كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
- ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق ئۆيگە كېلىپ تۇرىمەنلا دەۋاتىسىز…
- سىزگە قايتا گەپ قىلىپ تالاشقۇم يوق. بۇ مېنىڭ ئۆيۈم تۇرغۇم كەلسە تۇرىمەن… سىزدىن رۇخسەت ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق…
تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ۋوي كەلدىڭىزغۇ… قاراڭ بۇ ئۆينىڭ بوپ كەتكىنىگە…
دادام كىرگەندە قارىماستىن كىيىملەرنى ئېسىۋەردىم.
- نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ساراڭمۇ سەن؟- دېدى دادام قولۇمدىن تارتىپ،- بۇ ئۆيدە تۇرماقچىما؟ ماڭ ئۆيۈڭگە كەت… بۇ ئۆيدە تۇرمايسەن…
- نېمىشقا مېنى ھەيدەيسەن، مەنمۇ بۇ ئۆينىڭ ئەزاسىغۇ…
- سەن ئاللىبۇرۇن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، بۇ ئۆيدە تۇرۇش سالاھىتىڭ يوق…
- دادا، مەن سېنىڭ قىزىڭغۇ، نېمىشقا مېنى ھەيدەيسەن…
دادام مېنى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ھۇجرىسىغا تارتىپ كىرىپ، يۈزۈمگە بىر شاپىلاق ئۇردى.
- نومۇسسىز، يەنە ئۆزۈڭنى مېنىڭ قىزىم دەۋاتامسەن؟ نېمىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭنى بىلمەيدىكەنسەندە…
يۈزۈمنى تۇتقىنىمچە دادامغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.
- مەن نېمىش قىپتىمەن؟
- ھۇ بۇزۇق. سەن قالايمىقان ئىش قىلمىساڭ يولدىشىڭ ئۆيدىن سېنى ھەيدىۋەتمەس بولغۇيتتى…
- مەن ھېچنېمە قىلمىدىم. سەن دادام تۇرۇپمۇ يەنە توردىكى قالايمىقان خەۋەرگە ئىشىنىۋاتامسەن؟
- يولدىشىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن دېدى، مەن توردىكى نەرسىگە ئىشەنمەي يولدىشىڭنىڭ ئۆزىدىن سورىغان…
- شۇڭا، سەن نېمە دېمەكچى؟
- بۇ ئۆيدە تۇرمايسەن، يولدىشىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرۇپ كەچۈرۈم سورا…
- مەن نېمە قىلغىنىمغا كەچۈرۈم سورايمەن؟ نېمە قىلغىنىمغا؟
- بۇزۇلۇپ تالاغا قارىغىنىڭغا، يولدىشىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنىڭغا…
- دادا، مەن ھېچنېمە قىلمىدىم… بۇ ئاللىبۇرۇن پىلانلانغان ئىش… ماڭا ئىشەن…
- يولدىشىم ئۇردى دېسەڭ نېمىشقا شۇنداق دەيدىكىن دەپتىمەن، ئەسلى سەن بۇزۇلغاچقا يولدىشىڭ شۇنداق ئۇرۇپتىكەن… سەندەك نومۇسسىز قىزنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسىچۇ…
بۇ گەپ يۈرىكىمگە نەشتەردەك تەگدى.
- ئۇ مېنى نېمىشقا ئۇرىدۇ بىلەمسەن؟ چۈنكى سەن ئۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ تىلىمنى كېسىك قىلغاچقا، قايتۇرماي كەينىگە سۈرگەچكە ئۇرىدۇ…
- تولا مېنى باھانە قىلىۋالما… ئۆزۈڭدىن خاتالىق ئۆتكەچكە شۇنداق قىلىدۇ…
- سەن ئىش تېرىپ ئۇنىڭدىن قەرز سورىمىغان بولساڭ، قايتۇرماي جىم بولىۋالمىسام، مەنمۇ ئۇ ئۆيدە ئىززەت ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولاتتىم، ھەممىنى قىلغان سەن…
- سەن مېنىڭ قىزىم بولغاندىكىن كېيىن قايتۇرىۋەتسەڭ بولىدىغۇ… شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى نېمىگە باقتىم؟
- باقتىم؟ سەن مېنى بېقىپ باقتىڭما؟ ماڭا ئىشلا تېرىپ بېرىسەن، توي قىلىشتىن بۇرۇن تاپقىنىمنى خەجلىدىڭ، تويدىن كېيىن يولدىشىمدىن سوراپ خەجلىدىڭ. ئەمدى مېنى باققان بوپ قالدىڭما؟
- ھۇ تۇزكور، قارا دەۋاتقان گېپىڭنى… ئاپاڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سېنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەي قارىدىم، مۇشۇ باققان بولماي نېمە…
- ئاپام بىلەن مەن تەڭ كېتىپ قالسام بولمامدۇ، سەن بىلەن تۇرۇشتىن، سەن بىلەن دادا بالا بولۇشتىن مەنمۇ زېرىككەن… مېنىڭ سەن بىلەن تۇرغۇم يوقلۇقتىن شۇڭا توي قىلدىم…
- تۇرغۇڭ بولمىسا كەتسەڭ بولمامدۇ، بۇ ئۆيگە يەنە نېمە بار دەپ كەلدىڭ؟
- ئاپامنىڭ ھىدى باركەن دەپ كەلدىم، ئاپامنىڭ تاپقىنىنى باشقىلارغا بېرىۋەتمەي دەپ كەلدىم، ئاپام مورىسىدىن ئىس چىقارغا ئۆينى سېنىڭ ۋەيران قىلىشىڭغا تاشلاپ بەرمەي دەپ كەلدىم…
- ھاھا. بۇنىڭ گەپلىرىنى، سېنى مەن ئەرگە بەرگەن… نەگە بارساڭ بار… بۇ ئۆيگە كەلمە… بۇ ئۆي ئەسلىمۇ ئاپاڭ ئىككىمىزنىڭ…
- مەن ئاجرىشىپ كەتمەكچى…
- يولدىشىڭ ماڭا دېدى، تېخى ئاجراشماپسەن، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ئۆيۈڭنى تۇت…
- يالۋۇرمايمەن. ئۇ ئۆينى ئەمدى تۇتمايمەن… ئاجراشمىسام بولمايدۇ…
- نېمىشقا؟ سېنىڭ يا خىزمىتىڭ بولمىسا، يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى، يولدىشىڭدىن ئايرىلساڭ جېنىڭنى باقالمايسەن…
- كىم شۇنداق دەيدۇ. زادى كىم؟ نېمىشقا مەن چوقۇم ئۇ ئارقىلىقلا جان بېقىشىم، ئۇنىڭ بەرگەن پۇلى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قۇل بولۇپ تىلىنى ئاڭلاپ تايىقىنى يېيشىم كېرەك؟!
- ئەركىشى سېنى باقسا ئانچە مۇنچە ئاچچىقنى چىقىرىپ قويىدۇ،بۇ نورمال ئىش…
- دادا، بەزىدە سېنى ئۆز داداممۇ ئەمەسمۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالىمەن. باشقىلار بولسا قىزىمنى نېمىشقا ئۇرىسەن دەپ كۈيئوغلىغا جېنىنى تىكىپ قويىدۇ، لېكىن سەن بۇ يەردە مېنى بېسىۋاتىسەن…
- مەن قانداق قىلاي، سەندىمۇ ئۆتكەن تۇرسا…
- مەندىن ئۆتتىما؟ ھاھا… مەندىن ئۆتكەن يېرى راستىنلا بار، ئۇ بولسىمۇ سەندەك يارىماس دادىنىڭ قىزى بولۇپ قالغىنىم…
دادام يەنە شاپىلاق بىلەن يۈزۈمگە ئۇردى.
- ئاغزىڭنى يۇم. مەن سېنىڭ داداڭ، بارغانسىرى تىلىڭ ئۇزىراپ كېتىۋاتىدۇ…
- ھۆرمىتىڭنى ئۆزۈڭ بۇزدۇڭ. سەن يولدىشىمدىن قەرز ئالمىغان، پۇلى باركەن دەپ مېنى باسمىغان بولسا بۇنداق كۈنگە قالمايتتىم… ئەمدى ئاجرىشىپ ئازادلىققا چىقاي دېگەندە يەنە مېنى بېرىپ يالۋۇر دەۋاتىسەن، سەندەكمۇ دادا بولامدۇ؟! ئاشۇ دادىسى بىلەن دوستتەك ياخشى ئۆتىدىغان قىزلار زادى قانداق قىزلاردۇ… مەن نېمىشقا بۇنداق كۈن كۆرىدىغاندىمەن…
- ئاجراشساڭ بولمايدۇ. يولدىشىڭ ئۇرسىمۇ تىللىسىمۇ پۇل بېرىدۇ. ئاجراشساڭ مەن سېنى باقالمايمەن…
- مەنمۇ سېنى باققۇزمايمەن. خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ گۈلدەك ياشايمەن…
- دېمەك ئاسان، ئۆي تۇتقان ۋاقىتتىمۇ مېنىڭكىگە پۇل سوراپ كېلىۋاتساڭ، قانداق گۈلدەك ياشايسەن، كىنونى ئاز كۆر، تۇرمۇش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ… ئاجرىشىشىڭغا مەن قوشۇلمايمەن… ئاجراشساڭ قەرزنى قايتۇرالمايمىز. سەن مېنى ۋەيران قىلماقچىمۇ؟
- ئاجراشسام ئۇ قەرزنى يوق قىلماقچى، مەن توختامغا قولمۇ قويۇپ قويدۇم…
دادام قەرز بىكار بولغان گەپنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندەك قىلاتتى.
- بۇ؟! راستما؟ راستىنلا قەرزنى يوق قىلدىمۇ؟
- شۇنداق. راست، توختامدىمۇ يېزىلدى. ئىككىلىمىز قول بېسىپ بولدۇق. ئۇ كەلسىلا ئاجرىشىمىز…
- قەرزنى يوق قىلغىنى بوپتۇ، لېكىن… بالىنى قانداق قىلىسەن؟
- بالىنى ئۇ ئالدى. مەڭگۈ كۆرۈشتۈرمەيدىغانغا…
- بۇمۇ بىر ھېسابتا بوپتۇ، كېيىن توي قىپ قالساڭ بالا تاقىشىدۇ…
- ھاھا، توي تۇرمۇشى مۇشۇنداقلا بولسا كېيىن توي قىلمايمەن…
- لېكىن تۇرمۇش دېگەن…
- بولدى دادا، ئەمدى ماڭا ھېچقانداق گەپ قىلما. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئائىلە زوراۋانى دەپ ئەرز قىلىشىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن توردا مېنى قارا قىلدى، لېكىن سەن دادام تۇرۇپ مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمىدىڭ… تۇرمۇش مۇشۇنچىلىكلا نەرسىكەن… توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەت ئىشەنچ دېگەن نەرسىلەر قالمايدىكەن… ئايال كىشى يولدىشىغىمۇ، ئائىلىسىدىكلەرگىمۇ تەۋە بولمايدىكەن…
- لېكىن ئۇ تېلىفوندا شۇنداق كۆڭلى يېرىم گەپ قىلدى… سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭدىن شۇنداق بولدى دەيدۇ…
- ھاھا… .ھاھا… مەن قانچە يىغلىسام كۆز يېشىمغا ئىشەنمەيسەن، يۈزۈمدىكى يارا كۆككە ئىشەنمەيسەن، يولدىشىم كۆڭلى يېرىم گەپ قىلسا ئىشىنىپ ئىچىڭ ئاغرىپ كەتتىما؟ ئەركىشى ئەركىشىنىڭ قاياشىمۇ نېمە؟!
- ئۇنداق ئەمەس، مەن… مەنمۇ كىمنىڭ گېپىنىڭ راستلىقىنى بىلمەيمەن…
- دادا، مەن چارچاپ كەتتىم، مېنىڭمۇ پۇل سەۋەبىدىن باشقىلار ئالدىدا ئىگىلىپ خارلىنىپ ياشىغۇم يوق. ساڭا قەرز قايتۇرۇش توغرىسىدا گەپ قىلىپ يامان گېپىڭنى ئاغلىغۇم يوق… يولدىشىم باشقىلار بىلەن كۆز ئالدىمدا ئارلاشسا دېمىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ غورۇرسىز ھالەتتە ياشىغۇم تېخىمۇ يوق… نەچچە يىل تاياق ئاستىدا تېنىممۇ ئاجىزلاپ كەتتى، تولا يىغلاپ سەۋر تاقىتىممۇ تۈگىدى. مېنى ئۆزۈم بوپ ياشىغىلى قويۇڭلار…
- لېكىن بۇ ئۆيدە تۇرساڭ… ئاپاڭ قانداق قىلىدۇ؟
- ئاپام قانداق قىلىدۇ؟! ئاپام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ سېنىڭ ئازابىڭدىن ئۆلۈپ كەتتى…
- يېڭى ئاپاڭنى دەۋاتىمەن… ئۇ قانداق قىلىدۇ؟
- مەن ئۇنى ئاپام دەپ ئېتىراپ قىلىپ باقمىدىم، مېنىڭ پەقەت بىرلا ئاپام بولغان…
- ئۇنى ئاپا دېمىسەڭ بۇ ئۆيدە تۇرما…
- ئەنسىرىمە. مەنمۇ بۇ ئۆيدە مەڭگۈ تۇرغىلى كەلمىدىم… مەن تېخى يېڭى خىزمەت تاپتىم، ھازىر يېنىمدىكىسى ئىجارىگە يەتمەيدۇ… مائاشنى يىغىۋالسام چىقىپ كېتىمەن… ئۆز دادام تۇرۇپ مۇشۇنچىلىك تەلەپكىمۇ قوشۇلمايمەن دېمەيدىغانسەن…
- بۇ… بۇ… قوشۇلۇشۇم قوشۇلىمەن لېكىن…
- سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر تۇققىنىم، مېنى تۇرغۇزمىساڭ بارىدىغان يېرىم يوق…
دادام تولۇق قوشۇلمىسىمۇ ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتتى.
- مەيلى ئەمىسە تۇرساڭ تۇر، ئاشۇ كىچىك ھۇجرىنى ساڭا بىكارلاپ بېرەيلى، كېلەر ئايدىن باشلاپ بىر ئېغىز ئۆيگە 600يۈەن بەر… تاماقنىمۇ ئىچىدە ھېسابلايلى…
- ھاھا… ھاھا… قىزىق گەپ، راستىنلا قىزىق. ئۆز ئۆيۈمگە ئىجارە تاپشۇرامدىم؟
- سەن باشقا يەردە تۇرساڭمۇ بەرىبىر پۇلغا ئولتۇرىسەن، پۇلنى ماڭا بەرسەڭ نېمە بوپتۇ؟! تۇرمۇش كاپالات پۇلۇم يەتمەي قەرز بوپ قالدىم… ئەسلى سەن ماڭا تۇرمۇش پۇلى بېرىشىڭ كېرەكتى، مەن يەنە ساڭا ئۆي بېرەي دەۋاتىمەن…
- گەرچە بەك قىزىق ئاڭلانسىمۇ، بوپتۇ. مەن قوشۇلاي، بۇ ئايدا ماڭا بىكارلىق بەرگىن، كېلەر ئايدىن باشلاپ ساڭا تۇرمۇش پۇلى بېرەي، ئىجارە دەپ ئاتىماي تۇرمۇش پۇلى دېگىن، ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا ئىجارە دېسە بەك غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن…
- ماقۇل. شۇنداق بولسۇن. ئاۋۇ ئۆينى ساڭا بەردىم…
ئىشىكتىن چىقىپ ئۆگەي ئاپامنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىنى كۆردۈم.
- ئۆي ئەسلىمۇ شۇنداق تار تۇرسا… ئۈچ ئادەم قانداق پاتىمىز؟!
- شۇ ئەمەسمۇ، ئۆز ئەسلىمۇ شۇنداق تار تۇرسا، ئۈچ ئادەم قانداق پاتىمىز؟!- دەپ قويدۇم ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ. ئۇ ماڭا ئالىيىپ ئىچىدىكى ئۆيگە دادامنى سۆرەپ كىرىپ كەتتى.
نەرسىلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن شىركەتكە قاراپ ماڭدىم. كۈچلۈك ئۇرۇلغان تاماق پۇرىقىنى پۇراپ قورسىقىمنىڭ كۇرۇلداۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم.
- ۋوي، كەلدىڭىزمۇ؟- دېدى مالچى ھەدەم ئۈستەلدىكى تاماق قاچىسىنى يىغۇشتۇرغاچ.
- تاماق يېدىڭىزمۇ؟ بالدۇر كەلسىڭىز بىللە يەيتتۇق. بىز سىزنى ئۆيدە يەپ كېلىدۇ دەپ يەپ بوپتىمىز…
- ھە… ھەئە… ئۆيدە تاماق يەپ كەلدىم…
- ياخشى كۆچىۋالدىڭىزمۇ؟
- ھەئە ھەدە، دادامنىڭكىدە، ياق. بۇرۇنقى ئۆيۈمدە تۇرىدىغان بولدۇم…
- ئەسلى مېنىڭكىدە مەن بىلەن تۇرسىڭىزمۇ بولاتتى…
- ياق. ھېلىمۇ سىزگە بەك قەرزدار بوپ كەتتىم. ماڭا خىزمەت بەرگىنىڭىزدىنلا ئالەمچە خوشالمەن…
- بولىدۇ، لېكىن قىيىنچىلىق بولسا ماڭ دەڭ…
- ماقۇل. خىزمەت قىيىنچىلىقىنى چوقۇم سىزگە دەيمەن. سىزدىن ئۆگىنىدىغان نەرسە كۆپ…
- ئاغزىڭىزنىڭ قاتتىقلىقنى قاراڭ، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقنى دېسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق…
ئىشخانىدىكى تېلىفوننىڭ ئېكرانىنى ئېچىپ قايتۇرۇشقا باشلىدىم.
- ۋەي ياخشىمۇسىز، مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى…
- ياخشىمۇسىز، ئادرىسىڭىزنى دەپ بېرىڭ. بىزنىڭ خادىملىرىمىز ھازىر بارىدۇ…
- ياخشىمۇسىز، بولىدۇ بولىدۇ. خادىملىرىمىز ئەتە ئۆيىڭىزگە بېرىپ مالنى ئېلىۋالسۇن…
ھەممە ئۇچۇرلارنىڭ خاتىرلەپ مالچى ھەدەمنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
- مانا ھەدە، مەن چىقىپ كەتكەندە كەلگەن 8 تېلىفون نومۇرنىڭ ئادرىسى ھەم ماللىرىنىڭ تىزىملىكى، ئېغىرلىقى ۋە چوڭ كىچىكلىكى…
مالچى ھەدەم مەمنۇنلۇقتا كۈلۈمسىرىدى.
- سىز مال يەتكۈزۈپ باقمىغان تۇرۇپ چوڭ-كىچىكلىكى ئېغىرلىقىدىن تارتىپ قوشۇپ خاتىرلەپسىز…
- قارىسام ھەرخىل يېشىكلەر تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ مالنىڭ يېشىككە بولغان تەلىپىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مۇشۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ بىز تەمىنلايدىغان يېشىكنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆلچىۋالسۇن دېدىم…
- ياخشى. سىزنىڭ ئەستايىدىللىقىڭىزغا ئىشىنەتتىم… چوقۇم كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتىسىز…
- ئەگەر تېلىفون بولمىسا مەنمۇ چىقىپ مال توشۇشۇپ بېرەي…
- مال توشۇشقا ھازىرچە ياردەمچىم ئىككىمىز يېتىشىمىز، سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تېلىفوندا چۈشكەن زاكاسلارنى خاتىرلىسىڭىز بولىدۇ. ھە راست،- مالچى ھەدەم يانفونىنى چىقاردى،- ماۋۇ بىزنىڭ شىركەت ئۈندىدارى، سىز مەسئۇل بولۇڭ. مەن سىرتتا مال توشۇپ جىق قاراپ بولالمايدىكەنمەن… مۇشۇ ئىككى نەرسىدىن چۈشكەن تالونلا سىزگە يېتىپ ئاشىدۇ…
- ماقۇل. ماقۇل ھەدە… خاتىرجەم چىقىۋېرىڭلار، مەن زاكاسلارنى خاتىرلەي…
مالچى ھەدەم بىلەن ياردەمچىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئۈندىدارغا كەلگەن ئۇچۇر ۋە تېلىفوندا كەلگەن ئۇچۇرلارنى خاتىرلەشكە باشلىدىم. لېكىن يەنىلا بۇ خىزمەتنى بەك قىيىنلىق دەرىجىسى يوقتەك، مائاشنى ئارتۇق ئېلىۋالىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
ياندىكى كىتاب جاھازىسىغا قاراپ كىتابلارنى رەتلەشكە باشلىدىم. كىتاب ئارىسىدىن بىر پارچە سۈرەت چۈشتى. سۈرەتتە ئۇماق بىر بالىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان بىر ئايال تۇراتتى. تەپسىلى قاراپ مالچى ھەدەملىكىنى ھېس قىلدىم. مالچى ھەدەم ياش چېغىدا راستىنلا چىرايلىق ئىدى. بۇ بالا ئۇنىڭ يۈتۈپ كەتكەن بالىسىدەك قىلاتتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇