كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
شەمسىيە كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى، ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئادەم يەنە قايتىدىن سۆزلىيەلەيدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى!
ئۇ شەمسىيە بىلەن ئۆمۈرلۈك رەقىب بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇلار ئالمىشىپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەندەك قىلىدۇ!
شۇڭا، ئاللىقاچان يۈز ئېچىشىپ بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، نۇرغۇن نەرسىلەردىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
گۈلزىرە شەمسىيەنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ پەس ئاۋازدا:
-شەمىسيە، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن سىز ماڭا بىرىنچىلىكىنى سوۋغات قىلدىڭىز، مەن قوبۇل قىلدىم، رەھمەت سىزگە!- دېدى.
شەمسىيەنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، نەق مەيداندا ئۇرۇپ كەتكىلى تاس قالدى.
بىراق، ئۇلار سەھنىدە تۇراتتى، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەر قانچە ساراڭ بولۇپ قالسىمۇ، پەقەت چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر.
ئۇنىڭ بەدىنى غەزەپتىن تىتىرەشكە باشلىدى، بىر ھازادىن كېيىن ئاران ئەسلىگە كەلدى ۋە پەس ئاۋازدا:
-سېنىڭ ئۆلمىگەنلىكىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن!- دېدى.
گۈلزىرە ئۇنىڭ گەپلىرىدىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:
- شۇنداق، ئۆلمىدىم، شەمسىيە ،بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىڭ بۇنداق ياخشى ئۆتمەسلىكى مۇمكىن-ئۇ شۇنداق دەپلا شەمسىيە بىلەن ئارىلىقنى ئۇزارتتى.
شۇ ھامان، شەمسىيە ئەسلىدە قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولغان گېپىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرالماي قالدى.
ئۇنىڭ مەيدىسى ئېگىز - پەس كۆتىرىلىپ، كەينىدىكى كىشىلەر تىزىملىكىگە قارىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسياتنى يوشۇردى.
بىراق، ئۇ كەينىدىكى ئادەمنىڭ بېلەت سانىنى كۆرگەندە، ئاچچىقىدا ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى.
گۈلزىرەنىڭ بېلەت سانى تېز ئۆرلەپ، ناھايىتى تېزلا شەمسىيەدىن ئېشىپ كەتتى، ئارقىدىنلا يول بويى ئالدىغا ئۆتۈپ، قالغان بىر نەچچە ناخشىچىنى خېلىلا ئارقىدا قالدۇردى!
مانا چىراينىڭ ئەۋزەلىكى،ئەمما گۈلزىرە ئەزەلدىن چىرايىغا تاينىشىنى ئويلاشمىغان ئىدى.
چۈنكى، ئۇ بۇ قېتىم نام چىقارغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قانداق قىياپەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا نامايان بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ.
ئاشۇ خەقنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى، ئاشۇ تۆھمەتلىرى ......
ئۇ يەنە بىر قېتىم شۇلارغا يۈزلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.
بىراق، ھازىر بولار ئىش بولۇپ بولدى، ئۇنىڭ پەقەت بىرلا تاللىشى بار، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن مۇكاپاتنى ئېلىپ، مۇددەتكە بۆلۈپ قەيسەرگە قايتۇرۇپ بېرىش.
گەرچە قەيسەر ھازىر ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى پۇلنى قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن، بىر تىيىنمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.
-بىلەت تاشلاش ۋاقتى توشاي دەپ قالدى، بىز بىرلىكتە تەتۈر ساناق سانايلى!
پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ماڭا ئەگىشىپ 10، 9، 8، 7 ......
بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۈلزىرەنىڭ بېلىتى ھەممىدىن ئېشىپ كەتتى، تاماشىبىنلار ۋە تېلۋېزور ئالدىدىكى كىشلەرنىڭ تاشلىشى بىلەن 468 نومۇرغا ئېرىشتى، ئون نۇمۇر نىسبەت بىلەن ھېسابلىغاندا 4.68گە ئېرىشكەن ئىدى.
ئەمدى باھالىغۇچىلار نومۇر قويىدۇ.
شەمىسيە جىددىيلەشكەن ھالدا كۈتۈپ تۇراتتى، بىراق، ئۆزىنىڭ باھالىغۇچىلار تەرەپتە ئۈچىنچى بولغانلىقىنى، گۈلزىرە بىلەن ھېلىقى ياش ئەرنىڭ ئىككىنچى، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، پەرقىنىڭ ئاران 0.4 ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بىردىنلا غەش بولدى.
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىندى، گۈلزىرە ئومۇمىي نومۇردا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن بىرىنچى بولدى، ھېلىقى ياش يىگىت ئىككىنچى، شەمىسيە ئۈچىنچى بولدى.
بۇ قېتىم، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم پەرەز قىلىۋاتاتتى، ئەگەر شەمىسيە بىرىنچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا، جالال گۇرۇھى قەيسەر گۇرۇھىنىڭ يۈزىگە ئۇرغانغا ئوخشاش بولاتتى.
شۇڭا، مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، شەمىسيە ھەقىقەتەن مۇزىكانتلارنى تېپىپ جاپالىق مەشىق قىلدى.
ئۇ ناخشىنى خېلى يامان ئەمەس تاللىغان ئىدى، ئەمما ماھارىتىمۇ ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل ئىنچىكە ھېسياتلارنى ئېلىشقا يەنە سەل ئاجىزلىق قىلاتتى.
شۇ تاپتا، ئۇ رىياسەتچىنىڭ ئېلان قىلغان نەتىجىسىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز سەھنە ئاستىدىكى جالالغا قارىدى.
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان بۇزۇپ كەتتى، شۇ تاپتا، ئۇ جالالنىڭ شېركىتىگە ۋاكالىتەن سەھىنىگە چىقىپ ، شۇ تاپتا مەغلۇپ بولدى، ئۇ بەلكىم ...
ئەمما، ئۇ جالالنىڭ كۆزلىرىنى كۆرگەندە، كۆڭلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى.
جالال ئۇنىڭغا قارىمىدى، ئۇ ئىزچىل گۈلزىرەگە قاراۋاتاتتى.
ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، شەمىسيە جالالنىڭ كۆزىدىكى پارقىراپ تۇرغان بىر نەچچە تامچە ياشنى كۆرۈپ قالدى.
شۇنداق، گۈلزىرەنىڭ ئالدىدا، جەمەت، بىرىنچى، ئۈچىنچى دېگەن نېمە؟ خاتىرىسى ئەسلىگە كەلگەن جالالنىڭ كۆزلىرىدە پەقەت ئۇ ئىزچىل ئۇنتالمايدىغان شۇ ئاياللا بار.
ھەسەتخورلۇقنىڭ زەھىرى پۈتۈن بەدەننى قاپلىدى، شەمىسيە پۈتۈن بەدىنى يىڭنە سانجىغاندەك بىئارام بولۇپ ساراڭ بولۇپ قالاي دېدى.
ئۇ جېنىنىڭ بارىچە چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئانىسى ئىلگىرى ئۆزىگە ئۆگەتكەن گەپلەر بىلەن ئۆزىنى تەڭشىمەكچى بولدى، لېكىن ئەسلىگە كېلەلمەي، ئايلىنىپ كېتەي دەپ قالدى.
بىر ياندا بىر ئەر كىشى ئۇنى يۆلىۋالدى:
-شەمسىيە خانقىز، ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟- دېدى.
شەمىسيە رىياسەتچىگە قاراپ، ناھايىتى تەستە كۈلۈمسىرىدى.
شۇ تاپتا، بارلىق كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭغا توغرىلاندى.
خۇددى ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ئىدى!
-ئاشقازىنىم بىئارام بولىۋاتىدۇ،-شەمىسيە شۇنداق دېگەچ قورسىقىنى تۇتقىنىچە،-قالايمىقان نەرسە يەۋالغان ئوخشايمەن،- دېدى.
-ئۇنداق بولسا پەسكە چۈشۈپ ئارام ئېلۋالامسىز؟-رىياسەتچى سورىدى.
-بولىدۇ،-ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى، ئۆزىنىڭ بۇنداق چۈشۈپ كەتسە تېخىمۇ سەت بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن، ئۇ ئۆزىنى كونترول قىلالماي،ھوشىنى يوقىتىپ قويايلا دېدى.
ئۇ سەھنە ئاستىدا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىغانلىقىنى كۆردى.
ھەتتا يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىشقا باشلىغان ئىدى.
-ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تېرىسى ئويلىغاندەك ئۇنداق ياخشى ئەمەسكەنغۇ......
-شۇنى دەڭە، ھەممىسى گىرىم قىلىش ۋە ھۆسىن تۈزەشنىڭ كارامىتىدە.
-قاراڭ، بۇ قېتىم ئۇ بىرىنچى بولمىدى، ھەتتا ئىككىنچىمۇ ئەمەس، بايا ئۇ يىغلاپ كەتتى!
-شۇنداق، ئۇ”نىلۇپەر “دەك چىرايلىق ئەمەس، ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتمايدۇ، مەن بولساممۇ يىغلايمەن ......
-بولدى، سۆزلىمەڭ، بۇ يەردە يەنە ئۇنىڭ ناخشا مەستانىسى بار!
ئەتراپتىن كەلگەن مۇنازىرە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، شەمىسيە مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، تىرنىقى ئالقىنىغا سانجىلىپ ئاغرىپ كەتتى.
كەيپىياتى داۋالغۇپ تۇرغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز قورسىقىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، بىر خىل ئىسىقلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ؟
ئۇ ئەتراپقا قاراپ قويدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بىخەتەر چىقىش ئېغىزىغا يېقىن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
تازلىق ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا كونتروللۇقىنى يوقاتتى.
ھېلىقى كۈنى جالال بىلەن بولغان بىرگە بولغان ۋاقتى تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى ئىدى، لېكىن، ئۇ ھامىلدار بولالماپتۇ، ھازىر تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن ئادىتى كەپتۇ، نېمىشقا ھەممە ئىش تۇيۇقسىز بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرسە بەك ئاغرىيدىكەن، ئۇ سەل قورقتى، بىراق، ھازىر قارىغاندا پەقەت مۇشۇ بىر يوللا قالغاندەك قىلاتتى.
شەمىسيە ياردەمچىسىگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا پاكىز كىيىملەرنى ئەكىلىپ بېرىشنى، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن چىقىپ كېتىشنى ئېيتتى.
شۇ تاپتا، ئىلگىرى بېكىتكەن ھالقا بويىچە، قەيسەر گۇرۇھى سەنئەت بۆلۈم باشلىقى گۈلزىرەگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرەتتى.
قەيسەر گۈلزىرەنى كۆرگەن چاغدا، ئۇ تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۆزى مۇكاپات تارقتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شەمىسيە نەق مەيدانغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇرغاندا، رىياسەتچى:
-بۈگۈن ئالاھىدە بىر كۈن، چۈنكى، بىزنىڭ قەيسەر گۇرۇھىنىڭ لىدىرى قەيسەر ئەپەندىمۇ نەق مەيدانغا كەلدى! تۆۋەندە قەيسەر ئەپەندىنى گۈزەل نىلۇپەر خانقىزغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز!
نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشىلەر قەيسەرنىڭ نەق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى، شۇ ھامان ھەممە ئادەم بىرىنچى رەتتىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىغا قاراپ تۇردى.
ناھايىتى تېزلا بىر ئېگىز بويلۇق ئەرنىڭ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى، ئۇچىسىغا قاتۇرۇلغان كاستۇم ـ بۇرۇلكىنى كىيىپ، بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن سەھنىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردى.
گۈلزىرە مېڭىپ كەلگەن قەيسەرگە قاراپ، ئەينى چاغدا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئەھۋالنى ئېسىگە ئالدى.
ئۇ بۇرۇن قەيسەرنى كەسكىن، رەھىمسىز دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى كۈچلۈك، سۈرلۈك ھالىتىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئادەمدەك قىلاتتى.
بىراق، راستىنلا تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دائىم ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى بايقىدى ......
قەيسەر رىياسەتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە بىر قىزىل كونۋېرتنى ئېلىپ،گۈلزىرەنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-نىلۇپەر خانقىز، مۇبارەك بولسۇن!
قەيسەر سۆزلەۋېتىپ، خرۇستال لوڭقىسىنى سۇندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوڭ قولىنى سۇندى.
گۈلزىرە ئۆزىنىڭ ئالدىغا سوزۇلغان قولىنى كۆرۈپ، سەل ئىككىلىنىپ قالدى، ئاندىن قول ئېلىشتى.
قەيسەر چىڭ سىققان دەقىقىدە، كۆز قارىچۇقى بىردىنلا تارىيىپ كەتتى.
بۇ تونۇش سېزىمى، بۇ خىل نازۇك تۇيغۇ، خۇددى يەنە بىر ئايالدىمۇ باردەك قىلاتتى.
ئۇ بىر پەس ھوشىنى يوقاتتى، نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئەلفىرە ئېسىگە كېلىپ قالدى؟ بىراق، ئالدىدىكى بۇ «نىلۇپەر» دېگەن ئايال، ئۇ يەتتە يىل ئىزدىگەن قىز شۇغۇ!
ئۇ گۈلزىرەنىڭ سول قولىغا قارىدى.
نامسىز بارماق قۇپقۇرۇق بولۇپ، ئۈزۈكنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
ئۇ ئۈزۈكنى تاقمىدىمۇ؟
ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل غەلىتە چۈشكۈنلۈك پەيدا بولدى.
ھەتتا، ئۇ ئۇنىڭدىن بۇ يەتتە يىلدا نەگە بارغانلىقىنى، قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى،نېمىشقا ئۈزۈكنى ئېلىپ ئۇنى ئىزدەپ بارمىغانلىقىنى سورىماقچى بولدى.
شۇغىنىسى، مۇشۇ پەيتتە، بارلىق گۇمانلار يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئىدى، ئۇ گۈلزىرەنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى، ئاندىن تۇيۇقسىز گۈلزىرە بىلەن قۇچاقلاشتى.
سەھنە ئاستىدا، ئىلھام ھاڭ - تاڭ قالدى.
قەيسەرنىڭ زىيادە چېچەن پاكىزلىق كېسىلى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ ئىلگىرى ئۇ يەڭگەمنى سۆيدىغان بولدى، ھازىر يەنە سەھنىدىكى بۇ ئايال ماھىرنى قۇچاقلاۋاتىدۇ.
قەيسەر گۈلزىرەنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ قويۇپ، دەرھال بىر مىليون پۇل چېكى سېلىنغان كونۋېرتنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
-نىلۇپەر خانقىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتتىڭىز، ئەگەر كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلشنى ئويلاشسىڭىز، بىزنىڭ قەيسەر جەمەتى سەنئەت شېركتىمىزگە قوشۇلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
تۆۋەندە، كۆپچىلىك قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى!
قەيسەر ئۆز ئاغزى بىلەن گۈلزىرەننى قەيسەر جەمەتى سەنئەت شىركىتىگە تەكلىپ قىلدى، گۇرۇھ خوجايىنىنىڭ ئاغزىنى ئاچقانلىقى بۇ يېڭى ناخشىچىنى كۆككە كۆتۈرگىنى ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە قەيسەر جەمەتى سەنئەت شىركىتى ئەمدىلا قۇرۇلغان بولغاچقا، ئەسلىدىلا سەنئەتكارلار كۆپ ئەمەس، بۇنداق بولغاندا، گۈلزىرە قوشۇلسىلا، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە پۇرسەتكە ئىگە بولىدۇ، داڭلىق ناخشىچى بولۇشى تۇرغانلا گەپ.
نۇرغۇن ناخشىچىلار ھەۋەس قىلىپ كۆزى قىزاردى، شەمسىيە بولسا نەپرەتتىن كۆزى چىقىپ كېتەي دەپ قالدى.
ئۇ تېز سۈرئەتتە جالالغا قاراپ قويدى، جالالنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرۈپ، گۈلزىرەنىڭ قەيسەر گۇرۇھىغا كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
چۈنكى، گۈلزىرە قوشۇلسىلا، جالال جەمەتى بىلەن بىۋاستە قارشى تەرەپتە تۇرغانلىق بولمامدۇ؟!
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇