەككىزىنچى نومۇر تەييارلىق!

ئۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدى، بىراق، يەنىلا دەرھال نىقابىنى تاقاپ، تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ، ئارقا سەھنىگە قاراپ ماڭدى.

-نېمە ئىش بولدى؟مەن سەككىزىنچى نومۇر!

-7 - نۇمۇرنىڭ تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قوزغىلىپ مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى، سىزنىڭ بىر رىقابەتچىڭىز كەم بولدى - دە! بىراق، سىز ئەسلىدىنلا ياخشى ئېيتتىڭىز، مەن سىزنى قوللايمەن. تېز بېرىڭ، 6 - نۇمۇر چۈشىدىكەن،-دېدى خىزمەتچى.

گۈلزىرە ھوشىنى يىغىپ: ئىشقىلىپ نىقاب تاقىۋالدىم، بىرەر ئىش بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، رىياسەتچى «تۆۋەندە سىرلىق سەككىزىنچى نومۇرلۇق ماھىر نىلۇفەر خانقىزنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز» دېگەندە، ئاندىن تەمكىنلىك بىلەن سەھنىگە چىقتى.

ئۇ بىر بۇرۇلۇپلا،جالالنىڭ كۆزىگە تىكىلدى.

ئۇ ئۇنىڭغا قارىدى، تېگىدە قانداقتۇر مۇرەككەپ كەيپىيات مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.

گۈلزىرە تېز سۈرئەتتە كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، يەنە قەيسەرگە قارىدى.

 بۈگۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنىرە كەلگەچكە، ئۇ مۇسابىقىگە مەدەت بەرگىلى كەلدى.

ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت غەلىبە قىلغىنى شەمىسيە بولمىسىلا، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش.

گۈلزىرە كۆپچىلىككە تەزىم قىلىپ، بارلىق خىياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ، مېلودىيە ياڭرىغاندا، ئاندىن بارلىق ھېسسىياتنى قوزغىدى.

-ئىلگىرى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇھەببەتكە ئىشەنمەيتتىم. ھېكايە شەھەر رىۋايەتلىرىگە ئوخشايتتى ......

سەھنە ئاستىدا، قەيسەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چوڭقۇرلاپ كەتتى، بۇ ئايالنىڭ ناخشا ئېيتقان ئاۋازى ھەقىقەتەن يېقىملىق ئىكەن.

ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان جالال بولسا پۈتۈنلەي تۈپتۈز ئولتۇردى.

ئۇ يەنە بىر قېتىم سەھنە ئاستىدا ئولتۇرۇپ، گۈلزىرەنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدى.

ئىلگىرىكى گۈلزىرەگە سېلىشتۇرغاندا، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆزگەرمىدى، لېكىن، ئۆتمۈشتە بولۇپ باقمىغان باشقىچە ھېسيات كۆپەيگەن ئىدى.

خۇددى سۈزۈك قاشتېشىغا ئوخشاش، دەريا نەچچە مىڭ يىل يالاپ، ئىزلار قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئۆزگىرىش بار ئىدى.

ئۇنىڭ روھىي ھالىتى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالدا ئۆركەشلەشكە باشلىدى، سەھنىدىكى ھېلىقى سەل كېلەڭسىز ئايالغا قاراپ، ئازابتىن ئۆلەي دەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

نېمە ئۈچۈن، يەتتە يىل ئىچىدىلا ئۇ بۇ ھالغا چۈشۈپ  قالدى، جالال ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: مەيلى قانداق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن، دېگۈسى كەلدى.

بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئىدى!

شۇ تاپتا، ۋەدە يەنىلا قەلبىدە ساقىلىنىپ كەلدى، لېكىن، ۋەدە قىلىنغان ئادەم، ئاللىقاچان ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتتى.

گۈلزىرە داۋاملىق ناخشا ئېيتىپ، بارا - بارا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

ئۇنىڭ ئالدىدا شۇ كۈنى ئەلدارنى مەكتەپكە ئالغىلى بارغان چاغدىكى، ئۈچەيلەن قول تۇتۇشقان مەنزىرە غۇۋا پەيدا بولدى.

شۇ دەقىقىدە، ئۇ تۇيۇقسىز كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش نىيىتىگە كەلدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىر ئادەتتىكى قىز، ئىلگىرى بىر كۈنى بىرىنىڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۈن چىقشىنى، ئاي توشۇشۇنى، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇ قەيسەر بولۇپ كەلگەن بىلەن،يارىلانمىدى دېگىلى بولمايتتى.

 ئۇ يارا ئېغىزىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، چېقىلمىدى، ئويلىمىدى.

چۈنكى ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئۆزى ۋە بالىسىنىڭ قۇياشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

-مەن بەك خالايمەن، كۆڭلۈمنى سىزگە تېز يەتكۈزۈپ بېرەي، مۇھەببەت سىرىنى نىيەتكە ئايلاندۇرۇڭ ......

لېكىن، خەتەر يېتىپ كەلگەندە، قەيسەر ئۇنى باغرىغا باسقاندا، ئۇمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلىدى، شۇنداقلا بۇ يۆلەنچۈكنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىدى، چۈنكى بۇ يىللاردا بەك ھېرىپ كەتكەچكە، كىچىك ۋاقتىدىكى غەم ـ ئەندىشىسىز ھالىتىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

-مەن بۇ مۇھەببەت تۇمانلىرى ئىچىگە قاپسىلىپ قالدىم، يوقاپ كەتكەن سىزنى سېغىندىم.

ئۇ داۋاملىق ناخشا ئېيتىپ، بىلىپ - بىلمەي يەنە قەيسەرگە قارىدى.

ئۇ بايىقى پەرۋاسىزلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

ناخشا ئاۋازى ئاستا - ئاستا توختاپ، مۇزىكا ئاخىرلاشتى، گۈلزىرە سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارغا تەزىم قىلىپ، مەيداندىن چىقىپ كەتتى.

ئۇ ئارقا سەھنىگە كەلدى، ئەسلىدە دەرھال تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ گىرىم تولۇقلىماقچى ئىدى، لېكىن، يەنە بىر ناخشىچى ئۇنى چاقىرىپ قالدى.

ھېلىقى ناخشىچى كوتۇلداپ توختىمىدى، گۈلزىرە كېتىدىغان چاغدا ئۇ ئۇنى تۇتۇۋالدى، ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ، ھە دەپ تەسەللى سورىدى.

گىرىم قىلىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى,9ـ نومۇرنىڭ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغان گۈلزىرەمۇ ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، پەقەت كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئەڭ ئاخىرقى ماھىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى كۈتتى..

گۈلزىرە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئاندىن شەمىسيەنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شەمسىيە بىلەن ياندىشىپ تۇرغۇسى يوق ئىدى، ئورۇن ئالماشتۇرماقچى ئىدى، لېكىن رىياسەتچى ئاللىقاچان ئېغىز ئېچىپ بولدى.

رىياسەتچى:

-كۆپچىلىك بايىقى توققۇز ناخشىچىنىڭ ئېسىل ناخىشىىسىنى ئاڭلىدىڭلار، ئەمدى تاللاش ھوقۇقىنى نەق مەيداندىكى ۋە تور سىرتىدىكى كۆرۈرمەن دوستلارغا تاپشۇرىمىز،- دېدى.

-نەق مەيداندىكى دوستلار ،ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىلارغا بېلەت تاشلاڭلار.

-توردىكى دوست، تېلېۋىزور ئالدىدىكى دوست، يان تېلېفوندا ھەرىكەتكە كېلىڭ!

رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈلزىرە قاتارلىقلار بۇرۇلۇپ كەينىدىكى چوڭ ئېكرانغا قارىدى، ئۈستىدە ھەر قايسى ناخشىچىلارنىڭ بىلەت سانى تېز سۈرەتتە  يۇقۇرغا ئۆرلەشكە باشلىدى.

شەمىسيە داڭلىق ناخشىچى بولۇشقا مۇناسىپ بۇلۇپ، بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن زور ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا ئۇنىڭ بېلەت سانى ئەڭ تېز ئۆرلىدى.

بىراق، گۈلزىرە بىلەن يېنىدىكى ھېلىقى ياش ئەر ناخشىچىمۇ ئوخشاشلا ئاجىز ئەمەس، بولۇپ، قانداقلا بولمىسۇن، ئەمەلىي كۈچى بار ئىدى، توردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى شەمىسيەنىڭ ناخشا مەستانىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.

شۇڭا، ئۈچ ئادەم تەڭ ئىلگىرىلەپ، رىقابەتلىشىپ قالدى.

پەقەت، شەمىسيە سەل ئۈستۈن ئىدى.

شەمىسيە بۇنداق رەت تەرتىپىنى كۆرۈپ، سەل تىت - تىت بولدى.

گەرچە ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدىكى نامى ئەڭ داڭلىق بولسىمۇ، لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ نومۇر قويۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەگەر باھالىغۇچىلار تەرەپتە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى چوڭ بولسا، ئاقىۋىتىنى بىر نېمە دېمەك تەس.

چۈنكى، ياندىكى ئىككى ئادەمنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر .

شۇڭا، بىردەمدىن كېيىن باھالىغۇچىلارنىڭ نومۇرىنى قوشقاندا، ئۇ مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنى يېنىدا نىقاپ تاقىۋالغان گۈلزىرەگە قاراپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى.

بۇ ئايال ئۇنىڭ چىمپىيونلۇققا ئېرىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى.

قانداق قىلسام بولىدۇ؟

ياكى نىقابقا ئامال قىلىپ باقايمۇ؟

بۇ ئايال ئانچە چىرايلىق ئەمەستەك قىلىدۇ، بەلكىم كىشىلەر ئارىسىغا تاشلاپ قويسىمۇ تونۇيالماسلىقى مۇمكىن.

شۇڭا، نىقاب تاقىشى، بىر تەرەپتىن سىرلىق قىياپەتكە كىرىۋېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنىڭ پەرق ئېتىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەلكىم .

ئەمما ھازىر، بۇ نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ئايالنىڭ نىقابى چۈشۈپ كەتسە، چىرايى ئادەتتىكىچە بولسا، چوقۇم بۇنى بىر خەۋەر قىلغىلى بولىدۇ.

بۇنداق بولغاندا، ياردەمچىم دەرھال توردا ئادەم سېتىۋېلىپ  بۇ ئايالنىڭ قەستەن سىرلىق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، نىقاب بىلەن نام چىقارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئىشقىلىپ توردىكى مەستانىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان مەستانىلەر، سېتۋالغان ئادەملەرنى ئۇلار قانداق بىلەتتى، شۇنداق بولغاندا  بۇ ئايال چوقۇم تۈگىشىدۇ!

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شەمىسيە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، چېچىنى قايرىدى، ئەمەلىيەتتە، قەدەملىرى گۈلزىرەنىڭ يېنىغا شەپە چىقارماي يېقىنلاشتى.

شەمىسىيە چېچىنى قايرىپ قولىنى چۈشۈرگەن  چاغدا، تۇيۇقسىز كۈچەپ، گۈلزىرەنىڭ نىقابىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۋەتتى!

گۈلزىرە پەقەت مەڭزى تۇيۇقسىز سوۋۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدى.

نىقاب مەڭزىدىن چۈشۈپ كەتكەن دەقىقىدە، ئۇنىڭ يۈرىكى قارىت قىلىپ قالدى.

ھەممە ئىش بەك تېز يۈز بەردى، ئۇ ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى، پەقەت نىقابنىڭ يەرگە چۈشكىنىگە قاراپ تۇردى، ئېنىقلا ھېچقانداق ئاۋاز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇددى جاراڭلىق ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى!

شەمسىيەنىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن چوڭ بولغاچقا، گۈلزىرەنىڭ چېچىنى تۈگۈۋالغان لېنتىسىمۇ ئۇنىڭ تىرنىقىغا ئىلىنىپ چۈشۈپ كەتتى.

شۇ ھامان تال-تال سۇمبۇل چاچ سېيرىلىپ چۈشتى ، مەيداندىكى بارلىق باھالىغۇچىلار ۋە مېھمانلار، توردا، تېلېۋىزور ئالدىدا بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار مۇشۇ پەيتتە تولىمۇ  گۈزەل بىر  چىراينى كۆردى.

شۇ ھامان نەق مەيدان پۈتۈنلەي جىمجىتلىققا چۆمدى، نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن تۇيۇقسىز ۋاراڭ - چۇرۇڭ پارتلىدى.

تاماشىبىنلار ئورنى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، ئەسلىدە قەلبىدىكى ئاددىي، بەدىنى كېلەڭسىز بىر ئايال بىردىنلا پەرىزات ساھىبجامالغا ئايلاندى، بۇنداق غايەت زور پەرق ئادەمنى كۆزىگە ئىشەندۈرمەيدۇ.

جالال بۇ چىرايىغا قاراپ، يۈرىكى قاتتىق  سوقۇپ كەتتى!

ئۇ سەتلىشىپ كەتمەپتۇ، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش چىرايلىق، ھەتتا يەتتە يىل بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. بەش ئەزاسى تېخىمۇ ئىچىلىپ، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ!

ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ياش تۆكتى، پەقەت سەھنىگە چىقىپ ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىپ، ئەمدى قويۇۋەتمەسلىكنى ئويلىدى.

بىراق، قەيسەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇردى.

گەرچە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن، گۈلزىرەنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، خۇددى بىر چاقماق كاللىسىدىن ئۆتكەندەك، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى قىزىنى  قايتىدىن كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلدى!

گەرچە، ئەينى يىلى ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، پەقەت ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن، شۇ پەيتتە، ئۇ ئەينى چاغدا ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا ۋەدە بەرگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدى!

ھېلىقى گۇگۇم، ھېلىقى قاراڭغۇ ئۆي، ھېلىقى قىزنىڭ كۆز ئالدىدىكى ھودۇقۇشى، يەنە ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگەندە يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان گۈزەللىك تۇيغۇسى ...

ھەممە نەرسە خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئەمدى ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى، ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى!

ئۇ ئاخىرى يەتتە يىل ئىزدىگەن ئادەمنى تاپتى، مۇشۇنداق بىر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن سورۇندا!

نەق مەيداندىكى رىياسەتچىمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا قاراپ: -بولدى، كۆپچىلىك تىنچلىنىڭلار! ئەسلىدە بىزنىڭ < نىلۇفەر> خانقىز ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەك چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ رەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن قورققان ئىكەن ئەمەسمۇ،-ئۇ شۇنداق دەپ نىقابنى يەردىن ئېلىپ، گۈلزىرەگە قاراپ كۈلۈپ،-ھازىر ھەممىمىز كۆردۇق، قايتا تاقامسىز؟- دېدى.

گۈلزىرە ئامالسىزلىقتىن:

 - بولدى، - دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا،  شەمسىيەنىڭ كۆزىگە تىكىلدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章