يولدىن چىققان ئايال 🧡 25-قىسىم (ئەپچىدە 40-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-08 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 بۈگۈنكى كۈندە ھەممە يەرگە داڭلىق ئىككى سەنئەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئۇنى تەكلىپ قىلدى، بۇنداق ئىش ئۇ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارىغان گۈلزىرەنىڭ قولىغا كېلىۋاتىدۇ، شەمسىيە پەقەت ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

سەھنىدە گۈلزىرەنىڭ كۆڭلى بىر پەس مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.

قەيسەر ئۆز ئاغزى بىلەن تەكلىپ قىلدى، ئۇ ئۇنىڭ يۈزىنى قىلمىسا بولمايدۇ.

لېكىن، ئەگەر ئۇ ماقۇل بولسا، بۇ ئۆزىنىڭ كېيىن گۈلزىرە سالاھىيىتى بىلەن پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

لېكىن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاشۇ ئىشلىرى، گەرچە نۇرغۇن  نەرسىلەر ئويدۇرما بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولغانلىقى، يولدىشىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى چوقۇم پاش بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئەمدى ئۇنداق بېسىمىغا يۈزلىنىشكە جۈرئىتى قالمىدى!

-قەيسەر باش دېرىكتورنىڭ ئەتىۋارلىغىنىغا رەھمەت، مەن سىلەرنىڭ شېركەتكە بېرىشىنى خالايمەن، بىراق، يەنىلا ئۆيگە قايتىپ ئاتا - ئانامنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىشىم لازىم،-گۈلزىرە ئامالسىز شۇنداق دېدى.

بۇنداق بولغاندا، قەيسەرنىڭ يۈزىنى قىلمىغانلىق بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كېيىنكى «يوقىلىشى» غىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ.

-ماقۇل، خوش خەۋەرنى كۈتىمەن.

قەيسەر، گەرچە ھازىر ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي تەخەللۇس ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ھەممىسى ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملىتىدۇ، ئۈستىدە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان كىملىك نومۇرى ۋە ئىسمى بار، ئالدىمدىكى بۇ ئايال ئەمدى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەپ ئويلىدى.

قەيسەر ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا قايتىدىن ئولتۇردى، ئەمما جالالنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى.

جالال سەھنىدىكى گۈلزىرەگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى، روشەنكى، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋالدى.

قەيسەر بۇنى كۆرۈپ قوشمىسىنى تۈردى، جالالنىڭ بولغۇسى ئايالى بار ئىدىغۇ، نېمىشقا يەنە باشقا ئاياللارنى تەمە قىلىدۇ؟!

ئۇ سەل خاپا بولۇپ، جالالغا قاراپ:

-قارىغاندا،جالال ئەپەندىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىدىكەن - دە؟- دېدى.

جالال بېشىنى بۇراپ، قەيسەرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

-شۇنداق،-دېدى.

-جالال ئەپەندى بەك سەمىمىيكەنسىز!

قەيسەرنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ:

-نېمە؟شەمسىيە خانقىز بۇ قېتىم چىمپىيۇن بولماي، شېركتىڭلارنىڭ تاشلاندۇقى  بولۇپ قالدىمۇ؟-دېدى.

-تالانتلىق قىز تەبىئىيلا باشقىلارنىڭ دېققتىنى تارتىدۇ،-دېدى جالال.

قەيسەر بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ:

-ناھايىتى ياخشى، سىز بىلەن رىقابەتلىشىش ھېچ گەپ ئەمەس،-دېدى.

-ئۇنداقتا، ھازىر قەيسەر سەنئەت شىركىتىدىكى ئاۋۇت باش دېرىكتورنى ئىككىنچى-ئۈچىنىچى ماھىرلىرىمىزغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز!

«توغراق» ئەپەندى، شەمىسيە خانقىز!-دېدى رىياسەتچى.

ناھايىتى تېزلا سەھنىدە مۇكاپات تارقىتىلدى، ھېلىقى «توغراق» ئىسىملىك ياش يىگتمۇ خۇشاللىق بىلەن قەيسەر سەنئەت شىركىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

-تۆۋەندە كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى!

رىياسەتچى مېھمانلار زىياپىتىنىڭ بىرىنچى رەتتىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا قاراپ: -ئالدىنقى نۆۋەتلىك گراممېي خانىشى مۇنىرە خانقىزنى بىزنىڭ بۈگۈن چىمپىيۇن بولغان نىلۇپەر خانقىز بىلەن بىرلىكتە «ئۇچرىشىش» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!- دېدى.

سەھنە ئاستىدا گۈلدۈراس ئاۋاز ياڭرىدى، مۇنىرە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىنى سوزۇپ، گۈلزىرە بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ:

-نىلۇپەر خانقىز، سىزنىڭ ناخشا ئاۋازىڭىز كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن!- دېدى.

گۈلزىرەمۇ :

-مۇنىرە خانقىز، سىز ئىزچىل مېنىڭ ئۈلگەم بولۇپ كېلىۋاتىسىز، سىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم خۇشال بولدۇم،- دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇلار ناخشىنى ناھايىتى ماسلىشىپ ئېيتتى، ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گۈلزىرە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كىيملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەلفىرەگە قايتماقچى بولدى. ئەمما، نۇرغۇن كۆزلەرنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئەسلى چىرايى بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى.

سىرتقا چىقىشىغىلا نۇرغۇن مۇخپىرىلار ئۇنى توسۋېلىپ سوئال سوراشقا باشلىدى.

-خانقىز، سىز نېمىشقا بۇرۇن چىرايىڭىزنى يوشۇردىڭىز؟

-خانقىز، سىز توي قىلدىڭىزمۇ؟

-ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟

-ھەقىقىي ئىسمىڭىز نېمە؟

بۇ چاغدا قەيسەرنىڭ ياردەمچىسى دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ:

-نىلۇپەر خانقىز ھازىر بىزنىڭ شېركەتنىڭ نۇقتۇلۇق قوغدىلىدىغان سەنئەتكارى، كۆپچىلىك سوئالىڭلار بولسا كېيىن سوراڭلار!-دېگىنىچە گۈلزىرەنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

گۈلزىرە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا قەيسەر بىلەن بىر ماشىنىغا چىقىپ قالدى.

ئارقىدىن يۈگۈرۈپ چىققان جالال ئۆز جايىدا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

قەيسەر ھازىر يېنىدىكى نىلۇپەرنىڭ ئەينى يىلدىكى قىز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

بىراق، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلاردا تاسادىپىيلىق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر بىر تۇغقان ئاچا - سىڭىل بولسا، چىرايى ئاساسەن ئوخشاش بولسىچۇ؟

شۇڭا، قەيسەر تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، يەڭگىللىك بىلەن بىرەر نەرسىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ.

ۋاقىت خۇددى قەيسەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان ھالىتىگە قايتىپ كەلگەندەك قىلاتتى.

گۈلزىرە كۆز قۇيرۇقى بىلەن يېنىدىكى ئەرگە سەپسالدى.

ئۇ سەنئەتكارلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ ياكى نېمە ئۈچۈن؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ قىزلارنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويىدىغان ئادىتى بارمۇ؟

ئەينى چاغدا  شۇنچە سەت بولسىمۇ ئاپىرىپ قويغان ئىدى، ھازىر چىرايلىق بولسىمۇ ئاپىرىپ قويۇۋاتدۇ.

ئۇنىڭ ئاپىرىپ قويمايدىغان ئادىمى يوقمۇ؟!

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، گۈلزىرە سەل بىئارام بولدى.

گەرچە ھەر ئىككىلىسى ئۆزى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ بىلمەيدىغۇ، قىز دوستى بار تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا بۇنداق ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىدۇ؟!

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمدىلا سەھنىگە چىققاندا، ئۇ تېخى ئۆزىنى قۇچاقلىدى.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاغزى ئىختىيارسىز سەل - پەل دومسىيىپ، سەل خاپا بولۇپ قالدى.

قەيسەر گەرچە چىرايىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆز قىرى بىلەن ياندىكى كىچىك ئايالنى كۆزىتىۋاتاتتى.

قىزنىڭ دومسايغان ئاغزىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى، ئىختىيارسىز يەنە ئەلفىرەنى ئېسىگە ئالدى.

ئېنىقلا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئايال تۇرسا، ئۇ نېمىشقا ئۇنى كۆرگەندە دائىم ئەلفىرەنى ئېسىگە ئالىدۇ؟

بىراق، ھەممىسى ئوخشاش ...

ئۇماقمۇ قانداق؟

ئۇ  ئىختىيارسىز كۈلدى، ماشىنىدىكى كەيپىيات بىردىنلا خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك قىلاتتى.

گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ھازىر باشقا بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بايىقى كەيپىياتىنى يىغىشتۇرۇپ ئەدەپ بىلەن:

-قەيسەر دېرىكتور، سىز مېنى ئالدىدىكى مېترو بېكىتىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بۈگۈن رەھمەت سىزگە!-دېدى.

ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئاۋازى، قەستەن نىقابلانمىغان بۇلۇپ، مۇلايىم ھەم سۈزۈك ئىدى.

قەيسەرنىڭ نەپەس ئېلىشى بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

يەتتە يىل ئىلگىرى، ئۇ قىز پەقەت ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغان، دورا ئۈنۈمى قوزغىلىپ ئەقلىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالغان بولسىمۇ، ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا پۈتۈنلەي مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدى.

شۇ تاپتا، يېنىدىكى قىزنىڭ ئاۋازى، ئەينى ۋاقىتتىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى قىزىتتى،ئىختيارسىز تۈكۈركىنى يۇتۇتتى.

ئۇ كۆڭلىدىكى ھاياجاننى بېسىپ، ئۇنىڭدىن:

-سىزنىڭ ئۆيىڭىز قەيەردە؟-دەپ سورىدى.

گۈلزىرە تىزىمغا ئالدۇرغاندا چوقۇم ئەلفىرەنىڭ سالاھىيىتىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ-دە.

بىرىنچى بولغان تەقدىردىمۇ، قەيسەر سەنئەت شىركىتىنىڭ توختام ئىمزالاشقا مەسئۇل ئادىمىدىن باشقا كىشىلەر ئۇنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى كۆرمەيدۇ.

شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى گۈلزىرە ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان.

تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى ئۇ  ئەسلىدىكى ئائىلىسىنىڭ كونا تۇرالغۇسى دەپ يازغان.

-مېنىڭ ئۆيۈم بۇ شەھەردە ئەمەس،مەن ھازىر دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىمەن,2 - لىنىيەنىڭ بويىدا، ئۇ يەر بىر قەدەر قىستاڭچىلىق، قەيسەر باش دېرىكتور مېنى ئاپىرىپ قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،- دېدى.

قەيسەر ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم رەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھازىر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەرىبىر قەيسەر جەمەتىگە كېلىپ توختام ئىمزالايدۇ، توختام ئىمزالىمىغان تەقدىردىمۇ، بانكىغا بېرىپ پۇل چېكىنى نەقلەشتۈرىدۇ، شۇڭا گۈلزىرەنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوغدىغۇچىغا ماشىنىنى مېترو ئېغىزىدا توختىتىشنى تاپىلىدى.

گۈلزىرە ماشىنىدىن چۈشۈپ، قەيسەرگە ئەدەپ بىلەن رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن تېز سۈرئەتتە يەر ئاستى يولىغا باردى.

بېلەت سېتىۋېلىپ ۋوگزالغا كىردى، ئۇ مېترودىكى تازىلىق ئۆيىدىن چىققاندا، «ئەلفىرە» گە ئايلىنىپ قالدى.

شۇ تاپتا شەمسىيەمۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى.

-شەمسىيە، نېمە بولدۇڭ؟-شەمسىيەنىڭ ئاپىسى شاينۇر ئۇنىڭ ئەس - ھوشىنى يوقاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز سورىدى.

شەمسىيە سومكىنى ساپاغا ئېتىپ:

-ئاپا، گۈلزىرە ئۆلمەپتۇ!- دېدى.

-ھە؟

شاينۇرنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.

- قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ سەن ئۇنى كۆردىڭمۇ؟!

-ئاپا، سەن بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرمىدىڭمۇ؟

شەمسىيە مۇنداق دېدى:

-ئەسلىدە ئىلگىرى مەن بىلەن كۈچ سىنىشىپ كەلگەن ھېلىقى «نىلۇپەر » دەل گۈلزىرە دېگەن ھېلىقى بۇزۇق ئىكەن!

-نېمە نىلۇپەر ؟ داداڭنىڭ شىركىتىدە ئازراق ئىش چىقىپ قاپتۇ، بىز بايىلا بىر تەرەپ قىلىپ قايتىپ كەلدۇق، بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىدۇق،- دېدى شاينۇر.

«مەن قاتناشقان ھېلىقى <ناخشىچىغا جەڭ ئېلان قىلىش> مۇسابىقىسى.» شەمسىيە ئىچى-ئىچىدىن ئۆچمەنلىك بىلەن،-گۈلزىرە دېگەن بۇزۇق نىقاپ تاقاپ سىرلىق قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ، مەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىزچىل بىلمەپتىمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ جالالغا چاپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرگەن. بۈگۈن ھېلىقى بۇزۇق تېخى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نىقابىنى ئېچىپ،تۈلكە  يۈزىنى كۆرسىتىپ، دەرھال بىرىنچى بولۇۋالدى!

شاينۇر شەمسىيەنىڭ سۆزلىرىدىن گەپنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن،مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:

-ئۇ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ! بىرىنچى بولسا تېخىمۇ ياخشى!

-ئاپا،سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ؟ قانچە ئېگىز ئۇچساڭ، شۇنچە قاتتىق يىقىلسەن دېگەنلىك، شۇنداقمۇ؟-دېدى.

-ھەر ھالدا بىر قېتىم كاللاڭ ئىشلىدى،-دېدى شاينۇر،-ئەينى يىلى ئۇنىڭ ھېلىقى ئىسپاتلىرىنى مەن ساقلاپ قويغان، ئۇنىڭ چىرايىغا ئاشىق ئەرلەر ئۇنى ئەڭ ئېگىز كۆتۈرۋاتقان چاغدا، بىز ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىشلىرىنى ئاشكارلىۋەتسەك،سېنىڭچە ئۈنۈمى قانداقراق بولار؟

-ئاپا، مەن ئەسلىدە دەرھال قايتىپ كېلىپ دەلىل - ئىسپاتلارنى ئېلان قىلماقچى ئىدىم، بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ، بىردىنلا بۇ ئۇسۇلىڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم!-شەمىسيە شۇنداق دېگەچ كۆزلىرىدىن زەھەرلىك نۇر چاقنىدى،-بىز بۇنى ئۇزاق ئايرىلىپ قايتا ئۇچراشقاندا سوۋغا قىلغان يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى دەيلى!-دېدى.

-شۇنداق! سەن بۇ بىر نەچچە كۈندە ئامال قىلىپ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىڭ  بىلەن ئالاقىلىشىپ باق، ئاندىن ئادەم تېپىپ كۆرۈنمە چاستوتا ياكى ئۈنئالغۇ لېنتىسى تەييارلا، گۈلزىرەنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىش...

-ماقۇل، ئاپا، مەن ھازىرلا بېجىرەي!

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章