يالغان ئەر خوتۇن 🧡 26-قىسىم

文摘   2024-09-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئەنۋەر ياسىن سەرۋاز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يالغان ئەر خوتۇن» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-كېلە زىيا! ئۇزۇن بولۇپتۇ كۆرۈشمىگىلى قېنى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇر!ـ دېدى ئۇ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ. مەنمۇ تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، خالىق ھېلىقى سېرىق چاچلىق قىزغا ئىشارەت قىلغان ئىدى. ئۇ دەرھاللا ئۇزۇن بىر ئۇخلاش كىيىمى يېپىنچاقلاپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.

ـ ھە، زىيا ئۇكام؟ ئەمدى گەپكە كېلەيلى ! سانىيەنى ئېلىپ كەلمەپسەنغۇ. زادى نېمە ئىش بولدى؟ ـ سورىدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا،

ـ ئۇ كېلەلمەيدىغان بولدى ئاكا، بولدى ئۇنىڭ گېپىنى دېيىشمەيلى. . .

ـ نېمە دېيىشمەيلى؟ قارىغاندا ئۇنى بىر نەرسە قىلىۋەتكەن ئوخشىمامسەن. راستىڭنى ئېيت زىيا!ـ دېدى، ئۇ ماڭا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراپ.

ـ مەن ئۇنى ھېچنېمە قىلمىدىم ئاكا، ئۇنىڭ دادىسى قايتىپ كېلىپتۇ، مېنى تۇتقۇن قىلغانمۇ سانىيە ئۇز شۇ ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەكلا رەنجىدى. ئەمدى ئۇنى كۆرگۈم يوق!ـ دېدىم ئۇنىڭغا قىسقىلا چۈشەندۈرۈپ.

ـ ھە، مۇنداق ـ دە! توغرا ئۇنىڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپتىكەنتۇق. خەپ ماۋۇ ئىشنى!ـ خالىق شۇنداق دېگىنىچە خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ ئۆي ئىچىدە ئۇياق بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى.

ـ نېمە بولدى بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ـ دېدىم، مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ.

ـ ئەھۋالدىن قارىغاندا سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان ئوخشايسەن. مەن ساڭا ئاساسلىق مەقسىتىمنى ئەمدى ئېيتىپ بېرەي! سانىيە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى پەقەت سەن بىلىسەن. بۇ مەن ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى ئىدى. سېنى ئاشكارىلاپ قويارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيتتىم. ئەمدى قارىسام، بۇ ئەنسىرىشىم ھاجەتسىزلىك قىلىدۇ؟ سانىيەلا بولىدىكەن مەن دەككە ـ دۈككىدە ئۆتىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ قورسىقىدا مېنىڭ بالام بار. ھامان بىر كۈنىسى ماڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ. بالىنى ئالدۇرۋېتەيلى دېسەم ئۇنىمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى مەن ئارقىلىق مەردانغا زەربە بېرىش، ئۇنىڭ مەردانغا نېمانداق ئۆچلۈك قىلىدىغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم. مەردان سېنىڭ قېيىن ئاتاڭ. لېكىن سەن سانىيەنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېيىن ئاتاڭغا پايدىسىز بولغان، بەزىبىر ئىشلارنى قىلدىڭغۇ دەيمەن، ـ دېدى ئۇ مېنى كۆزۈمگە قاراپ قويۇپ،

ـ خالىق ئاكا، سىز نېمە دېمەكچى؟ ئۇ يەر بۇ يەردىن سۆزلەپ كاللامنى ئوماچ قىلىۋەتتىڭىز. ھەقىقىي مەقسىتىڭىزنى بىلىپ باقاي، سىز زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟ ـ دېدىم مەن ياندۇرۇپ.

ـ بەلكىم مەقسىتىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسەن. ئەسلىدە بۈگۈن سەن سانىيەنى تېپىپ كەلگەن بولساڭ. ئۇنى ھايات قويمايتتىم، ئەمدى تېخىمۇ خەتەرلىك ئۇنى ئوجۇقتۇرىۋېتىشىم كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەلۋەتتە سېنىڭ ياردىمىڭ بولمىسا بولمايدۇ؟ ـ دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ مۈرەمگە ئۇرۇپ قويۇپ. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم، بۇ ئادەملەرگە نېمە بولغاندۇ؟

سانىيە بولسا ئۆز دادىسىدىن ئۆچ ئالماقچى. ئەمدى ماۋۇ خالىقچۇ قورسىقىدا ئۆزىنىڭ پۇشتى تۇرسا ئۇنى ئوجۇقتۇرماقچى. . . .

ـ نېمە خالىقكا؟ سىز راستىنلا. . .

ـ بولدى ھاياجانلانما! ئاشۇنداق قىلمىسام بولمايدۇ. مەن بۇ ھازىرقى ئورنۇمدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرىمەن دېسەم. يۈلۇمدىكى پۇتلا كاشاڭ بولغانلارنى تازلىمىسام بولمايدۇ. سانىيە ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا مەن ئۈچۈن چوڭ تەھدىت. مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ئۇ بىلىدۇ. ـ دېدى، ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ.

ـ مۇنداق دەڭ! ئۇنداق بولسا سىزدىن سوراپ باقاي. سىز ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن مېنى بىر تەرەپ قىلماقچى، شۇنداقمۇ؟ سىزگە دەپ قوياي خالىق ئاكا قانۇن بىلەن ئويناشماڭ! ھېلىمۇ ئەقلىڭىزنى تاپىسىڭىز ئۈلگۈرىسىز! سىزنىڭ گۇناھىڭىزنى يۇيۇشىڭىزغا ياردەم قىلسام بولىدۇ؟ لېكىن بۇنداق ئىپلاس ئىشنى قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلالمايمەن؟ ـ دېدىم مەردانلىق بىلەن. ئىش قىلىپ بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمگە، بۇنداق جۈرئەتنىڭ نەدە كەلگەنلىكىگە ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.

دېمىسىمۇ، مەن مۇشۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە خېلى جىق ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم.

ـ سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟ مەن پەقەت مېنىڭ ئىشلىرىمنى بىلىدىغانلارنى كۆزدىن يوقاتساملا ھېچقانداق ئىشىم ئاشكارا بولمايدۇ. سېنىڭ نېمە سەۋەبتىن مېنىڭ ئالدىمدا دادىل تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىڭنى ئوبدان ئۇقىمەن. چۈنكى سەندە ھېلىقى بارماق دىسكا بار. شۇڭلاشقا مەن ساڭا چېقىلمايمەن بەلكى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىمەن. لېكىن سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلىشىڭ كېرەك؟ سانىيەنى كۆزنى يوقىتىشىمغا ياردەم قىلساڭلا قانچىلىك پۇل دېسەڭ مانا مەن بېرىمەن. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆنمىسەڭ؟

نېمە بولسام مەيلى. سەنمۇ ھايات قالمايسەن؟ ـ دېدى، ئۇ ماڭا تەھدىت سىنىپ.

ئەمەلىيەتتە ئۇ بارماق دېسكا ئانچە بەك خەتەرلىكمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدا پەقەت سانىيە بىلەن ئىككىسىنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرى بار. ئۇنىڭ شىركەتلەردىن پارا ئالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا ئويدۇرما.

ئۇنىڭ پار ئالغانلىق توغرىسىدىكى ئىسپات، بولسا ئويدۇرما ۋاقتى كېلىپ قالسا مەن ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان بولۇپ قالىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا يالغاندىن ماسلىشىپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بۇ يەردىن كېتىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، كەچتە تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىگە ئىنتىزارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بارمىسام بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشتىكى ئاخىرقى پۇرسىتىم.

ـ بولىدۇ خالىق ئاكا. بۇ ئىشىڭىزغا مەن ياردەم قىلاي. لېكىن بۇنى ئىككىمىزدىن باشقا، ھېچكىم بىلمىسۇن. شۇنداقلا بۇ ئاخىرقى قېتىمقىسى بولسۇن، قېنى ئېيتىڭە سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ ـ سورىدىم، مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلمەكچى بولۇپ.

ـ ھە، يىگىت ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ، سەن باشقا ئىش قىلمىساڭمۇ بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بار يېرىنى ماڭا ئېنىقلاپ بېرىشىڭ كېرەك. يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدىن ئايرىلغان ۋاقتىنى. چۈنكى شەھەر ئىچىدە قول سالغىلى بولمايدۇ. سەن بۈگۈن بارغان يەر ئەڭ مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. شۇ يەرنىڭ ئورنىنى بىلەمسەن.

ـ ياق، ئاكا! ئۇلار بەكلا ئېھتىياتچان ئىكەن. مېنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ كۆزۈمنى تېڭىپ قويدى.

ئۇ يەرنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقمايمەن، ـ دېدىم، مەن راست گەپ قىلىپ،

ـ مۇنداق ـ دە. لېكىن سەن بۇ ئىشنى قىلالايسەن. چۈنكى سەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس. ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ئورۇننىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەر!ـ دىلى ئۇ قول كومپيۇتېرنى ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويۇپ. ئۇنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇنداق دېيىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ـ ھازىرلىما، مېنىڭ قىلمىسام بولمايدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى. ئەتىگىچە بولسۇن.

ـ خۇپسەنلىك قىلما يىگىت! مەن سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ھازىر سەن ئۈچۈن ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا نېمە زۆرۈر ئىشىڭ بار؟ تېز بول!ـ دېدى ئۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى بىلىپ قالغاندەك.

ـ ئاكا، بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز؟ بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ كومپيۇتېرىڭىز بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئورنىنى بەلگىلىمەكچى بولساق ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر پروگرامما ياساپ چىقىشىم كېرەك. ئۇنى بىردەمدە ياساپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قانۇنسىز مەشغۇلات تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنىدىكىلەر بىلىپ قالسا بىردەمدىلا مۇشۇ يەرگە ئىزدەپ كېلىپ ھەممىمىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا سىزمۇ مەقسىتىڭىز يېتەلمەيسىز.

« كونىلارنىڭ سەۋر قىلساڭ سەۋزىدىن ھالۋا پۈتەر. » دېگەن گېپىنى ئوبدان بىلىدىغانسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلىشىڭىز كېرەك؟ ـ دېدىم، مەن ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرماقچى بولۇپ.

ـ ھە، بۇ گېپىڭنىڭمۇ ئاساسى بار! بولىدۇ سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن؟ ساڭا پەقەت ئىككى كۈن مۆھلەت بېرىمەن. بۇ جەرياندا مەن دېگەن ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىشىڭ كېرەك؟ سەن ماڭساڭ بولىدۇ؟

ئىككى كۈندىن كېيىن مېنىڭ ئادەملىرىم سېنى ئالغىلى بارىدۇ، ـ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئادەملىرىگە مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. بۇ يەردىن قۇتۇلغىنىمغا خۇشال بولۇپ «ئۇھ!!!» دېگىنىمچە يېنىك تىنىپ قويدۇم.

 خالىقنىڭ ئادەملىرى كۆزۈمنى تېڭىپ مېنى چوڭ يولغا ئېلىپ چىقىپ قويغاندەك مەن ماشىنا بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يۆتكەنگە قەدەر ساقلاپ تۇردى.

كۈن ئولتۇرۇشقا ئازلا قالغان بولۇپ مەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىنى بولۇشىغا ھەيدەپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات رايونىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئائىلىلىكلەر رايونىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن، تاللا بازىرىدىن ئازراق يەل ـ يېمىش ، ۋە، گۈل دۇكىنىدىن بىر دەستە گۈل. سېتىۋېلىپ تۇرسۇنئاي ئۈندىداردا يوللاپ بەرگەن ئادرېسى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىنى تېپىپ ئىشىكنى چەكتىم. ئىچىدىن تۇرسۇنئاينىڭ « مانا، مانا. » دېگەن زىل ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئىشىك ئېچىلدى، «ۋاھ!!! كاساپەت، » دەۋەتتىم ئىچىمدە تۇرسۇنئاينىڭ بەدەنلىرىنى لىققىدە سىقىپ كالتە يەڭ گاڭسىرنىڭ ئويما ياقىسىدىن يېرىمى چىقىپ تۇرغان ئاپپاق كۆكسىگە قاراپ. چۈنكى بۈگۈن ئۇ كۆزۈمگە باشقىچە لاپاتەتلىك كۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ. ۋىللىدەى قىزىرىپ. ئىتتىك گاڭسەرنىڭ ئالدىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن مېنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆيى يالغۇز بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى، ئۆينىڭ زىننەتلىنىشى ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى بەكلا رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى. ئۇ گۈلىگە ئامراق بولسا كېرەك.

 دېرىزە تەكچىسىدىن تارتىپ ھەتتا توڭلاقىنىڭ ئۈستى تېلېۋىزور ئىشكاپى قاتارلىق يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە رەڭگارەڭ گۈللەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، مېھمانخانا ئۆيگە يوغان ئالتە كىشىلىك كىرسلودىن بىرسى قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭدا ئىنتىزار مېنى بىر كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇراتتى،

ـ ياخشىمۇ سىز ئىنتىزار! قىلغان ئەخمىقانە ئىشلىرىمدىن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، ـ مەن شۇنداق دېگىنىمچە قولۇمدىكى گۈلنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئىنتىزار بولسا ماڭا قاراپ دومسىيىپ قېيداپ باشقا ياققا قارىۋالدى.

ـ ھەي، سىزنى ـ زە؟ گەپ قىلىشنىمۇ ئۇقمايدىكەنسىز؟

كىرىپلا« قىلغان ئىشىمدىن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. » دېسىڭىزلا تۈگەمدۇ؟ ئۇنىڭ كۆڭلنى رەنجىتكەندىمۇ تۈزۈك رەنجىتىپسىز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ. ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلمامسىز؟ ـ دېدى تۇرسۇنئاي ماڭا كۆز ئارقىلىق ئىشارەت قىلغاچ.

ـ ھە. ھە، بولىدۇ. مەن شۇ سەھرادا. چوڭ بولغاندىن كېيىن. مۇشۇنداق تومتاقلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمەن؟ ئەمەلىيەتتە جىق ئىچىۋالغان ئوخشايمەن. ئۆزۈممۇ ئويلاپ خىجىل بولدۇم. لېكىن تاسلا قالدىم ئۇنىڭ بىر تىپىكى بىلەن ئەرلىكىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى.

ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن بۇنداق تاياق يەپ باقمىغان، ـ دېدىم، مەن بىچارىلەرچە. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئىنتىزار ئاغزىنى تۇتقۇچە يېنىغا قارىۋالدى. بىلىشىمچە ئۇ كۈلىۋاتاتتى.

ـ ئوبدان قىلىپتۇ. ئەگەر مەن بولغان بولسام. رەسمىيلا شۇنداق قىلىپ قوياتتىم، ـ دېدى تۇرسۇنئايمۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىپ.

ـ ھە، ئەمدى بىلدىم. شۇنداقلىقىڭىزدىن سىزنى ئەر ئالمىغان گەپ، ـ دېدىم چاقچاق قىلىپ.

ـ ئۆتۈپ بېرىڭە! نەدىكى گەپنى قىلماي. مەن تاماق ئېلىپ چىقاي سىلەر پاراڭلىشىۋېرىڭلار؟ ـ تۇرسۇنئاي شۇنداق دەپ. ماڭا كۆز يۇمۇشىلاپ ئىنتىزارنى ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

مەن ئىنتىزارغا قانداق قىلىپ گەپ ئېچىشىمنى بىلمەي تۇيۇقسىز ھېلىقى ئىنتىزار دېگەن ناخشا ئېسىمگە كەلدى، ۋە بارلىق ھېسسىياتىمنى قويىۋېتىپ مۇڭ ئاۋازدا ئېيتىشقا باشلىدىم.

سەندىن سۆيگۈ سورىسام نىگار،

سۆزلىرىمدىن بولمىغان بىزار.

 ۋىسالىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتتۈم،

ماڭا سۆيگۈ بەرگىن ئىنتىزار.

كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىپ ناخشا ئېيتىۋېرىپتىمەن. ناخشا ئاخىرلىشىپ چاۋاك چېلىنغاندىلا كۆزۈمنى ئېچىپ ماڭا قاراپ ئولتۇرغان تۇرسۇنئاي بىلەن ئىنتىزارنى كۆرۈپ، ـ ھە، كەچۈرۈڭلار! ھاياجاندىن ئۆزۈمنى باسالماي قاپتىمەن. دېدىم ئوڭايسىزلانغىنىمچە.

ـ ياق، ھېچقىسى يوق! قارىغاندا، بۇ ناخشىنى ئىنتىزار ئۈچۈنلا يېزىپسىز دەڭە، ـ دېدى تۇرسۇنئايمۇ شوخلۇق قىلىپ.

ـ ئەلۋەتتە ئىنتىزارىم ئۈچۈن يازمىسام كىم ئۈچۈن يازىمەن، ـ دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە جاۋابەن ئىنتىزارغا قاراپ قويۇپ.

ـ ئۆتۈپ بېرىڭە! سىزنىڭ چىرايىڭىزغا قارىغۇممۇ يوق!ـ ئىنتىزار شۇنداق دېگىنىچە تۇمشۇقىنى تولغاپ باشقا ياققا قارىۋالدى، بۇ چاغدا تۇرسۇنئاي ماڭا كۆز ئىشارىسى قىلدى.

ـ خوتۇن، ياق، ياق، ئىنتىزار، خاپا بولماڭ! ھېلىقى كۈنىسى ياخشى قىلماپتىمەن. شۇ گۇناھىم ئۈچۈن مېنى نېمە قىلسىڭىز مەيلى!. . .

ـ بولدى ئاز گەپ قىلىڭ! ئىش قىلىپ مەن بىلەن ياخشى ئۆتەرمىكىن دەپ خام خىيال قىلماڭ. ئەگەر ئەتراپىمدىكىلەردىن خىجىل بولمىغان بولسام كەشىڭىزنى توغرىلاپ قوياتتىم. ـ دېدى ئۇ گېپىمنى تارتىۋېلىپ.

ـ ۋۇي!!! خان كەشىڭىزنى توغرىلاپ قوياتتىم دەڭ؟ ماۋۇ گەپ ئېشىپ كەتتى جۇمۇ! تۇرسۇنئاي خانىم. بۇ يەردە سىزمۇ تۇرۇپسىز. مەنمۇ بىر ئەركەك. مېنىڭمۇ ئەركەكلىك غورۇرۇم بار. ھەر قانداق ئىشقا« بولدى» دەۋىتىمەن. لېكىن، غورۇرۇمغا تېگىپ قالسا كىم بولۇشىدىن قەتىينەزەر قاراپ تۇرمايمەن. ھەر قانداق مۇناسىۋەت لايىقىدا بولسا دەيمەن. گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق زور بولسىمۇ، ئادىمىيلىك نۇقتا نەزەردىن ئېيتقاندا بىز ھەممىمىز ئوخشاش. پەقەت بىزنى ئايرىپ تۇرىۋاتقىنى ھوقۇق مال ـ دۇنيا خالاس.

 بۇ دۇنيا بىزگە مەڭگۈ تەئەللۇق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقىمىزدا سۆيگەنلەرنى سۆيۈپ. كەتكەنلەرنى ئۇزىتىپ پۇشايمان قىلمىغۇدەك. باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگۈدەك ياشاش كېرەك؟ ـ مەن شۇنداق دەپ، بىردەم نەزەرىيە سۆزلىدىم،

ـ ئوھوي ناتىق يىگىت خېلى سۆزلەپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ!ـ دېدى تۇرسۇنئاي ئوخشىغان بىرلا لىگەن پولونى ئالدىمىزدا قويغاچ،

ـ ئېسىڭىزدە بولسۇن زىيا، ئىككىمىز ھەقىقىي ئەرـ خوتۇن ئەمەس. ئەينى چاغدا بىز تۈزگەن توختامدا ئېنىق دېيىلگەن، سىز توختامغا خىلاپلىق قىلدىڭىز؟

كىمنى ياخشى كۆرۈش ياخشى كۆرمەسلىك ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى. لېكىن بۇ قېتىم مەن يەنىلا كەڭ قورساقلىق قىلاي! ئۆتكەن ئىشلارنى سالاۋات قىلىۋېتەيلى! ئىشلارنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختىتىشنى بىلمەيمىز؟ مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق بېسىمىم بار. نامەلۇم بىر شىركەت بىز بىلەن رىقابەتلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېنىق مەقسىتى نىمەئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن. ئالدىنقى قېتىممۇ دادام سىزدىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتكەن ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىسىڭىزمۇ. شىركەتتىكى بىزگە، ساتقىنلىق قىلغان ئادەمنى تېپىپ چىقتىڭىز. بۇمۇ سىزنىڭ چوڭ تۆھپىڭىز!

دادام تېخى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇقمايدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتنى مۇشۇ ئۈچىمىزدىن باشقا ھېچكىم ئۇقمايدۇ دېگەن گەپ. لېكىن بۇنداق ئۆتسەك ھامان بىر كۈنىسى ئاشكارىلىنىپ كېتىشى تۇرغان گەپ. ئۇ ۋاقىتتا جەمئيەتتە بىز ئۈچۈن پايدىسىز ناچار ئىنكاسلار كۆپىيىدۇ. ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ، بۇنداق ئۆتكۈم يوق، ھەر ئىشلارنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەندىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايسىز.

سىز شىركەتتە ماڭا ياردەملىشىپ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلسىڭىز بولدى. بۇ ئىشلار تولۇق ئاخىرلاشقان ۋاقتىدا مەن سىز رازى بولغۇدەك جاۋابنى بېرىمەن!ـ دېدى ئىنتىزار تەمكىنلىك بىلەن.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章