كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى تۇرسۇنتوختى توختىروزى شۇڭقار قەلىمىدە پۈتكەن، ئۈنبەر ستودىيىسىدە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «قارا كۆڭۈللەر» ناملىق رومان. ئەزىز دوستلارنىڭ بىزنى قوللاپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇپ ئەسەر ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم | 14-قىسىم | 15-قىسىم |
16-قىسىم | 17-قىسىم | 18-قىسىم |
19-قىسىم | 20-قىسىم | 21-قىسىم |
22-قىسىم | 23-قىسىم | 24-قىسىم |
25-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسمى
♥يازما نۇسخىسى♥
-بەزى ئىشلارنى سىزگە كېيىن دەپ بىرەي. ئەمدى ھەرگىز يوقاپ كەتمەيمەن. يېنىڭىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن.
گۈزەلئاي شۆھرەتكە ئەجەپلىنىپ قارىدى.
- بۇ گېپىڭىزنى قانداق چۈشىنىمەن؟
شۆھرەت گۈزەلئايغا تېخىمۇ چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ دېدى.
- مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم گۈزەلئاي. ئىككىمىز توي قىلايلى. ماقۇلمۇ؟
گۈزەلئاي «ھۈپپىدە» قىزارغىنىچە يەرگە قارىدى.
- مەن راست دەۋاتىمەن گۈزەلئاي. مەن سىزنى تۇنجى كۈرگەندىلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئىدىڭىز.
شۆھرەت گەپ قىلغاچ گۈزەلئاينىڭ نىپىز لەۋلىرىگە لىۋىنى تەككۈزۈشكە ئاز قالغاندا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىگى «تاراققىدە» ئېچىلدى .
ئىككىسى چۆچۈپ تەڭلا ئىشىككە قارىدى. ئىشىكتىن كىرگىنى باشقا بىر ئەمەس دەل زۇلپىيە ئىدى.
- پاھ، مۇبارەك بولسۇن،- دېدى زۇلپىيە ئىككىسىگە قاراپ زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ چاۋاك چالغىنىچە.
- زۇلپىيە، سىز بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟ مەن سىزگە ھەممە گەپنى ئوچۇق ئېيتقان. ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاللىبۇرۇن تۈگىدى .
گۈزەلئاي ھېچنىمىنى چۈشەنمەي بىر شۆھرەتكە، بىر گۈزەلئايغا قارايتتى.
- قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇ چىرايلىق خېنىمغا بىلدۈرمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ،- زۇلپىيە يانفۇنىنى يېنىدىن چىقىرىپ ھەپلىششكە باشلىدى.
ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن جىلە بولغان شۆھرەت ۋارقىرىدى؛
- زۇلپىيە، نېمە قىلاي دەيسىز ؟
- ئالدىرىماڭ شۆھرەت. نېمە قىلماقچى بولغىنىمنى ھازىرلا بىلىپ قالىسىز،- زۇلپىيە يانفۇنىنى ئىككىسىگە يېقىن ئەكىلىپ كۆرسەتتى.
يانفون ئېكرانىدىن ھېلىقى كۈندىكى ئىككىسىنىڭ كارىۋات ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلىرى نامايەن بولدى. بۇلارنى كۆرگەن شۆھرەت ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .
- شۆھرەت ئۇ نېمىش؟ - دېدى گۈزەلئاي كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتقىنىچە شۆھرەتكە قاراپ .
زۇلپىيە تەمكىنلىك بىلەن گۈزەل ئايغا دېدى :
- كۆزىدىن مەسىلە چىقمىغان ئادەم بۇ سىن كۆرۈنۈشىگە قاراپلا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ؟ شۆھرەت مەن سىزنى ئالىمەن دەپ ياغلىما گەپلىرى بىلەن ئالداپ نومۇسۇمغا تەگدى. مانا ئەمدى خىجىل بولماي سىز بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرۈپتۇ. شۆھرەت ئەسلى مېنىڭ تۆت يىللىق سۆيگۈنۈم ئىدى. بىلەمسىز چىرايلىق خېنىم، شۆھرەت سىزنىمۇ ئالداپ كۆڭۈل خوش قىلماقچى.
- زۇلپىيە، ھۇ نومۇسسىز ئىپلاس،- شۆھرەت غەزەپدىن جالاقلاپ تىترەپ كەتتى .
- ھۇ ئالدامچى كاززاپ، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما،- گۈزەلئاي شۆھرەتنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى دە، چىقىپ كەتتى.
- گۈزەلئاي توختاڭ، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي،- شۆھرەت گۈزەلئاينىڭ كەينىدىن بىرنەچچە قەدەم يۈگۈرىشىگە زۇلپىيە ئۇنىڭ قوللىرىنى تارتىپ توختاتتى .
- قولۇمنى قويىۋەت ئىپلاس، ئەسلىدە بۇ سەن غەرەزلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلاركەندە، ئۇيالماستىن جەقنىڭ ئالدىدا ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى ئاشكارلاپ يۈرگىچە ئۆلسەڭ بولمامدۇ،- شۆھرەت شۇنداق دېگىنىچە زۇلپىيەنىڭ گېلىنى بوغدى.
- نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ ئۇرۇشقۇڭلار بولسا سىرتقا چىقىپ ئۇرۇشمامسىلەر. بۇ دېگەن تاماقخانا،- تاماقخانا خۇجايىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى ئاڭلاپ ئايرىمخانا ئىچىگە كىرگەن ئىدى.
خوجايىننىڭ كەينىدىن ئىككى نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى كېلىپ ئىككىسىنى ئىتتىرىگىنىچە تاماقخانا سىرتىغا چىقىرىۋەتتى .
- ئەمدى دېگىنە ئىپلاس، سەن زادى نېمە قىلماقچى؟ مۇشۇ ئىشنى دەستەك قىلىپ ماڭا چاپلىشىۋالىمەن دېيىشىڭ بۇ ئۇخلاپ چۈشۈڭ،- دېدى شۆھرەت تاماقخانا سىرتىغا چىققاندىن كېيىن ۋارقىراپ.
يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار ئۇلارغا توختاپ تۇرۇپ قارىشۋاتسىمۇ ئىككىسى پەرۋاسىز ھالدا ئۆز گېپى بىلەن ئىدى.
- ھاياجانلانماڭ ئاشىقىم. سىزنىڭ ماڭا زورلۇق قىلىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىت قولۇمدا تۇرۇپتۇ؟ ئەمدى سىز مېنىڭ شەرتىمگە كۆنۈپ دېگىنىمنى قىلىڭ. بولمايدىغان بولسا ئۆزىڭىزنى تۈرمىدە كۆرىسىز.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۆھرەتنىڭ يۈرىكى «قارتتىدە» قىلدى .
- سەن……نېمە…نېمە دەۋاتىسەن؟
- نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى تېخى چۈشەنمىدىڭىزمۇ. قىزلارغا زورلۇق بىلەن باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا قانداق جازا بىرىدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز. شۇڭا ۋاقتىدا ھوشىڭىزنى تېپىۋېلىڭ شۆھرەت. ئالتۇندەك ياشلىق ھاياتىڭىزنىڭ تۈرمىدە ئۆتۈپ كىتىشىنى مەن خالىمايمەن.
شۆھرەت ئاچچىقىدا زۇلپىيەنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.
- مەن سىزگە ھاياجانلانماڭ دەۋاتىمەن شۆھرەت. مېنى ئۇرسىڭىز قىزلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش قىلمىشى بىلەن جىنايىتىڭىز تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ .
- سەن ئىپلاست ماڭا قەستەن زىيانكەشلىك قىپسەن؟ ئەسلىدە مېنى ئۆيۈڭگە باشلاپ ئاپىرىشىڭمۇ مەقسەتلىك ئىكەن .
- چېچىلماڭ شۆھرەت. بۇ گېپىڭىز قانۇننىڭ ئالدىدا پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى بىز دېگەن تۆت يىللىق ئاشىق- مەشۇق. بىر قىزنىڭ يۈرگەن يىگىتىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىشى ئادەتتىكى ئىش.
- چۆچۈرىنى خام سانىما زۇلپىيە. سەن بۇ ئىشنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرمىساڭ ئەجىبا ئىككىمىز مۇناسىۋەت قىلغان ۋاقىتتا بىرەرسىنىڭ خۇپىيانە ھالدا سىنغا ئېلىشى مۇمكىنمۇ. سەن مېنىڭ چېقىلىشىمنى ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ تېلىفۇنۇڭنىڭ سىنغا ئېلىش ئاپپاراتىنى ئېچىۋەتكەن شۇنداقمۇ.
- بۇ ھازىرچە مەخپىي. سىز گېپىمگە كۆنمەي قالسىڭىز مەن بۇ ئىشلارنى سوتقا بارغاندا ئاشكارلايمەن.
- ئۇخلاپ چۈشۈڭ. قانۇنمۇ ئادىل. ماڭا تىگىش ئۈچۈن قاپقان قۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغىنىڭ ھامان ئاشكارىلىنىدۇ. ئەرز قىلساڭ قىلىۋەر؟ مەن ئۇستا ئادۇۋكاتتىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ رەزىل ئەپتى- بەشرىڭنى ئاشكارىلاپ چىقىمەن. ئۇ چاغدا ماڭا تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن جازالىنىدىغان ئادەم سەن .
زۇلپىيە شۆھرەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل چۆچۈپ قالدى. ناۋادا شۆھرەت ئېيتقاندەك راستىنلا ئەرز قىلسا زۇلپىيەنىڭ قىلغان- ئەتكىنىمۇ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشكۈسى كەلمىدى.
- ماقۇل ئەمىسە، مېنى رەھىم قىلمىدى دەپ رەنجىمەڭ. قىلغان ئەتكىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ئايان. قۇياشنى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ .
شۆھرەتمۇ دەسلەپتە چوڭ سۆزلىگەندەك قىلغىنى بىلەن زۇلپىيەنىڭ قەتىيلىك، چىقىپ تۇرغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىگە قورقۇنچ چۈشتى .
- زۇلپىيە، ئەڭ ياخشىسى سوتقا چۈشۈپ سەتلىشىپ يۈرمەيلى. ئىشنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلساق بولماسمۇ،- دېدى شۆھرەت پەسكويغا چۈشۈپ .
- ئەمدى ئەقلىڭىزگە كەلدىڭىز. چىرايلىق ھەل قىلايلى دېسىڭىز مەنمۇ قوشۇلىمەن. ئۆي بىلەن ماشىنىنى تەييار قىلىپ مېنى ئىزدەڭ. تويدىن كېيىن بولار ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مۈلىكى بولىدۇ. مەن ھەرگىز سىزنى قاقتى سوقتى قىلماقچى ئەمەسمەن .
- ماقۇل زۇلپىيە، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن. مەن ئاتا ئانامنى قايىل قىلاي.
دەسلەپتە سەن-پەنگە چۈشۈشۈپ سەتلەشكەن بۇ ئىككىسى يەنە يارىشىپ قالدى.
***********************
نەۋرىسى قەيسەرنىڭ تېلىفۇن قىلىشى بىلەن ياقۇپ ئەر-ئايال ئۆيىدە ئوت-كاۋاپ بولۇپ ياتقان شادىيەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
- بىمار روھى جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ يۈرەك زەئىپلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. ئۇنىڭدا يەنە يۈرەك-مېڭىگە قان يىتىشمەسلىك، خامۇشلۇق قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلەر بار ئىكەن. يەنە بەدىنىدە ئاق قان دانچىللىرى كۆپىيىپ كېتىپتۇ. ئاق قان دانچىلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتسە ئاق قان راكىغا ئايلىنىدۇ. بۇ كېسەل تېخىمۇ خەتەرلىك. شۇڭا بىمار مۇنتىزىم ياتاقتا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدۇ. بىمار كەيپىياتىنى چۇقۇم ياخشى تەڭشىشى كېرەك. ھاياجانلىنىشقا ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ،- دېدى دوختۇر ئۇلارغا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن .
ياقۇپ ئەر-ئايال دوختۇرخانا ئىچىدە پىرقىراپ يۈرۈپ شادىيەنىڭ بالنىستتا يېتىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىدى. ئۇلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانىدى. بالنىستا يېتىپ قالغان شادىيەنى باققاندىن سىرت يەنە ئۇلارغا شادىيەنىڭ ئىككى بالىسىنى بېقىشمۇ يۈكلەنگەنىدى.
- ئىككىمىزنىڭ بۇ ئايلىق مائاشى شادىيەنى تەكشۈرتۈش بالنىسقا
ئېلىش چىقىملىرىغا كەتتى. دوختۇرخانىدىن يەنە پۇل دېيىشى مۇمكىن، يېنىمىزدا بار پۇلنى تېخى شاۋكەتنىڭ قەرزىگە تۆلىدۇق، - دېدى ھۆرىيەت غەمگە چۆككەن ھالدا.
- غەم قىلماڭ ئانىسى، بۇنىڭمۇ ئامالى بولۇپ قالار. ئىككىمىز قىرىق نەچچە يىلدىن بۇيان شۇنچە قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇق،- دېدى ياقۇپ ھۆرىيەتكە تەسەللى بىرىپ.
- شادىيەگە نېمە بولغاندۇ زادى؟ سالامەتلىكى خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك قىلغان. روھىي زەربىگە ئۇچرىغۇدەك نېمە ئىش بولغاندۇ ئۇنداق؟
- تاڭ جۇمۇ ئانىسى، شادىيە بەك ئىچ مىجەز بىزگە تېخى سىر بەرمەيدۇ.
ئىككىسى پاراك بىلەن ھەق تاپشۇرۇش كۆزنىكىدىن چىقىپ شادىيەنىڭ ياتىقى ئالدىغا كەلدى.
شادىيە ياتاق ئىچىدە بىلىكىگە ئاسما ئۇكۇل ئېسىلغان ھالەتتە ياتاتتى. شادىيەنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ كۆزلىرى بىر غېرىچ ئولتۇرۇشقانىدى.
- مىجەزىڭ قانداقراق تۇرىدۇ قىزىم؟ - سورىدى ھۆرىيەت.
شادىيە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ بېشىنى لىڭشىتتى. ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغىنىغا ۋىجدانى ئۆرتىنىۋاتاتتى.
زاھىر دېگەن ھايۋان نۇمۇسىغا تەككەن كېچىسى ئۇ يىغلاپ بىركېچىنى تاڭ ئاتقۇزدى. ئەتىسى سەھەردە ئۇنىڭغا زاھىر تېلېفون قىلدى. شادىيە ئۇنى تىللاپ بولسىمۇ قۇرساق كۆپىكىنى چىقىرۋېلىش مەقسىتىدە تېلېفوننى ئالدى.
- قانداق ئەھۋالىڭىز جېنىم؟ كېچىدىن ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
زاھىرنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك لاۋزىلىق بىلەن دېگەن گەپلىرى شادىيەنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تەگدى.
غەزىپى چېكىگە يىتىپ يانفۇننى زەرب بىلەن تامغا ئاتتى. يانفۇن تامغا «پاققىدە» تېگىپ پارە-پارە بولدى. شادىيە بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي ھۇجرىسىىدىكى ئىستاكان، قاچا-قۇچا قاتارلىقلارنىمۇ يەرگە تاشلاپ چېقىۋەتتى. يۈرەك-باغرىنى توختىماي تىلغاۋاتقان ئاغرىق ئۇنى بىر كېچە قىيناپمۇ ھېچ دەردى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كارۋاتقا ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئوغلى قەيسەرگىمۇ ناشتىلىق تەييارلاپ مەكتەپكە يولغا سېلىشقىمۇ مادارى يەتمەيۋاتاتتى. قەيسەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئوت-كاۋاپ بولۇپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ قالدى.
- مەندىن ئەنسىرىمە بالام. تارتمىدا پۇل بار. ئاشۇ پۇلغا سىرتتىن پىلتە قۇيماق بىلەن سۈتتە ناشتا قىلىپ مەكتەپكە بارغىن،- دېدى شادىيە ھاسىراپ تۇرۇپ
- ياق ئاپا، سەن بۇنداق ھالەتتە ياتساڭ مەن قانداقمۇ مەكتەپكە خاتىرجەم بارالايمەن؟
- گەپ ئاڭلا بالام، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ. بىردەم يېتىۋالساملا ئوڭشىلىپ قالىمەن.
قەيسەر ئاپىسى بىلەن جاھىللاشماي بوغچىسىنى ئېسىپ ئىشىكتىن چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ بىر كۆزى كەينىدە قالغان ئىدى. ئۇ سىرتقا چىقىپلا بوۋىسىغا تېلېفون قىلىپ ئاپىسنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ ئاندىن ناشتا قىلىپ مەكتەپكە كەتتى. ياقۇپ ئەر-ئايال قىزىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ كەلگىنىدە شادىيە كارۋات ئۈستىدە بىھۇش بولۇپ ياتاتتى.
- قېرىغاندا سىلەرنى بەك جاپاغا سېلىپ قويدۇم. ئالدىڭلاردا خىجىلمەن،- دېدى شادىيە كۆزلىرىگە ئىسسسق ياش ئېلىپ.
- ئۇنداق دېمە قىزىم. سەن دېگەن بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز تۇرساڭ. سېنىڭ يېنىڭدا بولساق بىز ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز. ساق بولغان بولساڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بىز سېنى كۆرەلمەيتتۇق. مانا ئەمدى بولسىمۇ سېنى كۆرۈپ تۇرالىغىنىمىزدىن خۇشالمىز،- دېدى ھۆرىيەت قىزىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
ئۇلار پاراڭ بىلەن تۇرغاندا دوختۇرخانا ئىچىگە شۆھرەت كىردى. ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى غەمكىن بولۇپ كېسەل كارىۋىتىدا ياپقان ئاچىسى بىلەن قىسقىغىنە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن دادىسىغا قاراپ دېدى.
- بۇ يەردە يات ئادەم بولمىغاندىكىن مەن سىلەرگە گەپنى ئۇچۇق ئېيتاي. زۇلپىيە بىلەن بولغان تويۇمنى كېچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا سىلەر تويغا كېتىدىغان چىقىمنى ئويلاشقاچ تۇرۇڭلار .
- بالام ئىشەك ئۆلسە كۆتى غىجەك چاپتۇ دېگەندەك گەپ قىلمىغىنە. ئاچاڭنىڭ ئەھۋالىنى سەنمۇ كۆردۈڭ؟ ئاچاڭ ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇ ئىشلارنى ئويلىشايلى،- دېدى ياقۇپ.
- قارىغاندا مەن سىلەرنىڭ ئۆگەي بالاڭلار ئوخشىمامدىمەن. قايسى كۈنىمۇ ئاكام قەرزگە بوغۇلۇپ قالسا ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلىدىڭلار. مانا ئاچام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسىمۇ ئۇنىڭ ھەرئىككىڭلار كىلىپ پايپېتەك بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلۋېتىپسىلەر. ئەجەپ مېنىڭ ئىشىم چىققاندا باھانەڭلەر تۆگىمەيدىغۇ.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى باسسىڭىز 30- قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇